چەتئەللىككە ئۆزگەرگەن پەرى
ئۇنىڭ ئىسمى پەرىزات، بىز پەرى دەپلا چاقىرىمىز، لەقىمى جادۇگەر. پەرىنىڭ لەقىمى ئاجايىپ قويۇلغان. ھېلىقى بىرى يۆلىمىسە ئورنىدىن تۇرالمايدىغان سېمىزلەرنىڭ لەقىمى «قوناق شېخى»، ئالتە بال شامالدا ئۇچۇپ كېتىدىغان، بەدىنىدە قانچە تال سۆڭەك بارلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغانلارنىڭ لەقىمى «باداڭ» بولغاندەك، ئىسمى-جىسمىغا لايىق چىرايلىق پەرىنىڭ لەقىمى جادۇگەر.
ئىككىمىز بىر يېزا، بىر كەنت، قوشنا مەھەللە. دېھقان تىلىدا ئېيتسام بىر دادى ئىككى شودى. پەرى كىچىكىدە چوڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان، باشلانغۇچنى باشقا-باشقا مەكتەپتە ئوقۇپ، تولۇقسىزنى بىر سىنىپتا تۈگەتكەن. تولۇقتا يەنە ئايرىلىپ، ئالىي مەكتەپتە بىر كەسىپ، بىر سىنىپ بولۇپ قالدۇق. مۇشۇنداق ھېلى ئايرىلىپ ھېلى تېپىشىش پېشانىمىزگە پۈتۈلگەن چېغى. پەرىلەرنىڭ ئۆيى تاغامنىڭ ئۆيى بىلەن تام قوشنا بولغاچ كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. شۇڭلاشقىمىكىن ئۆز-ئارا سەنلىشەتتۇق.
ئويلاپ باقسام تولۇقسىزدا ئۈچ يىل ئەمگەككە چىققاندا (پاختا تەرگىلى چىقتۇق دېمەي ئەمگەككە چىقتۇق دەيتۇق) پەرىنىڭ شوپۇرى بوپتىكەنمەن. ئۇ جادۇگەر ۋېلسىپىت مىنەلمەيتى. شۇڭا ئەتىگەندە مەكتەپتىن كېۋەزلىككە سۆرەپ ئاپىرىش ۋە ئاخشىمى سۆرەپ ئەكىلىشتەك بۈيۈك ۋەزىپىنى خالىسانە ئورۇندايتىم. بەزىدە «ھەي پەرى، كۈندە ئەينەككە قاراپ چاچ تاراشنى ئۆگەنگۈچە ۋېلسىپىت مىنىشنى ئۆگەنسەڭ بولمامدۇ؟ ھەر يىلى ئادەمگە جاپا سالغۇچە» دەپ قويسام، «ئېغىر كەلگەن بولسا توختىتە، مىنمەيمەن ئەسكى ھارۋاڭغا» دەپ باتناپ قوياتتى. ئامال يوق، كەينىمىزدە بىر قىز بالا ئولتۇرسا ھېرىپ قالدىم دېيەلمىگەچ، چاندۇرماي رامبودەك كۈچكە تولۇپ مىنىپ كېتەتتۇق. پەرىمۇ قىزىق، باشقا ئوغۇللارنىڭ ھەر يېڭى ۋېلسىپىتلىرىگە مىنمەي مېنىڭ ھەممە جىرىڭلايدىغان قوتۇر ۋېلسىپىتىمنى ساقلاپ تۇراتتى.
ئۇ چاغلاردا توي قىلمىغان قىز-يىگىتلەر بىر ۋېلسىپىتتە مېڭىش ئەمەس يېقىنراق مېڭىشتىنمۇ خىجىل بولىدىغان بولغاچ، ئەمگەككە چىققاندىن باشقا چاغدا قىز بالا بىلەن بىر ۋېلسىپىتتە ماڭغاننى كۆرۈش كۈن تۇتۇلغاننى كۆرۈشتىنمۇ تەس ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنڭ بىرىدە ئەمگەكتىن يانغان چاغ ئىدى. كەچراق قاپتىكەنمىز، پەرىگە «خېلى ۋاخ قاپتۇق، چىڭراق ئولتۇر جۇمۇ» دېسەم ھە دەۋاتاتتى. پىراڭدەك مىنىپ كېتىپ بارسام «ئاھ» دېگەن ئاۋاز بىلەن ۋېلسىپىت يەڭگىللەپ قالدى. كەينىمگە قارىسام پەرى يوق. پۇت تورمۇز قول تورمۇز ھەممىنى قىلىپ ئاران توختاپ قارىسام، پەرى يول بويىدىكى ئېرىقتىن ئۆمىلەپ چىققىلى تۇرۇپتۇ. يېڭى سۇ قويغان ئېرىقكەن، يۈز-كۆزلىرى لاي. شەيتىنىمنى قەتئىي باسالماي كۈلۈپ سالدىم. «جايلاپ ئولتۇرالماي موللاق ئاتتىڭما» دېسەم، «جايلاپ ئولتۇرغان، يوپكامنى ئەسكى ھارۋاڭنىڭ چاقى ئەكىرىپ كەتتى شۇ» دەيدۇ. دېگەن گېپىمگە خىجىل بولۇپ قالدىم. مانا شۇ چاغدا ۋېلسىپىت ئەكىرىپ كەتكەن يوپكىنى ئالىي مەكتەپكە كېلىپ خېلى بىر ۋاققىچە كۆرەلمىدىم.
ئالىي مەكتەپ تۇنجى يىلى، ئۈرۈمچىنىڭ بىشەم خوتۇننىڭ مىجەزىدەك تولا ئۆزگىرىدىغان ئەتىيازىنى يولغا سەپ قويۇپ، ياز كىرەيمۇ-كىرمەيمۇ دەپ چوت سوقۇۋاتقان چاغ. بىر كۈنى كەچ يوتقانگۈلنى قۇچاقلاپ ياتسام ياتاقداشلارنىڭ پارىڭى چۆرگىلەپ كېلىپ قىزلار ئۈستىدە توختىدى. ئەمدى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان تۆت بالا ياتقان بىر ياتاقتا، ئايلاپ-يىللاپ بىرەر قېتىم قىز بالا ھەققىدە گەپ بولۇنمايدۇ دېسە چوڭ ئەيسامۇ ئىشەنمەس.
– ھەي بالىلار، ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولىدىغان يەر ئىكەن بۇ. سوغۇقلا بولۇپ ئۆتۈپ كەتسە بولغۇدەك.
– ياز نەرىڭلىگە تاقاشتى ئاداش؟
– يا تالاغا چىققىلى بولمىسا، سىنىپقا چىقساقمۇ شۇ. بىر يەلىرىنى مەكىت قويىنىڭ قۇيرۇقىدەك چىقىرىۋالمىسىمۇ ياز ئۆتىدۇ ئاداش.
– گەپ ئۆزەڭلىدە، قارىمىساڭلا بولىدىغۇ.
پىخىلداپ كۈلۈشكىلى تۇردۇق. مۇشۇنداق گەپتىن كەتكەن چاغدا تۇتۇۋېلىپ بىر كەلتۈرۈۋالاتتۇق دە.
– سىلى ئۇنداق دېگەن بىلەن باشقا سىنىپتىكى بالىلار ۋە ماۋۇ يات خەقلەر قىزلىرىمىزغا قاراپ ھىجايغىلى تۇرسا ئىچىم ئاچچىق بولىدىكەن. ساق-سالامەت بولساق يەنە ئۈچ يىل بىللە ئوقۇيمىز تېخى. ھازىر يات خەقنى دوراپ تارلاشتى، بىرى توسمىسا كېلەر يىلى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ قىسقىراپ كەتسە، بۇلۇڭ-پۇچقاقتىكى كوچا بىلەن مەكتەپنىڭ نېمە پەرقى ئاداش.
ئۇغۇ شۇ. مۇشۇ گۈلنىگارغا ئۆيىدىكىلەر بىر نېمە دېمەمدىغاندۇ دەيمە ھەي، شەنبە-يەكشەنبە ئۆيىگە كېتىدۇ بولمىسا. ئاتا-ئانىسىمۇ نەچچە كەلدى مەكتەپكە، شۇنداق يۈرۈۋېرىدىكەن. خىجىل بولمامدىغاندۇ؟
– خۇدايىمدىن شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب، ئىمان تىلەيلى بالىلار. بىزنىڭمۇ ئاچا-سىڭىللىرىمىز بار. قانداق قىلىمىز، گەپ قىلايلى دېسەك ساۋاقداش بولغان بىلەن تېخى ئۇنچە يېقىن ئەمەس. گەپ قىلمايلى دېسەك ئاشۇنداق يۈرسە. «غورا ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ» دەپ بىر-بىرسىدىن ئۆگىنىۋاتامدىكىن.
– گۈلنىگارغۇ ئۈرۈمچىلىك، پەرىگە نېمە دەيسىلەر؟ خېلى بىر ئوڭ-ساق قىزمىكىن دېسەم ئاران تۇرۇپتىكەن يازنى ساقلاپ.
– پەرىنىڭ گېپىنى قىلماڭلار، بەزىلەرنىڭ ئاچچىقى كەلگىلى تۇردى.
گەپكە ئارىلاشماي قۇلاق موللىسى بولۇپ ياتقان. قانداق دەپ سالغىنىم ئېسىمدە يوق، «كىمنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ» دېيىشىم كۈلكىگە سەۋەب بولدى. «خۇدۈكى بار موللام چاي ئىچمەي تۇرۇپ تەرلەيدۇ» دەپ ئۆزۈمنى تۇتقۇزۇپ قويغان ئىدىم.
دېمىسىمۇ راست، «سەھرالىق شەھەرگە كەلسە چەتئەللىك بوپتۇ» دەپ، ياز تېخى تولۇق كەلمەي تۇرۇپ پەرى ئاللىقاچان يازلىق نوچى بولۇۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملىرىنى كۆرۈپ كىنولاردىكى تېگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان بومبا يادىمغا كېلەتتى.ئاتا-ئانىسىغۇ خېلى ئىلىمى بار، مەھەللە-كويدا يۈزى بار ئادەملەر ئىدى. پەرىنىڭ يۇرتتا بۇنداق كىيىنىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بەلكىم بۇنداق يۈرەلمەس ئىدى. قانداق قىلاي، ئۇنىڭ بىلەن كىيىم-كېچەك توغرىسىدا پاراڭلاشمايتىم، چاقچاق قىلىپ دەۋالاي دېسەم تېخى. دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يازلىق تەتىلمۇ قىلىۋالدىم.
دېمىگەنمىدىم، مەھەللىسىدە نەچچە رەت ئۇچراتتىم، كىيىملىرى تۈزىلىپ قاپتۇ. «مەھەللەڭدە ئوقۇساڭ بولىدىكەن» دەپ قالدىم ئىچىمدە. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزلىرىنى يىراققا ئوقۇشقا ئەۋەتمەسلىكىدىكى سەۋەبى، بىلىم ئېلىشقا ئەۋەتىلگەن قىزلىرىنىڭ باشقا نەرسىلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىسە كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. تەتىلدىن يىغىشقا ئاز قالغاندا پەرىنىڭ چوڭ ئانىسى تۈگەپ كەتتى. ئۆيدىكىلەر بىلەن پەتىلەپ بارغاندا قارىسام كۆزلىرى قىزىرىپ، ئىششىپ كېتىپتۇ، چىرايىدا قان دىدارى يوق. كىچىكىدە چوڭ ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى، چىدىمىغان چېغى. مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەرىنىڭ «بومبىسىمان» كىيىملىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى. ئۆيىدىكىلەر گەپ قىلدىمۇ يا چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى سەگىتتىمۇ بىلمىدىم، نېمىلا بولمىسۇن «چەتئەللىك» تىن «سەھرالىق» ئەسلىگە قايتقان پەرىدىن خۇش بولدۇم.
يەنە بىر يىلى يازلىق تەتىلدىن يىغىپ مەكتەپكە قايتىدىغان چاغ ئىدى. پويىز ۋوگزالىغا كىرىشكە ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغان، پەرى ئالدىمدا ئىدى. بىر چاغدا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارايدۇ.
– بىر ئىش بولدىما؟
– قۇۋان، يېنىمدا كىتاب بار ئىدى، سەل ئەنسىرەپ قالدىم.
– نېمىگە ئەنسىرەيسەن؟ قانۇنسىز كىتاب ئەمەستۇ؟
– قانۇنسىزغۇ ئەمەس، لېكىن شۇ…
قارىسام بىر گەپلەرنى دېيەلمەيۋاتقاندەك، «نېمە كىتاب ئىدى، ئالە كۆرەي» دېسەم، چامداننى ماتىلاپ تەستە تاپتى. قارىسام «ياخشىلار باغچىسى» دېگەن كىتاب.
– قانۇنلۇق نەشر قىلىنغان كىتاب ئىكەنغۇ؟ ئەنسىرىگەن ئادەم ئۈرۈمچىدىن ئالساڭ بولمامدۇ؟
– ئۆزۈمگە ئالمىدىم، شۇ ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلار ئالغاچ كېلىڭ دېگەن. ئۇ يەردىكى كىتابخانىلاردا تېپىش تەسكەن، يايمىچىلار بەك قىممەت دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
– شۇنچە چوڭ شەھەردە تۇغقانلىرىڭغا كىتاب تېپىلماپتىمۇ؟ لازىم بولغان ئادەم قىممەت بولسىمۇ ئالاتتى.
ئۇ گەپ قىلماستىن قانداق قىلىمىز دېگەندەك قاراپ قويدى.
– ئەكە مەن ئۆتكۈزەي، ئۈرۈمچىگە بارغاندا بېرەي ساڭا.
– ساڭا ئىش تېپىپ بېرەرمەنمۇ؟
– قانداق قىلىمىز ئەمىسە؟ ئۆزۈڭ ئېلىپ مېڭىشتىن ئەنسىرىسەڭ، ماڭا بەر دېسەم تېخى ئۇنىمىساڭ.
ئۇ بىردەم تۇرۇۋېتىپ كىتابنى ماڭا بەردى ۋە «ئىچكىرى بىر يەرگە سالارسەن» دەپ قويدى.
– ماڭە ۋاي، قانچە ئىچكىرىگە سالساڭ شۇنچە كۆرگۈسى كېلىدۇ، ماۋۇ كىچىك سومكامغىلا سېلىۋالاي.
كىرىش ئېغىزىغا كەلدۇق، پەرى ئۆتۈپ بولۇپ، چامدان سومكىلارنى قويۇپ، ئۈستى-بېشىمىزنى تەكشۈرىدىغان ساقچىنىڭ ئالدىدا تۇراتتىم. سىيرىلما تاسمىلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان ساقچى سومكامنى ئېلىپ ياندىكى شىرەگە قويدى ۋە «بۇ كىمنىڭ» دەپ توۋلىدى. «قورققان يەردە جىن بار» دېگەندەك ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، «مېنىڭ» دەپ ئالدىغا باردىم.
– ئىچىدە نېمە بار؟
– يەيدىغان نەرسىلەر يەنە بىر كىتاب بار.
– ئالە كىتابنى.
كىتابنى ئېلىپ بەردىم. ساقچى كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى كۆرۈپلا ئايىغىمنىڭ ئۇچىدىن بېشىمدىكى چاچ چىقمىغان يەرگىچە قاراپ قويدى، چىرايلىرى ئۆزگىرىپ، قاپاقلىرى تۈرۈلدى.
– نېمە كىتاب بۇ؟
«ساۋاتىڭ يوقما؟» دەي دېدىم يۇ، ھازىرقىدەك قاسقان شەپكە، ئالا-بۇلىماچ كىيىم كىيگەنلەرگە بىرى ئوينىشىپ قاش ئېتىپ سالسىمۇ سوراق قىلىدىغان ۋەزىيەتتە، ئۆزۈمگە ئىش تاپماي دەپ جىم تۇردۇم.
مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ ئۇ ساقچىغا جان كىردى، پەرى نېرىراقتا ئالاقىزادە بولۇپ ماڭا قاراپ تۇراتتى. ۋوگزالدىكى باشقا كىشىلەر كېچىكىپ كەلسىمۇ بىزدىن پۇلنى نەق ئالىدىغان پويىزنى ساقلاپ زېرىكىپ تۇرغاندا، بىكارلىق قويۇلغان تاماشىغا قىزىقىپ قارىشىپ تۇراتتى.
– نېمە ئىش قىلىدىغان نېمە سەن؟
ئۇنىڭ مەھەللىمىزدىكى ئۆستەڭدە بىر تېمىم سۇ يوق تۇرۇپ، ئاختاما يەردىن سۇ پۇلى يىغقىلى كەلگەن كادىردەك ھەيۋە بىلەن گەپ قىلىشى سەل چىشىمغا تەگدى.
– ئوقۇغۇچى.
– نەدە ئوقۇيسەن؟
– ئۈرۈمچىدە.
– قايسى مەكتەپتە؟
مۇناسىۋەتسىز سورىلىۋاتقان سوئاللاردىن زېرىكىپ يەنە جىم بولدۇم.
– سەن مۇشۇنداق كىتاب ئوقۇساڭ بولامدۇ؟
– قانداق كىتابكەن؟ ھۆكۈمەت قانۇنلۇق نەشر قىلغان، كىتابخانىلاردا سېتىلىۋاتقان كىتاب بۇ. ئاۋۇ كەينىدە ساتقان كىتابخانىنىڭ تامغىسى بار. ئۆزۈم ئوقۇيمەن دەپ ئالمىدىم بۇنى، تۇغقانلارغا ئېلىپ ماڭدىم.
– بەك سەكرەيسەنغۇ؟ گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
«سۇ كادىرى» نىڭ قاتتىقراق ۋارقىرىشى باشقا ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى بولغاي بىر نەچچە ساقچى يېنىمىزغا كەلدى.
– نېمە ئىش بولدى؟ -، دېدى بىر خەنزۇ ساقچى «سۇ كادىرى» غا.
– بۇ ئادەمنىڭ يېنىدىن بىر كىتاب چىقتى، دىنغا ئائىت ئىكەن.
ئۇنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىدىن بىر بولسا ياللانما ساقچى بىر بولسا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغان ساقچى دەپ پەرەز قىلدىم. چۈنكى ھازىر ئالىي مەكتەپتە نورمال ئوقۇغان بىرىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىمۇ بۇ «سۇ كادىرى» دىن ياخشىراق ئىدى. ياللانما بولسا «چوڭ پىتتىن كىچىك پىت بەك چاقىدۇ» نەزىرىيەسى بويىچە بىر مەزگىل ئىشلەپ، يا ئۆزى خىزمەتتىن زېرىكىدۇ، يا بېشىدىكىلەر خېتىنى بېرىپ يولغا سالىدۇ.
خەنزۇ ساقچى كىتابنىڭ كەينىدىكى خەنزۇچە ئۇچۇرلارغا بىر قارىۋېتىپ ماڭا قارىدى. ئەمدى گەپنى جايلاپ دەيدىغان يەرگە كەلگىنىمنى بىلىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم.
– كىتابخانىدىن سېتىۋالغان ئىدىم، ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلارغا سوۋغا قىلغىلى ئېلىپ ماڭغان. كەينىدە كىتابخانىنىڭ تامغىسىمۇ بار.
ئۇ كىتابنىڭ ئالدى-كەينىگە يەنە بىر قارىۋېتىپ قايتۇرۇپ بەردى ۋە «ماڭساڭ بولىدۇ» دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ھېلىقى «سۇ كادىرى» مۇ سۇ پۇلىنى ئالالماي، سېكرېتارنىڭ ئالدىدا تىل ئاڭلىغاندەك سەت ئالىيىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
كىتابنى ئېلىپ قايتىپ كېلىشىمگە جادۇگەرنىڭ ئاغزى ئېچىلسا بولىدۇ، – نېمە قىلاتتىڭ ساقچى بىلەن تەڭ تۇرۇپ، چىرايلىق چۈشەندۈرسەڭ بولمامدۇ؟ ئەكىرىپ كەتسە قانداق قىلاتتىڭ؟
ئۇھ، «يىغا ياندىن، بالا قېرىنداشتىن» دەپ جادۇگەر لەقىمىڭ بىكار قويۇلماپتىكەن پەرى، قاچان بىر ساقىيىپ قالارسەن دېگەن خىياللار بىلەن سومكامنى ئاستىم.
ساقچىدىن قۇتۇلۇشۇمغا خەنزۇچە بىلگەننىڭ پايدىسى بولدى دەپ يۈرەتتىم، كېيىنچە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار خەنزۇچىنى تېخى تولۇق بىلمەيدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بەردى.
مەنبەسى:ئانا تۇپراق مۇنبىرى