باش بەت / ساقلايمەن

قارا ھىجران (6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-1-23 18:51 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    ھىلالنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويمىغىنىم ئۈچۈن، ئۇ مېنى كۈتۈۋالغىلى بېكەتكە كەلمىگەنىدى. مەنمۇ بۇ ھارغىن چىرايىم بىلەن، ئۇنى كۆرۈشنى خالىمايتتىم. مېنىڭ بىر قانچە كۈن ئارام ئالغۇم، چارچىغان نېرۋىلىرىمنى تىنچلاندۇرغۇم بار. كانىكۇل توشماستىنلا قايتىپ كېلىشىمنىڭ سەۋەبىنى ھىلالغا چۈشەندۈرۈشكە مۇۋاپىق باھانە تاپمىسام بولمايتتى. يۇرتتا بولۇپ ئۆتكەن بارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشىم تېخىمۇ مۇھىم. ھىلالنىڭ كۆڭلىنىڭ بەك نازۇكلىقىنى بىلەتتىم. ئۇ، بۇنداق ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەنمۇ ئۇنىڭ پاك مۇھەببىتىگە قارا چېكىت ئۇرۇپ قويۇشنى خالىمايتتىم.
شۇ خىياللاردا بولۇۋېتىپ، قاچانلاردىدۇ بىر ماتېرىيالدىن خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالغان «مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىككە تولغان بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مەن بۇنى تالاي قېتىم ھىلالغا ئوقۇپ بەرگەنىدىم. ئۇ، بۇ سۆزگە قايىل بولماي كەلگەنىدى. ئۇنىڭ بەزى يوللۇق ھەم ئورۇنلۇق ئىسپاتلىرى مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىمغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تەۋرىتىپ قويغانىدى. بۇ ھەقتە گەپ ئېچىلغاندىلا، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە يول قويۇشماي، بەس-مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتۇق. ئېغىزلىرىمىز تالغان چاغدىلا، ئۆزئارا پەپىلىشىپ ھەم بەزلىشىپ بولدى قىلاتتۇق. مەن كۆپرەك ئۇنىڭغا يول قوياتتىم. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىسپاتلىرىمۇ خېلى ئاساسلىق ھەم قايىل قىلارلىق بولاتتى. ھىلال بىلەن بىرگە بولسام زېرىكىش ھېس قىلمايتتىم. ئىككىمىزگە ھامان پاراڭلاشقۇدەك تېما چىقىپ تۇراتتى. مۇھەببەت، ئېتىقاد، سەمىمىيلىك، ئەدەپ-ئەخلاق بولسۇن، ھەممە تېمىدا ئۆز قاراشلىرىمىزنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، مۇنازىرە قىلىشالايتتۇق. مۇنازىرە ئاخىرىدا، قاراشلىرىمىز بىر يەردىن چىقمىسىمۇ، ھەرگىز ئۇرۇشۇپ، قېيدىشىپ قالمايتتۇق. بەلكى، چاقچاقلىشىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەتتۇق.
    مەن ئېيتىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى ئۆز ئېغىزىمدا ئېيتمىغىنىم بىلەن، ئۇنىڭ ھامان خەۋەردار بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. مەن شۇ چاغدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ھازىر تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىز ئىدىم. شۇ چاغنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغىنىنى ئويلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئازاب. مېنىڭ «باشقا كەلگەندە باتۇر بولۇش»نى تاللىماقتىن باشقا يولۇم قالمىغانىدى.
    ھىلالنىڭ ئۆيىگە تېلېفون ئېلىۋېدىم، ئۇ ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى. ئۆيدىكىلەرگە مېنىڭ تېلېفون قىلغىنىمنى ئېيتىپ قويۇشنى قايتا-قايتا جېكىلىدىم. بۇ بىر كۈن بەك ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك، نەچچە قېتىم سائەتكە قارىغىنىمنى بىلمەيمەن. ياتىقىمدىن بىر قانچە قېتىم تالاغا چىقتىم. مەن ھىلالنىڭ تېزرەك كېلىشىگە، مېنى سېغىنىش ئىچىدە باغرىغا بېسىشىغا تەقەززا بولۇۋاتاتتىم. كەچكى گۇگۇم بارغانسېرى يېيىلىشقا باشلىدى. كوچا چىراغلىرىنىڭ يورىقىدا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا تەشنالىق بىلەن زەن قوياتتىم. قاراڭغۇدا كېتىۋاتقانلارغا قەستەن يېقىنلىشىپ باقاتتىم. ئەتراپنى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇق بېسىپ بولغانىدى. ئاينىڭ سۇس نۇرى ئاستىدا، ئۆزۈمگە تونۇش بولغان گەۋدىنى ئىزدەۋاتاتتىم. تۈن تەڭلىشەي دېگەن بولسىمۇ، چارچاش ياكى ئۇيقۇسىراش ھېس قىلمىغىنىمغا ھەيرانمەن. بىردىنلا ياتىقىمغا قايتىشنى ئويلىدىم. ھىلال مېنى ياتىقىم ئالدىدا ساقلاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتاتتىم. كارىدور قاراڭغۇ، زەي پۇراپ تۇراتتى. مەن ئەشۇ زەي پۇراقلىرى ئىچىدىن ماڭا تونۇش بولغان بىر مېزىلىك ھىدنى ئىزدىدىم. لېكىن، تاپالمىدىم.
    سۈبھى كۆتۈرۈلدى، تېخىچە ھىلالدىن خەۋەر يوق ئىدى. مەن ھىلالنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم. ئۇلار مېنىڭ ئۇنى ئىزدەپ تېلېفون قىلغىنىمنى ئېيتمىغان بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا، ئۇلار ئېيتقانلا بولسا، ھىلال يېنىمغا ئۇچۇپ دېگۈدەك كەلگەن بولاتتى. بىراق، مەن ھىلال ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن ئاغرىنىشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. ئۇلار ھىلالغا مېنىڭ تېلىفون قىلغىنىمنى ئېيتقان تەقدىردىمۇ، ھىلال مېنىڭ قەيەردىن تېلىفون قىلغىنىمنى بىلمەيتتى. ھىلالنىڭ نەزەرىدە، مەن يەنىلا يۇرتۇمدا ئىدىم.
    تېلېفون ئۇلاندى. ھىلالنى چاقىرىپ بېرىشنى ئېيتتىم. تېلېفوننىڭ تۇرۇپكىسىدىن ئاڭلىنىۋاتقان مۇڭلۇق كۈي، يۈرىكىمنى تىترەتتى. بۇ دەل مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، بېتخوۋېننىڭ « تەقدىر» سېمفونىيىسى ئىدى. قەلبىم سۆيۈنۈشكە باشلىدى. ھىلال خۇددى مېنىڭ تېلىفون قىلىدىغىنىمنى بىلىدىغاندەك، بۇ سېمفونىيىنى قويۇپ قويغانىدى. سېمفونىيىنىڭ ئەۋجىدە، ھىلالنىڭ سالامىنى ئاڭلىمىغانىدىم. ئاڭلىمىدىم ئەمەس، قەستەن بىردەم ئۈنسىز تۇردۇم. تېلېفوندىن كېلىۋاتقان سۈزۈك ئاۋاز بۇ سېمفونىيىگە تېخىمۇ سېھرىي كۈچ ئاتا قىلىۋەتكەنىدى.
- قەمەر، بۇ سىزمۇ؟- ھىلال توختىماي سورايتتى. مەن ئۇنىڭ تىنىقلىرىمدىن بىلىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. شۇنداقتىمۇ، يەنە ئۈندىمىدىم.- قەمەر، گەپ قىلىڭا! يەنە گەپ قىلمىسىڭىز تېلىفوننى قويۇۋېتىمەن، جۇمۇ!- ئۇنىڭ تېلېفوننى قويۇۋەتمەيدىغانلىقى ماڭا ئايان، يۈرەكلەر بىر-بىرىنى بىلىشىپ بولغانىدى.
- سىزنى سېغىندىم.- پەقەت شۇنداقلا دېيەلىدىم. ھىلالنىڭمۇ ماڭا شۇنداق دېيىشىنى كۈتكەن بولسام كېرەك، قايتا زۇۋان سۈرەلمىدىم. لېكىن، ھىلال مەن ئويلىغاندەك« سىزنى سېغىندىم» دېمەستىن، «مەنمۇ» دېگەن سۆزنىلا دېيەلىدى. تېلىفوندا يەنە سېمفونىيە ئورۇندىلىۋاتاتتى. ئۈنسىز چاقىرىش، ئېغىر تىنىشلار گىرەلەشكەن. تېخى ئارىلاپ يۈرەكلەرنىڭ سوقۇشلىرىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى. بەلكىم، بۇ مەن زارىقىپ كۈتكەن ۋە ئېچىرقاپ ئىزدىگەن مىنۇتلار بولسا كېرەك.
    ئىسسىق ھەم قاڭسىق زەي پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان ياتىقىمغا پۇراق بەرگۈچ يېقىپ قويدۇم. دېرىزىدىن ياتاققا تۇتىشىغان تار يولغا قاراپلا ئولتۇردۇم. خىيالىمدا، ئۇنى قانداق قۇچاقلاش، سېغىنىشتا ياش تۆككىنىدە نېمە ئارقىلىق بەزلەش، ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بۇرۇن قايتىپ كەلگىنىمنى چۈشەندۈرۈش، ئۇنى ھەقىقىي سۆيۈدىغىنىمغا ئىشەندۈرۈشلا بار ئىدى. كاللامغا بىر تالاي تاتلىق سۆزلەر بىلەن قىل سىغمىغۇدەك باھانىلەرنى تىزىۋالدىم. مۇھەببەت مېنى بارغانسىرى «يالغانچى»، سۆزمەن قىلىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتاتتىم. شۇنداق، مەن يۈزۈم قىزارمايدىغان يالغانچى بولۇپمۇ بولغانىدىم. 
    كۆزلەر ئۇچراشتى. كۆزلەرگە ئەگىشىپ، قەدەملەرمۇ يېقىنلاشماقتا. ھىلال ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى باغرىمغا تاشلىدى-دە، بۇرۇنقىدەكلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ يىغا ئارىسىدا «مېنى ئۇنتۇپلا كەتتىڭ» دەپ پىچىرلاپ تۇراتتى. مەن بىر ياقتىن ئۇنىڭ تال-تال يېيىلىپ تۇرغان چاچلىرىنى تويماي پۇرىسام، يەنە بىر ياقتىن يېنىك تىترەۋاتقان يەلكىسىگە بوشقىنە ئۇرۇش بىلەن تەسەللىي بېرەتتىم.ئۇ ماڭا ھەر قېتىم تىنچلىق سوراشنىڭ ئورنىغا، شۇنداق تاتلىق يىغا ھەدىيە قىلاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ نازلىق خۇلقىغا كۆنۈپ قالغانىدىم. نېمىشقىكىن، ھىلال بۇ قېتىم ناز خۇلقىنى شۇ تەرىقىدە ئۇزۇن داۋاملاشتۇردى. بەلكىم، ئۇ ماڭا بولغان بارلىق سېغىنىشىنى بىر يولىدىلا تۆكۈلۋالماقچى بولسا كېرەك. مۈرەمدىن ئۆتكەن نەم يۈرىكىمگە يەتكەندە، مەن ئۇنىڭ يۈزلىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم. كۆز ياشلىرىدا يۇيۇنغان كىرپىكلىرىگە چوڭقۇر مېھىر بىلەن سۆيۈپ قويدۇم.
    ئۇنئالغۇنى قويۇپ قويدۇم. لىرىك مۇزىكا ئارقىلىق كەيپىمىزنى كۆتۈرۈشنى ئويلىدىم. ھىلالنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، تانسىغا قەدەم ئالدىم. ئۇمۇ كۆڭلۈمدىكىنى تۇيغاندەك، بەك تارتىشىپ كەتمىدى. تەنلەر مەھكەم يېپىشتى، لەۋلەرمۇ جۈپلەشتى. ھىلالنىڭ تىنىقىدىن كېلىۋاتقان ئاتەش، سۆيۈشنىڭ شېرىن لەززىتى مېنىڭ قەلبىمدىكى تۇمانلارنى پۈتۈنلەي ھەيدىگەندەك قىلاتتى.
- قەمەر، ماڭا يۇرتۇڭ ھەققىدە يەنە سۆزلەپ بەرگىنە؟
    ھىلالنىڭ بۇ سۇئالى مېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا نېمىلەرنى سۆزلەپ، نېمىلەرنى سۆزلىمەسلىكنى تېخى تولۇق قارار قىلىپ بولمىغانىدىم. ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىشتىن ئاۋۋال، كاللامغا سۇ كىرمىگىدەك يالغانچىلىقنى قاچىلىۋالغان بولساممۇ، بۇ سۇئال بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئويلىغانسېرى بۇ توقۇلمىلار بىر-بىرىگە ئارلىشىپ چۈشىنىكسىز، باش-ئاخىرى يوق، بىر تالاي چىگىش سۇئاللارغا ئورۇن بەرمەكتە ئىدى.
- ئۈنىڭ ئىچىڭگە چۈشۈپلا كەتتىغۇ؟ ئۆيدىكىلەر «تويۇڭنى قىلىۋېتەيلى» دېسە، قېچىپ كەلمىگەنسەن؟
    ھىلالنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتقان بۇ چاقچىقى مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. مەن بۇرۇنلاردا، ئۇنىڭغا يۇرتىمىز ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىچە يوسۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ تېخىچە ئەنئەنىۋىي قاراش ۋە كونا ئېتىقاد ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، يۇرتداشلىرىمنىڭ زامان يېڭىلىقلىرىدىن تولىمۇ يىراقلىقىنى يادقا بىلىپلا قالماستىن، يۇرتىمىزنىڭ قۇملۇق ئىچىدىكى بىر يېگانە ئارال ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈپ يېتەلەيتتى. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىغا ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم. ھىلالنىڭ ئۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش ئېھتىماللىقى يوق بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ خۇدىكى بولغاچقىمىكىن، يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تېزلەپ كېتىۋاتاتتى.
- دېمەيدىغان گېپىڭ يوقمۇ سېنىڭ! توي قىلىدىغان قىز بۇ يەردە قالغان تۇرسا، نەدىكى تويكەن ئۇ؟- تۇيۇقسىزلا ئېسىمگە كېلىپ قالغان، ئۇنىمۇ خۇشال قىلىدىغان، مېنىمۇ ئوڭايسىزلىقتىن خالىي قىلىدىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ئېسىمگە كېلىپ قالغىنىدىن سۆيۈندۈم. بۇ سۆزلەر بىلەن ھەر ھالدا يالغانچىلىقىمنى چاندۇرماي داۋاملاشتۇرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭغا كەنتىمىز ھەققىدىكى كونا پاراڭلارنى، زور ئىشتىياق بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە ھالقىلىرىغا قەدەر سۆزلەپ بەردىم. ئۇ، بۇ بايانلىرىمنى خۇددى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك، قىزىقىش ھەم ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزلىرىمگە قاراپلا ئولتۇراتتى. بەلكىم، مەن بۇ قېتىم نۇرغۇن يوسۇنلارنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن، بۇرۇنقى بەزى گۇمانىي قاراشلىرىم ھەققىدە كۆپرەك توختىلىپ ئۆتتۈم. ھىلال بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان، يۇرتىمىز توي يوسۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان، «يىگىتنىڭ قىزنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىرىشى» گە كەلگەندە سۆزۈمنى ئۈزۈپ قويدى.
- قەمەر، ناۋادا ئىككىمىز توي قىلىپ قالساق، مېنىمۇ شۇنداق كۆتۈرۈپ ئەكىرەمسەن؟- ھىلالنىڭ بۇ سۇئالنى سورايدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم. ھەم خۇشاللىق ھەم ھەيرانلىق ئىلكىدە ھىلالغا قارىدىم-يۇ، يۇرتۇمدىكى «خوتۇنۇم» نى كۆتۈرگىنىم يادىمغا كېلىۋالدى. ھىلالغا ھەممىنى ئېيتىپ سالىدىغاندەك، بىر خىل چۈشۈنىكسىز ئەندىكىش قەلبىمنى بېسىپ كېلىۋاتاتتى. تىللىرىممۇ ئېغىرلىشىپ، ئۈنۈم ئىچىمگىلا چۈشۈپ كەتتى.- بىز شەھەردە توي قىلىدىغان بولغاندىكىن، بۇ يەرنىڭ قائىدە- يوسۇنى بويىچە بولار ھەقىچان؟- ھىلال ئۆزىنىڭ سۇئالىغا ئۆزى جاۋاب تېپىپ بېرىپ، مېنى تەڭقىسچىلىقتىن ئازاد قىلغانىدى. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى قوللىدىم.
- راست، قەمەر! ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆيۈڭدىكىلەرگە ئېيتتىڭمۇ؟
ئۇنىڭ بۇ سۇئالىنىڭ خېلىلا ۋەزنى بار ئىدى. ئەسلىدە، بۇ قېتىمقى قايتىشىمدا، ئۆيدىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئۇمۇ بىلەتتى. ئەپسۇس، مەن ھىلال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتالمىغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماڭا ئېيتىش پۇرسىتىمۇ بېرىلمىگەنىدى. توينىڭ ھەلەكچىلىكىدە، ئۆزۈمنىمۇ بىلەلمەي يۈرىۋاتسام، بۇ ئىشلارنى قانداقمۇ ئېيتاي. لېكىن، ھىلالغا جاۋاب بەرمىسەم بولمايتتى. ئۇنىڭ جاۋاب كۈتۈپ تۇرغان كۆزلىرىدە، ماڭا بولغان ئىشەنچ ۋە سۆيۈنۈشنى كۆرۈپ، راستىنى ئېيتقۇم كەلمىدى.
    مەن ھىلال ئارانلا ئاڭلىغۇدەك بوش ئاۋازدا، « شۇنداق، ھەممىنى ئېيتتىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بۇ شەھەردە قالىدىغىنىمنى، ھىلال ئىسىملىك بىر قىز بىلەن يۈرىۋاتقىنىمنى ئېيتتىم» دېدىم. شۇ دەقىقىدە، مېنىڭ ئۈچۈن يالغاننى توقۇماق بارغانسېرى ئاسانغا چۈشىۋاتاتتى. ئارقىدىنلا، زۇۋاندار بولۇپ كەتتىم. ھىلالغا ئاتا-ئانامنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى، ئۆزىگە سالام ئېيتىشقانلىقى، ئۇنى تېزرەك كۆرۈش ھەم كېلىن قىلىپ ئەكىرىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى قىزغىن سۆزلەپ بەردىم. بەزىدە، يالغانچىلىقتىنمۇ ئادەم سۆيۈنۈپ قالىدىكەن. شۇلارنى دەۋاتقىنىمدا، ھىلالدىن بەكرەك ئۆزۈم سۆيۈنۈپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
    ھىلال بىلەن بولغان سۆھبىتىم بارا-بارا يۇرت ھەققىدىكى تېمىدىن چەتنەشكە باشلىغانىدى. شۇ چاغدىلا، مەن ئۆزۈمنى ئەشۇ مۇدھىش ئەسلىمىلەردىن يىراقلاشقانسېرى يەڭگىللەپ قېلىۋاتقاندەك، يالغانچىلىقنىڭ ئازابى ۋە خىجىللىقى بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتىم. ئىككىمىز ساۋاقداشلىرىمىز، قىزىقىشىمىز، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ھەققىدە بەس-بەستە سۆزلەيتتۇق. گاھىدا تالىشىپ، گاھىدا ئورتاقلىشىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنىمۇ تۇيماي قالغانىدۇق. پاراڭلىرىمىز ھېچ تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. راستتىنى ئېيتقاندا، سېغىنغان ۋە تەشنا بولغان ئاشىق يۈرەكلەر بىر-بىرىگە قېنىشمايۋاتاتتى. قىزغىن كەيپىيات، ئوتلۇق قاراشلار قورساقنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇلدۇرغانىدى. بارماقلار كىرىشكەن، لەۋلەر شېرىن دەملەرگە چۆمگەن، يۈرەكتىن چىقىۋاتقان سۆيگۈ شادلىقى پەلەككە يەتكەنىدى. 
    ھىلال قولىنى كەينىگە جۈپلەپ، بەدىنىنى يەڭگىل تولغاپ تۇرۇپ «خوش» دېگەندە، ئېسىمگە كەلدىم. ئۇ ھەر قېتىم، مېنى مەشتخۇش لەززەت ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ، شۇنداق خوشلىشاتتى. ئۇنىڭ ئۇچلانغان لەۋلىرى، مېنىڭ سۆيۈپ «خوش» دېيىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك ئۈمچىيىپ تۇراتتى. مەن ئۇنى ئاستا سۆيۈپ قويدۇم. بۇ ئادەتتە ئىككىمىزنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن «خوشلىشىش» ئۇسۇلىمىز ئىدى. بۇ چاغدا، مەن ئۇنى قۇچاقلىمايتتىم. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلدا خەيرلىشەتتىم.
ھىلال كەتتى. ئۇ بۇ يەرگە مېنىڭ تېنىمنى قالدۇرۇپ، روھىمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى. مەن ھامان ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپلا، سېغىنىشنىڭ ئازابىغا دۇچار بولاتتىم. ئۇنى قويۇپ بەرمەسلىكنى، ۋاقىتنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشىنى خىيال قىلاتتىم. لېكىن، خىيال بەرىبىر خىيال پېتى قېلىۋېرەتتى. بۇ گەرچە ھىلالدىن «مەڭگۈلۈك ئايرىلىش» بولمىسىمۇ، قەلبىم بىر خىل ئاچچىق بولۇپ قالاتتى. گەرچە بىر دەملىك ئازابلانساممۇ، بۇ خىل ھېسسىيات تەكرارلىقى ئاستا- ئاستا مېنىڭ ھىلالغا بولغان مۇھەببىتىمنى تاۋلاۋاتاتتى.
    كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان توي ماشىنىسىنى كۆرۈپ، يەنە ئۆزۈمنىڭ تويى ئېسىمگە كېلىۋالدى. چېلىنىۋاتقان ناغرا-سۇناي ئاۋازى، ئۆز تويۇمنىڭ نەغمىسىدەك، يۈرىكىمنىڭ قات-قېتىغا ئۇرۇلدى. شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى ئويلىماسلىق ئۈچۈن، كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم. قارىسى يۈتكەن، ئەمما، يۈرىكىمدىكى ئوتنى ئۇلغايتىپ قويۇپ كەتكەن، ھىلالنى ئەسلەشكە تىرىشتىم. خىياللىرىم ماڭا يول قويمايۋاتقاندەك، ھىلال بىلەن «خوتۇنۇم» ئارىلىشىپ كېتىۋاتاتتى. سۇناينىڭ ئاۋازى يۈتكەن بولسىمۇ، ئوي-پىكرىمنى بىر نۇقتىغا يىغالمايۋاتاتتىم. بىردە ھىلال كۈلۈمسىرەپ تەبەسسۇم قىلسا، بىردە يىراقتىن بىر مەسۈمە يېلىنىش ئىچىدە ئىلتىجا قىلىۋاتاتتى.
    بۇ كېچىنىمۇ ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغاندەك قىلاتتىم. تەگسىز خىياللارنى ھەيدىمەكچى بولدۇم. كۆزۈمنى بىر نۇقتىغا تىكىپ، ئىچىمدە ساناق ساناشقا باشلىدىم. ھەر قانچە قىلىپمۇ، يادقا بولۇپ كەتكەن سانلار قاتارىنى توغرا سانىيالمىدىم. ھىلال بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر دەقىقىلەرنى ئەسلىدىم. ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قۇچىقىدا يېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا باشلاپ كىرمەكچى، «ئاتاق خوتۇنۇم» نى كاللامدىن ھەيدىمەكچى بولاتتىم. بىراق، نېرۋىلىرىمنى تىزگىنلىۋالغان ئەبجەش ئەسلىمە ئۇيقۇمنى ھارام قىلىۋاتاتتى. چارچىغانلىقتىنمۇ ياكى قانائەتسىزلىكىمدىنمۇ، ئىختىيارسىز قەلبىمدە بىر سېلىشتۇرما باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنى ھىلال بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويالمىساممۇ، يەنە خىيال دۇنيارىمدىن ئورۇن بېرىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ توي كېچىسىدىكى بۇقۇلداپ ئۆكسۈشلىرى بىلەن ھىلالنىڭ سېغىنىش ئىچىدە ياش تۆكۈشلىرىنىڭ بىر ئوخشاشلىقى باردەك قىلاتتى. ھىلالنىڭ كۆزلىرىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇ كۆزلەردە، مىسكىنلىككە گىرەلىشىپ كەتكەن سەمىمىي ساداقەت ۋە پاك ئېتىقاد يوشۇرۇن ماراپ تۇراتتى. مەن ئويلىغانسېرى بۇ ئىككى كۆزنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئويلىرىمنى يىغىشتۇرمىسام بولمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ خىلدىكى ئوخشاشلىق قانچىكى كۆپەيگەنسېرى، ئۆزۈمنىڭ ھىلال ئۈچۈن قىلغانلىرىمدىن ئەپسۇسلىنىپ قالىدىغاندەك، مەن تاشلاپ قېچىپ كەلگەن مەسۇمەگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم.
    بۇ كېچە ھىلالنى شېرىن چۈش قوينىغا چاقىرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئۇنى چۈشۈم ئارىسىدىن تاپالمىدىم. پۈتۈن كېچە مېھرى ئىسىملىك «ئاتاق خوتۇنۇم» نى چۈشەپ چىققىنىمغا ھەيرانمەن.


قارا ھىجىران باشقا تېمىلار
قارا ھىجران (1)قارا ھىجران (2)قارا ھىجران (3)قارا ھىجران (4)قارا ھىجران (5)
قارا ھىجران (6)قارا ھىجران (7)قارا ھىجران (8)