ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ئولتۇرۇپ ئۇخلاش خەتەرلىك-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ئولتۇرۇپ ئۇخلاش خەتەرلىك

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 2843   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 27-02-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئولتۇرۇپ ئۇخلاش خەتەرلىك

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: ئادەم مەست بولۇپ قالغاندا ئولتۇرغان يېرىدىلا تامغا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالىدۇ، بىراق بۇ خىل ھالەتتە ئۇخلاش ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، چۈنكى ئادەم مەست بولغاندىن كېيىن چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى بارا-بارا ئاستىلايدۇ، بۇنداق چاغدا يۈرەك قان تومۇرنىڭ رېفلېكسنى تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان تومۇردىكى قان ئازىيىپ، تۆۋەن قان بېسىم ياكى شوك بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، مەست بولۇپ قالغاندا ئولتۇرۇپ ئۇخلىمىغان ياخشى.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئۇنىڭدىن باشقا، مەست بولۇپ قالغان ئادەمنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى، ھاراق مەنبەلىك قەي قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش تەسكە توختايدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، ھەتتا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىش بولىدۇ. مەسىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئادەمنى يانچە ياتقۇزۇپ دۈمبىسىگە ياستۇق ياكى باشقا نەرسىلەرنى قويۇپ، ئۇيقۇچىلىقتا خەتەرلىك قىياپەتتە يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاندىن ئۇلاردا بىنورماللىق بار ياكى يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش؛ ناۋادا مەست بولۇپ قالغانلار ھوشىدىن كەتسە چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم