ئورۇقلاش
كىشىلەرنىڭ ئورۇق ياكى سېمىز بولۇشى ئىرسىيەت، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق. ھازىر كىشىلەرنىڭ تاشقى گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىشىۋاتىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس.
(1) يېمەك-ئىچمەكنى دەرىجىدىن تاشقىرى قىسىش ئارقىلىق ئورۇقلاش. بىر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك بولۇشى، شۇ كىشىنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ئىپادىسى. يېمەك-ئىچمەك ياكى دورا ئارقىلىق ئىشتىھانى مەجبۇرىي تىزگىنلىگەندە، ھەزىم قىلىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكىسىيىسى قالايمىقانلىشىپ ياكى ئۇنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىپ، بەزى يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(2) ئىچىنى سۈرۈش ئارقىلىق ئورۇقلاش. بەزى كىشىلەر سانا ۋە باشقا سۈرگە دورىلىرى ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، بەدەندە ئازلايدىغىنى ماي بولماستىن، ئەكسىچە سۇ ۋە ئوزۇقلۇق بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئورۇقلىغاندا، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ھەزىم قىلىش يوللىرى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
(3) قورساقنى ئاچ قويۇپ ئورۇقلاش. كۆپىنچە كىشىلەر نەپسىنى يېغىپ، كۈندە بىرەر ۋاق تاماق يەپ ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، گەرچە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىسىمۇ، لېكىن كىيىنچە يىمەكلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، بەدەن ئېغىرلىقى يەنە تېز سۈرئەتتە ئارتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئورۇقلاشنىڭ قىلچىمۇ پايدىسى يوق، ئەكسىچە ئۇ ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ نورمال خىزمەت فۇنكىسىيىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزىدۇ.
(4) قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئورۇقلاش. بۇ ھەر كۈنى نورمال ئۈچ ۋاقلىق تاماقنى تولۇق يىمەي، پەقەت قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، ئەمەلىيەتتە قورساقنى گوللاپ ئاچ قويۇش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەكشۈرۈلىشىچە بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئورۇقلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50 تىن ئاشىدىكەن.
شۇڭا ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلغان كىشى يالغۇز غىزالىنىشقىلا چەك قويماي، ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىدىن باشلاپ، ئادەتتە كۆپ ئۇخلاش، كۆپ يېيىش ۋە كۆپ راھەتلىنىشتىن ساقلىنىپ، كۆپرەك جىسمانىي ئەمگەك ۋە چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.