چوڭراق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئازراق چىقىم بىلەن كۆپرەك ھەققە ئېرىشىش، ئازراق كۈچ بىلەن كۆپرەك ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقىرىق تەلەپ قويىدۇ ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈردىغان تۈرلۈك ئۇسۇللارنى توختىماي ئىزدەيدۇ.
« ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت» «مەن ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايمەن» دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ.
ئامېرىكا ھەمىمىباپ ئېلىكتىر ئەسۋاپلىرى شېركىتى خىزمەتچىلىرىنى «ئىلگىرلەشنىڭ ئۆزىلا شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر خىل مەھسۇلاتى » دىگەن شۇئار بىلەن ئېلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە.
سىزمۇ نېمە ئۈچۈن ئىلگىرلەشنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر بىر قابىليىتى قىلىۋالمايسىز؟ بىز تۆۋەندىكى مەشىق ئارقىلىق سىزنىڭ «مەن تېخىمۇ ياخشى قىلالايمەن» دەيدىغان پۇزۇتسىيە ۋە قابىلىيەتنى يىتىلدۈرشىڭىزگە ياردەم بېرىمىز.
ھەر كۈنى خىزمەتتىن ئاۋال، ئون مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ: «مەن بۈگۈن خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايمەن؟» «مەن بۈگۈن خىزمەتچىلەرنى قانداق ئىلھاملاندۇرۇشۇم كېرەك»، «مەن خېرىدارلار ئۈچۈن مەن يەنە ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلالايمەن؟» «مەن قانداق قىلسام خىزمەتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۇك قىلالايمەن؟» دېگەن مەسىللەرنى ئويلىنىڭ.
بۇ مەشىق ناھايىتى ئاددىي، ئەمما ناھايىتى كارغا كېلىدۇ. سىناپ باقسىڭىز، نۇرغۇن ئىجادىي پىكىرلەرنى تېپىپ چىقىپ، تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. پىسخىك ھالىتىڭىز سىزنىڭ قابىليىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. سىز قانچىلىك قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز، شۇنچىلىك قىلالايسىز، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ھەقىقى ئىشەنسىڭىز، تۈرلۈك ئىجادىي ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقالايسىز.