ھاياتىمدىن تەرگەن تەرمىلەر
ئالىم ياسىن ئارمانى
1. ئەگەر باشقىلار ساڭا بەخىت ئاتا قىلالمىسىمۇ،ئېھتىيات قىلىشنى ئۈگەتسە سەن ئۇنى ھەقىقىي دوستۇم دەپ بىلسەڭ بولىدىكەن.
2. بالىلار بىۋاپا دادىنىڭ قولىدا ئەللەيلەنگىنىدىن،ۋاپادار ئانىنىڭ قولىدا خار بولغىنى ئەۋزەلكەن.
3. ئائىلىگە دەز كەتكۈزىدىغىنى بوسۇغا ئىچىدىكى گەپكەن،ئۇ سىرىتتىن ئەمەس ئۆز يېنىڭدىن پەيدا بولغاندا يۈرۈگۈڭنىڭ جانان ئەڭ نازۇك يەرلىرىگىچە دەز كېتىدىكەن.
4. بىر پاك ئائىلىگە نىسبەتەن ئەرنىڭ ئايالىغا خىيانەت قىلىشى،بارلىق مەينەتچىلىك ۋە ھالاكەتنىڭ باشلىشىغا سەۋەپ بولىدىكەن.
5. بارلىغىنى ئەۋلاتلارنىڭ بەختى ئۈچۈن بېغىشلىيالايدىغان يۈرەكلا ھەقىقى،ساپ بولىدىكەن.
6. دۈنيادا ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىگى،خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ئىناقلىقى،ئەتراپتىكىلەرنىڭ بىزنى چۈشىنىشى،ئەتراپىمىزنىڭ تېنىچلىقىدەك بەخىت بولمايدىكەن.
7. ئەگەر ھاياتىڭىزغا يۈز كېلەلىگۈدەك بىر ئىش قىلاي دىسىڭىز،ھەمىشە باشقىلارغا ئەمەس ئاۋال ئۆزىڭىزگە ياخشىلىق قىلىشىڭىش كېرەككەن.
8. ئائىلە-بىر باققا ئوخشايدىكەن،سىز ئۇنى ھەمىشە،سۇغىرىپ،يۇمشىتىپ،پەرۋىشلەپ تۇرسىڭىز ئۇنىڭ سىزەە بىرىدىغان مېۋىللىرىنىڭ تەمىمۇ شۈنچىلىك تاتلىق ۋە ئۆزگىچە بولىدىكەن.
9. ئۆزىدىكى بار نەرسىلەردىن پايدىلانماي،باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە ئاچلىق قىلىشتەك شۇكۇرسىزلىك كىشىنى ھامان ھالاكەتكە باشلايدىكەن.
10.ئىنسان نەپسى شۈنچىلىك ئاچ كېلىدىكەنكى -ۋاقتى كەلگەندە بىر-بىرىنى يېۋىتىشپىمۇ نەپسى تويمايدىكەن.
11.ئىنسان يەنە شۇنداق كېلىدىكەنكى-بەزىللىرى بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىپ تۇرۇپمۇ،يېقىن دوستلىرىدەك ياخشىلىق قىلىشسا،يەنە بەزىللىرى يېقىن دوستى بولۇپ تۇرۇپمۇ بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىشىدىكەن.
12.ئەڭ ئىسىل ئادەملەر كىشىلەرگە باھا بەرگەندە، كىشىلەرنىڭ ساڭا قىلغان ياخشىلىقىغا قاراپ ئەمەس،سېنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياىشىلىقىڭغا قاراپ باھا بىرىدىكەن.
13.باشقىلارنىڭ ھەمىشە بىزگە قاراپ ئېچىنغىنى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىزگە ھېسداشلىق قىلغىنى بولماستىن،بەلكى بىزنىڭ يارىماسلىقىزنىڭ،بىچارىلىقىمىزنىڭ بەلگىسى ئىكەن.
14.ئەر،ئايالىغا قانچە ئېشەنسە ئائىلە كۆكلەيدىكەن.ئايال،ئەرگە قانچىلىك ئىشەنسە ئائىلە گۈللىرى پورەكلەيدىكەن.
15.دۈنيادىكى ئەڭ ئېغىر غېرىپچىلىق،بالىلارنىڭ باللىرى بىلەنلا بولۇپ،ئاتا-ئانىللىرىنى ئۈنتۈپ كېتىشىدەك ئېغىر بولمايدىكەن.
16.باشقىلارنىڭ ھارام ماللىرى بىلەن بېيىغان ئائىلىدە ھەمىشە خاتىرجەملىك بولمايدىكەن.
17.ئىككى قولى يوق ھالال ئەجرى بىلەن ياشىغان كىشى مېيىپ بولماستىن،ساق ئىككى قولىنى ساڭگىلىتىپ يۈرۈپ،بىكار يۈرىيىدىغان كىشى ھەقىقىي مېيىپ ئىكەن.
18.ئەتراپىدىكىلەرگە بىر پۇڭلۇق نەپ تەگمەيدىغان مىليۇنېر بايۋەتچىدىن،ياخشى تېلەكلىرى بىلەن بولسىمۇ مەدەت بىرىپ تۇرالايدىغان يوقسۇل نەچچە ھەسسە ئەۋزەلكەن.
19.ماڭالايدىغان پۇتى بار تۇرۇپ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئايلاپ-يىللاپ بارالمايدىغان ئادەمدەك مېيىپ بولمايدىكەن.
20.ئەر بولغان كىشىنىڭ قەدىمىنىڭ ئايالىنىڭ كەينىدە قېلىشىدەك،جۇرئەتسىزلىك ۋە ئار-نومۇس بولمايدىكەن.
21.ھاياتلىقتىكى ئەڭ ئىگىز تام ئەلنىڭ نەزىرى بولۇپ،بۇ تامدىن يىقىلغان كىشىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشى بەسى مۈشكۈل ئىكەن.
22.بىراۋنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ يۇقۇرغا ئۆرلىمەكچى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چۈشىدىغان جايى چوڭقۇر ھاڭ بولىدىكەن خالاس.
23.گۈللەر ھەرۋاقىت ئېچىلىپ تۇرىۋەرمىگىنىدەك،بەختنىڭمۇ ئېچىلىدىغان،توزىيدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن،بىز پەقەت بالدۈر كېلىدىغان قىش پەسلىنىڭ ئالدىنى ئالالىساقلا بەخت گۈلىمىزنىڭمۇ بالدۈر توزىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەنمىز.
24.ئادەم بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتسىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىدىكەن.
25.دۈنيادا مەڭگۈخاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدىكەن،خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنى ئەيىپلەش بىلەن ئەمەس بەلكى،ئەپۇچانلىق بىلەن تەسىرلەندۈرگەندە ئۇ كېيىن پۈتۈن ۋۈجۈدى بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىككە بەل باغلايدىكەن.
26.ئادەم بىرەر سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماستىن،ئۆزىنى قايتىدىن ئىزدەپ كەمتەر ھالەت بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىشى كېرەككەن.
27.پەسكەش ئادەملەردە يۈز بولمايدۇ،ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرماقنى ئىستىمەي ئەڭ ياخشىسى يانداپ ئۆتۈپ كەتكۈلۈككەن.
28.مەن ھايات يولۇمدا ئۆزۇمنى ھەم ئۆزگىلەرنى ئالداپ يۈگۈرگەن بولساممۇ،ئەكسىچە ھەممىدىن كېيىن قالغىنىمنى بۇ ياشتا چۈشۈنۈپ يىتىپتىمەن.
29.غەزەپلىنىش ئىچىدە چىقارغان قارارنىڭ كىشىگە پايدىلىق تەرپىدىن،پۇشايمانلىق تەرىپى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن.
30.ئەگەر سىز بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق خاتالىقى ئۈچۈن ھەمىشە ئەيىپلەۋەرسىڭىز،ئۇنىڭ سىزگە بىردىغىنى قارشىلىقتىن باشقا نەرسە بولمايدىكەن.
31.قىينچىلىقتا قالغان ھەر قانداق بىر كىشىگە ئازراق چىقىش يولى بەرسەك،ئاخرىدا ئۇلارنىڭ قايتۇردىغىنى شۇ يولدا ئېرىشكەن بارلىق مېھىر-مۇھەببەت بولىدىكەن.
32.بىز شۈنچىلىك چىدىغۇسىز ئازاپ-ئوقىبەتلەرگە يولۇققاندىمۇ ھەرگىز ۋايسىماي،ئۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشنى ئۇگىنىۋېلىشىمىز كېرەككەن،شۈندىلا بىز كېيىنكى بەخت دەرۋازىسىنىڭ ئىشىگىنى چېكەلەيدىكەنمىز.
33.تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئىشلاردا باشقىلارغا ئازراق يول قويغانلىق بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز بولماستىن بەلكى باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك،ماڭماقچى بولغان يولىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنىڭ ئاساسى بولىدىكەن.
34.تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن قىسمەن ساختىلىقلارغا ئالدىنىپ قېلىش بەزىدە ئۈرلۈك ۋەيران بولىشىمىزنىڭ ئاساسىمۇ بولۇپ قالىدىكەن.
35.ھەمىشەپايدا ئېلىشنىلا كۆزلەپ،زىيان تارتىشنىمۇ ئويلاشمىغان ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنى بەختسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.
36.ئادەم پەقەت ساختىلىقتىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن ھەقىقەتكە يېتەلەيدىكەن.
37. كىچىككىنە ئازاپلارغا يولۇققاندا ۋايساپ كەتمەڭ،بەلكىم بۇ ئازاپلار سىزنىڭ مەڭگۈلۈك خوشاللىقىڭىزنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكېن.
38.سىز ياشاش جەريانىدا باشقىلارنىڭ دىلىغا ھەرگىزمۇ ئازار بەرگۈچى بولماڭ،چۈنكى-بىر كۈنلىرى ئازار يىگۈچىنىڭ ئاھۇ-زارى تەسىرىدىن ئىشلىرىڭىز ئاشكارىلىنىپ قالسا يۈزىڭىز كۆتىرەلمەس دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدىكەن.
39.ھاياتلىقتاچۈشەنمىگەن نەرسىسىنى باشقىلاردىن سورىماي،ئۆز بىلگىنىچە ئىش قىلىپ خاتالىققا يول قويۈشتەك دۆتلۈك بولمايدىكەن.
40.ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلىشمۇ باشقىلارنىڭ بىزگە ھەسەت قىلىشىنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىپ بىرىدىكەن.
41.ئەقىللىق ئايال ھەرگىزمۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىدىغان ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.
42.بۇ دۈنيادا ئەڭ ئاخىرغىچە سىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى مەڭگۈلۈك قوغدىيالايدىغان كىشى،سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزگە ئېرىشەلىگەن ئايالىڭىز بولىدىكەن.
43.. ھاياتلىقتا ياشاش جەريانىدا شۇنى سەزدىمكى-ئۆزى بۇزۇق ئادەملەرگە بۇ دۈنيادا بىرمۇ ساق ئادەم يوقتەك كۆرىنىدىكەن