باش بەت / ساقلايمەن

قارا ھىجران (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-1-23 18:31 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    مۇڭلۇق نەي ئاۋازى مېنى ئاخىرى بىر تال تاماكا چەككۈزدى. سەرەڭگىنىڭ سۇس چاقنىشى ئۇنىڭ ئوماققىنە، چىرايلىق يۈزلىرىنى غىل- پال يورۇتۇپ ئۆچتى. ئەنە شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭغا قانداقلارچە قاراپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان، تېخى ۋايىغا يەتمىگەن بىر جۈپ كۆكسى، قار گۈللىرىدەك ئاق تېنى، ئەركەكلىك مەۋسۈمىگە يەتكەن ھەرقانداق بىر يۈرەكنى مەپتۇن قىلارلىق بولسىمۇ، مەندە يەنىلا قىزىقىش تۇيغۇلىرى ئويغانمايۋاتاتتى.
    دېرىزىدىن چۈشۈۋاتقان ئاي نۇرى ئۇنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن. مەن بۇ مەنزىرىگە قايتا قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن، كۆزلىرىمنى مەھكەم يۇمىۋالدىم. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ يېنىك تىنغاندىكى ئىسسىق نەپىسى بەدىنىمگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىپ، خىيال ئارقىلىق بۇلارنى ئۇنۇتماقچى بولدۇم. راستىمنى ئېيتسام، بۇ چاغدا نېمىلەر ھەققىدە خىيال قىلىدىغىنىمنى بىلمەيمەن. مېنىڭ ئاراملىقىم ئۈچۈن قانداقلا خىيال بولسا بولىۋېرەتتى. لېكىن، بارلىق خىياللىرىم يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئەشۇ نىپىز ۋە يۇمشاق يىپەك ئىچ كىيىم ئىچىدىكى تەن كۆز ئالدىمدىن نېرى بولمايتتى.
    دېرىزە تۈۋىدىكى پىچىرلاشلارنىڭ بېسىققىنىغا خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرەر ئېغىز پاراڭلىشىپ باقمىدىم. مېنىڭغۇ پاراڭغا زوقۇم يوق. ئۇنىڭمۇ جىمجىت ياتقىنىنى كۆرمەمدىغان، ئۇنىڭ بۇنچىلىك نومۇسچان ۋە ھايالىق ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. ناۋادا ئۇ ئېغىزلا ئاچىدىغان بولسا، مەنمۇ ئۆزۈم تۇيمىغان ھالدا پاراڭغا كىرىشىپ قالاتتىم-دە، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىقىم يوققا چىقاتتى. ۋەدىلەرگە ئىشىنىپ كۈتىۋاتقان تۇم قارا بىر جۈپ كۆز، ئەلەم كۈيلىرى بىلەن بۆلۈنۈپ، ھاياتنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ماڭا نەپرەت بىلەن قارايتتى. ئىلاھىم، ئۇنى بۇ بىر كېچە، پەقەت مۇشۇ بىر كېچىلا ئېغىز ئاچقۇزمىغايسەن!
    بۇ كىچىككىنە ھۇجرا ئۆي تومۇزنىڭ ئىسسىقىدا خۇددى تونۇرغىلا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. ئۆزۈمنى سەگىتىش ئۈچۈن دېرىزىنى ئېچىۋىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، يەنە ئاچقۇم كەلمىدى. دېرىزە يوچۇقىدىن دەم يوقىلىپ، دەم پەيدا بولۇپ قېلىۋاتقان سايىلەرنىڭ پىچىرلاشلىرىنىڭ كەيپىمنى تېخىمۇ ئوسال قىلىۋېتىشىنى خالىمايمەن. ئۇلارنىڭ بىمەنە چاقچاقلىرى، ئەرلىكنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرۇپ ياكى ئاڭلاپ تۇرۇشىدىن بىزارمەن. بۇ يەردە ئەشۇنداق ئادەم قوبۇل قىلالمايدىغان، قوبۇل قىلمايمۇ ئامالسىز قالىدىغان قائىدە- يوسۇنلار بەك كۆپ بولۇپ، بۇ كېچە دېرىزەمنى «باققۇچىلار»نىڭ تۈنەيدىغانلىقىغا ئەجەبلىنىشنىڭ بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا، دادامنىڭ «ئەبەي، ماۋۇ خۇمپەرلەرنى ھەيدە!» دېگەن بوم، قوپال ئاۋازى مېنى بۇ ئويدىن خالاس قىلغانىدى.
    ئىسسىق ئەدىگەنسېرى ئىچىم سىقىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئىسسىققا قانداق چىداۋاتقانلىقىنى سوراپ باققۇم كەلدى. لېكىن، سورىمىدىم. پۈتۈن بەدىنىمدىن يامغۇردەك تەر قۇيۇلۇشقا باشلىغاندا، دېرىزىنى قىيا ئېچىۋېتىش ئۈچۈن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇ مېنى سىرتقا ماڭدى دەپ خىيال قىلدىمىكىن، قىيلىنىپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا سورىدى: 
    - توي كېچىسىمۇ قىزنى يالغۇز تاشلاپ قويىدىغان يىگىت بارمىدۇ؟
ئاھ، تەڭرىم! ئۇنىڭ ئېغىزى ئاخىرى ئېچىلدى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ تىلسىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئەسلىدىلا ئۇنىڭ ئەشۇ يۇمران ۋە سۈزۈك ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالىمايتتىم. شۇ ۋەجىدىن سۇئالىنىمۇ جاۋابسىز قالدۇرۇشۇم تەبىئىي ئىدى. لېكىن، ئۇ بۇ كېچىنىڭ توي كېچىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە سالمىغىنىدا، مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن بولاتتىم. مەن ئۇنىڭغا سۇس ئاي نۇرىدا پەرۋاسىزلا بىر قاراپ قويدۇم- دە، دېرىزە تەرەپكە ماڭدىم. ئەشۇ بىر قېتىملىق قاراشنىڭ خاتا ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ تەبەسسۇم ئورنىنى ئىگىلىگەن ئازابلىق چىرايىدىن ئۆتۈنۈش ۋە تەلمۈرۈش ماراپ تۇرغان كۆزلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئوت ئۇچقۇنى يۈرىكىمگە چوغ تاشلىدى.
    دېرىزىنى قىيا ئېچىپ قويۇپ ئورنۇمغا، چوغلىنىشنى كۈتىۋاتقان ئوتنىڭ قېشىغا قايتقۇم كەلمىدى. كېچىنىڭ نەمخۇش شامىلىغا يۈزۈمنى يېقىپ، مەيىن شامال ئېلىپ كەلگەن ياۋا گۈل ھىدلىرىدىن بەھىرلەنگۈم، بارا- بارا يىراقلاپ كېتىۋاتقان مۇڭلۇق نەي ئاۋازىنى بىردەم ئاڭلىغۇم كەلدى. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى يوقىتىۋاتقان، چۈشىنىكسىز ھېسلار ئىچىدە ھەرەج تارتىۋاتقان تۇيغۇلىرىمنى تىنچلاندۇرماقچى بولدۇم. توسۇن تايدەك خىياللىرىم بۇنىڭغا يول قويامدۇ يوق بىلمەيمەن. ھەر ھالدا ئۇ قايتا ئېغىز ئاچمىدى. ئۇ مېنىڭ بىر قارارغا كېلەلمەي قىيلىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلغاندەك قىلاتتى. ئەمما، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى توي كېچىسىنى ئازاپ ۋە زارىقىش ئىچىدە ئۆتكۈزگۈسى يوق بولسىمۇ، بەك تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇشنى، چاقىرغۇسى كەلسىمۇ چاقىرىشنى خالىمايۋاتاتتى.
    ئۇ كەنتىمىزدىكى قىزلارنىڭ كۆزى ئىدى. قىرلاردىكى ئەمەن گۈلىدەك، ھەممىنى كۆيدۈرگەن، ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىسىدەك تالاي كۆزلەرنى ئۆزىگە قاراتقان لەۋەن قىز ئىدى. ئۇ قارا سۇمبۇل چاچلىرىغا ئېسىلىپ قالغان يۈرەكلەرنىڭ نالىسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقاندەك، ئالاھىدە بېزەلگەن بۇ ھۇجرىدا يالغۇزلۇق ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مېنىڭدەك بىر ئادەمنىڭ ئايالى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان بولغىيدى؟ لېكىن، بۇ بىر ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان رېئاللىققا ئايلىنىپ، مېنىڭ رەھىمسىزلىكىم ئاستىدا ئەپسۇسلىنىشتىن باشقا يەنە نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىدى. ياق، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى بۇنداق ئار-نومۇسنى كۆيدۈرىدىغان ھاقارەت ئەمەس، باشقىلار بېرەلمەيدىغان سۆيۈنۈش، سۆيۈش ۋە بەخت بولۇشى كېرەك ئىدى.
ئۇنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسى ھەققىدە قانداق ئويلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن. چۈنكى، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم بىلەن ئۇنىڭ خىياللىرى بۇ كىچىك ھۇجرىغا ئىككىمىز سىغقاندەك، ئۆز ئارا سىغىشالمايدۇ. ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش گۈزەل ئارزۇلىرى، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بىخلىنىشنى كۈتۈۋاتقان شېرىن ئارمانلىرى بار. بۇ ئارزۇ- ئارمانلارنىڭ بىر كېچىدىلا كۆرۈشنى كۈتمىگەن چۈشتەك كۆپۈككە ئايلىنىپ، ئازاب ۋە ھەسرەت تۇمانلىرى ئارىسىدا قالىدىغىنىنى تېخى ئويلاپ يېتەلمىگەن بۇ مەسۈمە يەنىلا كۈتۈش ۋە ئۈمىدلىنىش ئىچىدە تولغىنىۋاتاتتى.
    ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم. ئۇ مېنىڭ زورىغا قىلغان بۇ ھەرىكىتىمدىن تەسەللىيگە ئېرىشەلەيتتى. مەن بۇ تەسەللىينىڭ ئويلىمىغان يەردىن، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قېلىشىدىن خاۋاتىرلىنىپ، بۇ ئويۇمدىن يالتىيىۋالدىم. تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن سەرەڭگە يېقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ئادەم، ئەشۇ قوللارنى قانداقمۇ تۇتالىسۇن؟ «ئوتنى كۆچىدۇ» دەيدىكەن، كۆچكەن ئوتلار ئارىسىدا قېلىشنى، ئوت ئىچىدە تۇرۇپ ئوت تەلەپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىمنى، ئۇ قانداقمۇ ھېس قىلالىسۇن؟!
    بۇ كىچىك ھۇجرىغا سولىنىپ قالغانلىقىمدىن ئازابلىنىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتتا، ئۇنىڭ ئازابلىرىنى يەڭگىللەتكىدەك تەسەللىي مەندە يوق ئىدى. قەلبىمنى بىر خىل ئۆرتىنىش تۇيغۇسى ئىگىلىۋالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈلچەكلىكى ۋە ۋاپادارلىقىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مەھىشىتى، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش تالاي ئادەملەر ئۆزگەرتەلمەيدىغان بۇ قائىدە- يوسۇنلارنىڭ ئاتالمىش سائادىتى ئىدى. ئەقىدىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان بۇ ناتىۋان يۈرەكلەر چۇقان سېلىشنىڭ ئورنىغا، تۈگىمەس كۆز يېشى ۋە قايغۇ- ھەسرەتلەرنى كۆتىرىشكە مەجبۇر بولىۋاتاتتى. ھەي، مۇشۇمۇ ئەقىدە ۋە ۋاپادارلىق جۈملىسىدىنمۇ؟ باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى بەدىلىگە كېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋاپادارلىقتىن بىزار بولساممۇ، رەت قىلىشقا يەنىلا ئاجىزلىق قىلغانىدىم.
دېرىزەم ئۈستىدىلا تۇرغان ھىلال ئاي بارا- بارا يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى. خىياللىرىم ئۈزۈلگەن پۇرسەتتە ئۇنىڭغا ئوغۇرلۇقچە قاراپ باقماقچى بولدۇم. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئاقار يۇلتۇز بۇ ئويۇمنى يوققا چىقاردى. بىر مەھەل ئىز قالدۇرۇپ ئېقىپ كېتىۋاتقان يۇلتۇزغا قاراپ، ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىنى خىيال قىلماقچى بولدۇم. ئاقار يۇلتۇزنىڭ يىراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، قالدۇرغان يورۇق ئىزلىرىمۇ ئۆچۈپ بېرىۋاتاتتى. تۈن قاراڭغۇسى ئاخىرى ئۇنى يۇتۇپ كەتتى. مەن تەلمۈرۇش ۋە ئۈمىدلىنىش ئىلكىدە، ماڭا قاراۋاتقان مەسۈمەنىڭ بۇ يۇلتۇزدەك بولۇپ قېلىشىنى ئويلاشقىمۇ يۈزۈم يوق ئىدى. ئۇ بۇ يەردىكى ئاقار يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى ھىلال ئاي ئىدى. پات ئارىدا بۇ ھىلال ئاينىڭ مېنىڭ قولۇمدا بىر ئاقار يۇلتۇزغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى.
    شۇ تەرىقىدە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ. دېرىزەمدىن ئاي نۇرى كېتىپ، سۈبھىنىڭ شولىسى كىرىشكە باشلىدى. تاڭ شەپىقىنىڭ ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋەتكەنلىكىنى قارىمايمۇ ھېس قىلالايتتىم. ئۇنىڭ جۈپلەشكەن كىرپىكلىرىگە شەبنەم چۈشكەندەك، ياش تامچىلىرى ئۇپۇق تەرەپتىن كەلگەن غۇۋا يورۇقلۇقتا يالتىراپ تۇراتتى. گۈل بەرگىدەك ئوماققىنە يۈزلىرى ياستۇققا كەشتىلەنگەن گۈللەر ئارىسىدا، باشقىچە جۇلالىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەشۇ بىر ئېغىز سۆزىنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقىدىنمۇ ياكى قايتا ئېغىز ئېچىشنى نومۇس بىلدىمۇ قايتا ئۈن چىقارمىدى ھەم مېنى چاقىرمىدى. ئەمما، ئېغىر ئۇھ تارتىپ، بۇ كېچىنى ماڭا ئوخشاش ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى. 
    شۇنداق، ئۇ توغرا ئېيتقان ئىدى. بۇ كېچە ئىككىمىزنىڭ توي كېچىسى ئىدى. بۇ كېچىنى جىمجىتقىنا ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر ئازاپ ۋە تۈگەتكۈسىز ھاقارەت تۇيۇلسىمۇ، ماڭا بەرىبىر ئىدى. ئۇنى تالاي رەت بەزلەپ قويۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، يەنە نېمىشقىدۇر رايىم بارمىدى. ھېلىقى ئوتنىڭ ئارىسىدا قېلىشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈنلا، ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن ھال رەڭ شولىلارغا كۆمۈلۈپ، خوشلىشىش ئالدىدا گۈل بەرگىلىرى ئارىسىدىكى ئاينى سۆيۈپ قويۇشتىن ۋاز كەچتىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ ئوتسىزمۇ ئوت ئىچىدە ئىكەنلىكىمنى ئۇ بىلمەيتتى. قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتقانلىقىمنى، ئۆزۈمنى بۇ ئوتتىن ئېلىپ قاچالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بەرگۈم، ئۇنى ۋاز كېچىشكە ئۈندىگۈم كەلگەن بولسىمۇ، ئوتنىڭ ئوت بىلەن گىرەلىشىپ قېلىشىنى خالىمىدىم.
    ئىشىك يېنىك چېكىلدى، بۇ يېڭى كېلىنچەك يەڭگىلىرىنىڭ تاڭ ئاتقانلىقىدىن بەرگەن بىشارىتى ئىدى. مېنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ قاباھەتلىك كېچىمۇ ئاخىرلاشتى. مەندە بىردىنلا، ئۇنىڭغا خوش دەپ قويۇش ئىستىكى تۇغۇلدى. يەنە خوش دېمەيلا چىقىپ كېتىشنى توغرا كۆرۈۋاتاتتىم. بۇ كېچىنىڭ توي كېچەم ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، قايسى قارارىمنىڭ ئاقىللىق ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي بىر دەم تۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى توي كېچىسى خاتىرىسى ئۈچۈن خوشلاشماقچى بولدۇم. ئەمما، ئۇ ياتقان يەردىن كېلىۋاتقان ھەسرەتلىك بوش ئېسەدەش، مېنىڭ خوش دېيىشىمگە يول قويمىدى.
    نەي ئاۋازى بەكلا يىراقلاپ كەتكەن ئىدى. دېرىزىدىن ئاڭلىنىدىغان ئاۋازلارمۇ يىتكەن بولۇپ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى بەزەن ئاڭلىنىپ قالاتتى. ئىشىك قايتا چېكىلدى. بۇ چاغدا قۇش كۈيلىرى ئەدەشكە باشلىغان بولسىمۇ، قۇلاقلىرىمغا ئەشۇ بوش ئېسەدەشتىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمىدى.


قارا ھىجىران باشقا تېمىلار
قارا ھىجران (1)قارا ھىجران (2)قارا ھىجران (3)قارا ھىجران (4)قارا ھىجران (5)
قارا ھىجران (6)قارا ھىجران (7)قارا ھىجران (8)