باش بەت / ساقلايمەن

قارا ھىجران (5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-1-23 18:48 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    ئىشىك يەنە چېكىلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېسەدەشلىرى پەسكويغا چۈشۈپ قالغانىدى. مەن تېخىچە بىر قارارغا كېلەلمەي، بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرەتتىم. شۇنىسى ناھايىتى ئايانكى، دىنىي- شەرىئەت بويىچە بولغاندا، ئۇ مېنىڭ «خوتۇنۇم» بولۇپ بولغانىدى. ھويلا تەرەپتىن ئادەملەرنىڭ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىشىۋاتقان ئاياق تىۋىشى كېلىپ تۇراتتى. دادامنىڭ سەمىنى چاقىرغان ئاۋازى دەرىزەمنى تىترەتتى. مەن شۇندىلا ئېسىمگە كەلدىم-دە، «ئەمدى، مەن بۇ يەردىن، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشىم كېرەك» دېگەنلەرنى ئويلىدىم. خۇددى ئۇمۇ خىياللىرىمنى بىلىۋالغاندەك، يۈز يۇيغىلى سۇ تەييارلاپ بەردى.
    ئىشىكنى ئاستا ئاچتىم. ئەبەي بوسۇغا تۈۋىدىلا ساقلاپ تۇرغانىكەن. ئۇ مېنى چوڭ يولغا تۇتىشىدىغان ئىشىكتىن ئەمەس، باغدىكى ئارقا ئىشىك بىلەن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز بۇلاق سۈيى ئېقىپ ئۆتىدىغان، توقايلىققا كەلگەندە، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- سېنىڭ نىكاھ سۈيۈڭ بۇلاق سۈيى بولسۇن. تېنىڭنى پاكلىۋالغىن.-دېدى.
مەن ئۆزۈمنى نېمىشقا پاكلايدىغىنىمنى بىلمەيتتىم. بۇ كېچىنىڭ تىنچ ئۆتكىنىنى ئەبەيگە ئېيتقۇم بولسىمۇ، ئېيتالمىدىم. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى كۈلكە قىلىپ يۈرۈشىنى خالىمايتتىم. شۇڭلاشقىمۇ، سەھەردە بۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈيىدە يۇيۇنماقچى بولدۇم.
- كېچىنىڭ تىنچ ئۆتكىنىنى مەنمۇ بىلىمەن. بۇ يەردە «سوغۇق سۇ ھاردۇقنى ئالىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئوبدان بىر سەگىدەپ، بىردەم ئۇخلىۋالساڭ باشقىچە روھلۇق بولۇپ قالىسەن.- ئەبەينىڭ بۇلارنى قانداق پەرەز قىلىپ بىلىۋالغانلىقىنى ھېس قېلالمىدىم. ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ تۇراتتىم. ئۇ قاراشلىرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بۇ يەردە توي كېچىسى مارايدىغان ئادەتنىڭ بارلىغىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟ مەن بۇ كېچىنى سېنىڭ دېرىزەڭ تۈۋىدە مۈگدەپ ئۆتكۈزدۈم. بۇ كېچە ساڭىمۇ ئاتتى، ئەشۇ بىچارە مەسۈمەگىمۇ ئاتتى.
ئەبەينىڭ قاراشلىرى بىر خىللا ئىدى. ئۇنىڭ مېنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ياكى قىزغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ دېمىسىمۇ مەن بىلەتتىم. بۇ يەردە پەقەت مەنلا يېڭىلىق ياراتقانىدىم. بەلكىم، مېنىڭ بۇ يېڭىلىقىم بىر دەمدىلا پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ قىززىق پاراڭ نۇقتىسىغا ئايلىنىشى تۇرغانلا گەپ. ئۆزۈممۇ قايتا ئويلىنىپ قالدىم. نېمىشقا بۇنداق قىلغىنىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتىم.
- سەن بىلمەيسەن؟ قىزنىڭ بىرگە قونغان يەڭگىلىرىگە گەپ بېرىدىغان ئىشلار بار، تېخى. ئەمدى، ئۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟
ئەبەينىڭ بۇ گېپىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم. توي كېچىسىنىڭ ئۇلار بىلەن نېمە باغلىنىشلىقى بارلىقى باردۇ. ئەجەبا، بۇمۇ ئەشۇ تۈگىمەس يوسۇنلارنىڭ بىرىمىدۇ؟ بۇ سۇئالىمغا يەنىلا ئەبەينىڭ سۆزى بىلەن جاۋاب تاپتىم.
- توي كېچىسىنىڭ ئەتىسى قىزنىڭ تۇققانلىرىغا قىزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان قائىدە بار. ئۇلارمۇ شۇندىلا خاتىرجەم بولۇشىدۇ. مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. شۇ يىراقتىكى قىزىڭغا يۈز كېلەلمەسلىكتىن ئەنسىرەۋاتىسەن. ئىككىسى باشقا-باشقا يەردە بولغاندىكىن ، ھېچنىمە بولمايتتى. سېنىغۇ چۈشەنمەك تەس، بۈگۈنكى كېچىنى يەنە بىكار ئۆتكۈزمەسسەن؟!
ئەبەيگە نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمىدىم. كۆزۈمگە تىقىلىۋاتقان ئۇيقۇسىزلىق گەپ تېتىمىغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتاتتى. ئەبەيگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، يۇيىنىۋېلىش ئۈچۈن يېشىنىشكە باشلىدىم. ئەبەيمۇ ئۇيقىسىز بولغاچقىمىكىن، ئارتۇق سۆزلىمىدى. مېنىڭ بىلەن بىرگە بۇلاق سۈيىدە يۇيۇنۇش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلدى. ئىككىمىز چاقچاقسىز بىر ھازا يۇيۇنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. مۇزدەك بۇلاق سۈيىگە قوشۇلغان سالقىن شامال روھىمىزنى خېلىلا كۆتۈرۈپ قويغانىدى.
ئەبەينىڭ ئايالى تاماق تەييارلاپ قويغانىدى. بىز خۇددى ئۇرۇشۇپ قالغان ئادەملەردەك پاراڭمۇ قىلىشماي تاماقلاندۇق. بۈگۈن بۇ تاماق ئېغىزىمغا شۇنداق تېتىشلىق بىلىندى. ئۆزۈم نەچچە كۈندىن بېرى تۈزۈك غىزالانمىغاچقىمۇ ياكى ئەبەينىڭ ئايالى تاماققا چېۋەرمۇ بىلمىدىم. شۇنداق ھوزۇر ۋە ئىشتىھا بىلەن تويۇندۇم. بىر كېچە كىرپىك ئىلمىغاچقىمىكىن، تاماقتىن كېيىنلا مۈگدەك باستى. ئەبەي مېنى ھويلىغىلا دۇملەپ قويۇپ، ئايالىنى ئەگەشتۈرۈپ بىزنىڭ ئۆيگە كەتكەنىدى.
    يىراقتىن پىلدىرلاپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئۇچقۇنى خۇددى مېنى چاقىرىۋاتقاندەك ئۆزىگە تارتىۋاتاتتى. قەدەملىرىمنى توختىتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرقانچە كۈچىسەممۇ، قەدەملىرىم ئىختىيارىمدا ئەمەس ئىدى. ئوت ئۇچقۇنىغا يېقىنلاپ قالغاندەك قىلاتتىم-يۇ، ھېچ بېرىپ بولالمايتتىم. پۇتلىرىم ئىششىپ كېتىۋاتقاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىشقا باشلىدى. بىردەم ھاردۇق ئېلىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، كونتروللىقىنى يوقىتىۋاتقان نېرۋىلىرىم پۇتۇمغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئوت ئۇچقۇنى بارغانسېرى چوڭىيىپ بارماقتا ئىدى. چارچاشتىن ئۆزۈمنى ئالالمىغۇدەك بولغاندا ئۇ يەرگە يېتىپ كەلدىم. ئۇ ئوت ئۇچقۇنى بولماستىن، بەلكى غايەت زور ئوت يانغىنى ئىدى. ئادەمنىڭ كۆزىنى چېقىپ، قورقۇنچ تاشلايدىغان بۇ يانغىنلار، بالا چاغلىرىمدىكى چۆچەكلەرنى ئېسىمگە سالدى. مومام دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، «يەتتە باشلىق دىۋە پۈۋلەيدىغان ئوت مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم. شۇنداق ئويلىغانسېرى پۈتۈن تېنىمگە قورقۇنچ تاراشقا باشلىدى.
    ئوت يانغىنىدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردۈم، قاچالمىدىم. ئۆزۈم كۆيۈپ كېتىۋاتقاندەك بەدەنلىرىم تارتىشماقتا، كۆزلىرىمدىن ئوتتىن باشقا نەرسە يوقالماقتا. ئوت يانغىنى ئارىسىدىن كېلىۋاتقان جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى مېنى تېخىمۇ كۆيۈشكە ئۈندەۋاتاتتى. بۇ كۈلكە ماڭا شۇنچىلىك تونۇش ئىدىكى، دائىم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى. ئەمما، بۇ كۈلكىنىڭ كىمنىڭ كۈلكىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئالالماي قىيلىناتتىم. مەن ئېسىمنى يىغىشقا تىرىشتىم، ھەمدە « بۇ مۇھەببەت قىساسى بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم. شۇنداق، بۇ مۇھەببەت يانغىنى. ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالايدىغان ئاتەش. ئۇ ئاسىيلارنى كۈل قىلىشقا ھەقلىق.
ئوت يانغىنى ئۇلغايماقتا. پۈتۈن تەنلىرىم كۆيۈپ، تېخى روھىم كۆيمىگەندەك نېمىلەرنىدۇ ئويلىماقتىمەن. ئوت يانغىنى يېنىدا ھىلال بىلەن «خوتونۇم» كۈلۈشۈپ، ماڭا قاراپ تاماشا كۆرۈۋاتاتتى. ئۇلارغا قول سۇندۇم، بىرەرسىنىڭ بولسىمۇ تارتىۋېلىشىنى ئۆتۈندۈم. لېكىن، ئۇلار مېنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىمنى كۆرمىگەندەك ئۆز كۈلكىسى ئارقىلىق، ئوت يانغىنىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتاتتى. ئۇلارغا ئۆچلىكىم كەلدى. بۇ يەردىن ھاياتلا يېنىپ چىقسام، ئۇلارنى تاشلاپ ئوت يوق يەرگە كېتىشكە قەسەم قىلدىم.
    ئەبەينىڭ نوقۇپ تۇرۇپ چاقىرىشى، مېنى ئوت يانغىنى ئىچىدىن تارتىپ چىقتى. ئەبەي تەرلەپ سۇ بولۇپ كەتكەن چىرايىمغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم، ئېغىزىم گەپكە قولاشماي قالدى.
- قارا باسقان ئوخشايدۇ. شۇنداقمۇ قاتتىق ۋاقىرامسەن؟ يۈرەكنى ئالدىڭغۇ بۇ تەندىن.-ئەبەينىڭ سۆزلىرىدىن چۈشۈمدىكى ئوت يانغىنىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جار سالغىنىمنى بىلدىم. ئۇنىڭ يەلكىسىنى تۇتقىنىمچە ئاستا:- بەك قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن.- دېيەلىدىم.
- چارچاپ قاپسەن. ئورنىڭدىن تۇرۇپ سوغۇق سۇدا يۈزىڭنى يۇيۇۋال. قورقۇنچۇڭ تۈگەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.- ئەبەينىڭ گېپى بويىچە، سوغۇق سۇ بىلەن يۈزلىرىمنى ئۇزۇن يۇيدۇم. يۈرەك سوقۇشىممۇ بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى. قەددىمنى رۇسلاپ، ئەبەينىڭ يەنە نېمىشقا قايتىپ كەلگىنىنى بىلمەك بولدۇم.
- قۇدا تەرەپ ئىسسىقلىق ئەۋەتىپتىكەن. كېرەمبايكام سېنى چاقىرىپ كېلىشكە مېنى ئەۋەتتى. ئۇلار ساڭىلا قاراپ قالدى بولغاي، ھېلى كېرەمبايكام ئۆزى ئىزدەپ كەلمىسۇن.
مەن ئەبەينىڭ «ئىسسىقلىق ئېشى» دېگىنىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم. بۇ يەرنىڭ يوسۇنىدا، توينىڭ ئەتىسى قۇدىلار قىزنىڭ ئايال تۇققانلىرى، قولۇم-قوشنىلىرى ئارقىلىق « يىگىت بىلەن قىزغا ئىسسىق ئۆتۈپ، ئاخىرىغىچە ئامراق ئۆتۈشسۇن» دېگەن مەقسەتتە داستىخان ئەۋەتەتتى. مەن ئەبەيگە ئەگىشىپ، ئۆيگە كەلدىم. ھەممەيلەن كېلىپ بولغان بولۇپ، راست دېگەندەك ماڭىلا قاراپ قالغانىكەن. ئاقساقاللار ھويلىدا بولۇپ، ياشلار ساراي ئۆيدە ۋاقىرىشىۋاتاتتى. مەن ئەدەپ يۈزىسىدىن، ئاقساقاللارغا سالام قىلىپ ئۆتتۇم-دە، ياشلار بار ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. ھەمدە دادامنىڭ قۇرداشلىرىغا:
- ئەركەكتە، ئۆزۈمنىلا تارتقان. بىر كېچىدىلا ئاتا بولۇپ قالغاندەك ئوڭلۇقلىقىنى قاراڭلار!- دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.
ياشلارنىڭ بەزەن قىلىقلىرىنى ياقتۇرمىدىم. ئۇلار ساراي ئۆيگە كىرىشىمگىلا بەس-بەستە تېتىقسىز سۇئاللارغا كۆمۈۋەتتى. ئۇلارنىڭ «كېچىنى تاتلىق ئۆتكۈزدىڭمۇ؟»، « ئۇنىڭ پەيزى قانداقكەن؟»، «جەننەت ھوزۇرى سۈردىڭمۇ؟»... دېگەنلەرگە ئوخشاش سۇئاللىرىنى زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئۆتكۈزىۋەتتىم. شۇنداقمۇ قىلماي بولمايتتى. چۈنكى، مەندە ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگۈدەك ھېكايىمۇ يوق ئىدى. مەن تۇرۇپلا بۇ بىمەنىلىك ئىچىدىن سۆيۈنۈشكە ئېرىشكەندەك بولدۇم. ئۇلارنىڭ بۇ سۇئاللىرى مېنىڭ كېچىنى جىمجىت ئۆتكۈزگىنىمنىڭ تېخى يېڭى ھېكايىگە ئايلانمىغانلىقىنى، ئەبەيدىن باشقىلارنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
    بۇ قائىدىنىمۇ ئۆز يولىدا تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، مەھەللە چېتىدىكى يۇلغۇنلۇققا كەلدىم. بۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئويلانمىسام بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. يۇلغۇنلۇق ئىسسىقتا قايناپ كەتكەن بولسىمۇ، ماڭا ئىسسىق بىلىنمەيتتى. تۈنۈگۈنكى تەۋەككۈلچىلىكىمنى ئويلىساملا، مۇزدەك تەرلەشكە باشلايتتىم. بەلكىم، مېنىڭ بۇ يەردىكى قىسقا ئويلۇنىشىم ئۆز تەقدىرىم ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قارارىم بولۇپ قالاتتى.- بىر كېچىنىغۇ روھىمدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە ساداقەت ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم. بۈگۈن كېچىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى خىيالمۇ قىلالمايۋاتاتتىم. بۇ كېچىنىمۇ ئامال بار ىنچ ئۆتكۈزەرمەن. لېكىن، ئەتە ۋە ئەتىگە ئۇلىشىپ كېلىدىغان تالاي كېچىلەرنى قانداق قىلىش كېرەك؟- دېگەنلەرنى ئويلاپ تېگىگە يېتەلمىدىم.- مەن قانداقلا بولمىسۇن، ھىلالنىڭ پاك، سەمىمىي مۇھەببىتىگە يۈز كېلەلىشىم، ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ۋاپادارلىقى ئۈچۈن ، ئەبەي كېچەلمىگەن بۇ يۇرتتىن كېچىشىم كېرەك.- مەن بۇ قارارىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنى لايىق تاپمىدىم. مەن يەنە توغرا-خاتالىق ھەققىدە ئويلانغىدەك بولسام، مەڭگۈ كەسكىن قارار چىقىرالماي ئەلەم ئىچىدە قالاتتىم. 
    مەن ۋىجدانىمغا، ئادىمىيلىكىمگە يۈز كېلەلمىسەممۇ، دادامنىڭ ئويىدىكى ۋاپادارلىقىمنى كۆرسىتىپ بولغانىدىم. شۇ ۋەجىدىن، ھېچكىم بىلەن خوشلاشمايلا بۇ خىلۋەت كەنتتىن كېتىپ قالدىم. يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال، ئەبەي بىلەن خوشلىشىۋېلىشنى ئويلىغانىدىم. لېكىن، ئۇنىڭ مېنى يەنە ئىرادەمدىن تەۋرىتىپ، قايتا ئويلىنىش يولىغا باشلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدىم. ئاخىرى، ئۇلارنى خەت ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشنى، دادامنىڭ، «خوتۇنۇم» نىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆرگەنىدىم.
    قارا ماشىنا تۆگىنىڭ مېڭىشىدا كېتىۋاتاتتى. يولغا چىققانغا شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، تېخىچە ناھىيە تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتەلمىگەنىدىم. پىيادە يۈرۈپ قاپىرىپ كەتكەن پۇتلىرىم ئاغرىپ، ئۇيقۇمنى قاچۇرغانىدى. ماڭا ياندىشىپ ئولتۇرغان، بۇ بىر قانچە يولۇچىنىڭ كۆزلىرىدىكى ھارغىنلىققا قاراپ، ئۆزۈمنىڭ نەچچە كېچىنى ئۇيقۇسىز تاڭغا ئۇلىغىنىم ئېسىمگە كەلدى. مەن «كەنتتىن ئايرىلساملا، ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدىم. ئەپسۇسكى، ئەشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، يۈز بەرگەن بىمەنە ئىشلار مېنى يەنە قىيناپ كېلىۋاتاتتى. مەن بۇلارنى ئۇنتۇشنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، ئۇنتۇشقا ئۇرىنىۋاتاتتىم. بەلكىم، ھىلال ھەممىنى ئۇنۇتقۇزۇشقا قادىر كېلىشى مۇمكىن.
    مەن بۇ ھەقتىكى ئۈمىدىمنى ھىلالغا باغلىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ پاڭ سۆيگۈسى، مەپتۇن قىلارلىق نازلىرى بىلەن مېنى باشقا بىر مۇھەببەت قاينىمىغا باشلاپ، قەلبىمنى تاتىلاپ يارا قىلىۋاتقان بۇ ئەسلىمىلەرگە خاتىمە بېرەلەيتتى. مەن ئۇنىڭ كۈلكىلىرى ئارىسىدا ئۆزۈمنى كۆرەلەيتتىم ھەم ئۇنىڭغا شېرىك بولالايتتىم. مېنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدى. مەن تالاي قېتىم ئۆز تۇرمۇشۇمنى ئۇنىڭسىز خىيال قىلىپ كۆرگەنمەن. مەنىسىزلىككە تولغان كۈنلىرىم، دەل ئۇنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرمىگەن كۈنلىرىم بولۇپ سانىلاتتى. ھىلال مېنىڭ بارلىقىم ھەم بايلىقىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام، ئۆزۈمنى روھسىز بىر تەنگە ئايلانغاندەك ھېس قىلاتتىم. يول ھىلالغا يېقىنلاشقانسېرى، بۇ تاللىشىمنىڭ توغرىلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە باشلىدىم. شۇنداقتىمۇ، بىر قىزنى نىكاھلاپ قويۇپ، يەنە بىرىنىڭ مۇھەببىتىدىن بەھرىمان بولۇشنى ئىزدىسەم، ۋىجدان سورىقىغا قېلىشىمدىن ئەنسىرەپمۇ تۇراتتىم.
    بۇ كېچىمۇ ئۇيقۇسىز ئۆتتى. ئۆيدىكىلەرنىڭ، «خوتۇنۇم» نىڭ نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ھەتتا، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى پەرەز قىلىشنىمۇ خالىمايتتىم. مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈستىدىن غالىپ كەلگىنىمنى، ھىلال ئۈچۈن ھەممىدىن كېچەلىگىنىمنىلا ئويلاۋاتاتتىم. لېكىن، رېئاللىق ھامان رېئاللىق ئىدى.


قارا ھىجىران باشقا تېمىلار
قارا ھىجران (1)قارا ھىجران (2)قارا ھىجران (3)قارا ھىجران (4)قارا ھىجران (5)
قارا ھىجران (6)قارا ھىجران (7)قارا ھىجران (8)