ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
بەختلىك نىكاھنىڭ بەش ئاساسى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

بەختلىك نىكاھنىڭ بەش ئاساسى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1154   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 29-12-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مۇھەببەت ۋە نىكاھقا بېرىلىدىغان ئېنىقلىمىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مەلۇم تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن يەكۈنلەنگەن تۆۋەندىكى بەش مىزان بەختلىك ئائىلە ۋە نىكاھنى قوغداشنىڭ قالقىنى بولالايدۇ.
 
قۇسۇر ئىزدەش. گەرچە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىدىن قۇسۇر ئىزدىشى قارشى تەرەپكە بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قۇسۇر ئىزدىگۈچىلەر ئاسانلا يات جىنىسلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن. شۇڭا مۇۋاپىق يوسۇندا ئۆزئارا نازارەت قىلىش نىكاھنى پۇختىلايدىكەن.
 
رىقابەتكە تولغان مۇھەببەت. كۆپىنچە كىشىلەر ياخشى كۆرۈش مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا ماسلىشىش ھەقىقىي بەختنىڭ ئۇلىدۇر. ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ماسلىشىپ ھەل قىلىشى مۇھەببەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.
 
ماختاش بىلەن سوغۇق سۇ سېپىش. جورىسى يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى مۇھىم. بۇنداق ۋاقىتتا ئانچە-مۇنچە يۇمۇرىستىك سۆزلەر بىلەن سوغۇق سۇ سېپىپ تۇرۇش ئەر-خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
 
بىر مىنۇتتا ۋەزىيەتنى ئوڭشاش. تېز تۇرمۇش رېتىمى ۋە خىزمەت بېسىمىدىن چارچىغان، مۇڭدىشىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئەر-خوتۇنلار بىر مىنۇتتا كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدىكەن. مەسىلەن، يۇمۇر ئېيتىش قاتارلىقلار.
 
نىكاھىنى «قەرەللىك تەكشۈرۈش». ھەر يىلدا ئەر-خوتۇنلار ئۆز-ئۆزىدىن «ئۇ ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقنى ماڭا ئېيتىپ بەردىمۇ؟ مەن ئۇنى قوللىدىممۇ؟ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىدىممۇ؟»دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئەگەر بۇ سوئاللارنىڭ بىرەسىگە «ياق» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز نىكاھىڭىزغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم