ئىمان بولۇپ ئىنساپ بولمىسا
ئىمان بولۇپ ئىنساب بولمىسا
سوقۇشىدۇ سۈتكە سېتىقچى,
چەتتە ئەمەس بەلكى قېتىقچى,
كۆچۈرىدۇ ھەتتا يېزىقچى,
ئىمان بولۇپ ئىنساب بولمىسا.
قوللىرىدا تۇتقاننى چۆگۈن,
درمە ئەلنىڭ قاتارى مۆمىن,
خەقنىڭ كەشى پۇتىدا ئۆگۈن,
ئىمان بولۇپ ئىنساب بولمىسا.
بەختى دەردتە دەرمانى پۇل دەر,
يارنى قەدرىڭ تۇتالماس كېتەر,
نەپسى ئۈچۈن مىڭ ئەرگە يېتەر,
ئىمان بولۇپ ئىنساب بولمىسا.
قارشى يۈرەر ئادەمگە ئالەم,
ئەپسۇس رەقىپ ئادەمگە ئادەم,
ئايىمىڭگە چىللايدۇ ماتەم,
ئىمان بولۇپ ئىنساب بولمىسا.
ھەزرىتى ئۆمەر ۋاسىل
—سالىھ بىلوگىدىن ئۈزۈندە..