ئۇيغۇر تىلىم ـــ ئاق قان كېسىلى
يوقالغان روھىمنىڭ ئاچقۇچى قېنى
ئاسماننىڭ قۇلىپىنى چاقاي دەيمەن .
رودىپاي كىشەنلىرىمنىڭ ئالدىدا ،
جىمجىتلا ئۇ دۇنياغا ئۇزاي دەيمەن .
قوشنامنىڭ ئورا كۆزلىرى ئىچىدە ،
ئۆتنە يېرىملىرىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
دۇنيا قوشنىلىرىمنى قايتۇرۇپ بەرگىن !
2
سەدىقىلەر ئىچىدە كۆكلەيمەن ،
دۇنيا ماڭا نان تاشلاپ بېرىدۇ ،
دۇنيا ماڭا سۇڭەك تاشلاپ بېرىدۇ !
مەن سۈڭەكلەر ئىچىدە چىرىپ كېتىمەن..
ئەڭ چىرايلىق بوغۇق ئاۋازدا ،
قاۋاپ بېرىمەن دۇنياغا …
بولوت بولسام ئىزىم يوقالدى،
شامال بولسام كۆچۈپ تۇرىمەن ،
ئەڭ ئاخرىقى شام بولغىنىم راست .
ھەر قەدەمدە ئۆچۈپ تۇرىمەن .
كۆز يەتكۈسىز ئىگىزلىكم يوق ،
دەريالىرىم ، بولاقلىرىم يوق !
چەكسىزلىككە سوزىلىپ تۇرىمەن ،
كۆز يەتكۈسىز ئاسمان ھەققىدە …
بۇگۈن بەلكىم ئۆچىشىم مۈمكىن ،
دۇنيا ساڭا قاۋاپ بېرەيمۇ ؟
جەسىدىمنى تاشلىۋەتمىگىن ،
ئۇنتۇپ قالما جىمجىتلىقىمنى،
ئەڭ مۇكەممەل ئانا تىلىمدا،
ئۆھۈ قىلىپ جاۋاپ بېرەيمۇ؟
شاراقشىۋاتقان تەنلىرىم ئىچىدە ،
مۇسىبەتلىك شېئىر ئوقىدىم .
بىر ئىككى مىسرالىق كاۋاپ پۇرىقى ،
خىيالىي تۇيغۇلىرىمنى غىدىقلىماقتا….
شېئىرىمنىڭ كەينىدە قاراڭغۇلۇق بار ،
شېئىرىمنىڭ كەينىدە مەۋجۇتلىقىم بار.
شېئىرىمنىڭ كەينىدە پىچىرلاۋاتقان ،
كەكە ساقال ئانا تىلىم بار…
3
يورۇقلۇقنى كۆشەندە قىلىۋاتقان قاراڭغۇلۇق ،
بارمىقىنى شىلتىدى ماڭا ،
دۇنيا چىۋىق بىلەن ئۇرماقتا مېنى ،
قورۇقتۇم دۇنيا چېقىر كۆزىڭدىن ،
مىدىرلىساڭلا چۆچۆپ كېتىمەن ،
ئاخرىقى قېتىم پىلدىرلاۋاتسام ،
پۈۋ دىسەڭلا ئۆچۈپ كېتىمەن ،
4
ئانا تىلىم – ئاق قان كېسىلى ،
تەلمۈرىدۇ تۆت ئەتراپىغا .
يىنىككىنە ئاق رەڭ ئىچىدە ،
قىيسىيىدۇ شېرىن ئۇيقىغا.
تىپىرلايدۇ قېرىنداشلىرى ،
قۇتقۇزۇشتا بىرلىك كېلەلمەي ،
ئۇنتۇپ قالار ھازا ئېچىشنى ،
جىنازىسى چىقسا بىلەلمەي .
ھەرىپلەر رەستىسىدىن ئۆتكەن چېغىمدا ،
تىل شاپاقلىرىغا پۇتلاشتىم .
ئۆزگە تىلدا كىيىم تىكتۇرسەم ،
مانا بىر ئوبدان قاملاشتىم .
ئوغلۇمنىڭ ئىسىمى ئەرەپچە ،
مودا كىيىمەن غەرپچە ،
سۆزلىشىمەن شەرقچە….
سۆزلەشنى بىلىمەن رېستۇران ھەققىدە ،
شەھەردە دەسسىلىۋاتقان تىلىم ھەققىدە …
تۆت تەرپى بولمىغان تىك بۇلۇڭنىڭ ،
ماتىماتىكىلىق جاۋابى چىقماس .
ئانا تىلسىز كاپىشىغان گالنى ،
ئەزىرائىلمۇ ئالدىراپ سىقماس !
تومۇزغىنىڭ تىلى ئاجىز، جېنى چىڭ ،
ئانا تىلدا سايرىسا يوق ھەسرىتى .
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئانا تىلنى يەكلىسە ،
بولور ئاڭا ھەممە ئەلنىڭ نەپرىتى!
ئانا تىلدا ئاق قان ئۆرلەپ يامىرىدى ،
بۇ قىسمەتكە ئېشەك جېنىدا ھاڭرىدى .
ئانا تىلنىڭ سەكراتىغا چىدىماي ،
‹كۆزىڭنى ئاچ ، ئانا ! › دىگن بىر ئاۋاز،
پەلەك ئارا جاراڭلىدى ، ياڭرىدى !
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت
مەنبەسى:ئانا تۇپراق مۇنبىرى