تەۋپىق ئىزى 
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
( تەۋپىق ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 114  يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن )
ئەل -ۋەتەننىڭ باغرىنى ئۇز لالە - رەيھان ئەيلىدىڭ ،
گۈلى -گۈلشەن ئارا بۇلبۇل مىسلى خەندان ئەيلىدىڭ ،
ئىلمۇ- ئىرپان سەيناسىدا قۇتنى ئارمان ئەيلىدىڭ ،
جۇت -زىمىستان ، زالالەتتە  دىلنى گۈلخان ئەيلىدىڭ ،
ھەق - ئادالەت پايانىدا ئەلنى كارۋان ئەيلىدىڭ .
نەچچە يىللاپ خەلىق نادانلىق تۈنلىرىدە تىنىدى ،
جاھالەتتىن ، ئاھانەتتىن دەردى - ھېجران ئازمىتى ،
دىلى كورلۇق سەۋەبىدىن كۆزگە ھېچكىم ئىلمىدى ،
ئەھلى ئالەم پەيتى دەملەر تۆردە مېھمان ئەيلىدى ،
شۇڭا تەۋپىق ئول كۆرۈمدىن پەننى دەرمان ئەيلىدىڭ .
ئانا زىمىن ، قارا دىللار يورىدى قۇت نۇرىدىن ،
باھادىر ، مەرت - مەدانىلەر يانمىدى ھېچ يولىدىن ،
خەيرى - ئېھسان قىلدى ھامان ئايىماستىن قولىدىن ،
يەتتى تونۇپ چىن ھاياتلىق ئەسلى بىلىگ  ئۇلىدىن ،
تامامى جان روھىغا نۇر ۋەسلى ئىمكان ئەيلىدىڭ .
سۈبھىنىڭ ساپ ھاۋاسىدەك دىلغا شاتلىق يامرىدى ،
پەسلى كۆكلەم جامالىدىن غەش كۆڭۈللەر يايرىدى ،
يېڭى ئىزلار يېڭى مەنزىل ئوت  ھاياجان قاينىدى ،
ھەممە دىلنىڭ تۆرىسىدە ئىشقى ئۇچقۇن چاقنىدى ،
مەڭگۈلۈك ھۆر - سائادەتنى شانۇ جەۋلان ئەيلىدىڭ .
قالدى ئىزلار قالدى نۇرلار خىسلىتىڭدىن كۈلدى ئەل ،
توغرا يولدىن ، ئىز -نىشاندىن كەلگۈسىنى كۆردى ئەل ،
پەن باھارى ۋىسالىدىن توق يۈرەكلەر ھەممە تەل ،
تاپتى يۈكسەكلىك ، بۈيۈكلۈك سىر - تۈگۈنلەر بولدى ھەل ،
ئادىمىيلىك  ھەغداسىدا  مېھرى  ۋولقان ئەيلىدىڭ .
مەرىپەتتىن تۆكۈلدى نۇر ئەھدى ، ۋىجدان ، ساداقەت ،
دىلى پاكلىق ، جاسارەتلىك ، ئەھلى ئىلىم - تەرىقەت ،
تاپتى بەركەت  قۇچتى نۇسرەت جانغا قۇۋۋەت ھىدايەت ،
ئىنسانىيلىق تاپتى ئەقىل چىن نىيەتتىن كامالەت ،
ھېكمىتىڭدىن ، پەزىلىڭدىن مەردۇ - مەردان  ئەيلىدىڭ .
مەنبە : ئىجادىيىتىم .