باش بەت / ساقلايمەن

قارا ھىجران (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-1-23 18:39 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    چىغىر يول قىرلىرىنى ئورىغان كۆك يانتاقلار گۇگۇم پەردىسىنى يېپىنغاندا، ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان قۇمئارال كەنتىگە يېتىپ كەلدىم. كۆزلىرىمگە تۇنجى بولۇپ تاشلانغىنى يىللاردىن بېرى سۇ كۆرمەيدىغان، كەنتىمىزنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان قۇم ئېقىن بولدى. مەن بالا چاغلىرىمدا بۇ قۇم ئېقىن ھەققىدە تالايلىغان رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەقىلگە تولغانسېرى بۇ رىۋايەتلەرنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. رەتسىز ئورۇنلاشقان پاكار تاملىق ئۆيلەر، بىر-بىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان يالغۇز ئاياق يوللار ماڭا بۇرۇنقىدەكلا كۆرۈندى. قەغەز پارچىسىدا چاپلانغان دېرىزىلەرنى غۇۋا يورۇتىۋاتقان ماي چىراغنىڭ سۇس نۇرى بۇيەردە ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
    مېنىڭ بۇنچە تېز يېتىپ كېلىشىم دادامدا ھېچقانداق غەيرى ئىنكاس پەيدا قىلالمىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا قول ئېلىشىپمۇ قويماي، بېشىنى لىڭشىتىپلا قويدى. ئەمما، ئانام بارلىق سېغىنىشلىرىنى مۇشۇ دەقىقىگە يىغىپ قويغاندەك، باغرىغا مەھكەم بېسىپ، بالا چاغلىرىمدىكىدەك چاچلىرىمنى سىلىغىنىچە يۈزلىرىمگە قانماي سۆيۈپ كەتتى. ئانام بىر ھازاغىچە مېنى باغرىغا يېقىپ تۇرغاچقىمىكىن ياكى بارلىق تۇيغۇلىرىنى يىغىسى ئارقىلىق بىلدۈرمەكچى بولغاچقىمىكىن، دادام گېلىنى قىرىپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ «بولدى، بەس » دېگىنى ئىدى. ئانام ئۈن قويالماي بۇقۇلدىغىنىچە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
    مەن دادام بىلەن ئەزەلدىن ئوچۇق-يورۇق پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدىم. ئاۋۋال ئۇ ئېغىز ئاچمىغىچە مەن زۇۋان سۈرۈشكە پېتىنالمايتتىم. شۇڭلاشقىمۇ، ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز ئولتۇردۇق. ئانام ھايال بولمايلا ھاردۇق ئېشى ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ۋىجىك گەۋدىسىنىڭ كەينىدە يەنە بىر ناتونۇش قىزمۇ بار ئىدى. ماڭا بۇ قىز تونۇشتەك كۆرۇندى، لېكىن قەيەردە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىدىم. ئۇ كۆتۈرۈپ چىققان چاي چەينىكىنى ئانامغا بېرىپ، يەنە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مېنىڭ بۇ قىزنىڭ كىملىكىنى سورىغۇم بولسىمۇ، سوراشتىن قورۇندۇم. ئانامنىڭ كۆزلىرىگە ئېيتىپ بىرىشىنى ئۆتۈنگەندەك قارىدىم. ئاناممۇ ئېيتىدىغان سۆزلىرى باردەك ئېغىزىنى ئۆمەللەپ قوياتتى-يۇ، دادامغا قاراپ يەنە جىمىپ قالاتتى. ئارىمىزدىكى سۈكۈت خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى، ھاردۇق ئېشىمۇ ئىچىلىپ بولدى. دادامنىڭ خۇپتەن نامىزىغا تاھارەت ئالغىلى قارا چۆگۈننى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئانامنىڭ ئېغىز ئېچىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس، ئانام يەنىلا ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
    تاڭ ئېتىشنى كۈتتۈم. ھىلالغا باغلىنىشلىق ئەسلىمىلەر ئارىسىدا بۇ كېچە ئۇيقۇسىز ئۆتمەكتە. يىراقتىن ئۈزۈلۈپ ئاڭلىنىدىغان نەي ئاۋازىمۇ كەلمەيۋاتاتتى. دېرىزىنىڭ سۇنۇق كۆزنىكىدىن چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرى دادامنىڭ قۇش چاڭگىسىدەك بولۇپ كەتكەن ساقىلىنى تېخىمۇ ئاپئاق قىلىپ كۆرسىتىۋاتاتتى. ئىچكىرىدىكى ئۆيدە بولسا، ئانام مەن بىلىشكە قىزىقىۋاتقان، يۈرىكىمدە چۈشۈنىكسىز ئەنسىزلىك ئويغۇتىۋاتقان، ناتونۇش قىز بىلەن بىرگە ئۇخلاۋاتاتتى.
    مېنى تەققازا قىلغان مەزىن ئاخۇنىمنىڭ بوغۇق ئەزان ئاۋازىمۇ ئاخىرى ئاڭلاندى. دادام ئورنىدىن تۇرۇپ بولغۇچە، ئانام ئۇنىڭ تاھارىتىگە سۇ تەييار قىلىپ بولغانىدى. دادام مەسچىتكە يول ئېلىپ، ئانام نامازغا ئولتۇرغىنىدا، ناتونۇش قىزنى خىيال قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئەشۇ تار ھەم قاراڭغۇ ئۆيدە ئىچى سىقىلمايۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ، سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەسلەنگۈسى، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلىشىنى كۆرگىسى كەلمىگەنمىدۇ؟... مەن بۇلاردىنمۇ بەكرەك ئۇنىڭ كىملىكىنى، ئۆيىمىزگە نېمە ۋەجىدىن پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگۈم بار ئىدى.
    بۈگۈنمۇ شۇنداق تىنچ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۆيدىكىلەرنىڭ تېزرەك مېنى چاقىرىتىپ كېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىشىنى ساقلاۋاتاتتىم. خۇددى ئۇلار مېنىڭ ئاۋال ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك، مېنىڭ بىلەن كارى بولماستىن، ئۆزلىرىنىڭ قانداقتۇر بىر ئىشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىشەتتى. 
    يۇرتقا كەلگىنىمگە ئۈچ كۈن بولۇپ قالدى. لېكىن، مېنى بۇ يەرگە ئۇچۇرۇتۇپ دېگۈدەك ئېلىپ كەلگەن خەت توغرىسىدا سۆز تېشىلمەيۋاتاتتى. ناتونۇش قىز بولسا ھامان مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرەتتى. ئۇ مېنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش تۇرماق، بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ قىز قارىماققا مېنىڭدىن خېلىلا كېچىك بولۇپ، بالىلارغا خاس بەزى قىلىقلىرى يەنىلا باردەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ زادى كىملىكىنى ئانامدىن سوراپ بېقىشنى نەچچە قېتىم قارار قىلغان بولساممۇ، يۈرىكىمدە بارا-بارا كۈچىيىۋاتقان تەشۋىش بۇنىڭغا يول قويمايۋاتاتتى.
جىمجىتلىق ۋە بۇرۇقتۇرملىق ئىچىدە، ئارىدىن يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. كىچىكىمدە بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان، ھازىر ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى سانىلىۋاتقان دوستۇم ئەبەينىڭ كەنتتە يوقلىقى مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋاتاتتى. بۇ جەرياندا دادام بىر قانچە قېتىم ئېشەك ھارۋىسى بىلەن يېزا بازىرىغا بېرىپ كەلدى. ئۇنىڭ نېمە سېتىۋالغانلىقى ماڭا نامەلۇم، ئەمما ھەر قېتىمدا مايلىشىپ كەتكەن خۇرجۇنى قۇرۇق ئەمەس ئىدى.
    يەتتە كۈن، مېنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا يەتتە ئەسىردەك بىلىنمەكتە. مەن بۇنداق بۇرۇقتۇرملىقتا يەنە قانچە كۈن ياشايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. خىيالىمدا ھامان ھىلالنىڭ سىيماسى ئەگىپلا يۈرەتتى. ئۇ كۆزلىرىدىن ياش توختىمايۋاتقاندەك، زىناقلىرىدىن كۈلكە يۈتكەندەك مىسكىن ھالەتتە كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. مېنىڭ بۇ ئەسلىمىرىم ئارىسىدا بەزەن، يەنە ناتونۇش قىزمۇ پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ مەسۈم چىرايىدىن خۇش بولىۋاتقانلىقىنى ياكى ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئىپادىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
    يۇلتۇزلارنىڭ كۆز قىسىشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىپ، كۆزلىرىمنى يۇمۇپ، ھىلالغا باغلىنىشلىق تاتلىق ئەسلىمىلەر قوينىدا ئولتۇرغىنىمدا، دوستۇم ئەبەي ھويلىمىزغا كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنى كۆرۇش بىلەنلا، يوقىتىپ قويغان قىممەتلىك نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك قۇچىقىمنى كەڭ ئاچتىم. ئۇ ئارچا ئوتۇنىدەك قېتىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن يەلكەمگە يىنىك ئۇرمىغان بولسا، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۈن قويۇپ يىغلىۋەتكەن بولار ئىدىم.
    مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇڭداشتىم. ئۇنىڭ ئارىلاپ« ئاھ » ئۇرۇشلىرىدىن كۆرگەن كۈنلىرىنىڭ نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. ئىككىمىزنىڭ پاراڭ تېمىلىرى پات-پات يۆتكىلىپ تۇراتتى. ئەشۇ چىگىش تېمىلار ئارىسىدىن مەن ئۆزۈم ئىزدەۋاتقان، ئەمما تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان سىرلىق تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپقان ئىدىم. ئەبەيدىن ئۆيىمىزدىكى ناتونۇش قىز بىلەن مېنىڭ كىچىكىمدىنلا چېتىپ قويۇلغانلىقىمنى، ئۇنىڭ پات ئارىدا مېنىڭ ئايالىم بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۆز قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەيلا قالدىم. شۇ دەقىقىدە تاپىنىمدىن كىرگەن بىر سوغۇق ئېقىم ئاستا-ئاستا پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ، باش تومۇرلىرىم ھازىرلا ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىشقا باشلىدى. روھىمدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بۇ نورمالسىزلىقنى ئەبەيگە چاندۇرماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ، ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم. ئەبەي ئەشۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھكار سېزىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى قاچۇردى. ئەمما قاداق باسقان، يىرىك قوللىرى بىلەن قولۇمنى چىڭ تۇتتى. ھەي، مەن ئۇنىڭغا نېمىمۇ دېيەلەيتتىم. شۇ دەقىقىدە، كۆز ئالدىمدا بىر قاراڭغۇلۇق مېنى تارتىپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بولسا، بۇ ناتونۇش قىز بىلەن ھىلال ئىككىسى مېنىڭ تاللىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك غۇۋا لەيلەپ يۈرەتتى.
    مەن بۇ ئىشلار ھەققىدە دادام ئېغىز ئاچقۇچە، ئاقىلانىلىق بىلەن ئويلىشىپ بىر قارارغا كەلمىسەم بولمايتتى. دادام قاتتىق قول، جاھىل مىجەز ئادەم ئىدى. ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۈنۈملىك چارە تېپىش ماڭا ئاسانغا چۈشمەيتتى. شۇڭلاشقىمۇ، ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. يۈرىكىم ۋاز كېچىش بىلەن قۇربان بېرىشنىڭ ئارىسىدا قىستالماقتا ئىدى. دوستلىرىمدىن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى سورىغۇم كەلسىمۇ، كىمدىن سوراشنى بىلمەيتتىم. چۈنكى، مېنىڭ بۇ يەردىكى دوستلىرىم ئارىسىدا ماڭا ئەقىل كۆرسەتكىدەك بىرەرسى يوق ئىدى. مەكتەپتىكى دوستلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىم يوق بولۇپلا قالماي، ئۇلارغا ئېيتىشتىن ئېھتىيات قىلمىسام بولمايتتى.
    ئەندىكىش، تەشۋىش ئىچىدە كۈتكەن ۋاقىت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. كەنتىمىزدىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۆيىمىزگە يىغىلغان بىر سورۇندا، دادام ئۆزىنىڭ قارارىنى ئېلان قىلدى. بۇ كەنتتە دادامنىڭ خىلىلا يۈز-ئابرويى بار بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئادەم ئۇنىڭ قارارىغا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. ئاقساقاللارغا ئۆزۈممۇ بىلىپ بولالمايدىغان بىر ئۈمىدتە قارىدىم. ئۇلار مېنى بۇ ئازابلىق قوبۇل قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۈستۈمگە قۇت سۆزلىرىنى ياغدۇرۇپلىۋەتتى.
مەن دەرمەھەل قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلەلمىدىم. ئەمما، ئوچۇق ئېيتماي بولمايتتى. يۇرت ئاقساقاللىرى يىغىلغان داستىخاندا دادامنىڭ قارارىنى رەت قىلىش، دادامنىڭ ئابرويىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش بولسىمۇ ئېيتمىسام بولمايتتى. ئېيتساملا، دادامنىڭ ئاچچىق يۇتىۋېلىشىنى بىلەتتىم. شۇڭلاشقىمىكىن، دادامنىڭ يۈزى ۋە ئۆزۈمنىڭ ۋاپادارلىقى ئۈچۈن ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئېيتىشتىن ۋاز كەچتىم. 
    مېھمانلار مېنىڭ بىلەن ئەتەي قېرىشقاندەك كەچ ئۇزىدى. مەن بۈگۈنكى پۇرسەتنى كەتكۈزۋەتسەم بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. بەك كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، دادام بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ياتىدىغان ئۆيىگە كىردىم-دە، ئەدەب بىلەن قول باغلاپ تۇرۇپ:
- دادا، سەن بىلەن سۆزلەشكۈم بار ئىدى؟-دېدىم.
- خوش، ئەركەك!-دېدى دادام كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ھەمدە قول ئىشارىسى بىلەن «ئولتۇرغىن» دېگەننى بىلدۈردى. نېمىشقىكىن، مەن ئولتۇرمىدىم. دادام مېنى كىچىكىمدىن ئەشۇنداق چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. ھازىر چوپچوڭلا يىگىت بولۇپ قالغان بولساممۇ، ئۇ يەنىلا مېنى شۇنداق « ئەركەك » دەپ چاقىراتتى. مەن « بالا دادىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ بالا ھېسابلىنىدۇ » دېگەننى شۇندىلا ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭ كەيپىنىڭ چاغلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ يۈرەكلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.
- دادا، سەن يۇرتىمىزنىڭ چوڭى، ھەممەيلەن سېنى ئوقۇمۇشلۇق ھەم يوللۇق ئادەم دەپ قارايدۇ. مەنمۇ سېنىڭ ئەشۇ خىسلەتلىرىڭدىن پەخىرلىنىمەن. سېنىڭ ئائىلىمىزنىڭ پەدەرى بولغانلىقىڭ بىز بالىلارنىڭ بەخت-تەلىيى.
-« ئوقۇغان ئادەمنىڭ تىلى تاتلىق بولىدۇ ». بۇ گەپنى بىزنىڭ مەتيا نەغمە دائىم دەپ يۈرىيدىغان. بۈگۈن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ ئىشەندىم.
دادام ئاران قۇراشتۇرۇپ ئەمدى باشلىغان گېپىمنى ئۈزۈپ قويدى. موخۇركىغا قىلىۋاتقان پىلتىسىنى تۈكرۈكىدە نەمدىگەچ كۆز ئىشارىسى بىلەن سۆزۈمنىڭ داۋامىغا ئىجازەت بەردى.
- شۇنداق دادا، مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ھەم ھۆرمەتلەيمەن. سەن ھامان ھەر قانداق بىر ئىشتا قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇقسەن. لېكىن، بۈگۈنكى توي ھەققىدىكى قارارىڭنى مەن قوبۇل قىلالمايمەن. چۈنكى...- مەن ئاۋال ئۇنى تەسىرلەندۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۆتمەكچى ئىدىم. ئەپسۇس، سۆزۈمنىڭ داۋامى ئىچىمدىلا قالدى.
- توي قىلمايمەن دېگىن. ئەركەكنىڭ گېپى ئەمەسقۇ بۇ.
دادامنىڭ سۆزۈمنى ئېيتىپ بولماستىنلا، چېچىلىپ قالىدىغىنىنى ئويلىمىغان ئىدىم.
- مەن كىم؟ مەن دېگەن باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئالىدىغان، يەنە كېلىپ ئۆز سۈيدۈكىمدىن تامغانلارنىڭ پىكرىنى ئالىدىغان ئادەممۇمەن. قېنى سەن خوتۇن! ئېيتىپ باققىنا؟ بۇ يۇرتتا كىم مېنىڭ ئېغىزىمنى غېرىچلاپ باققان. مۇنۇ توڭ سويما چوڭ بوپتۇ، دادىسى بىلەن زاكۇنلاشقىدەك يۈرىكى يوغىناپ كېتىپتۇ.
- مەن توي قىلمايمەن دېمىدىم، مېنىڭ تېخى ئوقۇشۇم تۈگىمىدى. شۇڭا توينى كېيىنچە...
    دادام مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتىۋاتقان ئېغىزىمغا ئۇرىدىغاندەك، ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىپ، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، زەردە بىلەن شىلتىپ تۇرۇپ تېخىمۇ ئەزۋەيلەشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق ئاچچىقلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ تۈرۈلگەن چىرايى بارغانسېرى قارىداپ كېتىۋاتاتتى.
    - مەن سېنىڭ ئوقۇشۇڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن. مەن سېنىڭ يېشىڭدا ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ بولغانمەن. ئەبەيگە قارىغىنا، ناماننىڭ ئاشۇ ھاڭۋاقتىسى جېنىدا دادا بولۇپ يۈرىدۇ. سەنچۇ؟ ئوقۇمىغىن دېسەم، ھېلىقى بىر كۆزى ئاق ئەپەندەڭنى باشلاپ كەلدىڭ. ئۇنى ئاز دېگەندەك، يېزا باشلىقىنىمۇ سالاغا قويدۇڭ. ئەنە شۇلارنىڭ يۈزىگە كېلەلمەي، «بىرەر يىل ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، تويىڭنى قىلىۋېتەمەن» دېسەم، بىر كەتكەنچە تۆت يىل يوقالدىڭ. ئەمدىلىكتە-زە، يەنە ئوقۇيمەن دەيسىنا!
    مەن يەنە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ئۆزۈمنى كەينىگە قاچۇراتتىم. ئانام دادامنىڭ ۋاقىراشلىرىنى ئاڭلاپ كىرگەن چېغى، ئىشىك تۈۋىدىلا تۈگۈلۈپ ئۈنسىز تۇراتتى.
    - مەن سېنى ئەركەك دەپ بېقىپ كېلىۋاتىمەن. سېنىڭ خوتۇننىڭ ھۆدىسىدىن چىققۇچىلىكىڭ يوقمىدى. بۇ يۇرتتا مېنى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرگىلى قوي. ئاۋۇ، مۆرىمەس ئاناڭدىن سوراپ باق، مەن تويۇڭنى قىلىمەن دېسەم، كىم مەن كېرەمبايغا بىر نەرسە دېيەلەيدىكىن. ئەركەك دېگەن خوتۇن ئالىدۇ. تويدىن كېيىن دىتىڭغا ياقمىسا، تالاق قىلىۋەتكىن! مەن يەنە ئۆيلەيمەن!...
    ئەمدىلىكتە يەنە گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمايۋاتاتتى. دادامنىڭ ئېغىزىنىڭ بۇزۇقلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى. مېنىڭمۇ بەزەن مىجەزىم ئۇنى تارتقاچقىمىكىن، تەرسالىقىم تۇتقان ئىدى. ئانامنىڭ پېشىمنى تارتىشىغا قارىماي، دادام بىلەن يۈزلەشتىم.
    - مەنمۇ ئۆزۈمنى ئەركەك ساناپ كېلىۋاتىمەن. مېنى ۋاپاسىز ئوغۇل دېسەڭمۇ دېگىن. خۇددى سەن مېنىڭ پىكىر قىلىشىمغا يول قويمىغاندەك، مەنمۇ سېنىڭ مېنىڭ كەلگۈسۈم ھەققىدە قارار چىقىرىشىڭغا يول قويالمايمەن. 
    - سەن كۆك سۈيدۈكنىڭ بۇ توينى قىلمىغىنىڭنى بىر كۆرەي. ھارامدىن بولمىغان بولساڭلا، مېنى يۇرت ئالدىدا لەت قىلمايسەن.
    - بۇ مېنىڭ ئۈچۈن توي ئەمەس، بەلكى بىر ئۆلۈم.
    - قارا، رابى! سەن ئاقىل سانايدىغان، دائىم يان باسىدىغان ئارزۇلۇقىڭنىڭ گېپنى. بىر خوتۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇچىلىكى باركى ئادەم، بۇنداق دىتى يوقلۇق قىلمايدۇ.
     - ئادەم مۇھەببەت بىلەن كۆكلەيدۇ ۋە ياشنايدۇ. سېنىڭ قارارىڭ ئىككى ئادەمنى تىرىك ئۆلتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەركەكلەر بۇنداق بولمايدۇ، ئۇلاردا مۇھەببەت ھەم غورۇر بولۇشى كېرەك.
    - ھەي، سەمى! بۇنى قوي ئېغىلىغا سولاپ قويغىن. ئۇ كۆك قوچقاردىن ئەركەكلىكنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگەنسۇن!
    دادامنىڭ ئاچچىق گەپلىرى غورۇرۇمغا تېگىۋاتاتتى. «نېمىلا دېمەي، ئەسكى بولسىمۇ دادام ئەمەسمۇ » دەپ ئويلىدىم. يەنە گەپ تالىشىشقا بالىلىق بۇرچۇم يول قويمىدى. ئانامنىڭ پېشىمنى تارتىۋېرىشى مېنى تېخىمۇ پەسكويغا چۈشۈرىۋاتاتتى. ئاكاممۇ دادامنىڭ بايامقى گېپىنى بۇيرۇق بىلىپ، يېتىپ كەلگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايمەن. چۈنكى، ئۇ بىر ئۆمۈر دادامنىڭ ھەربىر سۆزىنى ئۆزى ئۈچۈن «خان پەرمانى » دەپ ياشاپ كېلىۋاتاتتى. دادام موخۇركىنىڭ ئاچچىق ئىسى پەيدا قىلغان يۆتىلىنى ياندۇرالمايۋاتقان پۇرسەتتە ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم. 
    يېڭى كۆتۈرۈلگەن ئاي بۇلاق سۈيىدە لەرزان تەۋرەنمەكتە ئىدى. يۈزۈمنى سۆيۈپ تۇرغان ئاي نۇرى دادامنىڭ يۈرەككە تەككۈدەك گەپلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان بولسا كېرەك، ھىلال يەنە كۆز ئالدىمدا، ئەشۇ كىچىك بۇلاقتا غۇۋا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىدىن مېنى سېغىنغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ئارقىلىق مېنى بەخت قوينىغا چاقىرماقتا ئىدى. ئۇ نېمىشقىكىن، بۇ قېتىم يېغلىمىغاندەك قىلاتتى. بۇ كۆزلەر مېنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، بارلىقىنى ماڭىلا بېغىشلاشنى خالايدىغانلىقىنى سۆزلەۋاتاتتى. مەن ئەشۇ ئوماق كۆزلەر ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇ توينى رەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئۈن-تىنسىزلا ئەشۇ كۆزلەر ئىچىگە كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم.
    بۇلاققا تۇتىشىدىغان چىغىر يولدىن كېلىۋاتقان ئاياق تىۋىشى تاتلىق خىياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى. نارازىلىق ۋە ئېرەنسىزلىك بىلەن ئاياق تىۋىشى كېلىۋاتقان ياققا قارىدىم. تونۇش ھەم ناتونۇش سايە ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى. شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنى قاچۇرغۇم بولسىمۇ، قاچۇرالمىدىم. بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بۇ ئاياق تىۋىشى باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، دەل مېنىڭ ئەتىكى «خوتۇنۇم » نىڭ ئىدى. مەن بۇنىڭ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ياكى مەخسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىگە بىر نەرسە دېيەلمەيتتىم. ئەمما، ئۇ يەنىلا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئاستا كېلىۋاتاتتى. مەن خۇددى ئۇنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك، قولۇمدىكى تاش پارچىسى ئىختىيارىسىز بۇلاققا چۈشۈپ كېتىپ، يېنىڭ مۇزىكا ئاۋازىدەك ياڭراپ ئۆچتى. تەرەببال كەلگەن بۇ مېھمان شۇ چاغدىلا قەدىمىنى توختىتىپ، ئەتراپقا زەن قويۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرىدە ھەيرانلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە يوق ئىدى.
    بۇ ھەقىقەتەن بىر قېتىملىق تاسادىپى توغرا كېلىپ قېلىش ئىدى. ھەر ئىككىمىزنىڭ بىر بىرىمىزگە قانچىلىك ئۈنسىز قاراپ تۇرغىنىمىزنى بىلمەيمەن. ئۇ بۇلاق بار يەرگە خاتا كېلىپ قالغانمۇ ياكى مەن ئۇنىڭ پىنھان ئارامگاھىنى تارتىۋالدىممۇ؟ بۇ ماڭا قاراڭغۇ ئىدى. ئۇ ھەم قىيالمىغاندەك ھەم چۆچىگەن تۇيغۇدا كۆزلىرىنى كۆزلىرىمدىن قاچۇردى-دە، ئارقىغا ياندى. مەن ئۇنى چاقىرۋالماقچى، بۇ ئارامگاھىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم. لېكىن، تىلىم تۇتۇلۇپ قالغاندەك چاقىرالمىدىم. چاقىرغان بولساممۇ ئۇنى نېمە دەپ چاقىرىشنى بىلمەيتتىم. چۈنكى، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم.
     يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئاياق تېۋىشىغا قاراپ، ئۇنى يەنە چاقىرىۋالغۇم كەلدى. قەلبىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ھېسلار كۈچىمەيلا بىر ئىسىمنى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ چاقىرماقتا ئىدى.
    - ھىلال...


قارا ھىجىران باشقا تېمىلار
قارا ھىجران (1)قارا ھىجران (2)قارا ھىجران (3)قارا ھىجران (4)قارا ھىجران (5)
قارا ھىجران (6)قارا ھىجران (7)قارا ھىجران (8)