قەبرە زار
رەمەتجان مۆمىن ئەلچىن
ئۆتتى ئۆمۈرۈم چەكسىز ئارماندا،
ئېچىلدى كۆز تورلاشقان چاغدا.
بىر تىنىققا تەشنا بولغاندا،
بولدى بۇ تەن تۇپراق قوينىدا.
ئارقامدا جىق قالدى كۆپ ئىزلار،
بېغىرلاردا ياتىدۇ يوللار.
شۇڭا ئەينەن بولىدۇ جاۋاپ،
مۇشۇ سۈرلۈك مەن ياتقان مازار.
تالاي غەمنى باشلار يوشۇرغان،
جەبىرلەرگە باشلامچى بولغان.
ئېيتىشقا ھېچ بولمىدى زۇۋان،
كۆمىۋەتتى قويماي گۈرىستان.
قالدى نۇرغۇن ئىشلار قىلمىغان،
تېخى بۇرۇچ ئادا تاپمىغان.
مەن ئۆمۈرگە ھەرگىز قانمىغان،
ئەلگە زەررە خىزمەت قىلمىغان،
بەك ئېغىر زىممەمدە كۆڭۈلنىڭ قەرزى،
بۇھايات ماڭا كۆپ پۇرسەتنى بەردى.
ياشىدىم ئۆمۈرنى ئەزىز دەپ بىلىپ، يۆلىدى،
مىنى دەس غۇرۇرنىڭ ئەرزى.
سەن كەلمىسەڭ كېلىدۇ شامال،
ھەي ئۆتكۈنچى ئۆمۈرۈم بىر خىيال.
مەن كۆمۈلسەم ، كۆمۈلمەيدۇ ئۇ،
خىسلەتلەرگە تولغان بۇ ئارال.
2014-12-20 يۇپۇرغا