خۇشخۇي 2011-يىلدا نېمە قىلدى؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «خۇشخۇي ئەدەبىيات تور خاتىرىسى»نىڭ ئەزىز مېھمانلىرى،پىقىر مۇھەممەد كامال خۇشخۇي 2011-يىلىمۇ باشقا يىللارغا ئوخشاش بىر ياقتىن كىتاپ ئوقۇش،بىر ياقتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيەتلىرىنى بىر دەممۇ توختاتماي يېزىش ۋە يازغانلىرىنى تۈزىتىش،پۈتتى دەپ قارىغان ئەسەرلىرىنى رايونىمىزدىكى بىر نەچچە گېزىت-ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ 2011-يىلىدىكى ئىجات قىلىش ۋە ئېلان قىلىشنىڭ نەتىجىسى 2010-يىلغا سېلىشتۇرغاندا بىر نەچچە دەرىجە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ،ئەمما يەنىلا «شۈكرى» دېيىشكە ئەرزىيدۇ.چۈنكى 2011-يىلدا سالامەتلىكىمنىڭ دېگەندەك ياخشى بولالماسلىقىغا قارىماي بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى ئىجات قىلدىم ۋە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئەسەرلەرنى مۇناسىۋەتلىك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدىم.2011-يىلى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر كاتولوگى مۇنداق:
1) يېڭى قاشتېشى 1-سان «تۇنجى مۇھەببەت» «كۈتۈش قېيىنۋىسال بەك ئۇزاق» «سەنسىز كىرسەم باغلارغا جېنىم» «چىش ئاغرىقى» «ئېسىلدى ئىيۇنغا بىر نۇرلۇق زۇھەل» 3-سان «تەسدىقنامە» غەزەل «روھ تەلقىنى»غەزەل «ئوتسىز ئۇچقۇن» غەزەل «دىل بايانى» غەزەل «زەئىپ تىلەك» غەزەل «كۆيۈك ئىلھام» غەزەل «سۇنۇق تىۋىش» غەزەل «ئىزاھنامە» غەزەل 6-سان «گۈلزارغا ئايلانغىن،گۈلگە ئايلانغىن» «ئېچىلدى كۆڭلۈمگە يىپيېڭى ئىشىك» «سېغىنىش خەتلىرى ئۇچتى قاناتلىق» «بۇلاققا تاشلىدىم ئىسمىڭنى يېزىپ» «سەن كەتتىڭ شامالغا بېرىپ خۇيۇڭنى» 2) تارىم ژۇرنىلى 2-سان «بىر ھېكمەت-بىر ئالەم» «بىدار تىلەكلەر» «تەنھالىق لىرىكىسى» «قارا نۇر» «قىش كېچىسى» 5-سان «گۈل پايانداز بولسۇن يولۇمغا» «قۇشلار» «دېرىزە يوق،تۈڭلىكى بار ئاددى ئۆي» «سۇنىڭ يىغىسى» «تەمبۇر» 7-سان «7 پارچە سونت ۋە تەرجىمھالىم» 3) شىنجاڭ ياشلىرى 2-سان «سۆيگۈ غەزەللىرى 5 پارچە» 4)تۇرپان ژۇرنىلى 1-سان «قىسقا بەھىرلىك غەزەللەر 6 پارچە» 5) كوسەن مەدەنىيىتى 3-سان «ئىككى غەزەل» 6)پەن ۋە تۇرمۇش 2-سان «چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى» 7)جۇڭگۇ مىللەتلىرى 6-سان «نادان دوست ۋە گۇم بولىۋاتقان دوستلۇق»
مەزكۇر يازمىنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئادرىسى : ?p=912 | خۇشخۇي تورخاتىرىسى