(ساتىرا)
ئىشىك چىكىپ كىرىپ كەلدى بىر كىشى،
-ئىزدەپ كەلدىم ئاڭىكىزنى،بارمۇ؟-دەپ .
-يوق-دىگۈچە كۆزى چۈشتى ھالقامغا ،
سوراپ قالدى-جىڭ ئالتۇنمۇ؟جامۇ؟-دەپ .
———–
-ئىزدەپ كەپسىز ئاكامنى ،ئىش بارمىدى؟-،
دەپ سورىدىم چەتنەپ كەتمەڭ دىگەندەك .
يالغان كۈلكە بىلەن بىرنى ھىجايدى ،
دۇدۇقلىدى مەقسىدىمنى بىلگەندەك .
—————
تىلغا ئېلىپ دوستلۇقىنى شۇ ھامان ،
-بەك يېقىن بىز،گويا كىندىك قوش-دىدى .
-ئىشمۇ يوقتى كۆرۈشەي دەپ كەلگەنتىم ،
ئاغىنەم يوق ئىكەن كىتەي،خوش-دىدى .
————
-ئۆيگە كىرىپ چاي-پاي ئىچىپ ماڭمامسىز-،
دەپ ساپتىمەن ئەدەپ-ئەخلاق يۈزىدىن .
-بولسىغۇ-دەپ موكلا چۆكتى سافاغا ،
نە تەكەللۇپ تېپىلغايمۇ سۆزىدىن .
—————-
چايغا سېلىپ قويماستىن كۆز قىرىنى ،
ۋايىزلاردەك سۆزلەپ كەتتى ۋالاقلاپ ،
گەپلىرىنى ياقتۇردۇممۇ،كارى يوق ،
ئۆزى سۆزلەپ،ئۆزى كۈلۈپ قاقاقلاپ…
——————
تاغدىن -باغدىن سۆزلەپ كىلىپ بىر چاغدا ،
پو ئېتىشقا باشلىدى زوق-شوخ بىلەن .
ھەيران قالدىم،ئېغىزمۇ بىر بالاكەن ،
گەپ قالمىدى ئىھتىمال ئۇ دىمىگەن …
—————–
قاشتاش ئېلىپ ساتارمىش،باي-غەنىمىش ،
خانتاجىدىن ماشىنىسى قوش ئىكەن .
خانىشلاردەك ياشار ئىمىش ئايالى ،
كۆرگەن ھوزۇر-ھالاۋەتتىن خوش ئىكەن .
——————–
سالدۇرغانمىش ئىسىل داچا شەھەردە ،
ئۈچ قەۋەتلىك كەڭ-كۇشادە ئازادە .
يىلدىن-يىلغا ئاۋۇپتىمىش دۇنياسى ،
بەختۇ-دۆلەت كۆرۈپتىمىش زىيادە .
——————–
-يېزىدىمۇ قورو-جايىم بار -دىدى ،
خان ئوردىسى سىياقىدا ئۇز ئىمىش .
باغلىرىمۇ نەچچە يۈز مو كەلگۈدەك ،
پىشىپ تۇرار دەيدۇ تۈرلۈك يەل-يىمىش .
———————–
ئاتمىش تۇياق ئېتى بارمىش يايلاقتا ،
قوي-قوزىسى نەچچە تۇياق كىلەرمىش.
بوغۇزلاتسا ھەر نەسىللىك توپىقى ،
سىيىرلىرى توختىماي سۈت بىرەرمىش.
——————
بۇ يىل تېخى ئىككى يۈز تۇياق ساغلىقى ،
تۆت يۈزدىن جېق قوزىچاقنى تۆللەپتۇ .
ئى بىر چاغدا تارقالغان قۇش زۇكامدا ،
باققان توخۇ-كەپتەرلىرى ئۆلمەپتۇ …
———————-
داڭقى چىققان ئۇسۇلچى ھەم مودىللار،
ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا كۈيەرمىــــــش.
باقمايدىكەن ئايالىدىن باشقىغا ،
لىكىن قىزلار پەرۋانە بوپ يۈرەرمىش .
———————-
ئەتلەس-گىلەم ئېپ ساتارمىش قوشۇمچە ،
بۇ ئىشتىنمۇ ئوبدانلا نەپ كۆرۈپتۇ .
چەتئەللەردە خېرىدارى كۆپ ئىكەن ،
پات-پات چەتكە بېرىپ-كىلىپ يۈرۈپتۇ .
———————
ھەممە ئەلدە ئاغىنىسى بار ئىكەن،
كەلگىن دەيمىش تەكلىپ قىلىپ پات-پاتلا ،
بېرىپ قالسا تۆكەرمىش بار -يوقىنى ،
ھەريان باشلاپ قىلدۇرارمىش تاماشا .
————————-
شارۇلخاننىڭ يىڭى چىققان كىنوسى ،
پۈتۈپتىمىش شۇنىڭ بەرگەن پۇلىدا .
ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەسمىش بۇ تېخى ،
نەچچە شىركەت پىرقىرارمىش قولىدا .
——————–
-كىلىپ ئويناپ كەتكىن ئاداش -دەپتىكەن ،
ئوباماجان ئامرىكىدىن كەپتىمىش .
-ئۇستىكەن- دەپ- ئايالىڭ ئاش-تاماققا -،
قوي سويدۇرۇپ ئالتە-بەشنى يەپتىمىش .
————————
نەچچە مالاي خىزمىتىنى قىلغۇدەك ،
مالاي كۆرمەي تۇغقىنىدەك باقارمىش .
مىنىڭكىدەك مۇنداق ئاددىي ھالقىنى ،
ئاشۇ مالاي،چاكارلىرى تاقارمىش …
————————-
بۇ گەپ بىلەن شۇئان ئۇچتى ئەرۋاھىم ،
-مەن ئاكامغا تىلفۇن قىلاي-دەپ ماڭدىم .
نىمە دىگەن يۈزى قېلىن ئادەم بۇ؟
ھەي،تېتىقسىز گەپلىرىگە تاڭ قالدىم .
————————-
-ۋەي ،ئاكاممۇ؟نەدە بولساڭ يېنىپ كەل!-،
دىدىم قايناپ ئاچچىقىمغا پايلىماي .
تەققى-تۇرقى،يۈرۈش-تۇرۇش،گەپ-سۆزى ،
خۇي-پەيلىنى سۆزلەپ بەردىم قالدۇرماي .
—————————–
‹‹دوستۇڭ›› دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئاكاممۇ ،
قايناپ كەتتى مەندىن ئۆتە چىچاڭشىپ .
ئۇنى يابىر ئۆزۈم باشلاپ كەلمىسەم،
چالۋاقىدى ئەسكى داستەك تاراڭشىپ:
————————
-نەدە دوستۇم!؟ئادەتتىكى تۇنۇش بىز،
بىر ئاي بۇرۇن بۆشۈك تويدا تونۇشقان .
شۇ چاغدىمۇ تۇلا سۆزلەپ ئۇ ئاداش،
سورۇندىكى جىمى خەقنى تويغۇزغان .
———————
دادىسىدىن قالغان كونا ئۆي -جاينى ،
ئانچە-مۇنچە ياساپ داچا دەۋاپتۇ .
قېيناتىسى‹‹ئېلىپ-سېتىپ باي بول››دەپ،
بەرگەن كالا-قوينى سويۇپ يەۋاپتۇ .
———————
ئۇنىڭ بىلەن ھىساپلاشماي ھال چوڭ ،
ھە دىسىلا چەتئەلدىن گەپ ئاچىدۇ .
ئۆزى پوچى ھەم رودىپاي بولغاچقا ،
مەنلا ئەمەس،ھەممە ئۇندىن قاچىدۇ .
—————————
شىركەت قۇرساق دەيدۇ ئۆتكەن ھەپتىدە ،
پۇلى يوقمىش، قاراپ قاپتۇ ماڭىلا .
گەدەنگىچە قەرزى بارمىش ئاڭلىسام ،
ياق دىگەنتىم بولمىسا شۇ چاغدىلا .
———————–
بىر ئامال قىپ يولغا سېلىپ قوي ئۇكام،
كۆرسەتمىسۇن خۇدا ئاشۇ ساراڭنى !
بىر باشلىسا تۈگىمەيدۇ گەپ-سۆزى .
توختاتمايدۇ چەك باسمىغان پاراڭنى -.
———————–
شۇنداق دەپلا تىلىفۇننى قويۋەتتى ،
تاسلا قالدىم جىلىلىكتە يىغلاشقا .
قانداق قىلاي مىھمان كىتەي دىمىسە ؟
ئورۇن يوققۇ ھەيدەپ،ئۇرۇپ-تىللاشقا .
———————-
-ئىشى چىقىپ قاپتۇ،كەچرەك كىلەرمىش،
ساقلارسىزمۇ؟-دىدىم ،قاراپ سائەتكە.
يەنە كەتمەي قالسا قانداق قىلغۇلۇق ؟
رايىم يوقتۇر ئەمدى ئارتۇق تاقەتكە .
——————————
-بوپتۇ ساقلاي-دەيدۇ يەنە ئۇيالماي ،
تەگدى تىتاڭ تۇمۇرۇمغا مونو گەپ !
يەتمەپتىمىش ساقلىغىنى يېرىم كۈن ،
نەس باسقان بىر كۈن بولدىغۇ بۇ ئەجەپ…
————————
ئاخىر بولماي قولغا ئېلىپ سومكامنى ،
-ئىشىم باردى،چىقىپ كىرەي -دىگەندە .
قوزغالدى ئۇ بىزەڭ مىھمان ئورنىدىن ،
بىزارلقىم،مەقسىدىمنى بىلگەندە .
—————————
ئاران تەستە يولغا سېلىپ ‹‹ ئۇھ ›› دىدىم ،
يەنە قايتا ‹‹قەدەم تەشرىپ ›،قىلمىسا !
ئۇلۇغ ئاللاھ بەندەم دىسە كىشىگە ،
ئۇنداق بىزەڭ مىھمان نىسىپ بولمىسا !
————————–
تەبەسسۇم يازمىلىرىدىن…
2010-يىلى 6-ئاي .(خوتەن)