باش بەت / ساقلايمەن

قارا ھىجران (8)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-1-23 19:02 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    ھىلالنىڭ قەيەرگە يۆتكىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئالالماي، ئۆز-ئۆزۈمگە تېخىمۇ يۈز كېلەلمەيدىغاندەك تۇيغۇدا ئازابلاندىم.ئۇ مېنىڭدىن بۇ ئايرىلىشنى قارار قىلغاندىلا، ئىشلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان بولسا كېرەك.ھەر قانچە قىلىپمۇ، ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالالمىدىم. ئۇنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈش ھەم ئەپۇ سوراش پۇرسىتى بېرىشنىمۇ خالىمىغانلىقىدىن ئۆكۈندۈم. ئۆزۈممۇ، ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتتىم. ئۇ ھەممىنى «كونا ئەنئەنىگە، قېنىمدا بار بولغان ‹بويسۇنۇش›قا ئارتىپ قويۇشۇمنى خالىمىغان بولسا كېرەك»دەپمۇ ئويلىدىم.ئارىسالدىلىق ئىچىدە قېلىۋاتقان قەلبىم شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئازابلىنىۋاتاتتى.كۈنلەرنى ھىلال بىلەن مېھرىنى خىيال قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم.خىيالىمدا، ھامان مۇھەببەتتىن ۋاپادارلىق ئۈستۈن كېلىۋاتقاندەك مېھرى غۇۋا پەيدا بولۇپ قالاتتى.ئۇنى ھىلالغا بولغان ئەسلىمىلىرىمگە باغلىۋالماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپمۇ باقاتتىم.ئۇ مېنىڭ بەختىمنى ۋەيران قىلىشقا تۆرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما، رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنى ماڭا شۇنداق باغلاپ قويىۋاتاتتى. 

 ھىلال ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىم نەتىجىسىز بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغىنىمغا تەن بەرگۈم كەلمەيتتى.ئۇنى توختىماي سۈرۈشتۈرەتتىم، ئىزدەيتتىم.ھارغىنلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك دەستىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم قارا تەرگە چۆمۈلەتتى.بەدىنىمدىن قۇيۇلىۋاتقان سوغۇق تەر يۈرىكىمنى، قەلبىمنى مۇزلاتماقتا ئىدى.مېھرى يازغان ئەشۇ بىر پارچە خەت مېنىڭ ھەممە ئۈمىدىمنى، كەلگۈسىدىكى بەختىيار تۇرمۇشۇمنى، بالىلارنىڭ ئوماق كۈلكىسىگە چۆمىدىغان ئىللىق ئائىلەمنى بەربات قىلغانىدى.مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ شۇ خېتىنى خىيال قىلساملا، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا، ئاتا-ئانامنى، مېھرىنى، ئۇلار ئارقىلىق يۇرتنى سېغىنىپ قالاتتىم. ئاتا-ئانامنىڭ ھال-كۈنىنى بىلىش مېنى تەبئىيلا يەنە مېھرىگە باغلاپ قوياتتى. ھىلالنىڭ ئۇچۇرى بولمىغانسېرى، مېھرىنىڭ خەت يېزىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم.ھىلال ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن خەت ئۇنىڭ تۇنجى ھەم ئاخىرقى خېتى بولۇپ قالغانىدى. 
  ئانامنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ، يوللاردا يۈگۈرۈپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ قۇچاقلىرىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ، بار ئاۋازىم بىلەن ئۈن قويۇپ يىغلىۋالغۇم؛ دادامنىڭ سۈكۈتتىكى مەيۈسلىكىگە، ئۆز ئابرويى ئۈچۈن ۋاقىتسىز پۈكۈلگەن قەددىگە قاراپ، ئۇنىڭغا بارلىق خۇشاللىقىنى قايتۇرۇپ بەرگۈم كەلدى. سەمى بىلەن مېھرىگە قارىسام، تۆلەيدىغان قەرزىمنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى ھېس قىلاتتىم.ئانامنى قۇچاقلىدىم، ئۇنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەك پېشانەمگە سۆيۈشىنى ئۆتۈندۈم. دادامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، «ئەركىكىڭ قايتىپ كەلدى»دېدىم. سەمى ئىشەنمىگەندەك ھاڭۋېقىپ ئىشىك تۈۋىدە تۇراتتى.مېھرىنىڭ چېھرىدە يېتىرقاش ۋە سۆيۈنۈش جىلۋە قىلىپ، باھاردىكى چېچەكلەرنى ئەسلەتتى.بۇ چۈشۈمدىن قانداقلارچە ئويغىنىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن. خۇشاللىقتىنمۇ ياكى چارچاشتىنمۇ ئۆزۈم سۇ ئىچىدە قالغاندەك چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەنىدىم.بۇ چۈش بىلەن قەلبىمدە، يۇرتقا بېرىپ، ئاتا-ئانامنى كۆرۈپ كېلىش ئىستىكى تۇغۇلدى.
    مەن مۇھەببەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىمگە نېمىگە ئېرىشكىنىمنى بىلمىدىم. مەن ھەممىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغىنىمغا ئىشەنگەنىدىم.بىراق، مەن ھېچنەرسىنى ئۆزگەرتەلمىگەنىدىم.دادامنىڭ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويىنى قوغداپ قېلىش بەدىلىگە «بالايى ئاپەتنىڭ يىلتىزى بولغان»مېھرىنى ئۆيىمىزدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بىلمەيتتىم. خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۇلارغا بارلىقىم بىلەن ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمىدىم.مەن مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىمنى دوئېلغا ئېلىپ چىققانىدىم.ئەپسۇسكى، مەن تۆلىگەن بۇ بەدەلنىڭ مېۋىسى كۆتۈرۈپ تۈگەتكۈسىز ھىجران ئازابى بولغانىدى.يالغۇزلۇق ۋە ۋىجدان سورىقىدا دېمىم سىقىلماقتا ئىدى. دېرىزىنى ئېچىش ئۈچۈن، پەردىنى قايرىدىم.دېرىزىدىن چۈشكەن ئاي نۇرى ياتىقىمنى سۇس يورۇتتى.ناھايىتى يىراقتىن ئۈزۇلۈپ كېلىۋاتقان، قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن تونۇش نەي ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىغاندەك بولدۇم. 

مەنبە : تارىم ژۇرنىلى 1-سان


قارا ھىجىران باشقا تېمىلار
قارا ھىجران (1)قارا ھىجران (2)قارا ھىجران (3)قارا ھىجران (4)قارا ھىجران (5)
قارا ھىجران (6)قارا ھىجران (7)قارا ھىجران (8)