ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 917   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 05-07-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى

 

 
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، «توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» بىر تۈرلۈك قائىدىگە سىغمايدىغان مەسەل. چۈنكى، توشقاننىڭ ھەرقانچە ئۇيقۇسى كەلسىمۇ، ھەرقانچە ھۇرۇنلۇق ۋە ئېزىلەڭگۈلۈك قىلسىمۇ، مۇقەررەركى، تاشپاقىدىن تېز يۈگۈرەيدىغانلىقى ھەممەيلەنگە بەش قولدەك ئايان.
توشقان تۇغۇلۇشىدىنلا ئىنتايىن يۈگۈرۈك كېلىدۇ؛ تاشپاقا تۇغۇلىشىدىنلا يۈگۈرۈشنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتتۇر! مەزكۇر مەسەلدە تاشپاقىنىڭ تىرىشچانلىقى، توشقاننىڭ بوشاڭلىقى ئارقىلىق، بۇ پولاتتەك ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنغان. شۇغىنىسى، بۇ بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك.
بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنى نوقۇل تىرىشچانلىققا تايىنىپلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئالايلۇق، بەزى كىشىلەر بەزى ئىشلارنى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بەزىلەر تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرسا، يەنە بەزىلەر ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ھېچبىر نەتىجىسى بولمايدۇ. ئوخشاشلا دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر بەزىلەردە تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتسە، بەزىلەر ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئازراق بىر قىسىمىغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنە بەزىلەر ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ، زەررىچىلىك نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ.
شۇڭا، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھېچقانداق ئىشتىن رەنجىپ يۈرمەڭ، ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ رەنجىگۈچىلىكى يوق.
بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرى ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق.
«تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم