بوۋامنىڭ ساندۇغىدىكى ھېكمەتلەر
ئالىم ياسىن ئارمانى
1.يامانلىقنىڭ كىرلىرىنى يۈيۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ياخشىلىق سۈيىدۈر.
2.باشقا كۈن چۈشكەندە قىلىنغان ياخشىلىق مەڭگۈلۈكتۈر.
3.داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ،بېشىغا كۈن چۈشكەندە قۈتقۈزۈشنى تەلەپ قىلغان كىشى، يىيىشنى يىۋېلىپ چىقىرالمىغان بالىغا ئوخشايدۇ.
4.سەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرىۋاتىسەن،قايسىسىغا تەۋە بولىشىڭ قايسى تەرەپكە قەدەم ئېلىشىڭ بىلەن باغلىقتۈر.
5.ۋاقىتلىق ئەيىبىڭنى يېپىش ئۈچۈن تاپقان باھانەڭ،سېنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ بارىدۇ.
6.راستچىللىق كىشىلەرنى ئەڭ چوڭ ھالاك بولۇشتىن ساقلايدىغان تايانچى كۈچتۈر.
7.بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ،چەكسىز پۇشايماندا قېلىپ،توغرا يولغا ماڭغان كىشىنىڭ قەلبى ئەڭ گۈزەل بولىدۇ.
8.ئادەملەر كىيىم-كېچەكلىرىنى كۈندە ئۆزگەرتكىنى بىلەن ئۆزىدىكى ئەيىپ-نوخسانلارنى كۈندە ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
9.ئادەمنىڭ نەپسى شۈنچىلىك ئاچ نەرسىكى قەدىمدىن ھازىرغىچە بىرەر كىشىنىڭ نەپسى پۇل-مالغا تويغان ئەمەس.
10.ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالىغان ئەركەكلا ھەقىقى ئەركەكتۈر.
مەنبە:قەلىمىم