-نېمە بولدۇڭ،نېمشقا ئىچىمنى سىقىپ تېلىفون قىلىۋېرسە،ئادەمنى خاتىرجەم ئىشلىگىلى قويامسەن يا.
يولدىىشى ئەكرەمنى ساقلاپ ئولتۇرغان ،ئاينۇرنىڭ ئەنسىرەپ ئۇرغان تېلىفونى ھېچ جاۋابسىزلا ئۇنىڭ قوپاللىق بېلەن سىلكىشىگە ئۇچراپ، بۇرۇنلا يېرىم تۇرغان كۆڭلى تېخىمۇ يېرىپ بولۇپ ،كىرىسلۇنىڭ بىر تەرىپىگە قويۇلغان ياستۇققا بېشىنى قويۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
-ئانا نېمە بولدىڭىز.
ئاينۇرنىڭ يىغىسىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتكەن ،ئوماق قىزى نېلۇفەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆزلىرىنى يۇمران قوللىرى بېلەن ئېيتىپ تەسەللى بەردى.
-سىزنى بىرسى بوزەك قىلدىمۇ ؟
-ياق قىزىم ،مەن ھېچنىمە بولمۇدۇم،تېلېۋېزىيە تېياتىرىدىن تەسىرلىنىپ يىغلىدىم،كىرىپ ئۇخلاڭ قوزام ،ئەتە يەسلىگە بارىسىز .
ئاينۇر شۇنداق دېگىنىچە بىردە تېلىۋېزوردا قويۇلىۋاتقان ئېلانغا،بىردە ئانىسىنىڭ ياز ئېقىۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ بىر نەرسىنى چۈشىنەلمىگەندەك قاراپ تۇرغان نېلۇفەرنى يېتىلەپ ياتىقىغا ئەكىرىپ،كارۋېتىغا چىقىرىپ ياتقۇزۇپ ،يوتقانلىرىنى چۆڭكەپ قويغاندىن كېيىن ،يەنە مېھمانخانىغا يېنىپ چىقىپ كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇرۇپ خېيالغا چۆكتى.
ئەكرەم بۇرۇن بالدۇرلا قايتىپ كېلەتتى،ئاينۇرغا شۇنچىلىك يېقىملىق ھەم ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ھەم كۆيۈنەتتى،لېكىن يېقىندىن بويان،ئۇنىڭغا سوغاق تېگىدىغان ،ئۆيگىمۇ ئېنتايىن كەچ كېلىدىغان بولىۋالدى،بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ئاينۇرنى ئاز بولمىغان گۇمانلارغا سالغان بولسىمۇ،لېكىن بىر نەرسە دەپ جېدەل قىلىپ ئەكرەمنىڭمۇ ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىماي،ئەتە تۈزۈلۈپ قالار،ئۆگۈن تۈزۈلۈپ قالار دەپ ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشىنى ساقلىدى، لېكىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،ئەكرەم ئەسلىگە قايتىشتا يوق تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىۋاتاتتى .
زادى قانداق قىلىش كېرەك،سائەت ئىستىرىلكىسى ئاللىقاچان 11نى كۆرسىتىپ بولغان ئېدى،ھېچقانداق ئورۇندا سائەت 11 بولغۇچە ئىشلىشى مۇمكىن ئەمەس،ئۇ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟سىرىتتا بىرەرسىنى تېپىۋالغاندىمۇ،يە،ياق بۇنداق ئولتۇرۇۋەرسەم بولمايدۇ،مەن بۇنداق ئولتۇرۇۋېرىدىغان بولسام،ئۇ ئەتە ئۆگۈن ئۆيگە بىرسىنى باشلاپ كىرىپ ،مېنى سىرىتقا چىقرىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ،ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىپ باقاي-،ئاينۇر شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن،نېلۇفەرنىڭ ھوجىرىسىغا كىرىپ چىراقنى ياقتى،نېلۇفەر تاتلىققىنە تىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى،-ئاھ جېنىم قىزىم،ئاينۇر ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مەڭزىگە سۆيۈپ،ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
-قانداق قىلسام بولار،مەن بېرىپ كەلگۈچە نېلۇفەر ئويغۇنۇپ كەتسە مېنىڭ يوقلۇقۇمنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتەرمۇ.
ئۇ شۇ خېياللار بېلەن سىرىتقا چىقىشتىن يالتايدى،لېكىن ئۇنىڭ يۈرىكىنى سىقىۋاتقان بىر ئەندىشە ئۇنى ئەكرەمنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىشقا ئۈندەيتتى.
ئەكرەم بېلەن ئاينۇر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتلاردا تونۇشۇپ قالغان بولۇپ،ئىككىسى بىر-بىرىنى تۇنجى كۆرىشىدىلا ياقتۇرۇپ قېلىپ كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشقان ئېدى،شۇڭلاشقا ئۇزاققا قالمايلا مۇھەببەتلىشىپ،شۇنداق شېرىن كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن بولۇپ،شۇ كۈنلەرنى ئويلىسىلا ئاينۇرنىڭ ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش كەلدى.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئاينۇر بېلەن ئەكرەم ئىككىسى باشقا-باشقا ئىككى جايغا خىزمەتكە چۈشتى،لېكىن ئۇلارنىڭ رىشتى يەنىلا ئۈزۈلمىدى،ئۇلارنىڭ توي قىلمىقى ئائىلسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغاچقا ئېنتايىن قېيىنغا توختىدى،ئەمما ھەر ئىككىلسىنىڭ سۆيگۈسى چىن ئېرادىسى ھەقىقى بولغاچقا،جاپا مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ ئاخىرى بىر يەرگە كېلىپ،جۈپلىشىپ ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىشتى.ئاينۇرنىڭ خىزمىتىنى يۆتكەشكە ئامال بولمىغاچقا ئەكرەم ئىشلەپ،ئاينۇر ئۆي ئايالى بولۇپ ،ئۆيدە ئولتۇردى،كېيىن ئۇلارنىڭ ئوماق قىزى نېلۇفەر توغۇلۇپ ،خۇشاللىقىشا خۇشاللىق قوشتى،لېكىن يېقىندىن بۇيان ئەكرەمدە بولىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئاينۇرنى بەكلا ئەندىشىگە سېلىۋاتاتتى.
قانداقلا بولمىسۇن بېرىپ كېلىشىم كېرەك،ئائىلەمنىڭ مۇشۇنداقلا توزۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرسام بولمايدۇ-ئاينۇر شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن،پۇتۇنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سىرىتقا چىقىپ ئاستاغىنە ئىشىكنى ئەتتىدە،ئەكرەمنىڭ ئىش ئورنىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى.
ئەكرەم ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان بىر شەخسى شىركەتتە تۈر مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ،مۇئاشىمۇ خېلى يۇقىرى بولغاچقا خىزمەتكە چىقىپ ،ئۇزاق ئۆتمەيلا بانكا قارزى قىلىپ ھازىرقى ئۆيىنى سېتىۋالغان ئېدى،بۇ شىركەت شەخسى شىركەت بولغاچقا بەزىدە كېچىكىپ ئىشتىن چۈشىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇراتتى،لېكىن ھەرقانچە كېچىككەن تەقدىردىمۇ 9دىن كېيىن قالمايتتى،بىراق ئەكرەم بۈگۈن 11 دىن ئاشقان بولسىمۇ تېخىچە ئۆيگە قايتمىغان ئېدى.
ئاينۇرخېيال بېلەن بىردەمدىلا ئەكرەمنىڭ ئىش ئورنىغا قانداق يېتىپ كەلگىنىنى بىلمەيلا قالدى.خىزمەت بېناسىغا كىرىدىغان دەرۋازا تاقالغان،چىراقلار ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ،ئىشىك باقارمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان ئېدى.
-ئۇستام،ئۇستام-ئاينۇر ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەچچە قېتىم چاقىرغاندىن كېيىن ئۇ كۆزىنى ئېچىپ چالا ئۇيقۇ بېلەن كۆزلىرىنى ئۇۋلىغىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.
-ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،ئەكرەم ئىچىدە بارمىدۇ؟
-يوق،ھەممە ئادەم ئىشتىن چۈشۈپ بولدى،ئىچىدە ھېچكىم يوق،ئەكرەم جىڭلى كەتلكىلى 3-4 سائەت بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاينۇرنىڭ بېشىدا چاقماق چاققاندەك بولدى،ئۇ زادى نەگە كەتكەندۇ،نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟-ئاينۇر مىشىلداپ يىغلىغىنىچە ئەكرەمدىن بۇرۇن ئۆيگە قايتىپ بېرىش ئۈچۈن تېز-تېز قەدەملەر بېلەن مېڭىپ كەتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەكرەمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ،زادى نەگە باردىڭىز،نېمىش قىلدىڭىز،مېنى نېمىشقا ئالدايسىز -دەپ،تازا بىر سوراق قىلۋالغۇسى كېلىۋاتاتتى.نېرۋېللىرى چىڭقىلىپ،قەلبىدىكى گۇمان بارغانسىرى كۈچىيىپ بارماقتا ئېدى.
ئاينۇر ئۆيگە قايتىپ كىرىپلا نېلۇفەرنىڭ يېنىغا كىرىپ ،ئۇنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئوماق ھالتىنى كۆرۈپ كۆڭلى تىندى.ئەكرەم تېخىچە قايتىپ كىرمىگەن ئېدى.ئاينۇر ئاستاغىنە ھۇجرىسىغا كىرىپ كارۋاتقا تاشلاندى،بىراق ئۇنىڭ ھېچ ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك قىلماي يەنە مېھمانخانا ئۆيگە قايتىپ چىقىپ كىرىسلودا ئولتۇردى.سائەت ئىستىرىلكىسى 12نى كۆرسىتىپ قايرىلغان ئېدى،بۇنى كۆرۈپ ئاينۇرنىڭ غەزىپى تېخىمۇ ئۆرلەپ تاشتى،شۇ تاپتا ئەكرەم قايتىپ كىرىدىغان بولسا،ئۇنىڭ يۈزلىرىگە چاسىلدىتىپ بىر نەچچە تەستەك سېلىۋالغۇسى،تازا ۋاقىراپ تىللاپ دەردىنى چىقۇرۋالغۇسى كېلىۋاتاتتى.
توساتتىن ئۇنىڭ خېيال ئېكرانىدىن بۇ ئىشلار كېنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.
:ئەكرەم قايتىپ كىرىدۇ،ئاينۇر يۈگىرەپ بېرىپ ئۇنى ئىككى تەستەك سېلىپ،ئۇنىڭغا -نەگە باردىڭ نېمىش قىلدىڭ،-دەپ بار كۈچى بىلەن ۋاقىراپ جاقىرايدۇ،تەستەككە چىدىمىغان ئەكرەم،ياندۇرۇپ-نېمە كارىڭ ،نەگە بارغۇم كەلسە شۇ يەرگە باردىم-دەپ ياندۇرۇپ،ئاينۇرنى تازا مۇشلايدۇ،نېلۇفەر ۋاراڭ چۇرۇڭلاردىن ئويغۇنۇپ كېتىپ،ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ قوقۇپ يىغلايدۇ،ئەلەمگە چىدىمىغان،ئاينۇر نېلۇفەرنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ،يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بېلەن ئۇنىڭ مىڭ بىر جاپادا قۇرۇپ چىققان بەخىتلىك ئائىلىسى بەربات بولىدۇ.-بۇ كۆرۈنۈش تۈگىشى بېلەنلا ئاينۇرنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئەكرەمدىن ئايرىلىپ قالغان،نېلۇفەرنىڭ دادىسىز قالغان ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلىپ،ھەرگىز بۇنداق قىلماسلىق قارارىغا كېلىپ،يەنە بىر كۆرۈنۈش خېيال ئېكرانىدا پەيدا بولدى.
ئەكرەم كىرىپ كېلىدۇ،ئاينۇر كىرىسلودا گەپ-سۆز قىلماي ئولتۇرىدۇ،ئەكرەم ئۇنىڭ -تېخچە ئۇخلىمىدىڭمۇ؟-دەپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ.ئاينۇر-ئۇخلىيالمىدىم،پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم،سىز زادى نەگە باردىڭىز،نېمە ئىش قىلدىڭىز،ئەمدى يېتەر ماڭا سالغان ئازابلىرىڭىز،قانداق گېپىڭىز بولسا ئوچۇق دەڭ ،ئەمدى مېنى قېينىماڭ،سىرىتتا بىرەرسىنى تېپۋالدىڭىزمۇ-دەپ سورايدۇ.
ئەكرەم-ئىشلىدىم،دېدىمغۇ،كىمنى تېپىۋاپتىمەن دەپ ۋاقىرايدۇ.
-ئاينۇر -يالغان سۆزلىمەڭ،مەن شىركىتىڭىزگە باردىم سىز كەتلىلى 4 سائەت بوپتۇ،سىز زادى نېمە ئىش قىلدىڭىز،ماڭا ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ،راسلا بىرسىنى تېپۋالغان بولسىڭىز ئوچۇق دەڭ سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزەي-دەپ ۋاقىرايدۇ.
ئەكرەم-ھەممە ئىشنى بىلىپ بوپسە ،ئەمىسە ئورنۇڭنى چاپسان بېكار قىل،مەن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،لېكىن ئۆزۈڭ يالغۇز چىقىپ كەت،نېلۇفەرنى ساڭا ھەرگىز بەرمەيمەن دەيدۇ.
ئاينۇر ئەكرەم بېلەن بىردەم نېلۇفەرنى تالىشىپ جىدەللەشكەندىن كېيىن ،نېلۇفەر ئويغۇنۇپ كېتىپ ،يەنە يىغلايدۇ.ئاينۇر نېلۇفەرنې ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ،ئەكرەم نېلۇفەرگە ئېسلىۋېلىپ بەرمەيدۇ،ئاينۇر ئامالسىز نېلۇفەرنى قويۇپ قويۇپ ،ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بېلەن ئاينۇر نېلۇفەردىنمۇ ،ئەكرەمدىنمۇ تەڭلا ئايرىلىپ قالىدۇ.نېلۇفەرنىڭ ئەگىشىپ يىغلاۋاتقان،ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا خارلىنىۋاتقان ھالىتى ،.ئاينۇرنىڭ كۆز ئالدىغا بىرمۇبىر كېلىشى بېلەن باغرى قاتتىق ئېزىلىپ ،دەرھال،بۇ خېيالدىن ياندى.
-توغرا،سەۋىر قىلاي ساقلاي،مۇلايىملىقىم بىلەن ئۇنىڭ قەلبىگە بۇرۇنقى شېرىن كۈنلىرىمىزنى ئەسلىتەي-تۇيۇقسىز كاللىسىغا كەلگەن بۇ ئامالدىن ئاينۇر سەل مەمنۇن بولۇپ،چېھرىگە تەبەسسۇم يۈگۈردى.
ئىشىك ئېچىلىپ ئەكرەم ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ ،كىرىسلودا ئولتۇرغان ئاينۇرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.
-تېخىچە ئۇخلىمىدىڭما.
-ياق تېخى ،سىزنىڭ ئىشلەپ چارچاپ ئاچ قورساق كېلىپ قالسا،تاماق قىىپ بېرەي دەپ ئويلاپ ياتمىدىم،چارچاپ كەتتىڭىزمۇ؟-ئاينۇرنىڭ سۆزلىرى شۇنچە تەمكىن ھەم مۇلايىم بولۇپ،ئۇنىڭ چىرايىدا بايىقى گۇمانلارنىڭ قىلچىمۇ ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى.
-ئانچە چارچاپ كەتمىدىم،ئېدارىدە ئىش تۈگىمەي شۇ،نېمە تاماق قىلغانتىڭ-دېدى ئەكرەم خىجىللىقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ ئاشخانا ئۆيگە بويۇنداپ قاراپ.
-تۈگرە تۈگكەنتىم،سىز تۈگرەگە ئامراققۇ،ھازىرلا پۇشۇرۇپ چىقىمەن-ئاينۇر شۇنداق دەپ قويۇپ ئەكرەمنىڭ بىر نەرسە دېيىشىنى كۈتمەستىنلا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئەكرەم ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ ئېغىر بىر تىنۋەتكەندىن كېيىن كۆڭلى جايىغا چۈشكەندەك بولۇپ ،كىرىسلوغا كىلىپ ئولتۇردى.
-نېلۇفەر سىزنى بەك سېغىنىپ كېتىپتىكەن،دادام نېماندەق كەلمەيدۇ،دەپ تولا جىدەل قىلىپ ئۇخلاپ قالدى-ئاينۇر بىردەمدىلا تۈگرىنى پۇشۇرۇپ چىقىپ ئەكرەمنىڭ ئالدىغا قويۇپ،شۇنداق دەپ نېلۇفەرنى يادىغا سالدى.
-مەنمۇ بەك سېغىندىم،ئويلاپ باقسام نېلۇفەرنى كۆرمىگنىمگىمۇ نەچچە كۈن بولۇپ قاپتۇ.ئۇ ئۇخلاپ قالدىمۇ،ھېلى كىرىپ ئۇنى كۆرۈپ چىقاي.
ئاينۇرنىڭ سۆزلىرى ئەكرەمنىڭ بۇرچىنى ئېسىگە سېلىپ،يۈزلىرىنى يەنە خىجىللىقتىن قىزارتتى.
-ھېچقىسى يوق خىزمىتىڭىز ئالدىراش ئەمەسمۇ،ھېلىمۇ ئېسىڭىزدە بارمۇ؟نېلۇفەرنى يېڭىدىن ھۇجرا ئايرىپ بەرگەن چاغلاردا ،دائىم كۆنەلمەي بىزنىڭ يېنىمىزغا كىرىپ يېتىۋالاتتى،ھازىر ياتىدىغان چاغدا مەن ئەكىرىپ قويمىساممۇ ،ئۆزى كىرىپ ،كارۋېتىنى تۈزەشتۈرۈپ ياتىدىغان بولدى،قىزىمىزمۇ چوڭ بولىۋاتقان ئوخشايدۇ.
ئاينۇر ئەكرەمنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى.
-يادىمدا بار،ئۇ بۇرۇن مەن دۈمبىسىنى سىلاپ قويمىسام پەقەتلا ئۇخلىيالمايتتى.-ئەكرەمنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى.
-سىزنىڭ قولىڭىز بەكمۇ ئىلللىق،يادىڭىزدا بامۇ؟ئالىي مەكتەپتە ئوقىغان چاغلىرىمىزدا قىش كۈنلىرىدە سىز دائىم قوللىرىڭىز بىلەن مۇزلاپ كەتكەن مەڭزىمنى توختىماي سىلايتتىڭىز،.سىرىت شۇنچە سوغاق بولسىمۇ سىزنىڭ قولىڭىز يەنىلا بەك ئىسسىق تۇراتتى.
ئاينۇر سۆزلىگەچ مەڭزىنى ئەكرەمنىڭ ئالقىنىغا قويدى.
-ئېسىمدە بار،سەن بەكلا توڭغاق ئىدىڭ،ئانچىكى سوغاقلاردىمۇ مەڭزىڭ قىپقىزىل قىزىرىپ كېتەتتى.
ئەكرەمنىڭ قوللىرى ئاينۇرنىڭ مەڭزىنى سىلىدى.
-نېلۇفەرنى كۆرۈپ چىقاي-ئەكرەم ئورنىدىن تۇرۇپ نېلۇفەرنىڭ ھوجىرىسىغا كاراپ ماڭدى،ئاينۇر ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
-ئۇ سىزنى راس بەك سېغىندى،ھېكايىللىرىڭىزنى سېغىندى،مەن شۇنچە تىرىشساممۇ،سەن دادامدەك ئېيتالمايدىكەنسەن،سېنىڭ ھېكايەڭ دادامنىڭكىدەك قىززىق ئەمەسكەن ،مەن دادامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايتتىم -دەپ ھەر كۈنى مەن بېلەن جىدەل قىلىدۇ.
ئاينۇر نېلۇفەرنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىغا قاراپ ساچلىرىنى سىلاۋاتقان ئەكرەمنىڭ مۆرىسىگە قوللىرىنى قويدى.ئەكرەم -ئاھ-دەپ ئېغىر بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن ،ئاينۇرنى باغرىغا باستى،ئاينۇرنىڭ ياشلىرى ئەكرەمنىڭ مۆرىسىگە تۆكۈلدى.
نېمە بولدۇڭ-ئەكرەم ئۇنىڭ ياشلىرىنى قولى بىلەن ئېيتتى.
-ھېچنىمە ،خۇشال بولىۋاتىمەن،سىز بىلىسىزغۇ،مەن بۇرۇن خۇشال بولساملا يىغلايتىمغۇ؟سىز شۇڭا ماڭا،ئۇششۇق،دەپ لەقەم قويىۋالغان ئېدىڭىزغۇ؟
ئاينۇر ئەكرەمگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
-ئوۋ ،راس سەن بەك ئۇششۇق ھە خوتۇن-ئەكرەم ئاينۇرنىڭ يۈزلىرىنى چىمداپ قويغاندىن كېيىن ،ئۇلار ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى.
ئاينۇر ئەتىسى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ،دوخوپكىدا ئوخشىتىپ بولكا پۇشۇردى،قورۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ سۈت ئەكىرىپ پۇشۇرۇپ،ئەكرەم بېلەن نېلۇفەرنى ئويغاتتى،
نېمە دېگەن ئوخشىغان،ھە-ئەكرەم نېلۇفەرنىڭ پىشۇرغان بولكىسىنى ئىشتىھا بىلەن يېدى،ئاندىن نېلۇفەېنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ سۆيگەندىن كېيىن ،ئاينۇرغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ كۆزلىرىنى قىسىپ قويغاندىن كېيىن ئىشقا ماڭدى.
گەرچە ئاينۇرنىڭ گۇمانلىرى تېخىچە يوقالمىغان بولسىمۇ،لېكىن ئەكرەمنى يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.
كەچتە ئاينۇر ئەكرەمنىڭ ئىشتىن چۈشىشىگە يېقىن يەنە ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى،بۇ قېتىم ئۇ تېلىفوننى نېلۇفەرگە تۇتقۇزۇپ قويدى.
-دادا ،قاچان قايتىپ كېلىسىز سىزنى بەك سېغىندىم.
-ھازى قايتىمەن قىزىپ،مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ ھە،سەل تۇرۇپ يېنىڭىزغا بارىمەن،ئاپىڭىزغا دەپ قويۇڭ ماڭا ئوخشۇتۇپ تاماق ئەتكەچ تۇرسۇن.
نېلۇفەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئەكرەم يۇمشاپ كەتتى،ئۇنىڭ تۆنۈگۈنكى قوپاللىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئېدى.بۈگۈن ئەكرەم ئۆيگە بالدۇرلا قايتىپ كەلدى،ئاينۇر ئىككىسى يېرىم كېچىگىچە ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىشىپ شۇنداق ياخشى پاراڭلاشتى.ئاينۇرنىڭ ئەمدى ئەكرەمنى يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىشەنچىسى تولۇق كۈچىيىپ ،ئۇڭغا بولغان گۇمانلىرى بارغانسىرى سۇسلاشقا باشلىدى.ئەتىسى ئەتىگەن ئاينۇر تۆنۈگۈنكىدەكلا ئوخشىتىپ ناشتىلىق تەييارلىدى،ئەكرەم ،نېلۇفەر ئۈچى بىر داستىخاندا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدى،ئاينۇر ئەكرەمنى خۇددى بۇرۇنقىدەكلا كۈلۈمسىرەپ يولغا سالدىشۇ تاپتا ئۇ بەكلا خۇشال ئېدى،ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇدا بەخىت،ئىللىقلىق،مەۋۇج ئۇرۋاتاتتى.
ئاينۇر ئەكرەمنى يولغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن نېلۇفەرنى يەسلىگە ئاپارماقچى بولۇپ،كېيىملىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ياتاق ئۆيگە كىرىپ،ئۇشتۇمتۇت ئەكرەمنىڭ ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان يانفونىغا كۆزى چۈشۈپ ئۇنى قولىغا ئالدى،يانفون ئېتىك تۇراتتى،ئاينۇر قىزىقىپ يانفوننى ئاچتى،يانفوننى ئېچىشىغىلا كەلگەن بىر تال ئۇچۇر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
-جېنىم ئاخشام نېمىشقا مېنى ئالغىلى كەلمەيسىز،سىزنى بەك سېغىندىم،ماڭا مۇشۇنداق قىلسىڭىز بولامدۇ،يانفونىڭىزنىمۇ ئېتىۋاپسىز.ئۇچۇرنى كۆرۈپلا ماڭا تېلىفون قايتۇرۇڭ،
ئۇچۇرنى كۆرۈش بېلەن ئاينۇرنىڭ ئەمدىلا تىنىۋاتقان كۆڭلى يەنە بېئارام بولۇشقا باشلىدى،ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئاشۇ ئايالغا تېلىفون قىلىپ راسا تىللىغۇسى كېلىۋاتاتتى.بىراق بۇنداق قىلغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئېدى،ئاينۇرنىڭ تويۇقسىزلا ئېرىنى ئازدۇرغان بۇ شەيتاننىڭ زادى قانداراق بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى.
-جېنىم ھازىرلا كۆرىشەيلى،سىزگە تېلىفون قىلىش ئەپسىز ،ھازىرلا ياشلار بارغچىسىنىڭ ئالدىدىكى مەلۇم تاماقخانىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى xنومۇرلۇق ئايرىمخانىغا كېلىڭ.
ئاينۇر مەلۇم ئاشخانىدىن ئايرىمخانىدىن بىرنى زاكاس قىلغاندىن كېيىن قىزغا شۇنداق دەپ ئۇچۇر يازدى.قىز -بۈگۈن دەرىسىم يوق،ماقۇل ،ھازىرلا باراي-دەپ جاۋاب قايتۇردى.
ئاينۇر ئالدىراپ سالدىراپ،نېلۇفەرنى جابدۇندۇرۇپ يەسلىگە ئاپىرىۋەتكەندىن كېيىن،ھېلىقى قىز بېلەن كېلىشىپ قويغان ئورۇنغا كېلىپ ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلىدى.شۇ تاپتا ئۇ ئايالغا نېمە دېيىشىنى زادىلا بىلمەيتتى،-دەرىسىم يوق دەيدۇ،قارىغاندا ئوقۇتقۇچى ئوخشايدۇ،ئەكرەم ئۇنىڭ مۇئاشىنى دەپ ئارلشقانمىدۇ،ياكى….-ئاخىرى يوق خېياللار ئاينۇرنى راسا قىيناۋاتاتتى،قانداق قىلسام بولا،ئۇ كەلگەن چاغدا راسا تىللاپ دەردىمنى چىقىرىۋالمىسام.-ئاينۇر شۇلارنى ئويلىغاندىن كېيىن،خېيال ئېكراندىن قىز كەلگەندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار بىرمۇ-بىر ئۆتۈشكە باشلىدى.
قىز كېلىدۇ،ئاينۇرنى كۆرۈپ ،كەينىگە بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولىدۇ،-نەگە بارىسەن ۋۇ بۇزۇق-ئاينۇر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنىڭ چېچىغا ئېسىلىپ يۈزىگە بىر تەستەك سالىدۇ.قىزمۇ قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتۈپ،ئاينۇرنىڭ چاچلىرىنى يۇلىدۇ،ئايرىمخانىنىڭ ئىچى قىيا چىياغا تولىدۇ،قىيا-چىيانى ئاڭلىغان باشقا كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ،ئايرىمخانىنىڭ ئىچى جىدەل كۆرگۈچىلەر بىلەن لىق تولىدۇ،شۇنىڭ بېلەن ئاينۇرنىڭمۇ ھېلىقى ئايالنىڭمۇ يۈزى تۆكىلىدۇ، ھېلىقى قىز ئەكرەمگە بىرنى ئۇن قىلىپ بۇ جېدەلنى يەتكۈزىدۇ،بۇ ئىشلار بىردەمدىلا كىچىككىنە بۇ شەھەرگە پۇر كېتىپ ئەكرەمنىڭمۇ يۈزى تۆكۈلىدۇ،ئۇزاق ئۆتمەي ئەكرەم بېلەن ئاينۇرنىڭ مۇناسىۋېتى بۇزۇلۇپ ئاجىرىشىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ بېلەن يەنە ئاۋالقى تىراگىدىيە يۈز بېرىدۇ.
ئاينۇرنىڭ كۆز ئالدىغا ئاقىۋەتتە يۈز بېرىدىغان تىراگىدىيەلەر كېلىشى بېلەنلا دەرھال بۇ نېيتىدىن يالتىيىپ يەنە بىرخىل كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.قىز كىرىپ ئاينۇرنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ،-سىز نېمىشقا مېنىڭ ئېرىمغا چاپلىشىۋالىسىز،سىزدىن ئۆتۈنەي مېنىڭ بىر بالام بار بىزگە ئىچىڭىز ئاغرىسۇن،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىڭ،بىزنى ئۆيىمىزنى تۇتقىلى قويۇڭ-ئاينۇر قىزنىڭ قۇچىقىغا تىزلىنىپ يالۋۇرۇدۇ.-قولىڭىزنى تارتىڭ،ئەكرەم سىزدىن زېرىكىپتۇ،ئۇ سىزنى ئەمەس بەلكى مېنى ياخشى كۆرىدۇ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ كېتىڭ،مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىپ مۇمكىن ئەمەس،ئۇمۇ مەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ،بىزنى ئايرىيمەن دېيىشىڭىز خام خېيال-قىز ئاينۇرنى سەت ئىتتىرۋېتىدۇ.
ئاينۇرنى ئائىلىسىنى قوغداش ئېرادىسى سۇسلۇشۇپ،يەنە ئاۋالقى تىراگىدىيە يۈش بېرىدۇ.
-ياق بۇنداق قىلسام بولمايدۇ.بۇنداق قىلسام ئېرىمنى ئۇنىڭغا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويغان بولمامدىمەن-،ئاينۇر شۇ خېياللار بېلەن ئۇنىڭغا ھەرگىز يالۋۇرماسلىقنى قارار قىلدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم-قىز ئاينۇرنى كۆرگەندىن كېيىن ئەدەپلىك سالام بېلەن كىرىپ كەلدى.
-كېلىڭ سىڭلىم بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ-ئاينۇر قىزنى كۆرۈپ ئۆز ئەقلىگە ئىشەنمەيلا قالدى،چۈنكى قىز ئۇ پەرەز قىلغاندىكىدىن كۆپ كىچىك ئېدى.
قىز تارتىنغىنىچە ئاينۇرنىڭ ئۇدىلىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.
-سىڭلىم بەك چىرايلىقكەنسىز ئىسمىڭىز نېمە؟-ئاينۇر ئۆزىنى بېسىشقا تىرىشىۋاتاتتى.
-نېلۇفەر -قىز تارتىنىپقىنا جاۋاب بەردى.
-ئىسمىڭىز قىزىمنىڭ ئىسمىغا بەكلا ئوخشايدىكەن،سىز ھەقىچان مېنىڭ كىملىكىمنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىز،مەن ئەكرەمنىڭ ئايالى،سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلاردىن ئازىراق خەۋەردەر بولدۇم،شۇڭا سىز بېلەن بىر مۇڭدىشىپ باقاي دېگەن نېيەتتە سىزنى بۇ يەرگە چاقىردىم ،تارتىنماي ئولتۇرۇڭ ئەركىن -ئازادە پاراڭلىشايلى.-ئاينۇر تەمكىنلىك بېلەن قىزغا چاي قۇيۇپ سۇنغاچ گەپ باشلىدى.
-رەھمەت سىزگە -قىز تەكەللۇپ بېلەن چاينى قولىغا ئالدى-قانداق گېپىڭىز بولسا دەۋېرىڭ.
-ئاۋال شۇنى بىلىپ قېلىڭ،بۈگۈن سىزنى چاقىرىشتىكى مەخسەت سىزنى ھەرگىزمۇ ئەكرەمدىن ئايرىۋېتىش ئەمەس،مەن ئەكرەمنى بەكلا ياخشى كۆرەلەيمەن،شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ مەندىن باشقا ئايال زاتىنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇشىنىمۇ خالىمايمەن،لېكىن ئۇ بەخىتلىك بولىدىغانلا بولسا،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازىمەن،ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،سىڭلىم ،ئەگەر سىزنىڭ ئەكرەمنى مەندىنمۇ بەخىتلىك قىلىشقا كۆزىڭىز يەتسە ،مەن ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ ئىككىڭلارنى مۇراسىڭلارغا يەتكۈزۈشنى خالايمەن.ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋېتىڭلارنى سوراشتىن ئاۋال بىر ھېكايىنى سىزگە سۆزلەپ بېرەي،ئاڭلاشنى خالامسىز.-ئاينۇرنىڭ سۆزلىرى شۇ قەدەر ئېغىر بېسىق ھەم تەمكىن ئېدى.
-خالايمەن،-نېلۇفەر ئاينۇرنىڭ ئېپادىسىگە قاراپ بارغانسىرى ھەيران قېلىۋاتاتتى.چۈنكى ئۇنىڭچە بولغاندا ،ئاينۇر ئۇنى تازا تىللاپ ئىچ پۇشقىنى چىقرىۋېلىشى،ياكى،ئەكرەمدىن ئايرىلىپ كېتىڭ دەپ يالۋۇرۇشى كېرەك ئېدى.
-ناھايىتى ساددا ھەم ئاق كۆڭۈل بىر قىز بار ئېكەن،ئۇ ئالىي مەكتەپكە يېڭىلا چىققان چاغلىرىدا،ئۆزىگە ئوخشاشلا ساددا ھەم ئاقكۆڭۈل بىر يېگىتنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ،ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى كۆرۈپلا شۇنداق ياقتۇرۇپ قاپتۇ،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن .،قىز يېگىتنىڭ مۇھەببەت خېتىنى تاپشۇرۋاپتۇ،شۇ چاغدا قىز ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھېس قىلىپ يېگىتنىڭ سۆيگۈسىنى قوبۇل قىلىپ،ئۇنىڭغا چەكسىز سۆيگۈ -مۇھەببەت بېغىشلاپتۇ،كۈن ئۆتكەنسىرى ئىككىسى بىر-بىرىگە تېخىمۇ ئامىراق بولۇشۇپ كېتىپتۇ،ھەمدە مەڭگۈ ئايرىلماي بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇشقا ۋەدىلىشىپتۇ.ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئوقۇشى پۈتۈپ،ھەر ئىككىلىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ خىزمەتكە چۈشۈپتۇ،لېكىن يولنىڭ يىراقىلىقى ئۇلارنىڭ رىشتىسىنى ئۈزۈلمەپتۇ،بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار توي قىلماقچى بوپتۇ،بىراق ھەر ئىككىلسىنىڭ ئائىلسىدىكىلەر،ياقا يۇرتتىن توي قىلمايمىز دەپ ،بۇ تويغا قاتتىق قارشى تۇرۇپتۇ،قىز بېلەن يېگىتنىڭ پاك مۇھەببىتى ئۇلارغا كۈچ قۇۋۋەت بېرىپ ئېرادىسىنى كۈچەيتىپتۇ،نۇرغۇن جاپا مۇشەققەت تارتقاندىن كېيىن،ئۇلار ئاخىرى ئائىلسىدىكىلەرنى قايىل قىلىپ،ئاخىرى توي قىلىپ مۇرادىغا يېتىپتۇ،قىز ئېرىنى دەپ ئۆز خىزمىتىدىنمۇ ۋاز كېچىپ،ئۆي ئايالى بولۇپ ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.بىر يىلدىن كېيىن ،ئۇلارنىڭ ئوماق پەرزەنتى نېلۇفەرنىڭ تۇغۇلىشى بېلەن بۇ ئائىلىدە شادلىق ئۈستىگە شادىلىق قوشۇلۇپتۇ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسى شۇ قەدەر بەخىتىلىك بولۇپ،ئەر ئايالىدىن،ئايال ئېرىدىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولۇپ،بىر-بىرىگە مەدەت،ئېلھام يۆلەك بولۇپ،ھاياتنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ بەخىتلىك ياشاپتۇ.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،ئايالنىڭ يېشى چوڭۇيۇپ،بۇرۇنقى گۈزەل لاتاپىتى سۇسلىشىشقا باشلاپتۇ،شۇ ئەسنادا ئەر ئېنتايىن چىرايلىق بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىپ،ئايالىدىن يىراقلىشىپتۇ،ئايال،ئېرىنىڭ بەختى ئۈچۈن ،ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپتۇ،بەخىتلىك ئائىلىدە تۇغۇلۇپ خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئوماق قىز يېتىم بولۇپ، كۈلگۈسى خانىۋەيران بولۇپ ،قايغۇغا چۆكۈپتۇ،ئىللىق ھەم ئېنتايىن ئېناق بىر ئائىلە شۇنداق قىلىپ ۋەيران بوپتۇ.ھېكاينىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن،بۇ ھېكايە دەل ئەكرەم بېلەن مېنىڭ ھېكايەم،ئەمدى ھېكاينىڭ ئاخىرىنى مەن ئەمەس بەلكى سىز يازىسىز،چۈنكى ئەمدى قەلەم سىزنىڭ قولىڭىزدا-ئاينۇر سۆزلىرىنى تۈگىتىپ،سومكىسىدىن پورتمالىنى چىقىرىپ،ئەكرەمنىڭ ئۆزىگە يازغان تۇنجى خېتى بېلەن،ئەكرەم بېلەن ئالىي مەكتەپتە بىرگە چۈشكەن ،ھەم قىزى ئۈچى بىرگە چۈشكەن ئىككى پارچە رەسىمنى چىقىرىپ نېلۇفەرگە ئۇزاتتى،
-ئەمدى مەنمۇ سىزگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي-دېدى نېلۇفەر ئاينۇرنىڭ قولىدىن خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ بولۇپ كۆز يېشى قىلغاندىن كېيىن-كىچىكىدىنلا نامرات بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر قىز بار ئېكەن،ئۇ قىز ئالىي مەكتەپكە يۇقۇرى نەتىجە بېلەن قوبۇل قىلىنىپتۇ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادى بەك تۆۋەن بولغاچقا قىزنى ئوقۇتۇش-ئوقۇتماسلىق توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇرۇپ،قىزنىڭ ئوقۇش ئېرادىسىگە قاراپ ئاخىرى ئۇنى ئوقۇتۇشنى قارار قىپتۇ.قىز ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇشتا بەكلا قىينىلىپتۇ،باشقا ساۋاقداشلىرى ئۈچ ۋاخ ئاشخانىدىن تاماق يېسە،ئۇ ياتاقتا ئۆيىدىكىلەر ئەۋەتكەن ناننى غاجاپتۇ،ساۋاقداشلىرى،ئۇنى نامرات دەپ ئارىغا ئالماي كەمسىتىپتۇ،قىزنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بوپتۇ،شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۇنىڭ ياتىقىدىكى قىزلار بىر ئولتۇرۇشقا بارماقچى بولۇپ،ئۇ نامرات قىزنىمۇ بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىپتۇ،ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنى ئارىغا ئالغانلىقىدىن خۇشال بولغان قىز ،خۇشال بولۇپ ئۇلار بېلەن بىللە ئولتۇرۇشقا مېڭىپتۇ.
ئولتۇرۇشتا قىزلاردىن خېلىلا چوڭ بىرنەچچە ئاكاش بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاكاش نامرات قىزغا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ،كېيىن ئۇلار داۋاملىق ئىزدىشىپ ئۆتىدىغان بوپتۇ،ئۇ ئاكاش قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا خېلى كۆپ ياردەملەرنى قىپتۇ،يەنە ساۋاقداشلىرىنىڭكىگە ئوخشاش يانفون ئېلىپ بېرىپتۇ،قىز بۇ ئاكاشنىڭ ياخشىلىقىدىن تەسىرلىنىپ بارا-بارا بۇ ئاكاشنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،ئۇ ئاكاشمۇ بىر كۈنى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،شۇنىڭ بېلەن ئىككىسى خۇشال-خۇرام بەخىتلىك ياشاشقا باشلاپتۇ،ئاكاش كېيىن قىزغا ئۆزىنىڭ ئايالى ھەم بالىسى بارلىقىنى ئايالىنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ،قىزنىڭ ئوقۇشى پۈتكەن چاغدا ئايالى بىلەن ئاجىرىشىپ قىز بېلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،قىز ئاكاشنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ،ھەم ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپ بارلىقىنى ئۇنىڭغا بېغىشلاش قارارىغا كەپتۇ.-نېلۇفەر سۆزىنى تۈگىتىپ كۆزلىرىدىكى ياشنى ئېيتتى-مانا بۇ ئەكرەم ئاكام ئىككىمىزنىڭ ھېكايىسى،مەن ئىككىڭلارنىڭ بۇنداق بەخىتلىك ئۆتمىشىڭلارنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،بۇرۇن سىزنى بىر ھازازۇل ئايال دەپ خېيال قىلاتتىم،بۈگۈن سىزنى كۆرۈپلا چوقۇم مەن بېلەن ئۇرىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئېدىم،بىراق سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ،ھەم قىلىۋاتقانلىرىڭىز مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى،ئەكرەم ئاكام مەن بېلەن ئەمەس بەلكى سىز بېلەن ھەقىقى بەختىنى تاپالايدىكەن ھەدە،مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتەي،سىزگە ئۇنىڭ بېلەن كۆرۈشمەسلىككە ۋەدە بېرەي،ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ كەتمەڭ.
-بۇنداق قىلساق سىزگە ئۇۋال بوپ قالارمۇ سىڭلىم،دېگەنلىرىڭىزگە قوشۇلماي دېسەم ،ئۆزۈم ھەرقانچە ئازابلانساممۇ چىدايتتىم بىراق،ئۇماق قىزىم نېلۇفەرنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن،شۇڭا ماقۇل بۇلۇشقا مەجبۇرمەن،خاتىرجەم بولۇڭ سىڭلىم،بۇندىن كېيىن سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا ئۆزۈم بىر قوللۇق ياردەم بېرىمەن-نېلۇفەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئاينۇرنىڭمۇ كۆزلىرىگە ياش كەلدى-سىز تېخى كىچىك ،ھېكايىڭىزدىن قاراىسام ھازىر ئەكرەمدىن مېننەتدار بولغاچقىلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىز،ئىشىنىمەنكى كېيىن سىزگە ئەكرەمدىنمۇ ياخشى ،ئۆزىڭىز ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر يېگىت ئۇچراپ ، بەختىڭىزنى چوقۇم تاپلايسىز.
ئاينۇر سۆزلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن نېلۇفەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلىدى.
-مېنىڭ بىر تال ئاكاملا با،سىڭلىم يوق،خالىسىڭىز بۇندىن كېيىن مېنىڭ سىڭلىم بولۇڭ،مېنى ئۆز ئاچىڭىزدەك كۆرۈڭ.
-بەكلا خالايمەن،سىزدەك ئاچامنىڭ بولىشى مېنىڭ بەختىم-نېلۇفەر ئاينۇرنىڭ كۆسىگە بېشىنى قويدى،ئىككىسى خۇددى جان -جىگەر قېرىنداشلاردەك بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىگە مېھىر بېلەن باقتى.
-بۇ ئىشلارنى سىزنىڭ ياخشى ھەل قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن سىڭلىم،بۇ مېنىڭ تېلىفون نومرۇم قانداق ئىش بولسا ماڭا تېلىفون قىلىپ تۇرۇڭ-ئاينۇر يانچۇقىدىن تېلىفون نومرى يېزىلغان بىر ۋاراقچىنى چىقىرىپ نېلۇفەرگە ئۇزاتتى.
ئۇلار بۇيرۇتقان تاماقلارغا ئازراق ئېغىز تەگكەندىن كېيىن خوشلۇشۇپ قايتىشىتى.ئەكرەم شۇ كۈنى كەچتىلا نېلۇفەردىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدى.
ئەكرەم بۇ خەتنى شۇنداق غەزەب بېلەن يېزىپ تۇرۇپتىمەن،كۆپ ئويلاندىم.بۇرۇن سىزنىڭ ماڭا قىلغان سەدىقىللىرىڭىزگە ئالدىنىپ ،كېتىپ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.بىراق ھازىر ھېس قىلدىمكى سىزنى قىلچىكمۇ ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن،چۈنكى ھازىر مەن ئۆزۈم ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر يېگىتنى ئۇچراتتىم،ئۇ سىزدىن ياش ھەم كېلىشكەن پۇلى سىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ،ھەم مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدۇ،شۇڭا سىزنىڭ مېنى ئەمدى ئىزدىمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،ئەمدى سىزنى كۆرەر كۆزۈم يوق،سەدىقىللىرىڭىزگىمۇ مۇھتاج ئەمەسمەن،ئەگەر مېنى مەكتەپكە ئىزدەپ كېلىدىغان بولسىڭىز پاراكەندە قىلدى دەپ قىلچە ئىككىلەنمەي ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرىز سۇنمەن،باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە ئايالىڭىز ئېنتايىن ،مېھرىبان كۆيۈمچان ،ئېسىل ئايالكەن،ئۇنىڭ بېلەن ھازىرقى كۈنگە ئۇلاشمىقىڭلارمۇ ئاسانغا چۈشمەپتىكەن،چۆچۈرىنى خام ساناپ،.باشقا قىزلارغا كۆز تاشلاپ يۈرمەي،بەختىڭىزنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇمۇ سىزنى تاشلاپ كېتىدىغان بولسا پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالماڭ يەنە…مەڭگۈ خەيىر-خوش.
خەتنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن،نېلۇفەرنىڭ ئەكرەمنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى سۇسلۇشۇپ،ئاينۇرنىڭ كۆيۈمچان مېھرىغان ،قېياپىتى كۆزئالدىدا پەيدا بولۇپ،ۋوجۇدىنى تىترەتتىدە، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قاراپ ئاتلاندى..
-كەچۈر خوتۇن،مېنى كەچۈرگىن-ئەكرەم ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنىڭ يېنىدا ئۆزىگە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئاينۇرنى باغرىغا باستى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدى نومۇستىن ئۆرتىنىپ كېتىۋاتاتتى.
-نېمە بولدىڭىز ئەكرەم،نېمانداق قىلىسىز نېلۇفەر كۆرۈپ قالسا سەت تۇرىدۇ-ئاينۇر ھېچنىمنى چاندۇرماستىن،ھەيران قالغاندەك قىياپەتتە ئەكرەمنىڭ قوينىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىدى،ئەكرەم خۇددى ئاينۇرنى قويۇپ بەرسە بىر يەرگە قېچىپ كېتىدىغاندەك ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى،بۇ سىقىلىش ئاينۇرنىڭ سۆڭەكلىرىنى غىرىسلىتۋەتكەن بولسىمۇ،لېكىن،يۈرىكى شۇقەدەر راھەت بىر سېزىمنى ھېس قىلدى،چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى يېنىغا قايتىپ كەلگەن ئېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئەكرەم بىلەن ئاينۇرنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى ئەسلىگە كەلدى،ئاينۇر بۇرۇنقىدىنمۇ بەك مۇلايىملىشىپ،ئەكرەمگە تېخىمۇ بەك كۆينىدىغان بولدى،ئەكرەممۇ ئائىلىسىنى قەدىرلەپ ،بارلىق مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئائىلىنى قوغدىدى.
نېلۇفەرگە كەلسەك،ئاينۇر ۋەدىسى بويىنچە تاكى ئۇنىڭ ئوقۇشى پۈتكەنگە قەدەر ياردەم قىلىپ تۇردى،ئىككىسى راستىنلا ئامراق ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى.لېكىن ھەر ئىككىلسى بۇ ئىشلارنى ئەكرەمدىن سىر تۇتۇپ قەلبىدە پىنھان ساقلىدى.كېيىن ئاينۇر بىر يېگىت بېلەن توي قىلىپ بەختىنى تېپىپ،ئاينۇردىن مېننەتدار بولدى.
ئاينۇر ھازىر شۇ كۈنلەرنى ئويلىسىلا شۇ چاغدا توغرا قىلغىنىدىن بەكلا خۇشال بولىدۇ،ئەكرەممۇ شۇ چاغدا قىلغان ئىشلىرىنى ئويلىسىلا قاتتىق خىجىل بولىدۇ،نېلۇفەر بولسا ئاينۇردەك بىر ئاچىسىنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال.
ھېكايىمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى:سىزگە دەيدىغىنىم ،بىر ئىشلارغا ئالدىرىماڭ،ھەممە ئىشنى ئۇرۇش جېدەل بېلەن ھەق قىلىمەن دېمەڭ،ئويلۇنۇپ ئەقىل بېلەن ئىش كۆرۈڭ،مېھرى -مۇھەببەتنىڭ كۈچىگە ھەرگىز سەل قارىماڭ،ئۇنىڭ تاشنىمۇ ئېرىتىپ سىماپ قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ،بەخىتتىن ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزمەڭ،ئالدىراپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتمەڭ.كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ.
ئاپتور:تاھىرجان يۈسۈپ(ئوغۇز)
مەنبەسى:باغداش تورى