ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرسىدا بولىدىغان ئەدەپلەر
تەجىربىلەردىن ئايان بولدىكى ، ئاياللارنىڭ گۈزەل خۇلق- مىجەزلىك بولۇشى سەۋەپلىك ئەرلىرىمۇ گۈزەل خۇلقلىق بولىدىكەن. ۋەھالەنكى ئاياللار يامان خۇلق- مىجەزلىك بولسا ، ئەرلىرىنىڭ خۇلقىمۇ شۇنىڭغا قاراپ بۇزۇلىدۇ ۋە يامانلىشىدۇ. ئەر بىلەن خوتۇن ئوتتۇرسىدا بولغان تۇرمۇش ھاياتىدا ئۆز- ئارا كىلىشىش ھاسىل بولمىسا ھەر ئىككى تەرەپكە قاتتىق ھەسرەت ۋە زور بىئاراملىق ئىلىپ كىلىدۇ_دە نەتىجىدە تۇرمۇشنىڭ لەززىتى كىتىپ ، خاتىرجەملىك تۈگەيدۇ . چارە تەدبىرمۇ ئۇنۇم بەرمەستىن پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا بىر- بىرىگە دۈشمەنلىك پەيدا بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ خاتىرجەملىكى يوقىلىپ ، ئەدەپ-ئەخلاق دائىرسىگە سىغمايدىغان غەيرى ئىشلار كىلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، تۇرمۇشنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش، ئۇنىڭغا ئىنتىلىش بىرىنچى بولۇپ ئاياللارنىڭ زىممىسىگە چۈشۈشى، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىشى لازىمدۇر .
ئەرلەر بىلەن ئىناق تۇرمۇش ئۇتكۈزۇش ئۈچۈن ئاياللار مۇنۇ ئىككى تۈرلۈك نەرسىنى ئىتىبارغا ئىلىشى لازىم:
بىرىنچىسى ئەرلىرىنىڭ مىجەز خۇلىقنى ئوبدان بىلىشى، بىلىش ئۈچۈن كۆپ قىتىم سىنىشى ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىش كۆرۇشى لازىمدۇر. يەنى ئەر بولغۇچى كىشى قانداق ئىشلاردىن خۇرسەن بولىدۇ ، قانداق ئىشلاردىن كۆڭلى قالىدۇ ، قانداق ئىشلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، نىمىدىن كۆڭلى بۇزۇلىدۇ، بۇنى بىلىش، ھەرۋاقىت ئەرلىرىنىڭ تەبىئىتىنى ئىنىق بىلىپ ، ئۇلارنىڭ ياقتۇردىغانلىرىنى قىلىشى، ياقتۇرمايدىغانلىرىنى ئىمقانقەدەر قىلماسلىقى لازىمدۇر .
ئىككىنچى ، ئەرلىرىگە ئىتائەتلىك ئاياللار توغىرسىدىكى ياخشى خەۋەرلەرنى ھەمدە ئىتائەتسىز ئاياللار توغىرسىدىكى يامان خەۋەرلەرنىمۇ بىلىپ تۇرۇشلىرى لازىمدۇر .
ئىسلام شەرىئىتىمىز ئىتائەتلىك ئاياللارغا《ياخشى ئايال》نامىنى بىرىپ، ئەمەللىرى بەدىلىگە كۆپ ساۋابلارنى تاپىدىغانلىقنى ۋەدە قىلسا، ئىتائەتسىز ئاياللارنى《بىشەم خوتۇن، ئۇياتسىز خوتۇن》دەپ ئاتاپ، دۇنيادا كۆرگەن مۇشەققەتلىرىدىن ئارتۇق ئازاپلارنى ئاخىرەتتە كۆرىدىغانلىقىنى بىشارەت قىلغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ ئۇندىن رازى بولسۇن) مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ئەگەر بىر خوتۇن تىگىشلىك بولغان پەرىزلەرنى ئۆتەپ، ھارام ئىشلاردىن ساقلانسا ، ئىرىگە ئىتائەت قىلسا ئۇنىڭ ئورنى جەننەتتە بولىدۇ. لىكىن ئەر بولغۇچى ئۆز ئايالىنى بىرەر گۇناھلىق ئىشلارغا بۇيرىسا ياكى زورلىسا ئايال بۇنى قوبۇل قىلماسلىقى لازىمدۇر. ئەلۋەتتە ئاللاھمۇ گۇناھ قىلغان بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئەسلا قوبۇل كۆرمەيدۇ.
مۇبادا بىرەر ياخشى ئايال ئۇشبۇ رەۋىشتكى بۇزۇق ۋە گۇناھلىق ئىشلارغا مەجبۇرلىغۇچى ئەرگە مۇپتىلا بولۇپ قالسا، مۆمكىنقەدەر ئاللاھتىن ئىرىگە ئىنساپ – تەۋپىق تىلەپ دۇئا قىلسۇن، بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتمىسە، ئۇنداق ئەردىن ئايرىلىش يولىنى كۆرۈشكە شەرىئەت تەرىپىدنلا ئەمەس بەلكى جەمىئەت تەرىپىدىنمۇ روخسەت قىلىنىدۇ.
ئەرلەرگە يىقىشنىڭ شەرتلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەتتۇر:بەدەن، كىيىم-كىچەكلەرنى سېسىق پۇراقلاردىن ، چاڭ-توزان ۋە مەينەتچىلىكتىن پاكىز تۇتماقتۇر. ئەرلەرنى رازى قىلىش مەقسىتىدە يۇقارقى ئىشلارنى قىلماق شەرىئەت بابىدىمۇ ياخشى ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر ئەرەب خوتۇننىڭ قىزىنى توي كۈنى كۈيئوغۇلغا تاپشۇرغان ۋاقىتتكى نەسىھەتلىرنى بۇ يەردە يىزىپ كەلتۈرىمىز. بۇ ئەرەب خوتۇننىڭ نەسىھەتلىرى بىزنىڭ قىزلىرىمىزغىمۇ لايىقتۇر. نەسىھەتنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق پاساھەتلىكتۇر.
ئۇ شۇنداق دەيدۇ:《قىزىم! ئۈلپەت بولغان ئۆيىڭدىن چىقتىڭ ، بىلمىگەن تۆشەككە كىردىڭ، تونۇمىغان كىشىگە يولداش بولدۇڭ، ئەمدى ئۈشبۇ كىشىگە سەن يار بولغىن، ئۇ ساڭا كۆك بولۇر(سىنى ھىمايىسىگە ئالىدۇ)، سەن يەر كەبى ئاستىدا تۇر(بارلىقىڭنى ئاتاپ ئۇنى يۆلە)، ئۇ ساڭا كۆك شەكلىدە سايە بولۇپ تۇرار ۋە شىپالىق يامغۇرى بىلەن كۆك يەرنى راھەتلەندۇرگەنگە ئوخشاش ئۇمۇ ساڭا مەرھەمەتلىك بولۇر. سەن ئۇنىڭغا تۆشەك بول ، ئۇ ساڭا تىرەك بولۇر، سەن ئۇنىڭغا كىنزەك بول، ئۇ ساڭا قۇل بولۇر. مومكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئۇنى زورلىما ! چۈنكى بۇنداق ئىش ئاچچىققا سەۋەپ بولۇر ، ئۇنىڭدىن يىراق بولما ئۆزۈڭنى ئۇنتۇلدۇرىسەن. ئۇ قانچە يقىن بولسا سەنمۇ شۇ قەدەر يىقىن بول . ئۇنىڭ بۇرنىنى ئەسكى ۋە سېسىق پۇراقلاردىن ، قۇلىقىنى يامان زەھەرلىك سۆزلەردىن ساقلا. پاك ۋە پاكىزلىقنى ئادەت قىل. سەندىن ھەرۋاقىت خۇش بۇيلۇق كىلىپ تۇرسۇن ، سۆزۈڭنى شىرىن يۈزۈڭنى ئوچۇق قىل. ئىرىڭ ياخشى ۋە مۇلايىم سۆزلەردىن باشقىنى سەندىن ھىچقاچان ئاڭلىغۇچى بولمىسۇن . كىر كىيىم ۋە رىغبەتسىز قىياپەت بىلەن ئېرىڭ كۆزىگە كۆرۈنمە. ئادەتتىكى كۆرۈنۈش چاغلىرىدا ئىرىڭ سىنى رىغبەتسىز رەۋىشتە كۆرمىسۇن ، بەلكى گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان خۇشخۇي قىياپەتتە كۆرسۇن 》. ئاياللارغا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش لازىمكى ئەر بىرەر ئىش بىلەن بەند بولۇپ ئاچچىقلانغان چاغلىرىدا خوتۇن كىشى سەۋىر قىلىپ ئاچچىقىنى يۇتۇپ چىدىشى ياكى ئۆزىگە ئىلىپ كەتمەي ئۆتكۈزۋىتىشى ھەم خەيرىلىك ئىشلارنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈشى لازىمدۇر(بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈندۈر).
ياخشى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ كۆزى چۈشكەندە ئوچۇق چىراي بىلەن خۇرسەن قىلىپ ، تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرنى ئىخلاس بىلەن قوبۇل قىلىپ ئورۇندايدۇ. ئەرلىرى سەپەردە بولسا ئۆزىنى ، ئۆينىڭ مال – مۈلكىنى ئوبدان ساقلايدۇ . پەرىز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەيدۇ. ئۆزىنى ساداقەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىكتىن پاك تۇتىدۇ. قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئەرلىرىگە مىننەت قىلمايدۇ . ئەرلىرىگە ئۆز ۋاقتىدا يىمەك- ئىچمەك ھازىرلاپ ، كىيملىرىنى يۇيۇپ پاكىز كىيدۇرۈپ، ئائىلىدىكى سەرپ- خىراجەت ئىشلىرىدا ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىگە قايغۇ- ھەسرەت سالمايدۇ. ئەرلىرىگە قاتتىق ئاۋاز بىلەن سۆزلىمەستىن بەلكى مۇلايىم، ئوچۇق چىراي بىلەن سۆزلەيدۇ . ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كەتمەيدۇ. ھەتتا ئاتا- ئانا ۋە قىرىنداشلىرىنىڭ قىشىغا بارغاندىمۇ، ئەرلىرىدىن سوراپ روخسەت بىلەن بارىدۇ. پۇلنى بىكارغا ئەرزىمەس نەرسىلەرگە سەرپ قىلمايدۇ . ھەتتا ئەرلىرىدىن بىسوراق مالدىن سەدىقە بەرمەيدۇ. مۇبادا ئەرلىرنىڭ باشقا خوتۇندىن بولغان بالىلىرى بولسىمۇ زۇلۇم سالمايدۇ.
سۈپەتلىك، ئىسىل ئاياللار گەرچە ئاز بولسىمۇ ، دۇنيا يۈزىدە ھەر ھالدا باردۇر. بۇ خىل ئالىيجاناپ ئاياللارغا توغرا كەپ قالغان ئەرلەردەك بەخىتلىك كىشىنىڭ يەنە بىرى بۇ جاھاندا بارمۇ???!!!
مەنبە: ئەر- ئاياللار ئۈچۈن ئىسلامى تەلىم- تەربىيە