logo
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:باش بەت > ئېنگىلىز تىلى >ئېنگلىز تىلى > يازما كۆرۈش

58PIC0k58PIC7bi_1024
دۆلىتىمىزدە ئەمەلىيەتتە ئىنگىلىز  تىلىدىن  خەنزۇتىلى  بىر قەدەر مۇھىم. بىزئاۋال  خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز كىرەك.
دۇنياغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئىنگلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ئاسانلا بىلىۋالالايمىز. ئىنگىلىز تىلىغا سەل قارىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بۈگۈنكى زاماندا بىزدىن خېلىلا يۇقىرى.
مەسىلەن: ھىندىستاننى ئالساق، نۇپۇسى كۆپ، مىللەتلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە تەركبى مۇرەككەپ، ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس، ۋەزىيىتى كەسكىن، بىراق دۇنيا كومپىيۇتىر يۇمشاق دىتاللار ساھەسىدە ئامرىكا پىروگىراممىلىرىدىن قالسىلا ھىندىستاننىڭ پىروگىراممىلىرى يامان. دۇنيادىكى كومپىيۇتىرلارنىڭ 80 پىرسەنىتىنى ئىگىلىگەنwindows مەشخۇلات  سىستىمىسىنى ئىشلىگەن مىكروسوفىت شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان ھىندىستانلىق پىروگىراممىلار ئامىرىكا پىروگىراممىلرىدىن قالسىلا يۇقىرى. داڭلىق گوگىل شىركىتىدىمۇ گوگىلنىڭ ھاللىق، ئەڭ نازۇك تېخنىكىلىرىنى يەنىلا ھىندىستانلىق پىروگىراممىرلاردىن بىر نەچچىسى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن.
چۈنكى، ھىندىستان بۇرۇنلا ئانا تىلدىن قالسىلا ئىنگىلىز تىلىنى 2-مۇھىم تىل قاتارىدا بەلگىلەپ، مائارىپ تۈزۈلمىسىگە  قارىتا ئىسلاھ ئېلىپ بارغان. يېقىندا ئىشلەنگەن ھىندىستاننىڭ داڭلىق فىلىمى، شارولخان رول ئالغان فىلىمدە ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسىدە  بىر قەدەر  مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇلىدىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، تىل ئۈگۈنەيلى، ھېچ بولمىسا ئۈزىمىزنىڭ ئەڭ ئاددى ئىھتىياجىمىزدىن چىقالىغۇدەك سۆزلەردىن باشلايلى. ئۈرۈمچى شەھرىدىغۇ ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئىنگىلىزلار ۋە باشقا چەتئەللىكلەر كۆپرەك. ئەمما بىلمەيدىغانلىرى ئۇچراپ قالسا بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ قۇيۇڭ.

1-دەرىس  كۆپچىلىككە كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىلا كۆرسىتىپ قۇياي.

سۆز                                          ئۇقۇلىشى               ئىنگىلىزچىسى
مەكتەپ-                                    سىكۇل                    school      sku:l
ئونۋېرسىتىت –   يۇنىۋىرسىتى  (ر  ئاجىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)   university    مەسىلەن: شىنجاڭ ئونۋېرسىتى Xin就iang university

كوچا،يول-                                  روئاد              rəud   /  Road    مەسىلەن:  يەنئەن يولى  YanAn Road

كۇچا ئاپتۇبۇسى-                        باس                      Bus
ماشىنا-                                      كار (ر يەڭگىل تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)  Car
تاكسى-                                    تاكسى                   Taxi
كومپىيۇتىر-                               كومپىيۇتېر( ر  ئاجىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)      Computer ياكى PC دەپ ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
مۇنبەر-                                                             BBS

==========
QQ دا مۇڭدشقاندا

ماقۇل، بۇلىدۇ، شۇنداق بولسۇن – ئوكاي-  OK
ھەئە، شۇنداق،    –          يېس  –         Yes
مۇڭداشقۇلاردا نۇرغۇن تورداشلار مۇشۇ ئىككى سۆزنى بەك ئارلاشتۇرۋىتىدۇ. ئىككىسىنىڭ مەنىسىدە خېلى كۆپ ئوخشىماسلىقلار بار.  شۇڭا بۇلارنى ئىشلەتكەندە چۇقۇم ئارلاشتۇرۋەتمەڭ.
================
ئالدىڭىزغا تۇيۇقسىز بىر چەتئەللىك چىقىپ قېلىپ، سىزدىن بىر نەرسىنى سورىسا سىز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كىتىپ، نىمە دەيدۇ ماۋۇ دەپ كەتمەستىن، گىپىنى چۈشۈنەلمىگەن بولسىڭىز   كەچۈرۈڭ، مەن چۈشەندىم  دەپ قۇيۇپ كەتسىڭىز بۇلىدۇ.
يەنى Excuse me, I do not Understand  ئۇقۇلىشى:  ئېكىسكىيۇزمى، ئاي دونت ئاندېرستەنىد
مىنىڭچە بۇ جۈملىنى چۇقۇم يادلىۋېلىڭ. بۇلۇپمۇ شەھەرلىكلەر.
===============
بىرسى سىزدىن “ ئىنگىلىزچە سۆزلىيەلەمسىز“  دەپ سوراپ قالسا مۇنداق دەيدۇ :
؟Can you speak English     ( كەن يۇ سىپىك ئىڭگىلىش؟)
=============
دوختۇرخانا -خاسپىتال –  Hospital
دوختۇر- داكتىر – Doctor   تەلەپپۇز قىلغاندا ر تاۋۇشى بەك سۇس دىيىلىدۇ. يەنى تىل ئۈستىگە سەل ئىگىلىدۇ.
سىستىرا-نىرىس  -Nurse  بۇنىڭدىمۇ ر ھەرپىنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىل ئۈستىگە بەكرەك ئىگىلىدۇ.

============
دوسىت- فىرېند-Friend         دىققەت قىلىش كىرەككى، ئىنگىلىز تىلىدىكى R ھەرپىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ر ھەرپىنى تەلەپپۇز قىلغاندەك قاتتىق ۋە كۈچلۈك ئېلىشقا بولمايدۇ.  ئىنگىلىز تىلىدا R ھەرپىنى تەلەلەپپۇز قىلىشتا ئاساسەن سۇس ياكى ئېلىنمايدۇ. تەلەپپۇز قىلىنغاندىمۇ تىل ئۈستىگە ئىگىلىپ، ناھايتى سىلىق ئېلىنىدۇ.  روسيىلىكلەرنى دوراپ  رادىيۇ نى رەيدىيۇ    دىگەندە ر ھەرپىنى كۈچلۈك ھەم ئىنىق، تۈزلا تەلەپپۇز قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.  بۇ خىل تۈزلا تەلەپپۇز قىلىش ئەنگىلىيەئىنگىلىز تىلىسىدا كۆپ ئەمەس.

مەنبە يەتتە قىز تورى

تور دۇنياسىدكى سۈكۈت ناخشىسى يوق رەپخۇمار،ئاپپاراتى يوق فوتوگراف،خورجۇنى يوق يىغىپ ساقلغۇچى....

__sukut

سۈكۈت
بۇ يازمىلارنىمۇ ياقتۇرامسىز؟Related Posts
باھا يوللاش (قەلىب سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كىتىڭ)Comments
يۇغان كۆز ئۇماق قاقاقلاپ كۈلۈش ھىجىيىش خىجىل بولۈش غەزەپلىنىش ئازاپلىماق يىغلىۋىتىمە قاتتىق يىغلاش ئاق يۈز گەردىش تەرلەش جاپا تارتىنىش ھەيرانە سەبى كۈلكە رەڭ مەغرور ئىسكىلىت پىچەت ئۇخلاپ قېلىش كۆز قىسىش ھاببا گۇمانلىنىش ئاغزىڭنى يوم ئازاپلىنىش تېرەڭ نارازىلىق كەمسىتىش چوشقا
بايانات: باھا رامكىسىغا رەسىم چاپلاپ يوللىيالايسىز، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.
يوللىنىۋاتىدۇ...
  • ئاۋات يازمىلار
  • سۆھبەتلەر
  • ئىختىيارى
footer logo
بەت نىڭ بارلىق ھۇقۇقىنى بىكىتىمىز ساقلاپ قالىدۇ
نەشىر ھوقۇقى : بارلىق ھۇقۇق نەۋقىران دەرىسلىك تور بېكىتىگە مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. نەۋقىران بلوگىدا مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار : بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. نەۋقىران تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يۇقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، نەۋقىران تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . بېكىتىمىز دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. بىزگە ھەر ۋاقىت تەكلىپ ئۇچۇر بىرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ.QQ:962207969 1546363084 ، E- mail:1546363084@qq.com،962207969@qq.com، ئىشخانا تېلفونى: ....13070434135