-
2010/02/15
دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى - [مىللىتىم ھەققىدە]
دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى
ئابباس مونىياز
ئۇيغۇر دىگەن قىزىق خەق ، بىرەر خەۋەر ياكى ھۆكۈمگە تېزلا ئىشىنىپ كىتىدۇ ، ئالدىراپ شادلىنىپ ئىتتىكلا خاپا بولىدۇ . مانا مەن شۇنداقلارنىڭ تىپىدىن . بىر چاغلاردا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىپ ، نوقسانلىرىنى سۆكىدىغان ماقالىلەر ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك بەس - بەستە ئېلان قىلىنىپ چىقىۋىدى ئەجەپ ناچار مىللەتكەنمىز دەپ ئۆزۈمدىنمۇ رايىم سوۋۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى ئاقلايدىغان ۋە ماختايدىغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ ئەسلى ئېسىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىپمۇ قالدىم . بۇ قارىشىمنىڭ يەنە ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارىشىم ئۈمىدۋارلىق قىرىغا مايىللىشىپ كىتۋاتقاندەك قىلىدۇ . بۇ مەندىكى ياخشى يۈزلىنىش بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن ، بۇ يۈزلىنىشنىڭمۇ سەۋەبى بار ئەلبەتتە .
» دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گىپى» ، ئاڭلاپ بېقىڭا ، نىمىدېگەن قالتىس خەۋەر -ھە ! دەل مۇشۇ خەۋەر مېنى ئۈمىتلەندۈردى . بىز دىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئۆزىمىزگە بەرگەن باھاسىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان خەق ، ماختىسۇن ياكى تىللىسۇن ئۇيغۇرنىڭ نامى خەلقئارادا تىلغا ئېلىندىمۇ ، مۇشۇنىڭ ئۆزى ئاجايىپ زور ئىش ، پۈتۈن دۇنيا بىزگە دېققەت قىلدى دىگەن گەپ .
ئەسلى گىپىمگە كەلسەم ، چەت ئەل تىلى ئۈگەنگىنىم ئۇچۇرغا بولغان قىزىقىشىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى . مۇشۇ قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە چەت ئەل يېزىقىدا چىقىدىغان ئىككى نەشىر ئەپكارىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالىسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ماقالە مېنى بەكلا جەل قىلغان بولغاچقا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىشقا ئالدىرىدىم . مەزكۇر ماقالە خەلقئاراغا ئوچۇق تارقىتىلىدىغان ، تراژى ئەڭ كۆپ ۋە داڭلىق << مەنسەپ مەدەنىيىتى >> ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ يېڭى يىللىق تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان ، ماقالىنىڭ ئاپتورى دۇنياغا مەشھۇر مەنسەپشۇناس ئالىم ، پىسخولوگ ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى جېك ھونتېر ئەپەندى . ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئېتىقاد كىرزىسىگە يېقىنلىشىپ ، ھەممىلا يەرنى ئۈمىتسىزلىك كەيپىياتى قاپلىغان مۇشۇ كۈنلەردە ، ئۇيغۇرلارغا يۇقىرى باھا بىرىلگەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالەمشۇمۇل ئەھمىيەتكە ئىگە .
ماقالىدە مۇنداق دىيىلگەن :
كەمىنە مەنسەپشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئۇزاق يىل شۇغۇللىنىپ ، تۈرلۈك ئىرق ۋە مىللەتلەرنىڭ مەنسەپ پىسخىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن ھەم بۇ خۇسۇستا بىر قاتار چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولساممۇ ، لېكىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىپ باقمىغانكەنمەن ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن << 11 - سېنتەبىر >> تىرورلۇق ۋەقەسىدىن كىيىن << ئۇيغۇر >> دىگەن بۇ مىللەت دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېغىزىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى . ئىلگىرى غىل - پال ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بۇ نام ئەمدى تېخىمۇ كۆپ ئاڭلاندى . بۇ مىللەتكە سەل قارىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ بۇرۇن باشلىغان تەتقىقاتىمنى دەرھال قولۇمغا ئالدىم . بىرىنچى ئىشىم ئۇلارنى تەكشۈرۈش ، كۆزىتىش ئىدى . مۇشۇ جەرياندا قايىللىق ۋە ھەيرانلىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى . خېلى ئۇزاق تاتقىق قىلىشتىن كىيىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى ، بۇ مىللەتتىكى < مەنسەپ پىسخىكىسى بايلىقى > راستىنلا كۆمۈلۈپ قاپتۇ ، مەنسەپ تۇتۇشقا بۇ قەدەر ماھىر مىللەت دۇنيادا تېخى يوقكەن ، مەنسەپشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزۈم ماختاپ كەلگەن ئېنگىلىز ، نېمىس كەبى مىللەتلەر بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەن . ئىلگىرى ئالدىراپ يەكۈن چىقارغىنىم ئۈچۈن تولىمۇ خىجىلمەن .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ، پارلاڭ مەدەنىيەتكە ئىگە ، پاراسەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەنسەپ تۇتۇشتىكى تەڭداشسىز ماھارىتىنى تىزىس شەكلىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن :
1. ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى ئىنتايىن ساداقەتمەن
ساداقەتمەنلىك - دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىشقا بولىدىغان ئېسىل خىسلەت . شۇنداقتىمۇ ، ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىر مىللەتكە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ . ئاتا - ئانىسىغا ، قەۋم - قېرىنداشلىرىغا ، ئىمان - ئېتىقادى ۋە يۇرت ۋەتەنگە سادىق بولالمىغان تەقدىردىمۇ ، ئەمەل مەنسەپكە سادىق بولۇش ئۇلارنىڭ مۇھىم بىر ئارتۇقچىلىقى . بۇ ئەلدە ئەمەلدار سايلانمايدۇ ، بەلكى تەيىنلىنىدۇ . دېمەك ، ھەر بىر مەنسەپدارنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تەيىنلەيدىغان ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئەمەلدار بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار ئۆز ئەمىلىگە سادىق .
ئەمەلگە سادىقلىق - ماھىيەتتە ئادەمگە سادىقلىق . ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ چوڭىدىن - كىچىكىگىچە ئەمىلىگە شۇ قەدەر سادىق بولۇشتىكى مەقسىدى ۆزلىرىگە مەنسەپ ھەدىيە قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ، بىر ئۆمۈر ئۇلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ . ھەممە ئىشنى ئۇلارنىڭ قاش - قاپىقىغا قاراپ قىلىدۇ . < ئاش بەرگەن قازاننى چاقماسلىق > ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك دەستۇرى بولغىنى بىلەن ، تەيىنلىگۈچى بىر قېتىم << ئاش بەرگەن >> باھانە بىلەن كىيىنكى ئىز باسار مەنسەپدارلارنىڭ كۆزىچىلا ھەر قانداق يوچۇقلارنى ئېچىپ خالىغان ئىشلىرىنى قىلالايدۇ ، مەنسەپدارلار بۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ . بۇ ھال بىزنىڭ بۇ ئەلدە دەل ئەكىسچە ! بىزنىڭ بۇ ئەلدىچۇ ؟ سايلام دەپ ئاي - ئايلاپ تالىشىپ كىتىمىز ، سايلاپ چىققان ئادىمىمىز ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويىدۇ . ئارىدىن بىر كۈن ئۆتە ئۆتمەيلا ، تەيىنلەنگەن كىشىلەر تەيىنلىگەن شاپائەتچىللىرىگە دۈشمەن بولۇپ مۇشت كۆتۈۈپ چىقىدۇ . ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىنى قاندۇردى دەۋاتقان ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چاچتى دەۋاتقان ، ئاشنا ئويناپ كەتتى ، ھەتتا بىكار ۋاقتىدا ئىت ئويناتتى ....... دىگەن ، ۋاي - ۋۇۇۇيي ... تەيىنلەنگەن بۇ مەنسەپدارلارنىڭ دىمەيدىغىنى يوق ، بەزىسى تېخى ئىستىپا بىرىمەن دەپ ئۈستەل مۇشلاپ كىتىدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان يوغان سەۋەبى < دۆلەپ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن > بولىدۇ ، لېكىن زىيان تارتىدىغىنى ئۆز يېقىنى - < ئاش بەرگەن قازىنى > بولۇپ چىقىدۇ . ئۇنىڭ خەلقىئالەم ئالدىدا يۈز ئابرويى تۆكۈلىدۇ . پۇقرالارنىڭ لەنەت نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ . بۇ ، ۋاپاسىزلىق ، ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك - دە ئەلبەتتە !
لېكىن ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى ئارىسىدا بۇنداق ئىشلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ . بۇنىڭ ئۆزى ۋاپا ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ پەزىلىتىنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
2. پرىنسىپال ۋە ئېھتىياتچان بولۇش ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى
بۇ ئىككى ئالاھىلىكنى مەنسەپشۇناسلىقنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەدبىقلاپ چۈشەندۈرۈشكەبولسىمۇ ، ئۇيغۇرلاردا ئاساسلىقى ھوقۇقنى قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . يەنى ، ئۇلار ئۆزىگە بىرىلگەن مەنسەپنى قانۇن دائىرىسىدە تولۇق يۈرگۈزۈپ ، قېرىنداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بىلەن ، مەنسىپىنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى ئۇلارغا ۋاقتى - ۋاقتىدا كۆرسۈتۈپ تۇرۇشنى ناھايتى پىششىق بىلىدۇ . ئۇلار ھوقۇقىنىڭ دائىرىسىدە بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا كەلگەندە ناھايتى پرىنسىپال . چىڭىغا چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، سەل نازۇكراق ئىش بولسا < سىياسەتنىڭ روھى بويىچە ئىش قىلمىساق بولمايدۇ > دەپ قەتئىي بېجىرمەيدۇ . قېرىندىشىمكەن ، بىلىشىدىكەنمىز دەپ يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ ، ھەتتا ئۇلارنى ئاي - ئايلاپ مېھمان قىلىپ ، دوست - تونۇشلاردىن بولۇپ كەتسىڭىزمۇ بەرىبىر ، < قىلالمايمەن > دېمەسلىك ، ئەمما قەتئىي قىلالماسلىق ئۇلارنىڭ ئېسىل خىزمەت ئىستىلى . قولىدىن كېلىدىغان ئېشلاردا ئۇلار تولىمۇ .ئېھتىياتچان ، بۇنداق چاغلاردىمۇ ئۇلار < قېرىندىشىمكەن > دەپ مۇھىم ئېغىزىنى ئاسانلىقچە قويۋەتمەيدۇ . بۈگۈن بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشنى ئەتىگە ، ئەتىكى ئىشنى كېلەر يىلغا سوزۇپ ، ئۆز قەۋمىنىڭ ئىرادىسىنى < سىنايدۇ > . مۇشۇنداق چاغلاردا ھەتتا بەزى كىشىلەر < ئەتە كېلىڭ > ، < ئۆگۈن كېلىڭ > دېگەن گەپتىن زېرىكىپ قىلماقچى بولغان چوڭ - چوڭ ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ . دېمەك ، ئۇلار سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ ، بۇنداق ئىرادىسى بوشلارنىڭ ئىشىنى بېجىرمەيلا قويغان تۈزۈك . بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئۇلاردىن ئۈگىنىشى ، ئۇلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان پرىنسىپاللىق ۋە ئېھتىياتچانلىقنىڭ مەنە دائىرىسىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشى لازىم .
3. << پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ، ئاغىرمىسا كىشىگە >> دېگەن ماقال دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كەلگەن
بۇنداق دېسەم ، بىزنىڭ ئەلنىڭ كىشىلىرى ھەيران قېلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ قىلچە مۇبالىغا قىلىنغان گەپ ئەمەس ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى بۇ ماقالنى ئاللىبۇرۇن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشكەن . بۇنىڭغا ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى كۆنۈك . << پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ، ئاغىرمىسا كىشىگە >> دېگەن ماقال ئەلدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقىنى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلار ئەمەل پىچىقىنى ئالدى بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرىغا سالىدۇ . قېرىنداشلىرىدىن ئەكىس سادا چىقمىغاندىن كېيىن ، ئاندىن ئۆزگىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ . ( دېققەت قىلىش كېرەككى ، ئۆزگىلەرگە سالىدۇ ئەمەس ، يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىشقا ئۇرۇنىدۇ ) . يەنى ، گەپنىڭ ئاچچىق - سېسىقىنى قېرىنداشلىرىغا قىلىدۇ ، ئىشنىڭ ئېغىرىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىدۇ . بارلىق سىناق ، قۇربانلىقلارنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىدۇ .... بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ مەنسەپ پىچىقى ئىنتايىن ئىتتىك ، ھەتتا قانۇن يول قويغان < ئىتتىكلىك > دائىرىسىدىنمۇ ھالقىپ كېتىدۇ . قۇرۇق ئۇستىخان گەۋدىلەرگە تولا سېلىنىپ ، بىسى يانغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزگىلەر ئېسىگە كېلىدۇ بۇ پىچاقنىڭ . بىلىش كېرەككى ، بۇ پىچاقنى ئۆزگىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېقىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇلۇۋاتقاندا پىچاق ئىشلىتىشنىڭ ئاللىقاچان زۆرۈرىيىتى قالمىغان بولىدۇ . قاراڭ ، ئۇلار قالتىسمىكەن !؟ << ئۆزگىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ئەڭ زور كىشىلىك ئەخلاق >> دىگەن سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان مەنسەپدارلىرىمىزغا ئۇ يەرلەردىكى يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ بېقىشنى ، ئەڭ ياخشىسى ، ھەممىنى < ئۆز > ىدىن باشلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
4. ئۇيغۇرلار تەڭ ھوقۇقلۇق مەنسەپدارلار بىر - بىرىنى چەكلەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ماھىر
گەپنىڭ دەسلىپىدىلا دەپ قويىدىغىنىم ، ئۇ ئەلدە بىزنىڭكىگە ئوخشاش << ئۆكتىچى پارتىيە >> ، << ئاۋام پالاتاسى >> ، << كېڭەش پالاتاسى >> دېگەندەك كېلەڭسىز ۋە بىر - بىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇن بولۇپ تۇرىدىغان ئۇقۇم ، ئاپپاراتلار يوق . پەقەت << يولداش >> << سىلى ئۆزلىرى >> دېگەندەك سىلىق تەكەللۇپ سۆزلىرى بار . يەنە ئەدەپ ۋە ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىر - بىرىنى پۇستانى نازىر ، پالانى ھاكىم ، پوكۇنى بۆلۈم باشلىقى .... دەپ ، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا مەنسەپ نامىنى قوشۇپ ئاتايدۇ . ھەتتا ئۆزىدىن باشقا خىزمەتچى خادىمى يوق ئەڭ كىچىك بىر ئىشخانىنىڭ مەسئۇلىنىمۇ ئەمەل نامى بىلەن قوشۇپ ئاتايدۇ .
كىچىك مەنسەپدارلارنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندىكى مەنسەپدارلارنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھەر ئېغىز گېپىگە شەرتسىز بويسۇنۇشۇ ئۇ ئەلدىكى ئەقەللى مەقسەت ئەخلاقى . لېكىن ، تەڭ دەرىجىلىك مەنسەپدارلارنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا سەل ئوخشىمايدۇ . باشتا دېگىنىمدەك ، بۇنداق مەنسەپدارلار ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ تەبىي ھالدىلا بىر - بىرىنى چەكلەپ ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن . ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى ، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ( ئۇلارنىڭ خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىشىپ يۈرۈشىدىن بۇنداق ئەھۋالنى سېزىش تەس
) يەنىلا ئۆز ئارا بىر - بىرىنى << باشلىق >> دىيىشىپ ، ئەمەل نامى بىلەن ئاتىشىدۇ . بۇ بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە نىمە بولسا يوشۇرمايلا دەۋېتىش ، بىر - بىرىگە تەكەللۇپسىز سوغۇق مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن نەقەدەر روشەن پەرق قىلىدۇ - ھە !ئۇيغۇرلاردىكى تەڭ دەرىجىلىك مەنسەپدارلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى ، ئوچۇق قارشى چىقماسلىق ، ئەمما بىر - بىرىنى زادىلا ئېتىراپ قىلماسلىقتا . ئۇلار تەكەللۇپقا ۋە << بولىدۇ >> دىيىشكە ئامراق ، < سىلىدىن قابىليەتلىك ئادەم يوق > دېگەن گەپنىمۇ ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ . بىراق ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى مەنسەپدارلارغا ھېچكىمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلمايدۇ . ئەكىسچە ، ئاۋۇ ئۇنداق قىلىپ كەتتى ، ماۋۇ بۇنداق قىلماقچى .... دەپ دوكلات قىلىپ ، بىر - بىرىنى يۈرەكئالدى قىلۋېتەلەيدۇ . نەتىجىدە ھېچقايسى دادىل ئىشلىيەلمەيدۇ . ئۇ ئۇنىڭدىن ، بۇ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ، ئەنسىرەپلا ئۆتىدۇ . بۇنداق ئاڭلىق نازارەت قىلىش ئۇسۇلى دۇنيادا ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدۇ . بىزدىكى << ئۆكتىچى >> دەپ ئوچۇق مەيدانغا چىققانلارمۇ ئۇلاردەك ھەممىنى دوغا تىكىپ ، بىر - بىرىنى نازارەت قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن . مېنىڭچە نازارەت قىلىش ئەنە شۇلارنىڭكىدەك مەدەنىي ، مەخپىي ، ماجراسىز ، ۋە قاتتىق بولغىنى ياخشى . شۇندىلا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر خىزمەتنى خاتىرجەم ئىشلىيەلەيدۇ . << ئۆكتىچى >> ، << مۇتەئەسسىپ >> ، << رادىكال >> ........ دېگەن مۇجمەل ئۇقۇملار مەۋجۇت بولمايدۇ . تېخىمۇ مۇھىمى مەخسۇس نازارەت ۋە چەكلەش ئاپپاراتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن << ئاۋام پالاتاسى >> ۋە << كېڭەش پالاتاسى >> دېگەندەك بىر - بىرىگە توسقۇن بولىدىغان مەنمەنچى ئورۇنلار ئۈزۈل - كېسىل يوقىلىدۇ .
5. ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى بار
ۋەزىيەت ئۇ ئەلدىكى ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل . شۇڭا ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش ، ئۇنىڭ خارەكتىرىنى چۈشىنىش - كىشىلەرنىڭ ساپاسى ، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بەخت ۋە مۇۋاپىقىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە . ۋەزىيەتنى چۈشىنىپ ماڭغانلار ئۆز يولىنى تېپىپ ، بايلىق يەنە مەقسەت ، نام - شۆھەت ..... قىسقىسى ھەممىگە ئېرىشەلەيدۇ . ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا تونۇپ يېتەلمىگەنلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ .
بۇ ئاددىي قائىدىنى ھەممىدىن بەك بىلىدىغانلاريەنىلا ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى . ئۇلار << ماسلىشىش پىسخىكىسى >> نى يېتىلدۈرگىنى ئۈچۈن ھەر قانداق ۋەزىيەتنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ . ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن ۋەزىيەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ . ھەر قەدىمى ۋەزىيەت شامىلىنىڭ يۆنىلىشى تامان بېسىلىدۇ بۇ تېخى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ھادېسە تەرىپى . ئەڭ مۇھىمى شۇكى ، ئۇلار ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىش بىلەن بىرگە ، روھى دۇنياسى ، ھەتتا ئېتىقادىنىمۇ ۋەزىيەت تەقەززاسىغا ئويغۇن ھالدا ئۆزگەرتىپ تۇرالايدۇ . قىلۋاتقىنى قانۇنغا خىلاپ ئىش بولغان تەقدىردىمۇ ۋەزىيەت ، سىياسەت ئېھتىياجى ئۈچۈن لەۋزىنى ئۆزگەرتىپ ، قەۋم - قېرىنداشلىرىغا ، يۇرت خىەلقىگە باشلامچى بولۇپ ئازار بېرەلەيدۇ . خەلقى ئۈچۈن سالغان بىر قېتىملىق تەستىقى ئۆتمىسە ئۇنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئورنىغا قايتا - قايتا تەستىق سېلىشقا ئادەتلەنگەن . تەستىقى زادىلا ئۆتمىسە ، ئاجىزلىقىغا تەن بىرىشنىڭ ئورنىغا << ۋەزىيەت مۇشۇنداق ئوخشايدۇ >> دەپ قاراپ ، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەر قانداق ئىلتىماسىغا << قوشۇلمايمەن >> دىيىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىمۇ بار . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى ، << قانۇن بويىچە ئىش قىلىمەن >> دەپ پرىنسىپقا جاھىللىق بىلەن ئېسىلۋالمايدۇ ، ئالدىنقى مەنسەپدارلار بېكىتكەن پىلاننى كېيىنكى مەنسەپدارلار ئەزمىلىك بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ . ھەر بىرسى ئۆز ئالدىغا پىلان تۈزىۋېرىدۇ . ئالدىنقىسىنىڭ پىلانىنى دادىللىق بىلەن بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ . تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى ، ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋەدە ، يوليۇرۇقلىرىدىن يېنىپ ، ئۆزىنى يېڭىچە ۋەزىيەت ئۆزگۈرۈشلىرىگە ماسلاشتۇرالايدۇ . ھەركىتىدىنلا ئەمەس ، روھ ، ئىدىيە ، ھەتتا ئۆمۈر بويى شەكىللەندۈرگەن ئىمان ۋە مەپكۇرىسىنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتەلەيدۇ . زامان تەقەززا قىلسا ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن قېرىنداشلىرىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدۇ . بۇ بىزدىكى << قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن >> ، << ھەققانىيەت خەلقتە >> دەيدىغان قاتمال مەنسەپ قارىشىدىن نەچچە ھەسسە ئەلا ماسلىشىش ئەمەسمۇ .
6. ئەڭ كەسكىن مەنسەپدارلارمۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىللمايدۇ .
ئۆز بېشىمچىلىق بىزدىكى ئەڭ يامان ئىللەت . پرېزىدېنتلىرىمىزدىن تارتىپ كىچىككىنە بىر كارخانىنىڭ دېرىكتورلىرىغىچە << مۇستەققىل ، ئىجاتچان ، دادىل >> دېگەننى باھانە قىلىپ ھە دېسىلا يەڭگىللىك بىلەن تەدبىر تۈزىدۇ ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ ، بۇيرۇق بېرىدۇ . << دۆلەت مەنپەئەتىگە ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىساق بولدى >> دەپ كاللىسىغا كەلگەنچە ئىش قىلىپ ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدۇ . << ئويلىنىپ باقاي ، مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي >> دېگەن گەپ ئۇلارغا يات . بىر ئىشقا يولۇقسا << ھەل قىلايلى >> ئەمەس ، << ھەل قىلىمەن >> دەپلا كېسىۋېتىدۇ . ھەتتا نەق مەيداندىلا ئىش بېجىرىدۇ . بۇ دۆلەت ، كارخانىلار ئۈچۈن زىيانلىق قىلمىشتۇر .
بۇ يەردە سۆيۈنۈش بىلەن جاكارلايدىغىنىم ، ئۇيغۇر مەنسەپدارلار بۇنداق ئىللەتتىن تامامەن خالىي ، ئۇلار ھەر قانداق ئىشقا مەسئۇلىيەتچان ، ئۆز ھوقۇقى دائىرىسىدىكى بارلىق ئىشلاردا ئۆز بېشىمچىلىق قىلمايدۇ . باشقا مەنسەپدارلارنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش - ئۇلاردىكى ئەڭ گۈزەل مەنسەپ ئەخلاقى . ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالسىڭىز ، ھەر قانداق مەنسەپدار << بۇ ئىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ >> دېمەيدۇ . لېكىن بىرەرسىمۇ << مەن بېجىرىپ بېرەي >> دېگەن گەپنىمۇ قىلمايدۇ . ھەممىسى دىيىشۋالغاندەكلا << مەسلىھەتلىشەيلى ، مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى >> دېگەن دادىل جاۋابنى بېرىدۇ . ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ كەسكىن ، كېسەر پىچاق باشلىقلارمۇ << شۇجى بىلەن مەسلىىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاپ بېرەي .. >> دېگەن دادىل جېۋابنى بېرىپ ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشتەك ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلىدۇ . مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي دېگىنى سوراپ باقاي دېگىنى ، بىرسى يەنە بىرسىدىن سوراپ ، پىكىر بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئىش ھەل قىلسا نېمىدېگەن بىخەتەر - ھە ! قېنى بىزدىكى مەنسەپدارلاردا مۇشۇنداق ئۆملۈك ، ھەمكارلىق روھى بارمۇ ؟!!!!
7. ئۇلار ھۆرمەت قىلىشنىمۇ ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنىمۇ بىلىدۇ
بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەنسەپدارلارنىڭ بىر ئاجىزلىقى - چوڭ - چىكىك ھەممىنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرۈپ تۇرۇۋالىدۇ . پرېزىدېنت تىلەمچىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يەپ كېتىدۇ تېخى . ئەرزىمەس بىر ئوقۇغۇچى دۆلەت باشلىقلىرىغا مەسلىھەت كۆرسۈتۈپ كېتىدۇ . بۇنىڭ ئۆزى ياراشمىغان باراۋەرلىك بولماي نېمە . ھەر كىم ئۆزىگە ئوخشىشى ، ھەم ئۆز ئۆزىنى تېپىشى كېرەك . مانا بۇ مەسلىنى ئۇيغۇر مەنسەپدارلار ناھايتى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان . ئۇلار تۆۋەندىكىلەرنى كۆرگەندە ئىنتايىن پرىنسىپال ۋە قاتتىق قول ، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار ئىشلىگەن خىزمەتنىڭ ]ۇختىلىقىدىن شامال ئۆتۈشمەيدۇ ، بولىدىغان ئىشلارنىمۇ بولمايدىغانغا ، ياخشى ئىشنى يامانغا چىقىرىپ ، كىچىك بىر مەنسەپدارلارمۇ پۇقرالارنى ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پېقىرتىۋېتەلەيدۇ . ھە دېگگندىلا << نو!! >> دەپ ۋاقىراپ ، قەۋم - قېرىنداشلىرىنىڭ بۇرنىدىن بۇلاق چىقىرۋېتىدۇ ، ھەممىنى << سۇبھاناللا !!! >> دېگۈزۋېتەلەيدۇ ، بۇ چاغلاردا ئۇلار گويا بىر ئەۋلىياغا ئايلىنىدۇكى ، مانا بۇ ھەقىقى مەنادىكى ئۆزىنى كۆرسىتىش .
لېكىن ئۇيغير مەنسەپدارلارنى گەپ يېمەيدىغان ، باغرى تاش ئادەملەرمىكىن دەپ قالماڭ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن چوڭ مەنسەپدارلارنىڭ ئالدىدىكى قىياپىتىنى كۆرسىڭىز ، دۇنيادا ئۇلاردەك ياۋاش ، ئاقكۆڭۈل ، ۋە كىچىك پېئىل ئادەملەرنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىسىز ، بۇنداق چاغدا ئۇلار ھەممىگە << ماقۇل >> لا دەيدۇ ، باشلىقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرت يېگەن ئېزىق چىشلىرىغىچە كۆرسىتىپ كۈلىدۇ ، تولا غادايغىنىدىن ئالدىغا تومپىيىپ چىقىپ كەتكەن قورسىقىمۇ بىردىنلا ئىچىگە تارتىلىپ ، ئۇلارنىڭ كامالەكتەك ئېگىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ . مانا بۇ پەرقلىق مۇئامىلە ، ھەر كىم ئۆز ئورنىنى تېپىشى كېرەك دېگەن قائىدە دەل مۇشۇ مانا ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىزاھلاپ قويىدىغىنىم ؛ ئۇيغۇر مەنسەپدارلىرى مۇشۇنداق ئېسىل خىسلەتكە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن پۇقرالىرى ئۇنى << پۇرسەتپەرەس >> دەپ ماختىشىپ كىتىدىكەن ، بۇ دېگىنى بىزچە << ئۆزىنى بېغىشلاش >> ، << رېئاللىققا ماسلىشىش >> دېگەنلىك . بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان مەنسەپدارلىرىمىز بولىدىغان بولسا بىزمۇ ماختىماي قالارمىدۇق ..... ؟!!!!
8. مەنسەپدارلىق رىقابەت ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك
مەنسەپنى رىقابەت ئارقىلىق تالىشىش دۇنياۋى ھادىسە . بىزنىڭ بۇ ئەلدە مەنسەپ ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىپ ، ئاپئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىمىز . يۇرت - يۇرتلارغا بېرىپ ئۆزىمىزگە ئاۋاز توپلايمىز ، خەلققە نېمىلەرنى قىلىپ بېرىدىغانلىقىمىز ھەققىدە تالاي ۋەدىلەرنى بېرىپ كىتىمىز . مەلۇم پارتىيە گورۇھ بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ يىغىلىش ئۆتكۈزىمىز ، رىقابەتچىمىز بىلەن جامائەت ئالدىدىلا مۇنازىرىلىشىمىز . لېكىن ، ئۇيغۇرلاردا بۇنداق يامان ئادەت يوق . ئۇلار ھە دېسىلا ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىپ يۈرمەيدۇ قىلمىغان ئىش ئۈچۈن ۋەدىمۇ بەرمەيدۇ . مەقسەت رىقابىتى تېخىمۇ قالتىس بۇلارنىڭ ، ئۇلارنى خەلقى ئەمەس باشلىقى سايلايدۇ . سايلايدۇ دېگىنىم نېمىسى ، تەيىنلەيدۇ ! مانا مۇشۇ يېرى ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ، مەنسەپدارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن << ئىشىنىش ۋە چۈشىنىش >> شەرت بولغانلىقتىن ئۆستۈرگۈچى بىلەن ئۆسكۈچى زىچ ئالاقىدار بولىشى ، مۇناسىۋەتنى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پىكىردە ، قاراشتا ، ھەركەتتە ، تاماقتا ، ئويۇن - تاماششا ......... دا بىرگە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . بىز بۇ يەردە ياشاپ بىلمىگەن بىلەن ، يۇقىرقى شەرتلەرنى ئورۇنداش تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مۈشكۈل ، يەنە كېلىپ بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسى مەدەنىي ۋە خۇپىيانە يول بىلەن ھازىرلىندىغان بولغىنى ، مەنسەپنى خەلق ئەمەس مەنسەپدارلار بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن رىقابەت ھەددى - ھېسابسىز كەسكىن . بىزدە بىر يىل سايلىنالمىسا كېلەر يىل يەنە قايتا رىقابەتكە چۈشۈش ئادىتىنىڭ ئەكىسچە ئۇلاردا قايتا - قايتىلاپ رىقابەتلىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ ، بىر ئورۇنغا بىر ئادەم شۇنداقلا چىقىپ قالدىمۇ ، بولدى ، ئۇنىڭ باشقا جايغا ئۆسۈپ ئۆرۇن بىكارلىشىنى ساقلىسىڭىز سىزنىڭ يېشىڭىز << ئۆستۈرۈش ياش چېكى >> ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ - دە ، بىر ئۆمۈر شۇ پېتىڭىزدە قېلىۋېرىسىز . بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ جاۋاپ بىرلا ؛ ئەمەل ئۈچۈن ئار - نومۇس ، ۋىجدان ، غورۇر ،،،،،، ئىشقىلىپ ھەممىدىن ۋاز كېچىش كېرەك !
مەن تەكشۈرۈش داۋامىدا ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەمەل ، مەنسەپ ئۈچۈن قۇربان بىرىش روھىغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم ، ھەر كېچىسى مەنسەپ ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۈندۈزى يەنە نورمال خىزمەت قىلالايدىغانلىقىغا ھەيران بولماي تۇرالمىدىم . ئويلاپ بېقىڭا ، بۇ خىل قاتتىق رىقابەت ، بۇ قادەر ئېغىر بەدەل ئالدىدا بىزنىڭ ئەلدىكى ئاشكارا مەقسەت رىقابىتى قانچىلىك دەيسىز ..... ؟؟؟؟
9. تۆۋەنگە چۈشكەنسېرى مەنسەپنىڭ كۈچى ئېشىپ بارىدۇ
( بۇنى بىزنىڭ ئەلنىڭ ئادەملىرى چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشكە قادىر ئەمەس ، قوبۇلمۇ قىلالمايدۇ ، شۇڭا ئايرىم كىتاب يازغاندا بۇ ھەقتە تەپسىلى ئىزاھات بېرىپ ئۆتىمەن )
10 . دۇنيادا ھوقۇق ، مەنسەپنىڭ قەدرى بۇ قەدەر ئۆتۈلگەن مىللەتتىن ئىككىنچى بىرسى يوق
( ئادەمدە نېمە كەم بولسا ، شۇنىڭغىلا ئىشلىسە كېرەك . دۇنيادا بولۋاتقان ھوقۇق، مەنسەپ غەۋغاسىنىڭ ھەر قاندىقى ئۇيغۇردىن تېپىلغاندىن سىرت ، ئۇلارنىڭ يېپيېڭى مەنسەپ پەلسەپىسى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدۇ دىيىشكە تامامەن بولىدۇ . بۇنىڭ تېخىمۇ يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە مەزمۇنلىرىنى يازماقچى بولغان كىتابىمدا ئاشكارىلايمەن . )
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دىيىلگەن :
ئانچە تولۇق بولمىغان يۇقىرقى دەلىللەردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى ، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ مەدەنىيەتلىك مىللەت ، ئۇلار ئۆزىگە خاس مەنسەپ مەدەنىيىتىگە ئىگە . ئەمدى سوراپ باقاي ؛ ئۇنداقتا ، نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالدى ؟ ئىلغارلىقنى قوغداپ ۋە ئوغىرلاپ يۈرۈپ دىگۈدەك قۇبۇل قىلىدىغان دىموكراتىك ۋە مەدەنىي ئەللەرنىڭ بۇ مەدەنىيەتنى تاشلىۋېتىشىگە يەنە قانداق ئاساسلىرى بار ... ؟ مەن خەلقئارادىكى ب د ت قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ ، ھەتتا ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە قاتارلىق مەدەنىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەنسەپكە تەكلىپ قىلىشىنى ، ئۇلارنىڭ مەنسەپ مەدەنىيىتىنى دۇنياۋى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ... ھەممىمىز ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تونۇيلى . مەركىزى ئاسىيانىڭ ئوت - ئاتەشلىك زىمىنىدا ياشاپ كېلۋاتقان بۇ مەدەنىي مىللەتنى ئۇنتۇپ قالمايلى .. !!
بىز چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە بەرگەن باھاسىدىن بەكلا قورقىدىغان خەق . بۇ ماقالىنى ئوقۇپ مەندەك بىر تىل ھەۋەسكارى ھاياجاندىن نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىغان يەردە ، مەنسەپ تۇتۇۋاتقانلارنىڭ زادىلا ئۇخلىيالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ! .........ھەيييييي .... ھېلىمۇ ھاياجىنىمنى باسالماي تۇرۇپتىمەن ، غەزەبلىنىشىم كېرەكمۇ ؟ چەت ئەللىك يازغۇچىلارغا غەزەپلىنىشكە بولسۇنمۇ ؟ ئىككىلىنىپ تۇرساممۇ كاللامدا يەنىلا شۇ شادلىق : << دۇنياۋى مەتبۇئاتتا ئۇيغۇرنىڭ گېپى !!!! ... >>
تۇرپان ژۇرنىلدىن كىرگۈزۈلدى
历史上的今天:
ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان 2010/02/15مۇھەببەت 2010/02/15نەبىجان تۇرسۇن كىم؟ 2010/02/15چىگرا ھالقىغان خىياللار 2010/02/15خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش بىردىنبىر چىقىش يولىمۇ؟ 2010/02/15
收藏到:Del.icio.us