ئانامغا بېغىشلاپ…(تەبەسسۇم)
مىھرى ئىللىق جانىجان ئانا،
قىيا كۈلۈپ باقمايسەن ماڭا .
باغرىڭغا باش قۇياي دەيمەنۇ ،
يتەلمەيمەن ۋە لىكىن ساڭا .
سىنى مەندىن ئايرىپتۇ بۇدەم،
تەتۈر پەلەك رەھىمسىز دۇنيا .
شۇندىن بىرى غەمكىن يىتىممەن ،
ھىجرانىڭغا بولدۇم مۇپتىلا .
قانماي تۇرۇپ بىر بىرىمىزگە ،
تەقدىر قىلدى بىزلەرنى جۇدا .
بار چېغىڭدا بىلمەي قەدرىڭنى ،
ئەمدى بىر داغ قالدى دىلىمدا .
سايە تاشلاپ قالبىمگە ھەسرەت ،
يۈرەلمىدىم ئېچىلىپ شۇڭا .
نادامەتنى قىلدى ھەدىيە ،
سېغىنىشتا قالدۇرۇپ خۇدا .
مىھىر چەكلىك ئۆمۈر چەكلىككەن ،
بىلىپ يەتتىم بۇ سىرنى مانا .
باسالمىدىم سېغىنىشىمنى ،
كۆز يېشىمدىن پۈتتى مىڭ نىدا …
بىر ئۆمۈرلۈك ئەسلىمەمدۇرسەن ،
مىھرىبانىم پاسىبان ئانا ،
مەن تىلەيمەن ئۇلۇغ ئاللادىن ،
جايىڭ جەننەت بولسۇن!ئەلۋىدا…
تەبەسسۇم يازمىلىرىدىن…
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى(خوتەن)
ئەزىزىم ئانام ئامىنە ئىمىن خانىم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىغا بېغىشلايمەن…