قارا ھىجران (7)
ۋاقىتنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىغا ئىشىنەتتىم. بۇ شەھەرگە كەلگىنىمگىمۇ بىر ئاي بولۇپ قالغانىدى. بۇ يەردە ئىچ سىرلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ، ھال- مۇڭ بولغىدەك بىرەر دوستۇممۇ يوق ئىدى. ئۆزۈم ئوقۇغان مەكتەپكە يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشۈپلا، يەنە بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كېلىدىغىنىمنى ئويلىمىغانىدىم. دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بۇ شەھەر، مەن ياشىغان ھەم سىرداشقان قۇم بارخانلىرى بىلەن يۇلغۇنلاردىن مۇستەسنا بولۇپ، يېشىللىققا پۈركەنگەن، خۇش-پۇراق گۈللەر دۇنياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. دېرىزىنى ئاچساملا، ھەرخىل گۈل ھىدى دىمىقىمغا ئۇرۇلاتتى. ھەر كۈنى دېگۈدەك، يوقلاپ تۇرىدىغان سىم-سىم يامغۇر قۇلىقىمغا نېمىلەرنىدۇ پىچىرلاپ تۇرسىمۇ، قەلبىمدىن بىر خۇشاللىقنىڭ ئىزناسىنى تاپالمايۋاتاتتىم. پەقەت ھىلالنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى ۋە شېرىن سېغىنىشى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان خەتلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ھىجرانىنى بەزلەپ كېلىۋاتاتتىم. كۈنلىرىم ئوقۇش ۋە ھىلالنى تەلۋىلەرچە سېغىنىش بىلەن ئۆتمەكتە. كېچىلىرى دېرىزەمگە چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرىدا، ھىلالغا باغلىنىشلىق ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولاتتىم. بەزەن، ئۆزۈمچىلا يۇرتنى، تېخى توي كېچىسى ئۆتكۈزمىگەن «خوتۇنۇم» نى ئەسلەپمۇ قالاتتىم. كۈندە خەت ساندۇقىغا تەقەززالىق بىلەن قاراش، پوچتالىيوننىڭ كېلىشىنى كۈتۈش بىلەن ئۆزۈمگە تەسەللىي تاپاتتىم.
ھىلالدىن خەت كەلمىگىنىگە تۆت ھەپتە بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت خەت يازمىغىنىغا ھەم ھەيران بولاتتىم ھەم گۇمان بىلەن قارايتتىم. بۇرۇنلاردا، ئۇ مېنىڭ جاۋاب خېتىمنى كۈتۈپ تۇرماستىنلا، يېڭى-يېڭى خەتلەرنى يېزىۋېرەتتى. ئەجەبا، بۇ تۆت ھەپتە ئۇ ماڭا بىرەر پارچە خەت يازمىغاندىمۇ؟ مەن كاللامدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىۋاتقان، يۈرەك ئاغرىتىدىغان خىياللارنى ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كونا خەتلىرىنى قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقاتتىم. ئوقۇغانسېرى ئاق قەغەز ئۈستىگە چۈشۈۋاتقان بارماق ئىزلىرىم ماڭا مەسخىرىلىك قاراپ كۈلىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.
دېرىزىدىن ئاي نۇرى ئاستىدىكى شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم. قوشنا ياتاقتىكى بىر خەنزۇ ساۋاقدىشىم ھىلالنىڭ خېتىنى ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ باردىم. ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمدىن بۇ خەتكە قانچىلىق تەقەززا بولغىنىمنى كۆرۈپ يەتكەندەك، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ خەتنى ئۇزاتتى. مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا، خەتنى باغرىمغا باستىم. ھىلالنىڭ كونۋېرت ئۈستىدىكى پوچۇركىسىغا يېنىشلاپ سۆيدۈم. خەت ئېلىپ كىرگەن ساۋاقدىشىم تېخىچە ماڭا قاراپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغانىكەن. ئۇ مېنىڭ بۇ قىلىقلىرىمدىن ھەيران بولمىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ خۇددى مېنىڭ كۆزلىرىمدىكىدەك سۆيۈنۈشنى كۆردۇم.
لىپاپىنى ئاچتىم. قولۇمغا ئىككى خىل قاتلانغان ئىككى پارچە خەت چىقتى. بىرى يۈرەكسىمان شەكىلدە قاتلانغان بولۇپ ، بۇ ھىلالنىڭ خېتى. يەنە بىرى ئادەتكىچىلا قاتلانغانىدى. يۈرىكىم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك ئېغىپ كەتتى. ئاۋال قايسى خەتنى ئوقۇش، قانداق قىسمەتلەرگە مۇيەسسەر بولۇش ماڭا قاراڭغۇ ئىدى. بارغانسېرى تېزلەپ كېتىۋاتقان يۈرەك ھەرىكىتىم، مېنى تەر ئىدىشىغا تاشلىماقتا. مەن ھىلالغا بولغان سېغىنىشىمنىڭ كۈچى بىلەن ئاۋال يۈرەكسىمان قاتلانغان خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ھىلالنىڭ ھال-ئەھۋال سوراش ئۇنتۇلغان خېتى مۇنداق يېزىلغانىدى:
« قەدىرلىكىم، قەمەر!
ساڭا ئۇزۇن بولدى خەت يازالمىدىم. راستىمنى ئېيتسام يازغۇم كەلمەي ئەمەس، قانداق يېزىشنى بېلەلمىدىم. بۇ خېتىمنىمۇ يېزىشتىن ئاۋال قانچىلىك ئويلانغىنىمنى، تالاي كېچىنى ئۇيقۇ بىدارلىقى ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيمەن. ساڭا تەلپۈنگەن، سېنىڭ ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرىكىم دەرد بىلەن توشۇپ كېتىۋاتقاندەك، ئەزەلدىنلا كۈلۈشنى بىلمەيدىغان ئادەمدەك بولۇپ قېلىۋاتىمەن. مەن بۇ خېتىمدە سېنى قايسى دەرىجىدە سۆيۈدىغىنىمنى يېزىپ يۈرمىسەممۇ، بۇلار ساڭا بەك ئايان. مەن پەقەت بۇ قۇرلاردا سېنىڭدىن مەڭگۈ نەپرەتلەنمەيدىغانلىقىمنى ئېيتالايمەن.
مەن سېنىڭدىن تۇنجى قېتىم «سېنى سۆيىمەن» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ئاخشىمى، ئالەمگە تېگىشكۈسىز خۇشاللىق ئىچىدە بىر كېچە ئۇخلىيالمىغانىدىم. خۇددى شۇنىڭدەك، قولۇڭدىكى لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان خەتنى رۇخسىتىڭسىز ئوقۇغان ئاخشىمى يەنە بىر كېچە كىرپىك قاقمىدىم. ياق، ياق شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ئۇيقۇسىز روھقا ئايلاندىم. مېنى كەچۈرۈشىڭنى ئۆتۈنمەيمەن. سېنىڭ ھىدىڭنى ھىدلاش مەقسىتىدە ياتىقىڭغا بىر قانچە كىتابىڭنى ئالغىلى بارغانىدىم. بۇ خەت ئىشىك ئاستىدىن ياتىقىڭغا تاشلانغانىكەن. توغرا، بۇ سېنىڭ شەخسىي خېتىڭ بولغاچقا، سېنىڭدىن ئاۋال، رۇخسىتىڭسىز ئوقۇمىسام بولاتتى. ئوقۇپ بولۇپلا شۇنداق ئۆكۈندۈم ھەم ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم. شۇ چاغدا، مېنى بۇ خەتنى ئوقۇشقا نېمىنىڭ قىزىقتۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم، لىپاپ ئۈستىدىكى مارجاندەك لاتىچە يېزىقلار ئازدۇرغان بولىشى مۇمكىن.
قەدىرلىكىم، يۈرەك پارەم قەمەر!
بۇ خەتنىڭ مېنى ئەبەدىيلىك ھىجرانغا مۇپتىلا قىلىدىغىنىنى بىلگەن بولسام، لىپاپىنى ئاچماس ئىدىم. قەلبىمدە قۇترىغان قىزىقىش ھەۋەسلىرىنى بوغۇپلا قويماسمىدىم. سېنىڭ ئوقۇشىڭغىمۇ سۇنماستىن كۆيدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك سىرغا ئايلاندۇرماسمىدىم. لېكىن، ھەممىگە كېچىككەنىدىم، ئۆزۈم ئارزۇلاپ ھەسرەت چۆلىگە قەدەم ئالغانىدىم. ھېلىھەم، كۆيدۈرۋەتمەكچىمۇ بولدۇم. ئوت ياقساملا خەت ئەمەس، ئوت ياققان قولۇم، يۈرىكىم كۆيۈپ كۈل بولىدىغاندەك تۇيغۇدا ئۆرتەندىم. خەتنى كۆيدۈرمەك ئاسان بولغىنى بىلەن، رېئاللىقنى يوق قىلىۋېتىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىكەن.
ئۇ خەتنى ئوقۇغىنىڭدا مېنىڭ ئازابلىرىمنى ھېس قىلالايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن. مېنىڭ ئادىمىيلىكتىن ھالقىغان شەخسىيەتچىلىكنى قىلغۇم كەلمىدى. ئەشۇ خەت ماڭا بىر ھەقىقەتنى تونۇتتى. مەن سېنىڭ بىلەن دائىم مۇنازىرە قىلىشىدىغان «مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىككە تولغان بولىدۇ» دېگەن ھەقىقىتىڭدە يېڭىلگەنلىكىمگە تەن بەردىم. بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ؟ مەن «تەقدىر ياراتقۇچىلارنىڭ قولىدا» دەپ خاتا ئويلاپ كەلگەنىكەنمەن. ھەر قانداق ئادەمنىڭ تەقدىرى ھامان تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن. مېنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك قۇدرىتىم بولغان بولسىدى، بۇ تەقدىرگە دۇچار بولمىغان بولار ئىدىم.
خەتلەرگە يېزىلغان ۋە يېزىلمىغان ئىشلارنى سېنىڭ ئېيتمىغىنىڭدىن مەن خۇشال بولدۇم. بىر مەھەل بولسىمۇ غەمسىز، ئازابسىز دۇنيادا يېتىلەپ يۈرگىنىڭدىن سۆيۈندۈم. ئەمما، شۇ مەسۈمە قېرىندىشىمنى ئويلىساملا، ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كەتتىم. ئاتاڭنىڭ قىسمىتىدىن ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلدىم. ناۋادا، ماڭا گۇناھىمنى يۇيۇش پۇرسىتى بېرىلسە ئىدى، مەن ھەسسىلەپ ۋاپادارلىق يەتكۈزگەن بولاتتىم. قەمەر! مەن ئاخىرى بارلىقىم بەدىلىگە بۇ پۇرسەتنى يەنىلا ساڭا بېرىشنى توغرا تاپتىم.
خەير، قەمەر! خەيرلەشكۈم بولمىسىمۇ، خەيرلەشمەي ئامالسىزمەن. مېھرىنى مېنى كۆرگەن كۆزۈڭدە كۆرۈشۈڭنى ئۆتۈنىمەن.»
خەتنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە، يالغۇز قولۇملا ئەمەس، يۈرىكىممۇ تىترەپ كەتتى. ھىلال ئېيتقاندەك، تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقى ماڭا تولىمۇ ئېغىر كەلگەنىدى. مەن تېخى ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى بىلمەيمەن. ھىلالنىڭ كۆز ياشلىرىدا بويۇلۇپ كەتكەن خېتىگە قاراپ، ئۇنىڭ ھەسرىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم. مەن ئۆزۇمنى بىردىنلا بىر قارا ھىجراننىڭ باياۋىنىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك سېزىشكە باشلىدىم. بۇ باياۋان ھەم قاراڭغۇ ھەم دەھشەتلىك بولۇپ، بارلىقىمنى يۇتۇپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. بەلكىم، چۈشۈمدە كۆرگەن ئوت يانغىنى بۇ باياۋاننىڭ دوۋزىقى بولسا كېرەك. قولۇمدىكى يەنە بىر خەتنى ئوقۇغۇم كەلمىدى. لېكىن، ھىلالنى ئۆزىمىز ھەققىدە قارار چىقىرىشقا ئۈندىگەن ھەم سەۋەبكار بولغان بۇ خەتنى ئوقۇماي بولمايتتى.
« قەمەر ئاكا! سىزنى قانداق ئاتاشنى بىلەلمىدىم. مەن تاتلىق سۆزلەرنى بىلمەيمەن، «ئېرىم» دەپ ئاتاشنىمۇ توغرا كۆرمىدىم. شۇ سەۋەپتىن، »ئاكا» دەپ ئۇدۇللا ئاتىغىنىمنى كەچۈرۈڭ!
توي كۈنىنىڭ ئەتىسى سىز ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ خەۋەر تېزلا پۈتۈن يۇرتقا تاراپ كەتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنى گۇناھكار ۋە تەلەيسىز ھېس قىلدىم. بۇ ئىش ھەممىدىن دادامغا بەك ئېغىر كەلدى. ئۇ باشقىلارنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى ۋە ئاچچىق تەنىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. ھالا شۇ كۈندىن باشلاپ، خۇددى مەھەللىمىزگە كېلىدىغان دەرۋىشلەردەك بولۇپ قالدى. تۇرۇپلا باش- ئاخىرى يوق بىر نېمىلەرنى سۆزلەپ كېتىدۇ. «ئەركەك كەلدى» دەپ قۇم ئېقىن تەرەپكە بېرىۋېلىپ، كەچلىرىمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگىلى ئۇنىمايدۇ. بەزىدە، كۈن-كۈنلەپ زۇۋان چىقارمايدۇ. بىچار ئانامنىڭ ھالى تېخىمۇ خاراب. خۇددى ئۇنىڭ كۆزى ياشتىن يارالغاندەك، كۈن بويى يىغلاپلا يۈرۈيدۇ. كېچىلىرى بولسا ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ جۆيلۈشلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى.
كەنتتىكىلەر بۇ كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ھەممىنى مېنىڭ پېشانەمنىڭ تەتۈرلىكىدىن كۆرۈشىدۇ. ئۇلار مېنى «بۇ ئۆيگە بالا- قازا ئېلىپ كەلدى»، «بۇ قىزنىڭ جىنى باركەن» دېيىشىۋاتىدۇ. بىچارە ئانام مېنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۆيدىكى ئاتا-ئانامنى تاشلاپ كەتكۈم كەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارىدىغان، باش تىققۇدەك جايىممۇ يوق ئىدى. تويدىن بىر يىل ئىلگىرى دادام ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدىلا دادىمىز مېنى بالا قىلىۋالغانىدى. ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بىزنىڭ دادىمىز بەك يېقىن دوستلاردىن بولغاچقا، بۇرۇنلا ئىككىمىزنىڭ بېشىنى قېتىپ قويۇشنى ۋەدىلەشكەنىكەن. ئانام تويدىن كېيىنكى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ يۇرتتا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەي، باشقا يۇرتقا توي قىلىپ كېتىپ قالدى. سەمى ئاكام ئۆيدە كۆپ تۇرماي، ئەتىگەندىن-كەچكىچە ئېتىز-ئېرىقىنڭ ئىشىغا بەنت بولۇپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان، ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنى باش چۆكۈرۈپ قىلىدىغان، يۈز ئېغىز سۇئال سورىسىمۇ بىر ئېغىز جاۋاب بەرمەيدىغان كەمسۆز، جىمغۇر بولۇۋالدى. ئۇنى ئاز دېگەندەك، يەڭگەمنىڭ تۇققانلىرى ئۇنى سەمى ئاكامدىن تارتىپ كەتتى. ئۇلار بەك تاش يۈرەك ئىكەن، سەمى ئاكامنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئەلىجاننىمۇ بىرگە ئېلىپ كەتتى.
ئانام خۇددى توي بولىدىغاندەك كۈندە ئۆيلەرنى قايتا- قايتا تازىلايدۇ. شىرداق، كىگىزلەرنى كۈندە نەچچە قېتىم قېقىشتۇرىدۇ. بىر قېتىم ئانام بىلەن ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيىنى تازىلاۋېتىپ، سىزنىڭ خېتىڭىزنى تېپىۋالدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇن، سەمى ئاكامدىن، ئەبەي ئاكامدىن سورىغانىدىم. ئۇلار ئېيتىپ بەرمىگەنىدى. مەن شۇ خەتتىكى ئادرېس بويىچە بۇ خەتنى يېزىپ، مەھەللىمىزگە يىلدا ئىككى-ئۈچ قېتىم گېزىت ئەكىلىدىغان ئادەمگە بېرىشنى ئويلىدىم.
مەن بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىغا قاراپ، سىزنى «تېزرەك تەتىل قىلىپ كەلسىكەن» دەپ ئويلايمەن. كېچىلىرى ئويلاپ ياتقاچقىمىكىن، ھەر كۈنى سىز قايتىپ كېلىپ چۈش كۆرىمەن. تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۆگزىگە چىقىپ، مەھەللىنىڭ يولىغا قارايمەن. سىزنىڭ كەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپمۇ مەن ئۆزۈمنى ئەشۇنداق ئالداپ كۆنۈپ قاپتىمەن. ھەر قېتىم ئەبەي ئاكام ئۆيىمىزگە كەلگەندە، «سىزنى قاچان كېلىدۇ» دەپ سورىغۇم كېلىدۇ. نومۇس قىلىپ سورىيالمايمەن. ئۇ دادامنى «تېۋىپقا كۆرسىتىپ باقىمەن» دەپ، نەلەرگىدۇ ئېلىپ باردى. ھەر قېتىم دادام تېۋىپقا كۆرۇنگەندە خۇشال قايتىپ كېلىدۇ-دە، ماڭا ئەزەلدىن كۈلۈپ قارىمايدىغان دادام كۈلۈپ تۇرۇپ «ئەركەك قايتىپ كېلىدىكەن> دەيدۇ. توۋا، چوڭ ئادەممۇ يالغان سۆزلەيدىكەن.
ئەبەي ئاكامنىڭ «بۇ راست» دېيىشلىرىچۇ، تېخى!»
خەتنى ئوقۇپ بۇ قۇرلاغا كەلگەندە، ئىختىيارىسىز كۆزلىرىم ياشلاندى. بۇ خەتتىن ئەزەلدىن ئېگىلىپ باقمىغان دادامنىڭ مۈكچەيگەن تۇرقىنى، ئانامنىڭ قولىدا سۈپۈرگە، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە كىرىپ-چىقىپ يۈرۈشلىرىنى، سەمىنىڭ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قارىغىنىچە يۈزىگە قونغان چىۋىنلەرنىمۇ قورىمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولىۋاتاتتىم. كۆز يېشىم ئېقىپ، ئېغىزىمنى ئاچچىق قىلغاندا، ھەسرەتنىڭ كۆز يېشىدىنمۇ ئاچچىق بولىدىغىنىغا ئىشەنچ قىلدىم. ئاچچىق ياشلار بىلەن تورلاشقان كۆزلىرىمنى خەتنىڭ داۋامىغا ئاغدۇردۇم.
«بۇ خەتنى يازغىنىمنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت ئۆيدىكى ئىشلاردىن سىزنى خەۋەرلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىم بار، دەپ قارىدىم. مەن سىزنى بۇ خەتنى كۆرۈپ، قايتىپ كەلسىكەن، دەپمۇ ئويلىمايمەن. بەلكىم، ئوقۇش بىلەن بەك ئالدىراش ئۆتۈۋاتقانسىز. تەتىلگىمۇ خېلى ۋاقىت بار. بۇ يەردە مەن بار بولغاندىكىن، سىز خاتىرجەم ئوقۇۋېرىڭ. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن چوقۇم ئوبدان خەۋەر ئالىمەن. ئۇلارغا كېلىنلىك مەجبۇرىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن. مېنىڭ سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم، دادام ئۈچۈن بولسىمۇ بىر قېتىم كېلىپ كەتسىڭىزكەن دەيمەن.
ۋاي، خۇدايىم! ئېسىم قۇرۇسۇن. ئانام سىزگە ئاق ئۈژمە ساقلاپ قويدى. كۈندە ئاق ئۈژمە قاچىلانغان سېۋەتنى كۆتۈرۈپ تالاغا چىقىپ سىزنى ساقلايدۇ. كەچتە مەن يالغاندىن دادامنىڭ نامىنى سېتىپ ئۆيگە چاقىرىۋالىمەن. خەتنى ئۇزۇن يېزىپ، سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويماي. خوش، ئامان بولۇڭ!»
خەت ئوقۇلۇپ تۈگىگەندە، ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىدىم. كۆزۈمدىن ياش ئەمەس، بەلكى باشقا بىر نەرسە ئېتىلىپ چىقىۋاتقاندەك ھەسرەت چەكتىم. بۇ ھەسرەت ياشلىرىنىڭ ھىلالنىڭ خېتى ئۈچۈن ۋە ياكى مېھرىنىڭ خېتى ئۈچۈن تۆكۈلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم. قولۇمدىكى خەتلەرگە قارىدىم. بىر قولۇمنى ھىلال، بىر قولۇمنى ھازىرمۇ مېنى ئوقۇۋاتىدۇ دەپ بىلىدىغان مېھرى تۇتۇپ تۇرغاندەك ھېسقا چۆمۈلدۈم. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىرخىل سۆيۈنۈش ئىچىدىكى چۆمۈلۈش بولماستىن، ھىجرانغا تولغان، ئەلەملىك ئىڭراش ئىدى.
مېھرى مېنىڭ ئوقۇشنى تاماملاپ، شۇ مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشكىنىمنى تېخى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ خېتىنىڭ ھىلالنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ، ئۇنىڭ سەۋەنلىكى ياكى گۇناھى ئەمەس ئىدى. مەن ئۆزۈممۇ ھىلالنىڭ ئالدىدا، بۇ يالغانچىلىقنى قاچانغىچە يوشۇرۇپ يۈرەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. ئەمدىلىكتە بولسا، مېنى كۈتۈپ تۇرغىنى ھىلال بىلەن مېھرى بولماستىن، مۇھەببەت بىلەن ۋاپادارلىقتىن بىرنى تاللاش ئىدى.