روس تىلى سىلاۋيان تىل سېستىمىسىدىكى تىل بۇلۇپ ھازىر دۇنيادا 30نەچچە دۆلەتتە ئىشلىتىلدۇ،ھەم بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە. جۈملىدىن مەمىلكىتىمىز بۇرۇنقى سابىق سىۋىت ئىتتپاقى بىلەن خۇشنا بولغاچقا ھەم سىياسى،ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتلەردە ھەمكارلىشىپ كەلگەچكە روس تىلى دۆلىتىمز قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە سابىق سىۋىت ئىتتپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە روسسىيە،ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىگە يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ دۆلىتىمىز بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى يىلدىن يىلغا زورىيىپ بارماقتا.دۆلىتىمىزنىڭ ئەرزان، سۈپەتلىك ماللېرى ئىزچىل تۈردە روسسىيە ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىمپورتىنىڭ 60-90 % نى ئىگەللەپ كەلمەكتە.
ئاپتۇنۇم رايونىمىز بولسا مەمىلكىتىمىز بۇيچە چىگرا دائىرسى ئەڭ چوڭ،ئىچىۋىتىلگەن چىگرا ئېغىزلېرى ئەڭ كۆپ بۇلۇشتەك ئەۋەزەللىكە ئىگە بۇلۇپ،ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولنى ئويناپ كەلمەكتە،ئاپتۇنۇم رايونىمىزغا كىلىپ سودا بىلەن شۇغۇللىندىغانلار يىلدىن يىلغا كۈپەيمەكتە.ۋە مەمىلكىتىمىزدىن يۇقىرقى دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا قىلدىغانلارمۇ ماس قەدەمدە كۈپەيمەكتە.نۇرغۇن دۆلەت ئىچدىكى كارخانلېرىمىزمۇ نەزەر دائىرسىنى روسسىيە ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ بىپايان زىمىندىكى سودا پۇرسەتلېرىگە كۆز تىكمەكتە ۋە مەبلەغ سالماقتا.بۇ ھال تەبىئى ھالدا روس تىلى تەرجىمانلېرى،ۋە روس تىلى بىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلېرىگە بۇلغان ئېھتىياجنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. نۆۋەتتە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بولسا يۇقىرى ۋە ئۇتتۇرا دەرىجىلىك روس تىلى تەرجمانلېرىغا بولغان ئېھتىياج ناھايتى كۈچلۈك بۇلۇپ،تەلەپ يىلدىن يىلغا ئىشۋاتقان بولسىمۇ لىكىن تەمىنلەش ئېھتىياجنىڭ 90%نى قاندۇرۇپ كىتەلىگىنى يوق.نۇرغۇن كارخانلار، سودىگەرلەر روس تىلى تەرجىمانى ئىزلەش ئېلانلېرىنى چىقارغان بولسىمۇ يەنلە كۆڭلىدىكدەك تەرجىمان تاپالماي ئاۋارە بولماقتا.بۇ ھال بىزگە قانداق بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؟
بۇنى تۈۋەندىكىدەك تەھلىل قىلشقابۇلدۇ:
1- سىز ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق كىلدىغان بىر كەسىپنى تاللاش ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان جاينىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىقىتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ كەسىپ تاللاڭ.بۇنداق دىگەنلىك ئەگەر سىز ئەمدى ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىڭىز ئالى مەكتەپكە ئۈتۈپ بولغان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىنى ياخشى ئىگەللەشتىن سىرت بىرەر چەتئەل تىلى ئۈگىنىپ قۇيۇڭ،ئەلۋەتتە روس تىلىمۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىزنىڭ بىرسى بۇلالايدۇ.ئەگەر سىز ئالى مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئۈتەلمىگەن بولسىڭىز ياكى ئال مەكتەپتە ئۇقۇشنى خالىمىسىڭىز بىرەر ھۈنەر ياكى چەتئەل تىلى ئۈگىنىڭ.روس تىلى ئۈگەنسىڭىز مىنىڭچە ئۈنىمى ئەڭ ياخشى بۇلدۇ.بۇنداق دىگەنلىك باشقا چەتئەل تىللېرىنى ئۈگەنمەڭ دىگەنلىك ئەمەس مەن پەقەت ئاپتۇنۇ رايونىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا دىدىم.
2- ئەگەر سىز كارخانا خۇجايىنى بولسىڭىز سودىڭىزنى روسسىيە ۋە ئۇتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈپ بىقىڭ،سىز ئۇ يەرلەردە تېخمۇ كۆپ سودا پۇرسىتىگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.ئەگەر سىز يەككە تىجارەتچى بولسىڭىزمۇ روسسىيە ۋە ئۇتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كۆرۈپ كىلىڭ،سىزمۇ سودا ئۇچۇرلېرى ۋە سودا پۇرسىتىگە ئېرىشىشڭىز مۇمكىن.
3- ئەگەر سىز ئىش كۈتۈپ تۇرغان بولسىڭىز ۋاختىڭىزنى ئاجىرتىپ بىرەر كۇرۇس ياكى مەكتەپتە روس تىلى ئۈگىنىپ قۇيۇڭ،بەلكىم خىزمەت تىپىشىڭىز ئاسانغا تۇختىشى مۇمكىن.
4- ئەگەر سىز ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى بولسىڭىز شەنبە يەكشەنبىلەردىكى ئۇيۇن تاماشىلېرىڭىزنى بىر چەتكە قايرىۋىتىپ روس تىلى ئۈگىنىپ قۇيۇڭ،مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن سىز چۇقۇم بىر ياخشى خىزمەت ئۇرنىغا ئېرشەلەيسىز،چۈنكى ھازىر كارخانىلار بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئىختىساس خادىملېرىنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ.
خوش ئەمسە روس تىلىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى ئەڭ تىز ئۈگەنگىلى بۇلدۇ؟
1-بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى سىز مۇنتىزىم ئالى مەكتەپنىڭ روس تىلى كەسپىدە ئۇقۇڭ.ئەگەر سىزدە بۇ شارائىت بولمىسا تۈۋەندىكى ئۇسوللاردىن پايدىنلىپ بىقىڭ.
2-باشقۇرلىشى ياخشى بولغان تىل تەربىيلەش مەركەزلېرى ياكى شەخسىلەر باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى تىپىڭ. بۇنداق مەكتەپلەر ئۈرۈمچىدە خېلى جىق.
3-مەسئوليەتچان،تەجىربىلىك ئۇقۇتقۇچى تىپىش،بۇنداق دىگەنلىك ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئېغىز تىلى ياخشى بۇلۇشى،دەرىسلىكتىن سىرت توختام،خەت –چەك قاتارلىقلارنى ياخشى ئۈگىتەلەيدىغان بۇلۇشى لازىم.
4-دەرىسلىك ماتىرياللارنى تۇغرا تاللاش لازىم،مەسىلەن :ئالى مەكتەپ روس تىلى،روس تىلىدىن ئاساس دىگەندەك كىتاپلار ياخسى تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ،ھەرگىزمۇ كىچىك كىتاپچىلارنى دەرىسلىك قىلۋالماڭ بۇنداق كىتاپلاردىن پەقەت پايدىنلىشقا بۇلدۇ.
سىز يۇقىرقى شەرتلەرنى ھازىرلاپ بولغان بولسىڭىز دىققىتىڭىز تۈۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن
1- ھەر قانداق بىر ئىشىنى قىلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم پۇختا تەييارلىق قىلىڭ،تىل ئۈگىنىش بولسا چىدامچانلىق ۋە تىرىشچانلىق تەلەپ قىلدۇ. شۇڭا بېلىڭىزنى مەھكەم باغلاڭ.
2- تىلىمىزدا روس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر تەخمىنەن 3000ئەتراپىدا بۇلۇپ بۇ بىزنىڭ بۇ تىلنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىزگە مۇئەييەن دەرىجىدە پايدىلق تەرەپلەرنى يارتىپ بېرىدۇلىكىن سىز ھەرگىزمۇ بۇنىڭلىق بىلەن بۇشىشىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ.
3- روس تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بۇلۇپ سىز بۇ ئۈتكەلدىن چۇقۇم تىرىشىپ ئۈتۈپ كىتىشىڭىز لازىم بولمىسا سىز بۇ تىلنى ئۈگىنىشتە مەغلۇپ بولغان بۇلسىز!
4- ئەمىليەتكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىڭ،بۇنداق دىگەنلىك كۆپ سۆزلەش،كۆپ ئاڭلاش،كۆپ يىزىش،كۆپ تەپەككۈر قىلىشتىن ئىبارەت.پىراكتىكا قىلمەن دىسىڭىز ئۈرۈمچىدە چىگرا رايون مېھمانخانسى تاشقى سودا شەھەرچىسى،پاراۋۇز تاشقى سودا بازىرى قاتارلىق جايلار سىز ئۈچۈن دەرۋازىسى كەڭ ئۇچۇق.
ئەمدى سىز ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىنكى خىزمەت پۇرسەتلېرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ.ئەگەر سىز ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ئاساسەن دىگۈدەك سودا ئورۇنلېردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپرەك بۇلۇپ مائاشى 1500-6000يۇۋەنگىچە،ئۇغۇللار ئەگەر قابىليىتى بولسا ئۆزى سودا قىلسىمۇ ياكى چەتئەللىك سودىگەرلەر بىلەن بىللە ئىشلىسىمۇ بۇلدۇ،بۇنىڭ كىرىمىنى ھىساپلىماق تەسرەك.
مەنبەسى“بىلىملەر مۇنبىرى