ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەرزان باھادا GoogleAdsense ئېلانى تەمىنلەيمىز. تەپسىلاتى:
ئورنىڭىز: باش بەتپۈتۈكلەر>مەزمۇن
ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشى كىرەك بولغان بىلىم —ULY
يازما 283 كۈن بۇرۇن پۈتۈكلەر كاتىگورىيەسىگە يوللانغان ئېنكاس 12

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى– ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لاھىيىنى ئەستائىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاھىيە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومېتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم – فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ…» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن.

UKY نىڭ بىرلىككە كېلىشى موشۇ بەتتە ساقىت قىلىنغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخىس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. UKY ئېلىپبەسى نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بېكەتلىرى، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەم باشقا ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

يۇقارقى جەدۋەلدە بار يوقى 32 ھەرپ بار. بارلىق ئۇيغۇر ئەھلىنىڭ يادلىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز! بۇنى بىلمەسلىكتىن نۇمۇس قىلىڭ!

ئەسكەرتىش:2005-يىلىنىڭ باشلىرىدا تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دەپ ئېلىش مۇۋاپىق كۆرۈلگەن . بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت UKY نىڭ كومپيۇتېر تىلى/يېزىقى بولغان 0 ۋە 1 لەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ كىشىلەردە ئاتالغا ياكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. UKY ۋە ULY لار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.

باشقىلار

UKY ئىملا قائىدىسى

بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا خەت يازغاندا تۆۋەندىكى قائىتىلەرگە بويسۇنۇش كېرەك:

1. جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

2. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى، دۆلەت ناملىرى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi

3. خاس ئىسىملارنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. چەتتىن كىرگەن خاس ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىلىدۇ، ئەسلى شۇ تىلدا يېزىلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن: Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Nyuyork (New York), Béyjing (Beijing), Arman

4. قىسقارتىلغان ئىسىملار چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: AQSh, BDT, UKY

5. خەلقئارا بىرلىكلەر، قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە تاۋار ناملىرى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft

6. قىسقارتىلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە قوشما ھەرپ بولسا شۇ ھەرپنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ يېزىلىپ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ، ShUAR شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

7. مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni

8. يۇقىرىكىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا ھەرپلەر بىردەك كىچىك يېزىلىدۇ.

9. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف (‘) بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: sen’et, chet’el, qet’iy, jem’iyet

10. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف بىلەن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر گراماتىكىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر بوغۇمدا بىر سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشىنىگ ئۆزىلا بوغۇم ئايرىشنىڭ بىشارىتىدۇر.

مەسىلەن: maarip, muellim, daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet

11. پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن s’h, n’gh, n’g, ng’h لار ئارىسىغىمۇ ئاپوستروف قوشۇپ قويىلىدۇ.

مەسىلەن: Is’haq, Özbékistan’gha, Hin’gan, Cheklen’gen, Ganggirap, Bashlan’ghuch.

يۇقارقى مەزمۇنلار  «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى www.ukij.org»  دىن ئېلىندى .

بۇ ھۆججەت ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2004 – يىل 10 – ماي

نۆۋەتتە 12 پارچە ئېنكاس. بۇنىڭ ئىچىدە:مىھمان:12 پارچە, بىلوگگېر:0 پارچە

  1. روھچىن : 2011-يىلى02-ئاينىڭ16-كۈنى12:56:25  -9قەۋەت

    بلوگ ئىسمىنى ئېلىشتا UKY نى ئويلاشماپسىزدە ؟

  2. nezeri : 2011-يىلى02-ئاينىڭ16-كۈنى13:07:44

    بۇ ئىش دەل مىنىڭ بىشىمنى بەك قاتۇردى. مەن ئۆزۈم ئۇيغۇر كومپيۇتېر جەمىئىيتىنىڭ ئەڭ كونا ئەزالىرىدىن ھىسابلىنىمەن. شۇنداقلا ھەممە يەردە ULY دەپ چوڭ سۆزلەپ يۈرگەنمەن.
    كۆپ ئويلاپ ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ «ئەل كىرگەن كېچىك» كە كىردىم.
    تېخنىكىلىق مەسىلە بولسىدى مەن قانچىلىك ۋاقىت كەتسە سەرپ قىلىپ ھەل قىلسام بولاتتى.لىكىن بۇ ئاڭ مەسىلىسى، ساپا مەسىلىسى، ئادەت مەسىلىسىكەن.
    مەن قەستەن 12 ئادەمدىن يىزىلىشنى سورىدىم. بىرىمۇ ئۆلچەملىك يازالمىدى. ئىلاجسىز مۇشۇ نامنى ئىلىپ تۇردۇم. بەك قولاشمىسا باشقا ئىسىم تاپسام ئالماشتۇرىۋىتىمەن.

  3. نۇرلۇق : 2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى07:18:22  -8قەۋەت

    بۇ تېمىڭىز بەك ياخشى ئېلان قىلىنىپتۇ، قوللايمەن، مەن بۇ يازمىڭىزنى نەقىل ئېلىپ ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ مەنمۇ تور نامىم خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ دېگەن تېمىدا يازما ئېلان قىلاي دېگەن ئىدىم.

  4. نۇرلۇق : 2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى07:19:18  -7قەۋەت

    خەتلەر نورمال چىقماي، خاتا يېزىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، تۈزىتىپ قويسىڭىز!

  5. nezeri : 2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى08:19:56

    ئەلۋەتتە بولىدۇ.

  6. nezeri : 2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى08:20:19

    :razz:

  7. Ershat : 2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى16:34:06  -6قەۋەت

    Qesqer toghrimu yaki qeshqermu

    nime vchvn

  8. nezeri : 2011-يىلى02-ئاينىڭ17-كۈنى17:47:49  -5قەۋەت

    Qeshqer توغرا.
    چۈنكى ئۇنى تىلكومدىكىلەر شۇنداق بىكىتكەن(قىزىل تامغۇلۇق ھۆججەت بار.ئۇيغۇر ئەرەب يىزىقسىز شارائىتتا شۇنى چوقۇم ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن). ئۆلچەمگە نىمە ئۈچۈن بولمايدۇ. خۇددى بىر يىلدا بىر ياشقا كىرگەندەكلا ئىش. بىر يىلدا نىمىشقا ئىككى ياشقا كىرمەيمىز دىگىلى بولمايدۇ.
    ئەمىليەتتە يىزىق دىگەن پەقەت تىلنى ئىاپادىلەيدىغان بەلگىلا خالاس. ھەممە ئادەم بىرلىككە كەلسە قانداق يىزىلىش مۇھىم ئەمەس.
    مەسىلەن بىرى fhjsdhjhj دىگەن «ئانا» دىگەن گەپ دەپ ئۆلچەمنى چىقارسا ھەممىمىز ئىتىراپ قىلساق fhjsdhjhj دىگەن بەلگىلەر «ئانا» نىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. گەپ شۇنى ئىتىراپ قىلىشتا.

  9. كۆرەش : 2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى14:06:04  -4قەۋەت

    ئەسسالام نەزەرى ئەپەندى يازمايمەن دەپ يېزىۋالغان بلوگلىرىغا مۇبارەك بولسۇن.
    ھەرۋاقىت كىلىپ تەلىم ئالالايدىغان بوپتۇق ئەمدى.
    تاشلاپ قويماي يىتىلىۋالالا . :!:

  10. nezeri : 2011-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى15:04:10

    رەھمەت. كۆڭلۈم ئۆزۈمگە تەئەللۇق بىر سورۇننى تارتىپ قالدى. بۇنداق بولغاندا كەسپىيىلىششىكە قاراپ ماڭالايدىكەنمەن.

  11. uygur0998 : 2011-يىلى10-ئاينىڭ05-كۈنى16:58:47  -3قەۋەت

    asalamu alay kum bundak bilog ning bar likini bil may dekan miz bak yah xi bolde bun den kiyin iphone tog rese da hawar lar den wak tida hawar tapide kan miz da

  12. uygur0998 : 2011-يىلى10-ئاينىڭ05-كۈنى17:04:27  -2قەۋەت

    我想买苹果4代4s你们帮我那个比较好的苹果4代好还是4S ,

ئېنكاس كۆزنىكى

باش سۈرەت يوق؟