ئاتا-ئانىلار دېيىشكە بولمايدىغان سۆزلەر
1. بىزمۇ ئانچە دۆت ئەمەستۇق ، سەن نېمانداق دۆت تۇغۇلۇپ قالغانسەن ؟
2. سېنى تۇغقىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىمەن !
3. مۇشۇنچىلىك نومۇر ئېلىپ ، قايسى يۇزۈڭ بىلەن قايتىپ كەلدىڭ ؟! كېيىن يەنە موشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ ، ئۆيگە قايتىپ كەلمەيلا قوي !
4. ئۇ سېنى ئۇرغان بولسا ، سېنىڭ ئۇنى ئۇرىدىغان قولۇڭ يوقمۇ ؟ تازىمۇ نان قېپى بىر نېمە ئىكەنسەن !
5. يەنە ئويۇنغا بېرىلسەڭ ، پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن !
6. خوتۇنۇڭ گەپ ئاڭلىمىسا تازا سال !
7.ئۇنىڭغا تېگىدىغان بولساڭ، بوسۇغامغا دەسسىگۈچى بولما !
8.ئاجرىشىپ كەت ، بىز ساڭا باشقا خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز .
ئائىلىڭىزدە بالىڭىزغا دىيىشكە بولمايدىغان سۆزلەر
ئائىلە- كىشىلەرگە مېھىر- شەپقەت ، ئىناقلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان ، ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرى ھېسيات ئالماشتۇرىدىغان ، مۇڭدىشىدىغان ئورۇن . لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى ، ئائىلىدە ھەممە گەپنى ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋېرىشكە بولمايدۇ .
بالىلار دېيىشكە بولمايدىغان سۆزلەر
1.ھۇ ئۆلمەيدىغان قېرى !
2.شقىلار « ئادەم قېرىغاندا ، كىچىك بالا بولۇپ قالىدۇ » ،دەيدىغان ، راستتىنلا شۇنداق ئىكەن .
3. نېمانداق كوتۇلداۋېرىدىغاندۇ ، يەنە كوتۇلدايدىغان بولساڭ ، ئۆيگە كەلمەيمەن جۇمۇ !
4. ھەي ، قېرى !
5. چىشىڭ ئۆتمىسە ئازراق يە !
6. ئىشىڭ بولمىسا ، ئۆيۈڭگە كىرىپ كەت ، ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرماي !
7. شۇنچە ياشقا كىرگەندە يەنە دوختۇرنىڭ نېمە كېرىكى ؟
8. ئىش قىلماي يەپلا ياتامسەن
تەمىنلىگۈچى:نۇردوختۇر مەنبە:ئۇيغۇرلاردا تېبابەت دوختۇر تور بېكىتى |
خوتۇن دېيىشكە بولمايدىغان سۆزلەر
1. باشقىلارنىڭ ئەرلىرىگە قاراپ باققىنا نېمە دېگەن قابىلىيەتلىك ، قايسىبىرى ساڭا ئوخشايدۇ ؟!
2. سېنىڭ بۇنداقلىقىڭنى بىلگەن بولسام ، ساڭا ئۆز ۋاقتىدا تەگمەسكەنمەن .
3. تاماكا چېكىشنىلا بىلىسەن ، يا شۇ تاماكا جېنىڭنى ئالمىدى !
4. ئەر كىشىمۇ سەندەك بولامدۇ ؟
5. سەن بىلەن توي قىلىپ مېنى نەس باستى .
6. ئۆزۈڭنى ئۇنداق بىلەرمەن چاغلاپ كەتمە ، تۇرقۇڭغا قاراپ باقمامسەن !
7. قورسىقىڭنى تيغۇزۇپ لاغايلاپ يۈرگىچە ، ماڭا ياردەم قىلساڭ بولمامدۇ !
8. سەن بىلەن توي قىلىپ ، بىر كۈنمۇ راھەت كۆرەلمىدىم . 9. نېمانچە كەچ قالدىڭ ، ئاشناڭنىڭ يېنىغا بارغان ئوخشىمامسەن ؟
10. كىيىمىڭدىن ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغۇ؟
11. كىرىڭنى ئۆزۈڭ يۇ ، مەن سېنىڭ مالىيىڭ ئەمەس !
12. قارىغىنا ئوغلۇڭغا ، ئۇدۇمىدىنلا سېنى تارتقان .
13. بىڭسىڭ بولسا ، باشقا خوتۇن ئېلىپ باق !
14. ئوقەت قىلىشقا ئازراقمۇ ئېپىڭ يوق ، پايداڭدىن زىيىنىڭ كۆپ .
15. ئۇ خوتۇن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار ، نېمىشىقا دائىم تېلغۇن قىلىدۇ ؟
|