باش بەت / ساقلايمەن

قارا ھىجران (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-1-23 18:35 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم


    يالغۇز مېنىڭلا بارلىقىم ھەقىقەت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مېنىڭ تويۇمنى قىلىشى ئەقىلگە سىغمايتتى. ئويلىغانسېرى بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپالماي قېلىۋاتاتتىم. پوچتالىيون كېتىپ قالدى. قولۇمدىكى لىپاپنى ئېچىشقا نەچچە رەت تەمشەلگەن بولساممۇ، چۈشۈنىكسىز ئەندىكىش ئىچىدە ئاچالمايۋاتاتتىم. بىنا چېتىدىن خالىي بىر جاينى تاپقاندىن كېيىن، خېلى بىر ھازاغىچە دىلغۇلدا بولدۇم. ۋاقىت قىستاپ كېلىۋاتاتتى، تېزدىن بىر قارارغا كەلمىسەم دەرسكە كېچىكىپ قالاتتىم. كۆڭلۈمدىن كېچىۋاتقان تۈمەن خىل ئويلار ئۈستىدىن ئاخىرى غالىپ كېلىپ، لىپاپىنى ئاچتىم. بىرلا قاتلانغان، ئۆلچەمسىز قەغەزگە يېزىلغان قۇرلارغا قاراپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، يەر- جاھان پىقىراۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئەشۇ قۇرلارنى قايتا ئوقۇغۇم كەلمىدى، بۇ قۇرلار مېنىڭ تەقدىرىمنى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتىشكە قادىر ئىدى. قىسقا، ئەمما قەتئىي تەلەپپۇزدا يېزىلغان قۇرلار مۇنداق ئىدى:
    « توي تەييارلىقى پۈتتى، سېنىڭ يولۇڭغىلا قاراپ قالدۇق. بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان يولغا چىققىن ».
    خەتكە ئىمزا قويۇلمىغان بولسىمۇ، بۇ خەتنىڭ دادامنىڭ قولى ئارقىلىق يېزىلغانلىقىنى بىلدىم. توي، بۇ زادى كىمنىڭ تويى؟ بۇ سۇئال مېنى ھەقىقەتەنمۇ گاڭگىرىتىپ قويغانىدى. ئاكام بۇرۇنلا توي قىلىپ بولغان بولۇپ، ئائىلىمىزدە توي يېشىدىكىلەرنىڭ يوقلىقى ماڭا ئايان ئىدى. پۈتۈن جەمەتىمىزدە توي يېشىغا يەتكەنلەردىن خەيرىيەت، بۇ توينىڭ كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يۇرتقا بېرىش ياكى بارماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشىم بەكلا زۆرۈر ئىدى. دادامنىڭ مىجەزىنىڭ چۇسلىقى، قاراملىقى، ئۆز خاسلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە يەڭگىللىك بىلەن بىپەرۋا قاراشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. مېنىڭ يېشىم جەمەتىمىزنىڭ توي قىلىش ياش ھالقىسىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنىدى. بەلكىم، مېنىڭ بۇ تەرەپلەردىكى سۇس تەۋرىشىم، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشىنى تېزلىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ شۇنداق ئاتا ئىدىكى، پۈتۈن جەمەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇراتتى ۋە ئاخىرقى قارارنى ئېلان قىلاتتى. ئۇنىڭ كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئالغىنىنى بىلمەيتتىم، ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى بىكارغا ئاققان ئەمەس ئىدى. مەن ئۇنىڭ ھاياتىدا بىرەر قېتىم قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئاقىلانىلىك بىلەن ئېيتقاندا، ئۇنى بىر قېتىم يول قويدى دېيىلسە، دەل مېنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمغا پۇرسەت بەرگىنىنى دېيىشىم مۇمكىن. بۇ مۇنداقلا ئېيتىلغاندەك ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، مۇئەللىمىم بىلەن يېزا باشلىقىنىڭ ئارىغا چۈشىشى ئارقىلىق، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ رازىلىق بەرگەن ئىدى.
    ئەشۇلار خىيالىمدىن كەچكەندە، ئۆزۈمنىڭ بەزەن چاغلاردا دادامنى تارتىپ قالمىغىنىمغا ئۆكۈنۈپ قالدىم. بارا - بارا قەلبىم ئاچچىق بىر خىل ھېسلارغا تولماقتا ئىدى. ئاچچىق ئەقلىمنى كەسمەكتە، يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە قىزىقىش ۋە ھەۋەس ئويغانغاندەك بولۇۋاتاتتى. مەن ئارىسالدىلىق ئىچىدە قانچىلىك ئۇزۇن تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. دەرس ۋاقتى توشۇپ قالغانىدى. چوقۇم بىر قارارغا كېلىشىم كېرەك. تۇيغۇلىرىم كۈرەشنى باشلىۋەتتى، تەقدىر ئۆزگەرتكۈچى بۇ دوئېل ھامان مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئاخىرلىشاتتى.
    كېچىلىك ئابتوبۇسقا ئاران ئۈلگۈردۈم. بۇ ئۇزۇن سەپەر ماڭا تېخىمۇ ئۇزۇن تۇيۇلۇشقا باشلىدى. پۈتۈن يول بويى ھىلالنى خىياللىرىمدىن نېرى قىلالمىدىم. ئۇنىڭ تۇم قارا كۆزلىرى، ھېلىلا تۆكۈلۈپ كېتىدىغاندەك تال - تال كىرپىكلىرى نەملەنگەن بولۇپ، ئالقانلىرىم ئارىسىدىكى بارماقلىرى يېنىك تىترەۋاتاتتى. ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ھەر ئىككىمىز بۇزۇشنى خالىمىغاندەك، ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن بەنت ئىدۇق. پەقەت ھىلال بۇ ئايرىلىشنىڭ ئاداققى قېتىملىق ئۇچرىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تۇيۇۋاتقاندەك ئارىلاپ «ئۇھ» تارتىپ قوياتتى.
    - مەن سېنى قاچان كۆرەلەيمەن؟ 
    ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا قانداق جاۋاب بېرىشنى ، ئۆزۈممۇ بۇ كېتىشىمدە قاچان قايتىپ كېلىشىمنى، قايتىپ كەلگىنىمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە يول بار- يوقلىقىنى بىلمەيتتىم. شۇنداقتىمۇ پەرىزىمنى ئېيتتىم.
    - بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بەك ئۇزۇن تۇرۇپ قالغۇدەك بولسام بىر ئاي تۇرارمەن.
- بىر ئاي، ئاھ خۇدا! بۇ كۈنلەرنى قانداقمۇ ئۆتكۈزەرمەن.
    ھىلالنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى چۈشۈنۈشكە بولاتتى. ئىككىمىزدەك مۇھەببەت قولۋىقىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئاي ۋاقىت مۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئاز ۋاقىت ئەمەس ئىدى. ئۇنى يالغاندىن بولسىمۇ بەزلىمەكچى بولدۇم، لېكىن بۇ دەقىقىدە ئۆزۈممۇ چىدىماسلىقىمنى بىلىپ تۇرىۋاتاتتىم.
- بۇ بىر ئاي ماڭا بىر ئەسىردەك تۇيۇلىۋاتىدۇ،- ئۇ ئالقانلىرىم ئارىسىدىن بارماقلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلىدى. ئۇنىڭ قىسقا، ئەمما يارىشىملىق چاچلىرى يۈزىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يېپىپ تۇراتتى. تۇم قارا كۆزلەر يامغۇر پەسلىدىن خەۋەر بېرىۋاتقاندەك ياشلار ئارىسىدا سۇس چاقناپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راستلىقىنى بىلەتتىم. مەن ھەر قېتىم تەتىل قىلىپ يۇرتقا ماڭغىنىمدا، ئۇ مۇشۇنداق ئازابلارغا كۆمۈلۇپ قالاتتى. قايتىپ كەلگىنىمدە بولسا بوينۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، بارلىق سېغىنىشلىرىنى كۆز يېشى ئارقىلىق تۆكۈۋالاتتى.
    بۇ قېتىم مېنى قانداق تەقدىرنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى ئۇ بىلمەيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۇنىڭ پىكىر دۇنياسىغا نېمىلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئۇنىڭ ھەر قېتىمقىدەك قايتا كۆرۈشكەندە ئەمەس، خوشلىشىش ئالدىدا يىغلىۋېلىش تۇيغۇسىدا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. مېنىڭ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىغۇم، كۆز ياشلىرىغا ئەسرا بولغۇم كېلىۋاتاتتى . بېكەتتە ئادەم غۇلداپ كەتكەچكە، بۇ نىيىتىمدىن ياندىم-دە، ئۇنى خۇشال قىلالمىسىمۇ زورىغا چاقچاق باشلىدىم.
    - سېنىڭ ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئۇزۇن تۇيىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مەن شەھەرلىكلەرنى بىلىمەنغۇ؟ مېنى سەھرايىمدا تاشلاپ قويۇپ، بۇ شەھەردە . . .
ئۇ ماڭا چۈشۈنىكسىز بىر ھالەتتە تىكىلىپ قارىدى. ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق نەزەر بىلەن تىكىلىپ باققىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. ئۈزۈكسىز بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنى ئارقىغا تاشلاپ تۇرۇپ، بىر خىل ئاچچىق تەلەپپۇزدا:
    - مەن ئەقىدىنىڭ نېمىلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. شەھەرلىك قىزلارنىڭ ھەممىسى كېپىنەك ئەمەس. - دەپلا قويدى . 
    مەن ئۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم ئۆچ بولدۇم. ھەر قېتىم ئۇنى كۈلدۈرىمەن دەپ، ھامان رەنجىتىپ قوياتتىم. ئۆزۈمنىڭ چاقچاقچىلاردىن ئەمەسلكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، چاقچاق قىلىشنى خالىغاندىكىن ئۆزۈمگىمۇ ئاز ئىدى.
    مېنىڭ يولغا چىقىدىغان ۋاقتىم قىستاپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ نەملەشكەن كىرپىكلىرىنىڭ جۈپلىشىپ قېلىۋاتقىنىغا قارىغانسېرى، خوشلىشىشقا كۆزۇم قىيمايۋاتاتتى. شۇ دەقىقىدە مەنلا ئەمەس، ئۇمۇ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتى. مەن كۆزۈمنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇرۇپ، ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارغا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم. سەپەرداشلىرىمنىڭ گاھىلىرى ئۇزاتقۇچىلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭدا بولسا، گاھىلىرى ئىككىمىزگە ھەۋەس بىلەن قارىشىۋاتاتتى. مەن ئەشۇ كۆزلەرنىڭ بېقىشلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ ھەم بەختلىك ھەم نومۇسسىزلىقىمنى كۆرگەندەك بولدۇم.
    -خەير، ماڭا ئاق يول تىلىگىن!
    ئۇ چىدالماسلىق نەزىرىدە كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ، بىردەم سۈكۈتتە تۇرىۋالدى. ئۇ شۇ مىنۇتلاردا ماڭا ئاق يول تىلەشنىڭ، ئايرىلىپ قېلىشنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتقاندەك كۆزلىرى ياشقا توشۇپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قانداق ئۇسۇلدا كۆز يېشىنى توختىتىشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم. ئۇ بىردىنلا بۇ ئارىسالدىلىقتىن خالى بولغاندەك، ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن يىراقلاپ، ئاپتوبۇس ئىچىگە كىردى-دە، قېشىمغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرى قوللىرىمنى چىڭ سىقماقتا، زىناقلىرىغا سىرغىپ چۈشۈۋاتقان كۆز ياشلىرى ئەمدىلىكتە يامغۇر قىيانىغا ئايلانغان.
     ئاپتوبۇس قوزغىلىش سىگىنالى چالدى. تىترىگەن لەۋلەردىن قۇلىقىمغا:
    - مېنىڭدىن ئۆيدىكىلەرگە سالام.- دېگەن سۆزلەر ئاران ئاڭلاندى.
    ئۇ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ قويدى-دە، يۈزىگە قىزىللىق تېپىپ بولغۇچە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كەتتى. مەن بۇنداق تاسادىپىي سۆيۈشتىن خىجىللىق ھېس قىلىپ، سەپەرداشلىرىمغا ئوغۇرلۇقچە قارىدىم. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە قىزىقىش ۋە سۆيۈنۈش جىلۋىلىنىۋاتاتتى.
    ھىلال بىر قولى بىلەن ئېغىزىنى ئەتكىنىچە بېكەتتىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ تىترەۋاتقان يەلكىسىدىن بۇقۇلداپ ئۈن قويۇۋەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. ئاپتوبۇس قوزغالغاندا ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمەي قالدى. مەن ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇۋەتمەكچى بولغان بولساممۇ، قەلبىمدىكى چىگىش تۇيغۇلار مۇڭغا ئايلىنىپ، ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى.
    ئۇ كەتتى، ئارقىسىغا بىر رەت قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى. ئەمما، ئۇنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئەشۇ تاسادىپىي سۆيۈشى مۇھەببەتنىڭ يېڭى بىر تۇيغۇسىنى قالدۇرۇپ قويغانتى. مەن يۈرىكىمنى تىنىمسىز چېكىپ تۇرىدىغان بۇ تارىنىڭ ئەۋجىدە ياشاشنى داۋاملاشتۇرالامدىم، بىلمەيتتىم.


قارا ھىجىران باشقا تېمىلار
قارا ھىجران (1)قارا ھىجران (2)قارا ھىجران (3)قارا ھىجران (4)قارا ھىجران (5)
قارا ھىجران (6)قارا ھىجران (7)قارا ھىجران (8)