
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك نەۋقىران دەرىسلىك تور بىكتىنىڭ ئەزىز زىيارەتچىلرى:
نۆۋەتتە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەممىگە ئايان، مەيلى ئوقۇش، خىزمەت، ئىمتىھان بولسۇن، مەيلى سودا سېتىق، تېجارەت، ساياھەت، ئىش بېجىرىش بولسۇن، ھەر ۋاقىت خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىگە چوقۇم دۇچ كېلىمىز. بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدۇ. بولۇپمۇ خىزمەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، تېجارەتچى، سودىگەرلەر بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.
بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇن كىشىلەر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ، گەرچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا خەنزۇ تىلى دەرسى مۇھىم ئاساسلىق پەنلەر قاتارىدا ئۆتۈلسىمۇ بىراق بۇ ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى باشقا دەرسلەرنىڭ كۆپ ۋە زىچ بولۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا ياخشى ئۆگىنەلمەسلىك، ئەمەلىي قوللىنالماسلىق ئەھۋالى نىسبەتەن گەۋدىلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىسە ئۆگەنگەن نەرسىلەر ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
ھازىر مەن 10 يىللىق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش داۋامىدا قان-تەرىم بەدىلىگە ئېرىشكەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچىمەن، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار خەنزۇ تىلىنى تۇنجى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە سەۋىيىسى نىسبەتەن تۆۋەنلەرگە ماس كېلىدۇ. يەتتە قىز ئەھلىگە ئاز-تولا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
بىرىنچى، ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتىكى خاتا قاراشلارنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاش كېرەك.
1. تىل ئۆگىنىشمۇ بىر خىل ئىلىم ئۆگىنىش، ئىسلام دىنى ئىزچىل تۈردە ئىلىم ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىز ئۆگىنىدىغان تىلغا قانداق قارىشىمىزدىن قەتئىينەزەر پەقەت پايدىلىقلا بولىدىكەن، چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى ئىلىم ئۆگىنىش پەرھىزدۇر.
2. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆگىنىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش بىر خىل ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق ئەقلىي ئەمگەك، بەش بارماقنى ئېغىزغا بىراقلا تىققىلى بولمىغاندەك، تىل ئۆگىنىشتىمۇ ئاز-ئازدىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
3. خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ يازالايدىغان بولۇش ھاجەتسىز. خەنزۇ تىلى بىر خىل ئىلىپبەسىز تىل بولۇپ، خەتنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى دۇنيادىكى تىللار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھەتتا خەنزۇ يولداشلارمۇ بۇ خەتلەرنى ئەستە تۇتۇشتا قىينىلىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇلارنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش بەسى مۈشكۈل. بىراق بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. چۈنكى بۇ خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ، بىر قىسىمى پەقەت ئالاھىدە كەسپىي ساھەلەردىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە خەتلەرنىڭ سانى 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، بىز پەقەت مۇشۇ خەتلەرنى ئۆگىنىۋالساقلا كۇپايە. قالغانلىرىنى زۆرۈر تېپىلغاندا لۇغەتتىن ئىزدەپ ئۆگىنىۋالساق بولىدۇ.
4. تۆت تونغا قەتئىي دىققەت قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇ ھالقىغا ھەتتا خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتىدىغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارمۇ سەل قارايدۇ. كۆپىنچە ئۆگەنگۈچىلەر بۇنىڭغا سەل قاراپ ئېغىر خاتالىق سادىر قىلىدۇ. چۈنكى تۆت تون ئۆزگىرىشى سۆز مەنىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىنمىسا سۆزلەپ ئىپادىلەش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئىككىنچى، تەييارلىق خىزمەتلەر:
1. چوقۇم ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق ئۆگىنىشكە نىسبەتەن مۇستەھكەم ئىرادە، قەيسەرلىك بىلەن تېرىشىش روھى بولۇش كېرەك. يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتكەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.
2. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2 سائەتتىن مۇنتىزىم ئۆگىنىش ۋاقتى، تېنچ، ئازادە مۇھىت بولۇشى كېرەك.
3. كېتەرلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى ياخشى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ئۆگىنىشنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئۆزى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.
كۆپچىلىككە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «خەنزۇ تىلىدىن ئاساس» دېگەن ئۈچ قىسىملىق دەرسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن. دەرسلىكنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، پىنيىندىن تارتىپ، سۆزلۈك، تېكىست، مەشىق، گرامماتىكىغىچە ھەممىسى بار. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تولىمۇ باب كېلىدۇ.
4. قورال كىتابلار: يەنى لۇغەت. ئەگەر ئالاھىدە كەسپىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمىسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى خەنزۇچە ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولسا كۇپايە.
5. بىر دانە يانچۇق رادىئوسى.
6. بىر دانە كىچىك ئۈنئالغۇ ياكى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە mp3 قويغۇچ.
7. خەنزۇچە پىنيىن مەشقى توغرىسىدىكى ئۈنئالغۇ لىنتىسى.(قاندىقى بولسا بولۇۋېرىدۇ، پىنيىننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تون ئۆزگىرىشى بولسىلا كۇپايە. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.)
7. ئۆگىنىش خاتىرىسى يېزىشقا كېتەرلىك چوڭراق دەپتەر.
كۆپچىلىككە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «خەنزۇ تىلىدىن ئاساس» دېگەن ئۈچ قىسىملىق دەرسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن. دەرسلىكنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، پىنيىندىن تارتىپ، سۆزلۈك، تېكىست، مەشىق، گرامماتىكىغىچە ھەممىسى بار. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تولىمۇ باب كېلىدۇ.
4. قورال كىتابلار: يەنى لۇغەت. ئەگەر ئالاھىدە كەسپىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمىسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى خەنزۇچە ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت بولسا كۇپايە.
5. بىر دانە يانچۇق رادىئوسى.
6. بىر دانە كىچىك ئۈنئالغۇ ياكى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە mp3 قويغۇچ.
7. خەنزۇچە پىنيىن مەشقى توغرىسىدىكى ئۈنئالغۇ لىنتىسى.(قاندىقى بولسا بولۇۋېرىدۇ، پىنيىننىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تون ئۆزگىرىشى بولسىلا كۇپايە. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.)
7. ئۆگىنىش خاتىرىسى يېزىشقا كېتەرلىك چوڭراق دەپتەر.
كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى:
1. دەرسلىكنىڭ باش قىسىمىدىكى پىنيىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەندە چوقۇم ناھايىتى ئەستايىدىللىق، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆگىنىش كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساس خاراكتېرلىك مۇھىم بىلىملەر، بۇلار خۇددى بىنانىڭ ئۇلىغا ئوخشايدۇ، ئۇل مۇستەھكەم سېلىنمىسا ئۈستىنى ھەرقانچە پۇختا سالغان بىلەن ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ياخشى ئۆگەنمىگەندە ئۆگىنىشتە يوچۇق قالىدۇ، بۇنى كېيىن ئۆزگەرتمەك قېيىن. شۇڭا مۇناسىپ دەرسىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى تەكرار ئاڭلاپ، تەلەپپۇز قىلىش، بۇنىڭغا كۆپرەك كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك. پىنيىننىڭ يېزىلىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، پەقەت پىنيىنغا قاراپ ئوقۇيالىسىڭىزلا كۇپايە، پىنيىن يېزىشنى ئۆگىنىمەن دەپ زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. پىنيىن ۋە تونغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 كۈن ئەتراپىدا ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدۇ.
2. خەت سىزىقلىرى (يەنى بىخۇا )، يان بۆلەك ۋە قەلەم تەرتىپى
بۇلارمۇ نىسبەتەن مۇھىم مەزمۇن، چوقۇم قەلەم تەرتىپى بويىچە توغرا ۋە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇش كېرەك. شۇندىلا خەتنى تېز، توغرا ۋە چىرايلىق يازغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز.
3. سۆزلۈك قىسىمى. سۆزلۈك ئۆگەنگەندە سۆزلۈكنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە تەرجىمىسىنى چوقۇم يادلاش، كىتابقا قارىماي تۇرۇپ، ھەر بىر خەتنى ئاز دېگەندە ئون قېتىمدىن ئۆلچەملىك يادا يېزىش كېرەك. بىر قىسىم كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنى ئۆگەنگەندە سۆزلۈكنىڭ ھەممە مەنىسىنى ئۆگىنىمەن دەپ لۇغەت ئىزدەپ ئاۋارە بولماسلىق كېرەك. سۆزلۈكنىڭ شۇ تېكىستتە ئىپادىلىنىدىغان مەنىسىنى بىلسەكلا كۇپايە.
4. تېكىست. بۇ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قېيىن نۇقتا. خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش تېكىست ئۆگىنىشكە باغلىق. چۈنكى گرامماتىكا، سۆزلۈك، جۈملە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېكىستتە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تېكىستنى تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئۆگىنىش كېرەك:
(1) ئالدى بىلەن تېكىستنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش، ئوقۇيالمىغان خەتلەر، يېڭى سۆزلەر ئۇچرىسا سۆزلۈك قىسىمىدىن ياكى لۇغەتتىن ئىزدەش چوقۇم ئوقۇيالايدىغان بولۇش كېرەك.
(2) تېكىستنى تەرجىمە قىلىش. ئۆگەنگەن سۆزلۈك، جۈملە ۋە گرامماتىكا بىلىملىرىگە ئاساسەن تىكىستنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ چىقىش.
(3) تېكىستنى كۆپ قېتىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇش، توغرا ئوقۇش، تاكى راۋان، ئازماي ئوقۇيالىغانغا قەدەر ئوقۇش كېرەك.
(4) تېكىستنى ئۈنلۈك ئاۋازدا يادلاش. يادلىغاندا ئىمكانقەدەر تولۇق يادلاش كېرەك. ئەگەر تولۇق يادلاپ بولالمىسىڭىز ئابزاسلارغا پارچىلاپ يادلاڭ، ئۇنىمۇ يادلاپ بولالمىسىڭىز جۈملىلەرگە پارچىلاپ يادلاڭ. ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز سۆزلۈكنى قايتا ئۆگىنىڭ. ئەگەر تەكرار يادلاپمۇ يادلاپ بولالمىسىڭىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يادلاپلا ئۇخلاڭ. ئەتىسى ئورۇنىڭىزدىن تۇرۇپلا يادلىسىڭىز ئاسانلا يادلىيالايسىز.
(5) تېكىستنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈنئالغۇ ياكى mp3 ئارقىلىق ئۈنگە ئېلىۋېلىڭ. ئاندىن ئۇنى قويۇپ ئەسلى تېكىستكە سېلىشتۇرۇپ خاتا يادلىغان، چۈشۈپ قالغان جايلارنى قايتا يادلاڭ.
(6) ئۆلچەملىك يادلاپ بولغاندىن كېيىن يادقا يېزىپ ئەسلى تېكىست بىلەن سېلىشتۇرۇڭ، خەت خاتالىقى بايقالسا خاتا يازغان شۇ خەتلەرنى قايتا ئۆگىنىڭ.
5. گرامماتىكا. بۇنى ئۆگەنگەندە چوقۇم دەرسلىكتە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل كۆرۈش كېرەك.
6. مەشىق. مەشىقلەرنى تەلەپ بويىچە يېزىپ ئىشلەش، ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن خەنزۇ تىلى بىلىدىغانلارغا كۆرسىتىپ تۈزىتىش، تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن قايتا ئىشلەش كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1. ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەتتىن خەنزۇچە رادىئو ئاڭلاش، ياكى خەنزۇ تىلىدىكى كىنولارنى كۆرۈش، خەنزچە قاناللاردىكى تېلېۋېزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈش كېرەك.
2. مەيلى قايسى مەزمۇننى ئۆگىنىشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇپ ئۆگىنىش، خاتىرە يېزىش كېرەك.
3. ئۈچ قىسىم دەرسلىك كىتابنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش، بولۇپمۇ تېكىستلەرنى تولۇق يادلاپ بولۇش، سۆزلۈكلەرنى يادقا يازالايدىغان، كۆرۈپ ئوقۇيالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان بولۇش كېرەك.
4. ئۆگىنىش داۋامىدا دەسلەپتە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولماسلىقى، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىشى نورمال ئەھۋال، شۇڭا ئۈمىدسىزلەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتكەنلەر چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، بۇرۇن قىلغان ئەجرى بىكار كېتىدۇ. شۇڭا ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلىگەنلەرلا غەلىبە قازىنالايدۇ.
5. ئۆگىنىش داۋامىدا خەنزۇلار بىلەن ئاكتىپ ھالدا پاراڭلىشىش، كۆپرەك سۆزلىشىپ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقماڭ، دادىللىق بىلەن سۆزلەۋېرىڭ، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسىڭىز قارشى تەرەپتىن تۈزىتىپ بېرىشنى، توغرىسىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ، بۇ نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆگەنمەسلىك نومۇستۇر.
6. كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىزنى خەنزۇچە دەپ يېزىپ بېقىڭ، ئەگەر كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى خەنزۇچە يېزىڭ. يولدا ماڭغاچ ۋىۋىسكا، لوزۇنكا، پىلاكاتلاردىكى خەنزۇچە سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مېڭىڭ. خەنزۇچە رادىئو ئاڭلاڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزگە پايدىلىق.
7. ئارام ئېلىش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇڭ. قېنىپ ئۇخلاڭ، كۆپ يەپ ئىچىشتىن ساقلىنىڭ، ئۆگىنىشكە ئاكتىپ، جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئاتلىنىڭ.
قېيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمدە.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى باشقىلار قىلالىغاننى سىزمۇ چوقۇم قىلالايسىز، توغرا ئۇسۇل بىلەن جاپالىق تېرىشقان ئادەمنىڭ ئەجرى ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن سەۋر تاقەت، چىدامچانلىق، غەيرەت جاسارەت ئاتا قىلسۇن.
ئۆگىنىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
مەنبە:
ئەلكىن تورى
يەتتە قىز تورى