logo
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باش بەت > تور ئەدەبىياتى > يازما كۆرۈش

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى8 خىل ئۇسۇل

 

  يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى نۆۋەتتە 40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە كۆپ ئۇچراۋاتقان ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان ، داۋالاش ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن ، ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ كىلىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا بۇ كېسەللىكنىڭ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . شۇڭا بۇ كېسەللىك يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى . تۆۋەندە مەن بۇ كېسەللىكنى داۋالاش توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا تورداشلارنىڭ دىققىتىگە يۈرەەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئائىلە شارائىتىدا ئالدىنى ئېلىشنىڭ8 خىل ئۇسۇلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن :
1 . ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك . ھاراق ، تاماكىنىڭ تەبىئىيىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ ، بۇ خىل كەيپىيات بەدەنگە ئۇزۇن ۋاقىت تەسىر قىلسا بەدەندە ساۋدا خاراكتىرلىك چۆكمە پەيدا قىلىدىغان مادددىلار مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا تەركىۋىدىكى نىكوتىن يۈرەك مۇسكۈل تىقىلمىسىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە قوزغۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ . ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قاننىڭ بۇزۇلىشىنى پەيدا قىلىدۇ . ھاراق بولسا مىڭە خىزمىتىى جىددىيلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ قۇماندانلىق خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، جىگەرنىڭ ساپ خىلىت ئىشلەپچىقىرىش ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا قىلىدىغان ئاساسى سەۋەپلەردۇر .
2. ئوزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سېلىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى يىمەكلىك تەركىۋىدىكى تۇزنى كونترول قىلش بىلەن بىرگە ، يۇقۇرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى  ، بولۇپمۇ ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىش ياكى ئىستېمال قىلماسلىق ، يېزائىگىلىك دورىلىرىدىن بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، يەل پەيدا قىلىش تەسىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش ، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەر ، قارا ئاشلىق ، سەي- كۆكتاتلارنى  كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ، سوۋۇتۇلغان ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق .
3. يىمەكلىك مىقدارى ۋە يىمەكلىك ئىستېمال ۋاقتىنى كونترۇل قىلش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئەتىگەندە ياخشى نەرسىلەر بىلەن قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىش ، چۈشتە تاماقنى كۆپ تاللاپ كەتمەسلىك ، كەچتە بولسا مۇمكىن قەدەر تاماق يېمەسلىك ، يىيىشكە توغرا كەلسىمۇ ۋاقىتنى بالدۇرراق ئورۇنلاشتۇرۇپ يەڭگىل تائاملار بىلەن ئوزۇقلىنىش لازىم ( ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قەدىمكى كىلاسسىك كىتاپلىرىدا << ئادەم ئوزۇقلىنىشتا ھەر ئىككى كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يىگەندە تېۋىپقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ>> دەپ قەيىت قىلىنغان ) .
4. ھەرىكەت ۋە ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق ، ئۇخلاش ئالدىدا تەس ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق ، جىسمانى ۋە ئەقلىي ھەرىكەتتە زىيادە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كۆپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش شۇنداقلا ئۇيقۇسىز قېلىشتىنمۇ ساقلىنىش كۈندىلىك يەڭگىل ھەرىكەتلەرنىڭ مىقدارىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش.
5. روھى جەھەتتىن ئۆزىنى ساغلام تۇتىشقا كاپالەتلىك قىلىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھەر قانداق بىر ئىشقا يولۇققاندا سوغۇققان بولۇپ ، زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش ، ئاچچىقلانماسلىق ، غەزەپلەنمەسلىك ئارتۇقچە خۇشال بولماسلىق ، كەيپىياتى تۇراقسىزلاشقاندا ئۇنى تەڭشەيدىغان كىتاپ ئوقۇش ، كىنو كۆرۈش ، ساياھەت قىلىش ، دوسلار بىلەن ئۇچرىشىش ، ناخشا ئېيتىش ، ئۇسۇل ئويناش ، چېنىقىشقا قاتنىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىشقا تىرىشىش ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا پەقەت پەقەت ئامال بولمىغاندا پىسخىك مەسلىھەتچىلەردىن ياردەم سوراش .
6.  بەدەن سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئۈنۈملىك ئالدىنى ئېلىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى يۇقۇردا ئېيتىلغان يىمەكلىكنى تەرتىپكە سېلىشتىن باشقا ، يەنە كۆپ ئۇخلىماسلىق ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، يول ماڭغاندا قاتناش قۇراللىرىدا كۆپ ئولتۇرماسلىق ، پىيادە يولنى كۆپرەك مېڭىش ، ئولتۇرۇپ ئەمگەك قىلىدىغانلار جىسمانى ھەرىكەتنى تولۇقلاشقا چوقۇم ئەھمىيەت بىرىش ، چوڭ تەرەت قېتىۋېلىشنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش ، ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەدەندىكى ماددىلارنى تازىلىتىش چارىسىنى قوللىنىش .
7. قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتىشكە ئەھمىيەت بىرىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى يېشى 40 ياشتىن ئاشقاندا يۇقىرى قان بېسىم ، قەنت سىيىش كېسەللىكى ، قان قويۇلۇش ، جىگەر كېسەللىكى ، بۆرەك كېسەللىكى ۋە ئىچكى ئاجراتما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا كېسەللىكلەرگە قارىتا قەرەللىك تەكشۈرتىش ئېلىپ بېرىپ ، كېسەللىك بايقالغان ھامان ۋاقتىدا ، بالدۇر داۋالىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش .
8.  قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش . بۇنىڭدا ئاساسلىقى تېۋىپ ياكى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتىسىزلا ئۆز مەيلىچە دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋېلىپ قالايمىقان ھالدا دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش ، ھەر قانداق بىر دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشتا ئامال بار  تېۋىپ ياكى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىشنى ئويلىشىش .

بۇ بالا بەك ھۇرۇنكەن ، ھېشنىمە يازماپتۇ!

__ئابدۇلئەھەد

HIYAL
بۇ يازمىلارنىمۇ ياقتۇرامسىز؟Related Posts
باھا يوللاش (قەلىب سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كىتىڭ)Comments
يۇغان كۆز ئۇماق قاقاقلاپ كۈلۈش ھىجىيىش خىجىل بولۈش غەزەپلىنىش ئازاپلىماق يىغلىۋىتىمە قاتتىق يىغلاش ئاق يۈز گەردىش تەرلەش جاپا تارتىنىش ھەيرانە سەبى كۈلكە رەڭ مەغرور ئىسكىلىت پىچەت ئۇخلاپ قېلىش كۆز قىسىش ھاببا گۇمانلىنىش ئاغزىڭنى يوم ئازاپلىنىش تېرەڭ نارازىلىق كەمسىتىش چوشقا
بايانات: باھا رامكىسىغا رەسىم چاپلاپ يوللىيالايسىز، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.
يوللىنىۋاتىدۇ...
  • ئاۋات يازمىلار
  • سۆھبەتلەر
  • ئىختىيارى
footer logo
بەت نىڭ بارلىق ھۇقۇقىنى بىكىتىمىز ساقلاپ قالىدۇ
نەشىر ھوقۇقى : بارلىق ھۇقۇق نەۋقىران دەرىسلىك تور بېكىتىگە مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. نەۋقىران بلوگىدا مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار : بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. نەۋقىران تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يۇقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، نەۋقىران تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . بېكىتىمىز دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. بىزگە ھەر ۋاقىت تەكلىپ ئۇچۇر بىرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ.QQ:962207969 1546363084 ، E- mail:1546363084@qq.com،962207969@qq.com، ئىشخانا تېلفونى: ....13070434135