2010/02/20
ئەر _ ئاياللار ھەققىدە پاراڭ - [مۇھاببەت ھەققىدە پاراڭ]
ئەر _ ئاياللار ھەققىدە پاراڭ
★ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن ئەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ؛ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ،لېكىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
★ئاياللار تاكى ئەر تاپقۇچە دائىم كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ،ئەرلەر خوتۇن ئالغاندىن باشلاپلا كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
★ئەرلەر نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تىلغا ئالسا خوتۇنىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن؛مۇبادا ئاياللار نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىن بولغان بولىدۇ.
★ياخشى ئايال – ئەرنىڭ مەكتىپى بولۇپ،ياخشى ئايال بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەڭگۈ ئوقۇش پۈتتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
★ئەرلەر قېرىغانسېرى سالاپەتلىك بولۇپ كېتىدۇ. ئاياللار قېرىغانسېرى سەتلىشىپ كېتىدۇ.
★ئەرلەر ئاياللارنى تايانچۇق،ئاياللار ئەرلەرنى باشپاناھ قىلىدۇ.
★ئەرلەر قانداق ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئويلىنىدۇ،ئاياللار قانداق قىلسا چىرايلىق بولىدىغانلىقىنى كۆپرەك ئويلىنىدۇ.
★ ئەرلەرنىڭ ياخشى ئايالنى ئۇچرىتىشى – ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى، ئاياللارنىڭ ياخشى ئەرنى ئۇچرىتىشى – ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك تەلىيى.
1-ئاي: قەھرىتان
2-ئاي: ھۇت
3-ئاي: نورۇز
4-ئاي: ئۈمىد
5-ئاي: باھار
6-ئاي: سەپەر
7-ئاي: چىللە
8-ئاي: تومۇز
9-ئاي: مىزان
10-ئاي: ئوغۇز
11-ئاي: ئوغلاق
12-ئاي: كۆنەك
历史上的今天:
随机文章:
收藏到:Del.icio.us