بويتاق قىز-يىگىتلەر كۆپرەك ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرىشىغا قاتنىشىپ بېرىشى كېرەك
«نىكاھ ئۆزلۈكىدىن ئاسماندىن چۈشمەيدۇ». سىنگاپور زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىنىستىرى ياڭ لىمىڭ 17-مارت شۇ دۆلەتتىكى بوز قىز-بوز يىگىتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنى ئاكتىپ كېڭەيتىپ, كورىيە ياشلىرىدىن ئۈگىنىپ, كۆپرەك قىز-يىگىتلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلغان. سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: نوپۇس ۋە ئىختىساسلىق خادىم مەھكىمىسىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشىۋاتقان ياڭ لىمىڭ يېقىندا كورىيەگە زىيارەتكە بارغاندا, كورىيە ساقلىقنى ساقلاش بەخت-سائادەت تارمىقى ۋە ياللانما ئەمگەك تارمىقىنى, شۇ يەرلىك بالىلار باغچىسى ۋە نىكاھلانغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇش شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن, ياڭ لىمىڭ Facebook تا ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «كورىيە ياشلىرى سىنگاپور ياشلىرىغا ئوخشاش كېچىكىپ توي قىلىدىكەن. ئەمما كورىيە ياشلىرى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ كەمچىل بولۇشى, مۇقىم كىرىمنىڭ كەم بولۇشى سەۋەبلىك توي قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىكەن, سىنگاپور ياشلىرىنىڭ خىزمەت تاللاش پۇرسىتى كۆپ, ئاساسەن خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ, توي قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ».