ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
كەڭ قورساق ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

كەڭ قورساق ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1137   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 15-02-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 كەڭ قورساق ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ

 

كەڭ قورساقلىق ھەقىقەتەن ئېسىل ئەخلاق. يېقىندا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىلەر 60 ياشتىن ئاشقان 1000 ئادەمنى «دىن، ياشىنىش ۋە ساغلاملىق» تېمىسىدىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ساغلاملىق ۋە پىسخىك ساغلاملىقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بەكلا كەڭ قورساق بولۇپ كېتىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇلار باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋالسا، ئۇلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەپلا كېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ياشانغانلارنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تالاشتىكى سەۋەب شۇكى، ياشانغانلار كۆپىنچە ھايات ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىدۇ، شۇنداقلا تۈرلۈك خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن روھىي بېسىمى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ياشانغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنى باشقىلار ئەپۇ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن پەقەت ئۇلار باشقىلارنى ئەپۇ قىلسىلا ئۇلار دېۋەڭلىك كېسىلىدىن يىراقلىشىدىكەن، ئەرلەردە بۇنداق ئالاھىدىلىك تازا دېگەندەك بولمايدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بايقاش دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنى داۋالاشقا يېڭى يول ئېچىپ بېرىدۇ.
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم