logo
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باش بەت > تور ئەدەبىياتى > يازما كۆرۈش

زەيتۇن(ھىكايە)

تور ئەدەبىياتى زىيارەت1114قېتىم 0 قېتىم باھالاندى ئاپتۇر: خەتكۈشلەر:

1
كىچىك زەيتۇن ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى زەينەپخان ئوغلى ئوسماننى ئېلىپ بالدۇرقى ئېرى يەنى ئوسماننىڭ دادىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەتتى.تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك يۈزبەرگەن بۇ ئىش زەيتۇننىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىنىڭ باشلىنشى بۇلۇپ قالدى.
ئايالىنىڭ ئۆيىنى تاشلاپ قويۇپ باشقا ئەر بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكى ۋىجدان غورۇرنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان سۇلايمانغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى.ئەينى چاغدا بىر بالىسى باركەن دىمەي كۈيۈپ پىششىپ ئالغان خۇتۇن ئەمدى يۈزىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆز پۇشتى ۋە ھالال جۈپتىدىن تانغان ئىدى.مەھەللىدىكى سۆز چۆچەكلەر،كۇسۇر-كۇسۇر پاراڭلار سۇلايماننى مەسچىتكىمۇ ئارام خۇدا چىقالماس قىلىپ قويدى.بىچارە زەيتۇن دادىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ نىمە قىلشىنى بىلمەي تەمتىرەپلا يۈرەتتى. ئانىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەي تەمتىرەپلا يۈرەتتى.ئانىسىنى ئىزدەپ ھەممە ئۆيلەرگە قاراپ چىقاتتى،ئۆيدىن چىقمىسا مەھەللىلەرنى ئىزدەيتى،بىرەر قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنمىدۇ دەپ قوشنىلارنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ باقاتتى،بىراق قوشنىلار ھەمىشە.‹ئانام سىلەرنىڭ ئۆيدە بارمۇ ؟› دىگەن سۇئالغا ‹ئاناڭ ئېرى بىلەن قېچىپ كەتتى،شۇيەرگە بېرىپ ئىزدە›دەپ جاۋاب بىرشەتتى.گۈدەك زەيتۇن بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەيتى.‹ئانامنىڭ ئېرى دادام تۇرسا نىم دەيدىغاندۇ بۇلار؟›دەپ ئويلايتى كۆڭلىدە.
ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن،ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان سەبى قىز ئۆزىنىڭ پەرىشتە سۈپەت ئانىسىنىڭ بۇرۇن باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولغانلىقىنى،ئامراق ئاكىسى ئوسماننىڭ ئانا بىر دادا باشقا ئاكىسى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلسۇن.ئۇنىڭ قەلبىدە ئانىسى دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان،ئەڭ پاك ئانا،خۇددى دادىسى سۆزلەپ بىرىدىغان چۆچەكلەردىكى پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزى.ئەپسۇس رىياللىق مەسۇم قىزنىڭ خىيالىنىڭ دەل ئەكسىچە.
تاپا-تەنە،سۆز-چۆچەكلەر خۇددى مۆلدۈر تاشلاردەك ئۇلارغا زەردە بىلەن ياغاتتى. كۈندىن-كۈنگە تاتىرىپ،سۇلىشىپ ،كىتۋاتقان سۇلايمان ئاخىرى بۇنداق تاشپاقىدەك تۈگۈلۈپ يېتىۋېلىشىنىڭ ھىچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىغا كەتتى-دە،مۈكچۈيۈپ كەتكەن بەللىرىنى تەستە رۇسلاپ نۇرسىزلىنىپ كەتكەن كۆزلىرىدىكى ياش يۇقلىرىنى كىرلىشىپ كەتكەن يەڭلىرى بىلەن ئېرىتۋىتىپ سىرىتقا چىقتى.مەھەللىدىكىلەرنىڭ مەسخىرە ئارلاش كۈلكىلىرى،پوقتىن سېسىق تەنە گەپلىرى يانۋارنىڭ سوغۇقىدەك سۆڭەكتىن ئۈتەتتى.‹ھوي،سۇلايمان قارى،خۇتۇننى باشقۇرالماي تالالىق قىلۋەتتىلما ئەمدى؟› ‹قاچان يالۋۇرۇپ بېرىپ ئەكىلۋالىلا؟› يۈرەككە نەشتەر سانجىلغان بۇنداق سۆزلەرگە سۇلايمان پەقەت سۈكۈت ئارقىلىقلا جاۋاب قايتۇراتتى.كىرشىپ كەتكەن چىشلىرى،قان تولغان كۆزلىرى ئۈمۈتسىزلەنگەن چىرايىغا سۈرلۈك تۈس بىرەتتى.
سۆز چۆچەكلەر بىرەر ئايچە توختىمىدى،بىر ئايدىن كىيىن بۇ ئىشلار باشقىلارنىڭ يادىدىن كۈتۈرلۈپ قالدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ،دادا-بالا ئىككەيلەننىڭ يېغىرىنى تاتلايدىغانلار يوق بوپ كەتكەن ئىدى.سۇلايمان خېلى يىنىكلەپ قالدى. بىراق يۈركىدىكى جاراھەت ئۇنى قىينايتى.
زەيتۇنغا ھەم دادا،ھەم ئانا بۇلۇش ئۇنۇڭغا خېلى تەس كەلدى.ئىچ ئاغرىقى تارتىپ تېنىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى . سودىسىمۇ بۇرۇنقىدەك ياخشى بولمايۋاتاتتى . مورا بېشىدىن تۈتۈن چىقمىغىلى بىر ئاي بولدى . كۈنداە قاتتىق - قۇرۇق نان يەپ ئوماق زەيتۇننىڭ چىرايىمۇ نۇرسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتى . شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ ، يۇغۇشتۇرۇپ رەتلىك تۇتتى . دادىسىنىڭ كىر بولۇپ كەتكەن كۆينەكلىرىنى كىچىك قوللىرى بىلەن تەستە ئۇۋلاپ پاكىز يۇيۇپ تۇردى.كىيىن ئەپلەپ-سەپلەپ تاماقمۇ ئىتىپ باقتى.گەرچە ئانىسى ئەتكەن تاماقلاردەك يىيىشلىك بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ھەر ھالدا قورساق تويغۇزۇشقا يارايتى.شۇنداق قىلىپ زەيتۇن كىچىككىنە تۇرۇپلا ئۆينىڭ تاماق ئىتىش،كىرقات يۇيۇش،قاتارلىق ئىشلىرىنى ئۆز زىممىسگە ئالدى.شۇ تەرىزدە بىريىل ئۆتتى،ھەممە ئىشلار ئۆز ئەسلىگە قايىتتى،زەينەپخاننىڭ شەرمەندە قىلمىشى مەھەللىدىكىلەرنىڭ يادىدىن كۈتۈرلۈپ كەتتى. سۇلايمانمۇ جامائەتكە قېتىلدى،رەڭگى-روھىمۇ بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى.زەيتۇنمۇ ئۆي ئىشلىرىغا خېلى پىششىپ قالدى.تاماقنىمۇ خېلى ئوخشىتىپ ئىتىدىغان بولدى. گەرچە جامائەتنىڭ گەپ سكزلىرى تۈگىگەن بولسىمۇ ئەمما سۇلايماننىڭ يۈرىكىنىڭ قېتى ئېچىشىپ تۇراتتى.يۈرىكى نىمىنىدۇر خالايتى.پات-پات ۋاپاسىز خوتىنى زەينەپخاننى سېغىناتتى.
2
ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپ مەھەللىدىكىلەر سۇلايماننىڭ ئۆيىگە مەسلىھەتكە كىرىشتى.سۇلايمانماننى قوشنا مەھەللىدىكى سارىخان دىگەن تۇل خوتۇنغا ئۆيلەپ قويماقچى بولۇشقان ئىدى.ئۆيگە كىرىپ سۈلھى-پاتىھەلەردىن كىيىن مەھەللە ئىمامى توختاخۇن گىلىنى قىرىپ قويۇپ سۆز باشلىدى:
-ئەمدى، سۇلايمان قارى،ياشلىرىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ئەسكى خوتۇننىڭ كەينىدىن تەلمۇرۇپ ئولتۇرساق ئىش پۈتمەيدۇ،قېرىغاندا يالغۇزلۇق بەك يامان،شۇڭا مەھەللىدىكىلەر بىلەن قوشنا مەھەللىدىكى سارىخاننى يۆتكەپ كىلىپ ئۆزلىرى بىلەن رىزقى پىشانە قىلىپ قويساق قاندا بولا دىيشىپ قالدۇق.بىچارە خوتۇن ئېرىدىن تۇل قالغىلى تۆت يىل بوپتۇ،بالىسى يوقكەن،زەيتۇنخاننى بىللە بېقىپ كەتسەڭلا ياخشى بۇلتى…..
ئىمامنىڭ گىپى سۇلايمانغا ياغدەك ياقتى.دىمىسىمۇ بىر يىلدىن بۇيان تارتقان يالغۇزچىلىق ئۇنى جاق تويغۇزغان ئىدى.شۇڭا ئىمامنىڭ گىپىەە تىزلا جاۋاب قايتۇردى.
-ئىمامئاخۇنۇم،دىگەنلىرىغۇ توغرا،ئەگەر شۇ مەزلۇمەنىڭ مەيلى بولسا يۆتكەپ كەلسەك ياخشى بۇلتى،زەيتۇنمۇ ئانا مىھرىگە قانغان بۇلاتتى…
جامائەت ئاخردا سارىخاننى يۆتكەپ كىلىپ نىكاھىنى ئوقۇپ قۇيدىغان بولۇپ چىقىپ كىتىشتى.سۇلھيمھن نىمە ئۈچۈندۇر خوش بۇلۇپ كەتتى. ھەم تۇساتتىنلا ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى.چۈنكى ئۇ زەينەپخان سالغان ئازاپنىڭ قايتا سادىر بولشىدىن ئەنسىرەيتى.
دىگەندەك بىر ھەپتىدىن كىيىن مەھەللىدىكىلەر سارىخاننى ئەكىلىپ سۇلايمان بىلەن نىكاھلاپ قويدى.
سارىخان جۇغى كىچىك ،ئاق سېرىق ،كۆك كۆز ئايال ئىدى . ھەممە كىشىگە سوغوق نەزىرىدە قارايتتى.
توي قىلىپ ئەتىسى بۇ چوكان خۇددى يېڭى توي قىلغان قىزلاردەك ھۇجرا ئۆيدىن چىقماي ئولتۇردى.زەيتۇن سەھەر قوپۇپ ھويلا ئاراملارنى پاكىز تازلىۋەتكەندىن كىيىن ناشتىلىق تەييارلاپ ئۆگەي ئانىسىغا ئەكىرىپ بەردى.دادىسى سۇلايمان سەھەر دە بازارغا كەتكەن ئىدى.زەيتۇن ناشتىلىقنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كىتەي دەپ تۇرشىغاسارىخان ئۇنى تۇتۇپ قالدى.سوغوق نەزەردە بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ھومىيىپ تۇرۇپ:
-بۇندىن كىيىن بۇ ئۆيدە مىنىڭ دىگىنىم دىگەن قىلغىنىم قىلغان،گىپىمنى ئاڭلىماي باقە قېنى،قۇلقۇڭنكىسۋىتىمەن.-دەپ زەيتۇنغا بىگىز بارمىقىنى شىلتىپ تۇرۇپ تەھدىت سالدى.بىچارە زەيتۇننىڭ پۈتۈن بەدىنى شۈركۈنۈپ كەتتى.
ئۆيدىكى چوڭ كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىنى زەيتۇن قىلاتتى،سارىخان سۇلايمان بار چاغدا زەيتۇننى‹ۋاي بالام،ئاپپاق بالام ›دەپ قىلمىغىنى قالمايتى،سۇلايمان بازارغا كەتكەن چاغلىرىدا ئۇنى ھەممە ئىشقا سالاتتى.ھېرىپ قېلىپ ئىش قىلماي ئولتۇرغان چاغلىرىدا ئۇنى ئۇراتتى.ھەم بۇنى دادىسىغا دىسە زەيتۇننى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى قورقىتاتتى.زەيتۇن ئامالسىز بۇ خورلۇقلارغا چىداپ يۈرەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتتى،سارىخان بىر ئوغۇل تۇغدى،ئۇ ئوغلىغا شۇنداق ئامراق ئىدىكى ئۇنىڭ يۇزىگە چىۋىن قونسىمۇ قىزغىناتتى.سۇلايمانمۇ ئوغلى بولغىنىدىن خوش ئىدى،ئۇنۇڭغا ئابدۇللا دەپ ئات قويدى،ئابدۇللانىڭ زاكىسىنى زەيتۇن يۇياتتى،چوڭ كىچىك تەرەتلىرىنىمۇ زەيتۇن تازىلايتى،بىراق ئۇ بۇنۇڭغا قىلچىلىك ۋايسىمايتى،ئەكسىچە ئۇكىسىنى باقالىغىنىغا خوش ئىدى.
سارىخان ئابدۇللانى تۇققاندىن باشلاپ ئاسماندا ئۇچتى،زەيتۇننى سۇلايماننىڭ ئالدىدىلا سىلكىشلەيدىغان،ئېغىر يىنىك ئىشلارغا بۇيرىۋىرىدىغان ،يوق ئىشلارغا ئۇرۇپ تىللايدىغان  بۇلىۋالدى.سۇلايمان بۇنى زەيتۇننىڭ خاتالىقى بولغاچقا شۇڭا تاياق يىدى دەپ چۈشنەتتى،بەزىدە ھەتتا سارىخانغا بۇلۇشۇپ زەيتۇننى ئۇرۇپ تىللايتى.بىچارە زەيتۇن ئەمدىلا 13 ياشقا كىرىپ تۇرمۇشتەك رەزىل ئالۋاستىنىڭ ھىيلە مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى.ئانا مىھرى ۋە دادا مىھرىدىن يۈرىكىنى قانغۇدەك سۇغىرالمىدى.
3
سۇلايماننىڭ تىجارىتى كۈندىن كۈنگە ياخشىلنىپ كەتتى،خۇدايىم ئۇنۇڭغا ئوڭ كۈزىدە قارىدى،ئۆيلىرىنى قايتىدىن سالدى،مەھەللىدە بارماق بىلەن سانىلىدىغان بايلارنىڭ قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى،سارىخان يەنە بىر قىز تۇغدى،ئۇنىڭ ئىسمىنى سۈبىھى قويدى،زەيتۇن كۈن بويى بۇ ئىككى بالىنى بېقىش ،ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىش ،تاماق ئىتىش،كىرقات يۇيۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. باشقىلار سارىخاندىن ‹ نەچچە بالىڭىز بار؟› دەپ سورىسا ‹ئىككىسى بار›دەپ جاۋاب بىرەتتى،سۇلايمان بار يەردە ‹زەيتۇننى قوشساق ئۈچ›دەپ قۇياتتى.دىمىسىمۇ زەيتۇن ئۇ ئۆيدە خۇددى بىر بالا باققۇچىنىڭ ئورنىدا ئىدى،تاماق يىگەندىمۇ ئۇلار بىلەن بىر دوسقاندا يىمەيتى.ئاشخانىدا ئايرىم ئولتۇرۇپ يەيتى.
سۇلايمان بېيىغانسىرى مىجەزى تەرسالىشىپ كەتتى،پۇل  شەيتاننىمۇ ئۇسۇلغا سالالىغاندەك سۇلايماننىمۇ ئۆز ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى،ئۇنىڭدىكى ئەركەكلىك روھىنى بارا-بارا جىسمىدىن سۇغۇرۇپ ئېلۋالدى،ئۇنى ئاچكۆز،تەمەخور بىر مەخلۇق قىلىپ قويدى،سىرىتتا ئاچچىقى كىلىپ قايتىپ كەلسە،ياكى سارىخان بىلەن ئۇرشۇپ قالسا زەيتۇندىن قۇسۇر تېپىپ ئۇنى ئۇراتتى،ئۇنىڭ دەرىت-پەريادىغا قۇلاق سالمايتى،ئاچچىقى چىققۇچە ئۇراتتى،سارىخاننى ھىلىغۇ ئۇرۇشكەن،قاتتىقراق ۋارقىراشتىنمۇ قورقاتتى،چۈنكى ئۇ سەككىز يىل ئاۋالقى ئۆتمۈشنىڭ قايتا سادىر بۇلۇپ قېلشىدىن ئەنسىرەيتى،ھەم بۇ خۇتۇننى قەۋەتلا ياخشى كۈرەتتى،ئۇنۇڭدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەك تۇيلاتتى.
بۈگۈن سۇلايمان سارىخان بىلەن ئۇرشۇپ قالدى،سارىخان ئۇنۇڭغا ‹ماڭا ئالتۇن ئېلىپ بەرمىدىڭ›دەپ باتناپ ئۇچۇق چىراي ئاچمايۋاتاتتى.سۇلايمان شۇ ئاچچىقىدا ئاشخانىدا تاماق ئىتىۋاتقان زەيتۇننىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى‹نىمىشغا تاماقنى تېخىچە پۇشۇرمىدىڭ›دىگەن باھانىدە قاتتىق ئۇردى.زەيتۇننىڭ جۋغىيىدىن ئاققان قان يەرگە ئېقىپ چۈشكەندىلا ئاندىن ئۇرۇشتىن توختىدى.ھەم سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ ئىچىنى بۇشتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى.زەيتۇن مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتغا قاراپ ماڭدى،قوش قاناتلىق تۈمۈر ئىشىكتىن ئېغىر قەدىمىنى ئېلىپلا خۇددى دوۋزاختىن قايتىپ چىققاندەك ئېغىر بىر ئۇھسىنپ قويدى،يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا قارىدى،مەھەللە شۇنداق جىمجىت.ئۇنىڭ نالە پەريادىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.
4
ئەتىسى جامائەت نامازغا ماڭغاندا ئىمامنىڭ ئۆيى يېنىدىكى سامانلىقتىن زەيتۇننىڭ جەسىتىنى تاپتى،‹يارەسىلۇللا، بۇ نىمىش؟›دەپ ياقىسىنى چىشلەشتى.سۇلايمان بىلەن سارىخان پايپاسلاپ كىلىپ ‹ۋاي بالام ›دەپ ھاز ئاچتى،پىشىن ۋاقتى بىلەن مېيىتنى يۇيۇپ تاراپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن جامائەت ئۆيلىرىگە تاراپ كىتىشتى.ئۆيدە سۇلايمان بىلەن سارىخان بىردىن بالىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرشاتتى.سارىخان بۇندىن كىيىن ئىشقا سالىدىغان،تاماق ئىتىپ بىرىدىغان،ئاچچىقى كەلگەندە ئۇرۇپ تىللايدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىدىن پاراكەندە ئىدى.
زەيتۇن ئۇچىسىغا ئاپئاق كۆينەك كىيگەن،بېشىغا ئاپئاق ياغلىق ئارىتقان ھالدا سۇلايماننىڭ ئالدىدا تۇراتتى،بەدىنىدىن نۇر تارايتى،سۇلايمان زەيتۇننى كۆرۈپ چۆچىدى،زەيتۇننىڭ كۆزىدىن چاقناۋاتقان غەزەپ ئوتى ئۇنى ئەيمەندۈردى،زەيتۇن ئاستا سۇلايمانغا يېقىنلاشتى،سۇلايمان ئورنىدىن تۇرۇپ زەيتۇنغا قاراپ ھىجايدى‹ھە…با..لام،قا..قايتىپ …كەلدىڭمۇ…ياخشى بوپتۇ…›دەپ ئۇنۇڭغا قولىنى ئۇزاتتى،زەيتۇن نازۇك قوللىرى بىلەن سۇلايماننىڭ قولىدىن تۇتۋېلىپ ئۇنى تارتىپ ماڭدى،سۇلايمان ھۇدۇقۇپ ۋارقىرىدى
ــــ زەيتۇن،نەگە بارىسەن؟مىنى قۇيىۋەت،مىنى ئەكەتمە،مىنى قۇيىۋەت زەيتۇن……….
ــــ ھوي ئادەم،نىمە بوللا؟نىمە ئالجوقا توۋلايلا؟ قارا بېسىپ قاپتىما؟ـــــ  چالا ئۇيقۇ بۇلۇپ قالغان سارىخان ئېرىنىڭ ئالاجوقا توۋلاشلىرىدىن جىلە بۇلۇپ ۋارقىرىدى،سۇلايمان چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى،بەدىنى قارا تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى.يۈرىكى ھىلىمۇ قاتتىق سېلىۋاتاتتى،بايىقى چۈشىنى ئويلىسىلا بەدىنىگە تىترەك ئولىشاتتى.سۇلايماننىڭ پۈچەك ۋىجدانلىرى ئەمدىلىكتە ئاز تۇلا قوزغىلۋاتاتتى.‹مەن نىمىش قىلىپ قويدۇم؟›دەيتى ئۇ ئۆز-ئۈزىگە.توختىماي ئۆزىنى ئەيىبلەيتى،پۇلنى دەپ يوق بۇلۇپ كەتكەن ۋىجدانلىرى ئەمدىلىكتە ئۇنى قىيناۋاتاتتى.
ئەتىسى سەھەردە سارىخان سۈبھىنى كۆتۈرۈپ ھويلىدا موخۇركا چىكىپ ئولتۇرغان سۇلايماننىڭ ئالدىغا كىلىپ چالۋاقىغىلى تۇردى.
ـــ ھۇي ئادەم، ماڭا قاچان ئالتۇن ئېلىپ بىرىلا؟ــــ ئاخشامقى چۈشنى ئويلاپ كۆڭلى پاراكەندە ئولتۇرغان سۇلايماننىڭ قۇلىقىغا بۇ گەپ مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى،ئەزەلدىن ۋارقىراپ باقمىغان خوتۇنىغا ھومىيىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى.
ـــ ھەي،ئۆيدە تۈنۈگۈن ئۈلەم بولسا،بۈگۈن بازارغا بېرىپ ساڭا ئالتۇن ئېلىپ بەسەم بۇلامتى؟
ئېرىدىن تۇنجى قېتىم بۇنداق قاتتىق قۇرۇپ گەپلەرنى ئاڭلاپ سارىخان سەل چۆچىدى.ھەم دەرھاللا پوزىتسىيسىنى ئۆزگەرتىپ سۇلايمانغا ئەركىلەشكە باشلىدى.
ـــ دادىسى.. بولدى،كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا،قىزلىرىدىن ئايرىلىپ كۆڭۈللىرى يېرىم بۇنى بىلىمەن،مەنمۇ شۇ ئۆزلىرىنى بۇنداق قىيلىنىپ ئولتىرىۋەرمۇسۇن،بازارغا بېرىپ ئايلىنىپ كەلسە ئازراقمۇ بولسا پايدىسى بۇلامىكىن دەپ شۇنداق دەۋاتىمەن،بۇنداق ئولتىرىۋەمەي بازارغا بېرىپ كەيپىياتلىرىنى ئوڭشاپ كەلسىلە.
سارىخاننىڭ قوي يېغىدىن تاتلىق گەپلىرى سۇلايمانغا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى،ئۇ سارىخاننىڭ گىپىنى توغرىدەك ھىس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بازارغا بارماقچى بۇلۇپ جابدۇنۇشتى.
ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىپ كىچىك ماشىنىدىن بىرگە كىرا قىلىپ ماڭدى.سۇلايمان ئاخشامنىڭ ياقى ياخشى ئۇخلىيالمىغاچقا ئورۇندۇققا يۈلۈنۈپ ماشىنىنىڭ يەڭگىل سىلكىنىشىدىن بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى.سارىخان ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يىغلاپ توختىمايۋاتقان سۈبھىنى بەزلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى……ماشىنىنىڭ قاتتىق سىلكىنىشىدىن چۆچۈپ كۈزىنى ئاچقان سۇلايمان نىمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە يول ياقىسىدىكى جىلغىغا دومۇلاپ كەتتى.بەش مىنۇتلۇق قىيا-چىيادىن كىيىن ماشىنا جىلغىدا پارتىلاپ كەتتى……
ئاپئاق كۆينەك كىيگەن،ئاپئاق ياغلىق ئارىتقان زەيتۇن بىر قولىدا سۇلايماننى،بىر قولىدا سارىخاننى سۆرەپ كىتىۋاتاتتى……

مەنبەسى:ئانا تۇپراق مۇنبىرى

تور دۇنياسىدكى سۈكۈت ناخشىسى يوق رەپخۇمار،ئاپپاراتى يوق فوتوگراف،خورجۇنى يوق يىغىپ ساقلغۇچى....

__sukut

سۈكۈت
بۇ يازمىلارنىمۇ ياقتۇرامسىز؟Related Posts
باھا يوللاش (قەلىب سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كىتىڭ)Comments
يۇغان كۆز ئۇماق قاقاقلاپ كۈلۈش ھىجىيىش خىجىل بولۈش غەزەپلىنىش ئازاپلىماق يىغلىۋىتىمە قاتتىق يىغلاش ئاق يۈز گەردىش تەرلەش جاپا تارتىنىش ھەيرانە سەبى كۈلكە رەڭ مەغرور ئىسكىلىت پىچەت ئۇخلاپ قېلىش كۆز قىسىش ھاببا گۇمانلىنىش ئاغزىڭنى يوم ئازاپلىنىش تېرەڭ نارازىلىق كەمسىتىش چوشقا
بايانات: باھا رامكىسىغا رەسىم چاپلاپ يوللىيالايسىز، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.
يوللىنىۋاتىدۇ...
  • ئاۋات يازمىلار
  • سۆھبەتلەر
  • ئىختىيارى
footer logo
بەت نىڭ بارلىق ھۇقۇقىنى بىكىتىمىز ساقلاپ قالىدۇ
نەشىر ھوقۇقى : بارلىق ھۇقۇق نەۋقىران دەرىسلىك تور بېكىتىگە مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. نەۋقىران بلوگىدا مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار : بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. نەۋقىران تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يۇقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، نەۋقىران تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . بېكىتىمىز دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. بىزگە ھەر ۋاقىت تەكلىپ ئۇچۇر بىرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ.QQ:962207969 1546363084 ، E- mail:1546363084@qq.com،962207969@qq.com، ئىشخانا تېلفونى: ....13070434135