باش بەت / ساقلايمەن

قارا ھىجران (4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2013-1-23 18:43 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    قوشنا كەنتلەردىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن ھويلىدا ئاياق سىغدۇرغىدەك ئورۇن قالمىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئالا- تاغىل ئاۋازى بىلەن ئەلنەغمىچىلەرنىڭ جارقىراشلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. كەنتتىكى تەڭتۈش يىگىتلەرنىڭ قىلىقسىز، بىمەنە چاقچاقلىرى مېنىڭ كەيپىمنى كۆتۈرمەكتە يوق، ئەكسىچە تېخىمۇ يېقىمسىز تۇيۇلماقتا. پۈتۈن بەدىنىم قىزىپ كېتىۋاتاتتى. بىر ئورۇندا ئۇزۇن تۇرالماي، ھېلىھەم سىرتقا چىقسام ، ھېلىھەم ياشلار توپىغا كىرەتتىم. ئاخىرى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاراملىق ئىزدەپ، مەھەللىنىڭ ئايىقىدىكى قۇم ئېقىنغا كەلدىم. قۇم ئېقىننى بويلاپ ئۇزۇن ماڭدىم، خىياللىرىم بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، چارچىغان نېرۋىلىرىمغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئۆيىمىز تەرەپتىن بوشقىنا ئاڭلىنىۋاتقان، شوخ ئۇسسۇل پەدىلىرىگە ئورۇنلىنىۋاتقان مۇزىكىلار، ئاۋازلىرى ماس كەلمىسىمۇ ئېيتىلىۋاتقان ناخشىلار بەلكىم دادامنىلا چەكسىز خۇشاللىق قاينىمىغا تاشلىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. بىچارە، مۆمىن، كەم سۆز ئانامنىڭ قانداق ھېسلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. ئەمما، ئۇنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن، خۇنسىز كۆزلىرىدە مەڭگۈلۈك بويسۇنۇش پارلاپ تۇراتتى. مەن ھامان ئۇنىڭ كۆزىدىكى بويسۇنۇشنىڭ كەينىدىكى ئىچ ئاغرىتىشنى كۆرۇپ قالاتتىم. مەن بۇ ئىچ ئاغرىتىشنىڭ كۈچلۈك يانغىنغا ئايلىنىپ، مېنى بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىشىنى تىلەيتتىم. ئەپسۇس، بۇ كۆزلەردە ئۇنداق ئىقتىدار ھەم جۈرئەت يوق ئىدى. مانا ئەشۇ مەسۈم كۆزلەر مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىمنىمۇ كۆپۈككە ئايلاندۇرغان ئىدى. شۇ دەقىقىلەردە مەندە پەقەت بىرلا ئۈمىد قالغان بولۇپ، پەقەت شۇ ئۈمىدلا مېنى ھىلالغا مەھكەم باغلاپ تۇراتتى.
- قەمەر، مۇشۇنداق جىمجىتلا قېچىپ كەتمەيدىغانسەن؟
بۇ يېقىن بۇرادىرىم ئەبەينىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ ماڭا ئىزچىل ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتقان بولسىمۇ، ئامالسىز ئىدى. ئۇ مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى پۈتۈنلەي چۈشەنمىسىمۇ، ماڭا بولغان ئىشەنچىسى بار ئىدى. مەن بۇ يەردىن مەڭگۈلۈك قېچىپ كېتىشنى ئويلىغىنىمدا، ئۇ ماڭا مەدەت بەرگەن ھەم ئېشەك ھارۋىسى بىلەن كېچىلەپ ناھىيە بازىرىغا يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
- مېنى ئۇرۇپ، تىللىۋالغۇڭ بولسىمۇ زۇۋان بەرسەڭچۇ؟ ئەمدى پىچاق كېكىرتەككە قادالغاندا، قانداق قىلاي دەيسەن؟
ئۆزۈممۇ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا بىر دانا ئەقىل بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بىراق، ئۇ مېنىڭدىنمۇ بەكرەك تىتىلداپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
- بىلمىدىم، ئۆزۈمنى يوقۇتۇپلا قويۇۋاتىمەن. سېنىڭ ئامالىڭ بارمۇ؟
- ھەممە ئۇرۇنىشلىرىمىز يوق بولدى، توي قىلغىن. دادامدىن ئاڭلىسام « ئاتىنىڭ قارغىشىنى ئالغان بالىنىڭ ئۆمرى كۆتە بولارمىش ».
ئۇنىڭ مېنى توي قىلىشقا دالالەت قىلىدىغىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە غەزەپ بىلەن قارىدىم، ئۇ كۆزلىرىنى مېنىڭدىن قاچۇردى. ئەتەي يانچۇقىنى كولاپ، پۇرلىشىپ كەتكەن كونا گېزىت پارچىسىنى ئالدى.
- ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن؟- ئۇ ئاچچىق موخۇركىسىنى ئورىغاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- داداڭنىڭ يۈز-ئابرويى بار ئادەم. ئۇمۇ بىر ئىشلارنى ئويلاپ بۇ توينى ئورۇنلاشتۇرغاندۇ، ئۇنىڭ كۆزىگە ئىشەنگىن، ئۇ جەرەن كۆز كەنتىمىزنىڭ گۈلى.- ئۇ كۈلمەكچى بولدى-يۇ، كۈلەلمىدى. مېنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىۋاتقانلىقىمنى بىلمەكچى بولغاندەك كۆزلىرىمگە قارىدى. كۆزلەر ئۇچراشقاندا بولسا، ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى ماڭا تەسەللىي ئۈچۈن ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى.
- يۈرىكىڭدىكىنى بىلىمەن. بۇ قىز شەھەردىكى توچىيىڭگە يەتمىسىمۇ، قولۇڭغا قول، ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولغۇدەك چېۋەرلىكى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئاراڭلاردا مۇھەببەت بولمىسا، نېمە بولاتتى. نىكاھ ئىسسىق كېلىدۇ، بارا-بارا كۆڭلۈڭمۇ چۈشۈپ قالىدۇ تېخى.- ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك سۆزمەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ قويدى.
    مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتتۇم. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ يۈرىكىدىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. مەن ئۇنىڭ قولىنى قاتتىق سىققانسېرى، ئۇ تىترەشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا مەنىلىك قاراپ تۇرۇپ دېدىم:
- بۇ يۈرىكىڭدىكى گەپلەر ئەمەسقۇ دەيمەن.
ئۇ بىردەم ئېسىنى ئېلىپ تۇرۇۋالدى. ئاندىن كۆزلىرىنى چەكسىز كەتكەن قۇم باراخانلىرىغا يۆتكەپ، ئىچ-ئىچىدىن ئاھ تارتقاندىن كېيىن، تىترەڭگۈ ئاۋازدا سۆز ئالدى.
- مېنىڭ سېنى مۇھەببەتتىن ۋاز كەچۈرۈش ئويۇم يوق. لېكىن، بىزنىڭ بۇ يەر ئەشۇنداق. مەنمۇ خوتونۇم بىلەن بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتقاندەك قىلغان بىلەن، يۈرىكىم يىغلايدۇ. بۇرۇن مېنىڭمۇ ياخشى كۆرگەن، سۆيگەن قىزىم بار ئىدى. بۇ يەردە كىممۇ مۇرادىغا يەتكەن دەيسەن؟- ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى تىترەپ، بوغۇلماقتا ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك ئاۋازىنى تېخىمۇ بوش قىلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.- شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى، ئۇ بايقۇش! گاھىدا بۇلاق سۈيىگە قوشۇپلا ئىچىۋەتكۈم كېلەتتى. ئەپسۇس، ئۇ قوشنا كەنتتىن بولغاچقىلا توي قىلالماي قالغانمەن.
- باشقا كەنتلىك بولسا مەيلى ئەمەسمۇ؟ قىز تەرەپ قوشۇلمىغان بولسا، ئېلىپلا قاچساڭ بولماسمىدى؟
    ئۇ ماڭا قاراپ قويدى. ئۇنىڭ موخوركىنى ئاچچىق شوراشلىرىدىن، ئەشۇ قىز ئۈچۈن ھازىرمۇ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. مەن شۇ چاغدىلا ئۆزىمىزنىڭ قىزلاردىنمۇ ئاجىز، قورقۇنچاق، يۈرەكسىز ئىكەنلىكىمىزنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم.
    - سەن مېنى بۇلارنى ئويلىمىدى دەمسەن؟ ئۇنى ئېلىپ يىراقلارغا كەتمەكچىمۇ بولغان ئىدىم. يەنىلا يۇرتنىڭ، ئاتا-ئانامنىڭ مەرىدىن كېچەلمىدىم. ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، بۇ يەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدە-يوسۇنى بار. كەنتىمىزدىكىلەر ئەزەلدىن باشقا كەنتلىكلەر بىلەن قۇدا چۈشۈشۈپ باقمىغان، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ئۇلار ئارىغا ئالمايدۇ. ھەتتا بىرگە ناماز ئوقۇشىنىمۇ رەت قىلىشىدۇ. بۇنداق بولىۋەرگەندە، تەبىئىيلا مۇساپىرلىق چۆلىگە ماڭىدىغان گەپ. ئەمەت گادايدەك ئۆتسەڭ بولىدۇ شۇ.
ئەمەت گاداينى مەنمۇ بىلەتتىم. ئۇ بىزنىڭ كەنتلىك يېتىم بالا ئىدى. يۇرت ئاقاساقاللىرى بىر مەجرۇھ قىزنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويماقچى بولغاندا، يۇرتتىن چىقىپ كېتىپ، بىر مەھەل يوقاپ كەتكەن ئىدى. كېيىن بىر قىزنى «خوتۇنۇم » دەپ ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەندە، يۇرتداشلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان. دائىم ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپلەرگە قاتنىشىشى تۇرماق، ھەتتا مەھەللە مەسچىتىدە ناماز ئوقۇشىنىمۇ چەكلىگەن. ئۇ بىچارە ئاخىرى بۇ دەرد-ئەلەملەرگە چىداپ بولالماي، بىر كېچىدىلا يەنە يوقاپ كەتكەنىدى.
     مەن ئەبەينىڭ ئەمەت گادايچىلىك بولالمىغىنىدىن ئۆكۈندۈم-يۇ، ئۆزۈم خىجىل بولۇشقا باشلىدىم. ئەبەيغۇ بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن، ئۇنىڭ قەلبىدە « مەڭگۈلۇك بويسۇنۇش » يىلتىز تارتقان. لېكىن، مەن قانداق ئادەم. ئوقۇغان، شەھەر كۆرگەن، مەدەنىيەت بىلگەن ئادەم تۇرۇپمۇ، بۇ نىكاھ زەنجىرىنى ئۈزەلمەيۋاتىمەنغۇ؟ شۇلارنى ئويلاپ، مېنىڭمۇ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا «مەڭگۈلۈك بويسۇنۇش » نىڭ ئىزنالىرىنىڭ بارلىقىنى چەتكە قاقالمىدىم.
- خوتۇنۇڭنى ياخشى كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟- مەن ئەبەينىڭ خىيالچان كۆزلىرىگە قاراپ سورىدىم. بۇ سۇئال ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئېرىشىدىغىنىمنى بىلمەيتتىم. بەلكىم، بۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئازابىنى چەتكە قويۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنى ئويلىغان بولۇشۇم مۇمكىن.
- ياخشى كۆرۈشمۇ ئاستا- ئاستا پەيدا بولىدىكەن. توي قىلىپ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تازا ياقتۇرۇپ كەتمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ. كېيىن، بالىلىق بولدۇق. ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىشقا باشلىدىم. مانا ھازىر مۇھەببەتلەشكەنلەردەك بەختلىك بولمىساممۇ، بەختسىزلەردىن ئەمەسمەن.- ئۇ شۇلارنى دەۋېتىپ كۈلۈپ كەتتى. لېكىن بۇ كۈلكە ھەقىقىي يۈرەكتىن چىقمايۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن ھەرھالدا رازىلىقىنى ئايان قىلالايتتى.
- قالغان ئىشلارنى ئېقىشىغا قويۇپ بەرگىن، ئاداش! تەقدىرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. پىشانەڭگە بەلكىم بۇ توي پۈتۈلگەن چېغى. توي بولۇۋاتسا، يەنە نېمىمۇ قىلالايسەن. پەتە تۈگىسىلا، خوتۇنلۇق بولۇپ قالىسەن.- ئۇنىڭ بەزلەشلىرى مېنى قايىل قىلالمىسىمۇ، يەنە بىر ھەقىقەتنى تونۇتۇپ بېرەلەيتتى. تەقدىرىگە قارىغۇلارچە بويسۇنۇش ۋە ئىشىنىش ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ئىدى. ئۇلار تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ بېقىش ھەققىدە ئەسلا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ باقمىغان ھەم خىيالمۇ قىلمىغانىدى.
- يەنە قېچىش خىيالىڭ يوقتۇ؟ بۇ جاھاندا قىز قاچىدىغان ئىش باركى، يىگىت قاچىدىغان ئىش يوق جۇمۇ!
- قېچىشنىمۇ خىيال قىلغانمەن. لېكىن قېچىشنىڭ ئۆزى ئاقىل چارە ئەمەس. مېنىڭ يەنىلا بۇ ئىشلارنى ئۆز يولىدا بىر ياقلىق قىلغۇم بار. مەندە يەنە ئۈمىد بار، تېخى.
- كۈندۈزدىلا چۈش كۆرمەيۋاتقانسەن؟ ئەشۇ جاھىل، مەنمەنچى داداڭنى بولىۋاتقان توينى بىكار قىلىدۇ دەپ ئويلامسەن؟
- مېنىڭ دادامغا ئىشەنچىم يوق. ئەمما، مەن توي خېتى بېجىرىدىغانلارغا ئىشەنمىسەم بولماس.- ئەبەي كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ نېمىگە بۇنچە تېلىقىپ كۈلگىنىنى بىلمىدىم. شۇ ماڭا ناھايىتى ئايان ئىدىكى، بۇ كۈلكىنىڭ كەينىدە چوقۇم بىر گەپ بار ئىدى.
- بۇ يۇرتتا تۇغۇلمىغاندەكلا سۆزلەيسەنا! بۇ يەر ھۆكۈمەتتىن يىراق، يېزا بازىرىغىمۇ ئىككى كۈنلۈك يول. توي خېتى ئېلىش ئۈچۈن بىر تالاي رەسمىيەت ئۆتەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇرۇن بۇ يەرلىكلەر نىكاھنى توي دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇنداق رەسمىيەتلەرنىمۇ كۆپىنچە ھالدا تويدىن كېيىن، تولۇقلاپ بېجىرىۋالىدۇ.
- دۆلەتنىڭ نىكاھ قانۇنىدا ئاۋال توي خېتى ئېلىش ئېنىق بەلگىلەنگەنغۇ؟ بۇنىڭغا كەنت كادىرلىرى ئارىلاشمامدۇ؟
- كەنت كادىرىمۇ ئۆز تۇرسا، ئۇلار نېمۇمۇ دېيەلىسۇن. يېزىدىن ئادەم كېلىپ، بەكرەك تۇتقان چاغلاردا باشقىلار ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ جاجىسى بىر قوي. سەن چۆچۈرىنى خام ساناۋاتىسەن؟ داداڭ تېخې توي خېتىڭلارنى پۈتتۈرۈپ، قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ قويدىمۇ؟- ئەبەينىڭ بۇ سۆزلىرى مېنىڭ ئويلىمىغان يېرىمدىن چىققانىدى. كەنتىمىز راستىنلا يېزا مەركىزىدىن يىراق بولۇپ، ئات ھارۋىسى بىلەن بىر كۈن-تۈن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. يېزا كادىرلىرىمۇ بۇ يەرگە كەمدىن-كەم كېلەتتى، ھەتتا يىل بويى كەلمەيدىغان چاغلارمۇ بار ئىدى.
مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىممۇ بەربات بولغانتى. كۆزلىرىمگە تىقىلىپ كېلىۋاتقان قاراڭغۇلۇق، تېخىمۇ دەھشەتلىك تۇيۇلماقتا. ئىچ-ئىچىمدىن بىر يىغا تۇتتى.
- يىغلىغۇڭ بولسا يىغلىۋال، قەمەر! بارلىق ھەسرىتىڭ تۆكۈلۈپ بولغۇچە ياش تۆككىن. بۇ قۇم بارىخانلىرى ئۇنى يوشۇرۇشقا قادىر.- ئەبەينىڭ سۆزلىرى كۆز يېشىمنى ئەدىتىۋەتتى. ئۈن قويۇپ يىغلىيالمىدىم. ئەمما، ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلايتتىم. شۇ تەرىقىدە قانچە ئۇزۇن ئېسەدىگىنىمنى بىلمەيمەن. ئۆزۈمگىمۇ ئۆزۈم ئۆچ بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.
    يىراقتىن سەمىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. سەمى مېنىڭدىن بىر ياش چوڭ بولغاچقىلا مەن ئۇنى ئاكا ئونىدا ئەمەس، بەلكى دوست ئورنىدا كۆرەتتىم. ئۇ مېنى ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپلەرگە چاپقان چېغى، بىر ئاز ئالاقزادە بولغىنى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى. مېنىڭ يۈگرەپ بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلىغۇم كەلدى. ئۇنى قۇچاقلىغۇملا ئەمەس، ئۇنىڭدىن ئۆتۈنگۈم، ئۇنىڭغا يالۋۇرغۇم بار ئىدى. لېكىن، ئۇمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا «مەڭگۈلۇك بويسۇنۇش» نىڭ قۇلى ئىدى.
     مەن يەرلىك قانۇن ئالدىدا ئاجىز كېلىۋاتاتتىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئاجىزلىق ئىچىدە قېنىم بىلەن كىرگەن «مەڭگۈلۈك بويسۇنۇش» مۇ بار ئىدى. بەلكىم، دادامنىڭ «ئاتالمىش» يۈز-ئابرويى ئۈچۈن، بارلىقىمنى دوغا تىككەن بولۇشىممۇ مۇمكىن. مەن بۇ قىلمىشلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلسەممۇ، زورىغا كۈلۈمسىرىمىسەم بولمايدىغاندەك، چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتىشكە تىرىشىپ باقتىم. قاملاشمىسىمۇ، خۇشال كەيپىياتقا يۈزلەندىم. ئۆيگە كەلگىنىمدە، دادام خۇشاللىقىدىن قوللىرىنى كەڭ يېيىپ، مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. دادام مېنى ئەزەلدىن بۇنداق قۇچاقلاپ باقمىغانىدى. مەن بۇرۇن ئۇنىڭ بىرەر قېتىم بولسىمۇ قۇچاقلاپ، باغرىغا بېسىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم. ئەجەبا، بۈگۈنكى بۇ قۇچاقلاش ماڭا شۇنچىلىك سوغۇق ھەم مېھىرسىز تۇيۇلدى.
     بۇ يەرنىڭ توي يوسۇنلىرىمۇ ئۆزگىچە ئىدى. نىكاھقا بارغۇچە، يىگىتنىڭ ھېچ ھالى قالمايتتى. بىردە ئالدىغا، بىردە كەينىگە دەسسەش، تەڭ دېمەتلىكلەرنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ تاشلاشلىرى، كۈلكىگە زورلاپ چىمدىپ-ئۇرۇشلىرى بارغانسېرى چارچىتىپ قويۇۋاتاتتى. تۇزغا چىلانغان نان بۇردىسىنى يېيىش، تويلۇق كىيىمنى كەيدۈرۈش مۇراسىمى، قىزغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ قولىنى تېڭىش ۋە ئۇلاردىن ھاردۇق سوراش، توي كېچىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمانخانىنى قىزىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش يوسۇنلارنى تاماملاش زۆرۈر ئىدى. بۇ قائىدە-يوسۇنلار مېنى بىزار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تولۇق ئورۇندىماققا مەجبۇر ئىدىم. مەن پەقەت ئەبەينىڭ يول كۆرسىتىشى، ئەسكەرتمىسى ۋە يۆلەپ تۇرۇشى بىلەنلا، ئۆزۈم خالىمايدىغان رەسمىيەتلەرنى ئۆتەۋاتاتتىم. مەن يەنە قانداق يوسۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇستىخانلىرىم ئۈگە-ئۈگىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك ئاغرىشقا باشلىدى.
    توي ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەكتە. ئەبەي ھېلى ئۇسسۇلغا چۈشۈپ ، ھېلى يۈرۈشمەي قېلىۋاتقان ئىشلارغا يۈگۈرۈپ، ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. مەن بۇ توينىڭ مېنىڭ تويۇم ئەمەس، ئۇنىڭ تويى بولۇپ قېلىشىنى شۇنچىلىك خالايتتىم. ئەمما، رېئاللىق ماڭا رەھىمسىزلىك قىلىۋاتاتتى. مەن ئۆزۈمنى بۇ رېئاللىقتىن قاچۇرۇلمايتتىم، ھەم يۈزلەنمەيمۇ بولمايتتى. توينىڭ قانداق ۋاقىتتا ئاخىرلاشقىنى بىلمىدىم. پەقەت ئېسىمدە قالغىنى كىملەرنىڭدۇ ماڭا بەخت تىلەپ، قولۇمنى سىقىشقىنى بوپتۇ.


قارا ھىجىران باشقا تېمىلار
قارا ھىجران (1)قارا ھىجران (2)قارا ھىجران (3)قارا ھىجران (4)قارا ھىجران (5)
قارا ھىجران (6)قارا ھىجران (7)قارا ھىجران (8)