ئادىل بىلەن ئالىيە بۈگۈن ناھايىتى خوشال ئىدى ،چۈنكى بۇلار ئۇندىداردا پىكىرلىشىپ ،چاقچاقلىشىپ ،غايىۋى مۇھابەتلىشىپ يۈرگىنىگىمۇ ئىككى ئاي بولغان ئىدى ،ئۇلار توردا بارلىق مەخپىيەتلىكىنى دىيشىپ ،رەسىملىرىنى ئەۋەتىشىپ ،پەقەتلا يۈز كۆرشىشنى «ئاشىق -مەشۇقلار كۈنىگە »ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى ،ئالىيەنىڭ دىيىشچە توي قىلىپ ئۈچ ئاي ئۆي تۇتۇپلا چىقىشالماي يولدىشى زەھەرلىك چىكىملىكتىن كىچەلمىگەچكە خىتىنى ئىلىپ ئاتا -ئانىسى بىلەن تۇرۋاتقىلى ئىككى يىل بولغانمىش ئەمما توي قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قاپتۇدەك ،ئەمما ياخشى ئەرلەر بولسا دوست بۇلۇپ ئۆتسەمكەن دەپ ئويلايدىكەن شۇنداق قىلىپ تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئادىلغا ئۇچراپ قاپتىمىش بۇ ئۇنىڭ بەختىمىش.ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش چىقىپ قاپتۇدەك ،ئالىيە مانا مۇشۇنداق تاتلىق گەپلىرى ئارقىلىق ھەر خىل سۈرەتلەرنى يوللاپ يۈرۈپ ئادىلنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ قويدى.
ئادىل ئاتا -ئانىسىنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن توي قىلغانمىش ،ئىككى بالىسى بار بۇلۇپ بالنىڭ يۈزىنى دەپلا ئايالى بىلەن بىللە ياشاۋىتىپتىمىش ،ئايالىنىڭ پەقەتلا خۇلۇقى يوقمىش ،شۇڭا چىرايلىق ،خۇلۇقى بار،مەخپىيەتلىك ساقلىيالايدىغان قىزلار بىلەن ئارلىشىپ كۆڭلىدىكى مۇھابەت بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولغاندا ئالىيە بىلەن ئۈچۈرشۇپ بەختىنى كەلگەنلىكىنى ،يۈز كۆرۈشۈپ كىلشىپ قالسا ئىقسادتىن ياردەم بىردىغانلىقىنى دەپ پۈتۈشۈپ ئاتالمىش مۇھابەت ئۈچۈن ئىككىسى شەھەر سىرتىدا ئۇچراشتى ،ئۇلار بىر بىرنى كۆرۈپ ياختۇرۇپ قىلىشتى .ئۇلار ئاشخاندا تاماقلىنىپ بولغاندىن كىيىن نەپسلىرى تاقىلداپ تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ مىھمانخانىغا يۈرۈپ كىتىدۇ .ئادىل مەرتلىك بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخاندىن ياتاق ئالدۇ،مىھمانغا كىرىشتە ئالىيە مىھمانخاننىغا يۈزىنى قىشلىق شارپىسىدا ئوراپ ،ئەتراپنى كۈزىتىپ ،ياتاققا كىرگەندىمۇ ياتاقنىڭ ھەممە يىرىنى تەپسىلى كۈزەتكەندىن كىيىن ئاندىن شارپىسىنى ېئلۋىتىپ ئادىلغا ئەركىلەپ بوينىغا ئىسىلىپ سۇيۇپ قۇيدۇ ،بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن ئادىل :
-جىنىم ،سىز نىمە ئۈچۈن مىھمانخانىغا كىرگەندە ھەممە يىرىڭىزنى چۈمكىۋالسىز؟ھەمدە ھەممە يەرنى كۈزىتىپ چىقىسىز ؟دىدى ئەجەپلىنىپ.
-ۋاي ،ھاياتىم سىز بىلمەيسىز ھازىر ھەممىلا يەر دە كۈزتىش ئەسۋابى بار ،تاسادىپى كۈزىتىش ئۈسكۈنىسىگە چۈشۇپ قالسام (بىرەر ئىش چىقىپ قالسا دىمەكچى ئىدى بىراق گىپىنىڭ ئاخىرنى يۈتۋەتتى)دەپ ئويلاپ شۇڭا توڭلۇغان قىياپەتتە يۈزۈمنى ئىتىپ كىردىم دىدى .ئادىل ياتاقنىڭ دىرىزە ئالدىغا كىلىپ سىرتقا قارىدى ئۇ ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزنى ۋە ئاينى كۆردى دە بىردىنلا چۆچۈپ كەتتى ،چۈنكى ئاي بىلەن يۇلتۇز ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشىنى كۈزۈتۈپ تۇرۋاتقاندەك ،ئاسمان ئۇنىڭغا سوغۇق نەزىرى بىلەن قاراپ :
-سەن ئايالىڭنى،پەرزەنتىڭنى ئالداپ ئەيش -ئىشرەت قىلغىنىڭ بىلەن مىنى ئالدىيالمايسەن ؟مىنىڭ كۇنۇپكامدىن قانداق قۇتۇلسەن ؟دىگەندەك سۇئال نەزىرى بىلەن قاراۋاتقاندەك بىلنىپ كەتتى،ئادىلنىڭ ئىچىگە قۇرقۇنۇش كىرۋالدى،چۈكى ئۇ مىھىربان ،ئاق كۆڭۈل ئايالىغا كىچىلىك ئىسمىندا ئىشلەيمەن دەپ قۇيۇپ «ئاي ئايلىخان ،يول سارىخاننىڭ »قىلغان ئەمەسمۇ ؟ئەگەر بۈگۈن كىچە بىرەر كىلىشمەسلىك بۇلۇپ قالسا؟ئاھ!خۇدا مەن نىمە دىگەن نامەرت ئەر ھە ! مەن نىمە دىگەن ئىنساپسىز ؟ ئايالىم ۋە باللىرىم مىنى ،ئىشقا ماڭدىم دىسەم ئۇلار ماڭا:
-ئاللاھقا ئامانەت ،خوش دىگەن ئەمەسمىدى ؟ ئۇ يەنە بىر قىتىم ئاسمانغا قارىدى ئاسمان ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلگەندەك سەل سۈزۈلگەن ئىدى ،ئەمما ئاسماندا يەنىلا ئاي ۋە يۇلتۈز ئۇنى كۈزىتۈپ تۇراتتى.ئادىل :
-مەن قايتاي ،ئالىيە بۇندىن كىيىن ياخشى پىكىرداشلاردىن بۇلۇپ ئۆتەيلى،مەن سىزگە يالغان دەپ قويغان مىنىڭ ئايالىم ناھايىتى ياخشى ،ئاىئلە ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلاپ ،مەن ئۈچۈن ھايدىم ،تالدىم دىمەي خىزمىتىمنى قىلىپ كىلۋاتقان تەقۋا ئايال ئىدى ،شۇڭا ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلغۇم يوق دىدى قىزارغان ھالدا.ئالىيە خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك :
-جىنىم ،ئۇ دىگەن ئۆيدىكى باللارنىڭ ئانىسى،ۋە سىزنىڭ ئايالىڭز مەن سىزنىڭ مۇھابىتىڭىز،بۇ ئىشىمىزنى مەن دىمنىسەم سىز دىمىسىڭىز كىم بىلەتتى ،كىلىڭە ئۈندىداردا بىز نىمىلەرنى دىيىشمىدۇق جىنىم دىدى ئەركىلەپ ،ئەمما ئادىل ھەقتىن قورقۇپ قالغان ئىدى يەنى ئاسماننىڭ كۈزتۈش ئەسۋابى بولغان ئاي ۋە يۇلتۇزنىڭ كۇنۇپكىسىنى بىر كۈنلەردە بىسىلىپ كىتىشىدىن ياق بۈگۈن كىچە بىسىلىپ كىتىپ جەستىنىڭ مىھمانخاندا قىلىشتىن قۇرقۇپ قالدى دە ئالىيەنىڭ ئەركىلەپ ،سۈركىلىشىگىمۇ قارماي ئالىيەگە 300 يۇئەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ :
-خاپا بولماڭ ،مىنى كەچۈرۈڭ مەن قايتاي دىدى ھۇدۇققان ھالدا.ئالىيە باشتا چاقچاق قىلۋاتىدۇ دەپ قارىغان ىئدى ،ئەمدى ئادىلنىڭ قەتتى نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئەجەپلەندى دە:
-نىمە بولدى؟مەن سەتمىكەنمەن ؟دىدى ئاچچىقلانغان ھالدا.
-ياق ئۇنداق ئەمەس سىز مىھمانخاننىڭ كۈنۇپكىسىدىن يەنى كۈزتىش ئەسۋابىدىن قۇرقۇپ مىھمانخانىغا ئەنسىزلىك ئىچىدە كىردىڭىز ،ئەمما مەن ھازىر ئاسماننىڭ كۈنۇپكىسىدىن قۇرقىۋاتىمەن ئۇ بەك قۇرقۇنۇشلۇق ئىكەن ،شۇڭا جىنىم بىلەن ئويناشقۇم يوق ،شۇڭا سىڭگەن نىنىمنى يەپ يۈرەي دەيمەن دىدى.ئۇنىڭ گىپىنى ئالىيە چۈشەنمەي بۇ ئادەم ساراڭمۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالدى دە تىزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن :
-بوپتۇ يول بولسۇن دىدى.شۇنداق قىلىپ ھىچ توسالغۇسىزلا ئادىل مىھمانخاندىن سىتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئالدى دە ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى .
يازغۇچى:زۇلئاي
مەنبەسى:ئانا تۇپراق مۇنبىرى