تېببى ماتىرياللاردىن ئايان بولىشىچە ئاچچىقلىنىشنىڭ ، بولۇپمۇ كۆپ قېتىم زىيادە غەزەپلىنىشنىڭ بەدەنگە نىسبەتەن تۆۋەندىكىدەك زىيىنى بولىدىكەن :
1. ئىچكى ئاجراتما بەزلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بەدەن سۇيۇقلىقىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇدىكەن .
2. روھنى خۇرۇتۇپ ، مىڭە ، يۈرەك ، جىگەر قاتارلىق باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن .
3. ئاشقازاننىڭ ھەركىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ، ئۆز – ئۆزىنى ھەزىم قىلىش خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى ھەتتا ئۆز – ئۆزىنى ھەزىم قىلىش خاراكتىرلىك ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدىكەن .
4. توقۇلمىلارنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ- كۆپىيىش تەڭپۇڭلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، راك ھۆجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئۆسۈپ تەرەققى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
5. قان قويۇلۇش ۋە قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
6. قان بېسىم بىمارلىرى ۋە يۇرەك كېسەللىكى بىمارلىرىدا كېسەللىكنىڭ قوزغۇلۇپ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
7. ساغلام كىشىلەردە يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە يۇرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپچى بولىدىكەن .
8. ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىدىكەن .
9. ئىچكى ئەزالىرىدا يارا خاراكتىرلىك كېسەللىكى بار بىمارلاردا يارا ئېغىزىنىڭ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
10. بەدەندىكى قۇۋۋەتنى خۇرۇتۇپ ھەر قايسى ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى پەيدا قىلىدىكەن .
11. بەدەندىكى يېڭى قۇۋۋەت ۋە يېڭى روھنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ئۆمۈرنىڭ قىسقىرشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
12. كۆز ، قۇلاق ، بۇرۇن ، تىل ، تېرە قاتارلىق سەزگۈ ئەزالارنىڭ سېزىش سېزىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن .
13. ياشانغانلاردا بولىدىغان دەۋەڭلىك كېسەللىكىگە سەۋەپ بولىدىكەن .
14. چاچ چۈشۈش ۋە چاچ بالدۇر ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
15. تېرىنى قۇرغاقلاشتۈرۈپ ، تېرە يېرىلىش ۋە تېرىگە قورۇق چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىكەن .