دۇنيا مىنى ئەمەس ، مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن !!!

خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}.

  • 2010/02/15

    ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان - [شېئىريەت گۇلزارى ]

    ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان ، ئۇيقۇڭ يېتەر ،
    سەندە مال يوق ئەمدى كەتسە جان كېتەر
    بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ ،
    ئەمدى سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

    قوپ دېدىم ، بېشىڭ كۆتۈر ، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
    دۈشمىنىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ!
    كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ ،
    ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج .

    ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ ،
    شۇڭا يوقمۇ ئانچە سېنىڭ ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
    قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن ،
    ئويغانماي ، ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ ؟!

    كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق ،
    ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق .
    كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى ،
    كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق ، ئىشىڭ چاتاق .

    ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئۇيغۇرۇم ،
    سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم.
    كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى ،
    ئاڭلىمايسەن زادى نېمە بولغۇنىڭ ؟ 
     
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر1931 - يىلى تۇرپان



    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق