ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
دالا ئۆتۈكىنى تاللاشتا دىققەت قىلىڭ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

دالا ئۆتۈكىنى تاللاشتا دىققەت قىلىڭ

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 619   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 30-01-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

    قىش كىرىشى بىلەنلا دالا ئۆتۈكى خانىم-قىزلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلاندى. لېكىن بۇ خىل ئاياغنى سېتىۋالغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا، قىسمەن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، ھەتتا مېيىپ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن، ياخشىسىنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا دالا ئۆتۈكىنى كىيىش مۇۋاپىق ئەمەس:

    1. ئۇزاق مەزگىل سىرتلاردا يۈرگەندە ياكى چېنىققاندا قارلىق دالا ئۆتۈكىنى كىيمەسلىك كېرەك. ئۇنداق بولمىسا بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ئاسان تېيىلىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە كىيگەن تۈزۈك.
    2. بالىلار دالا ئۆتۈكىنى كىيمەسلىكى كېرەك. بالىلارنىڭ سۆڭەكلىرى تېخى يېتىلىۋاتقان بولغاچقا، دالا ئۆتۈكىنى ئۇزاققىچە كىيسە، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    3. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە كىيمەسلىك كېرەك. بۇ خىل ئۆتۈكنىڭ پاشنىسى پاكار، چەمى قېلىن بولغاچقا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قىسمەن خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، دالا ئۆتۈكىنى سېتىۋالغاندا ماتېرىيالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، سۈنئىي تالالىق رەختلەر ئەستەرلەنگەن ئۆتۈكنى ئالماسلىق كېرەك.
ـــ ماتېرىيالدىن

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم