چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 415|ئىنكاس: 3

ئارتۇچ كۈتۈپخانىسىدىن قېرىنداشلارغا سالام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-24 22:57:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئارتۇچ كۈتۈپخانىسىدىن قېرىنداشلارغا سالام



مەن كىچىگىمدىن كىتاب كۆرۈشكە ھېرىسمەن ئىدىم. كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلاردىن ئارىيەتئ ېلىپ ئوقۇيتتىم .ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي خوشنا شەھەر -يېزىلاردىن ئەكېلىپ قىلچىمۇ ئېرىنمەيتتىم .ئەدەبىياتقا، جۈملىدىن شېئىرغا يۈرىگىمدە بىر ئۇلۇغ ئوت ياناتتى  .

شۇنداق قىلىپ يىللار بىلەن تەڭ چوڭ بولدۇم ، ھەر قايسى گېزىت - ژورناللاردا شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى . بىر تەرەپتىن مىللىي سىرچىلىق ھۈنىرىنى قىلغاچ ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب كۆردۈم ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم.2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە شىنجاڭ ۋە ئچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلىدىم ، ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندىم . 2009-يىلى ھەم تىجارەتتە ھەم تۇرمۇشتا ئېغىر قىسمەتكەيولۇقتۇم .تىجارەتتە ئېغىر زىيان تارتقاننىڭ ئۈستىگە،  قىزىم ئېغىر كېسەل بولۇپ 2014-يىلى ئاندىن ئىشلىرىم ئىزىغاچۈشتى .
مەن ھاياتىمنىڭ بۇ دوقمۇش ،كاتاڭلىرىدىن تۈز ئۆتتۈم ، ھاياتلىق مىزانىمدا بىرنەرسىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم . ئۇبولسىمۇ ئىجادىيەت ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىزدىگەچ روھىمنى ھامان پاكلىدىم ،تاۋلاپ تۇردۇم .ھەر بىر ئىنسانغا پاكلىقنى ئىستەپ كەلدىم . 2015-يىلى ئۆزۈمگە يارىشا ئۆي سالدىم . ئۆزۈمنى ھەم كەڭ دېھقان خەلقىمنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش مەقسىتىدەپۈتكەن ئۆيۈمنىڭ بىرىنى ) 40كۇۋادىرات مېتىر  ) كۈتۈپخانا قىلىپ ئېچىشنى ئويلىشىپ، يېزا مەدەنىيەت پونكىتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ تەستىقلاتتىم. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاستا - ئاستا قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى . نۆۋەتتە كۈتۈپخانىنى بېزەش تەييارلىقنى قىلىۋاتىمەن . ھازىرچە500دىن ئارتۇق ھەر قايسى ژانېردىكى ئۆزۈم يىغقان كىتابلىرىم بار . مەقسەتكە كەلسەم  :  ھەر قايسى يۇرتلاردىكى كەڭ ئوت يۈرەك ، مەرىپەتسۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ كۈتۈپخاناقۇرۇشقا ئائىت پايدىلىق تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن مېنى خەۋەر قىلىشىنى سورايمەن . مەن كۈتۈپخانامغا  تارىخىي ، تەزكىرە ، قانۇن ، ئەخلاق تېمىسىدىكى كىتابلارنى تىزىپ كەڭ دېھقان ئاممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار، باشقا كىشىلەرگىمۇ ئارىيەت بەرمەكچى . شۇڭا كەڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ،مەدەت ،مەسلىھەت بېرىشىنى  چىن دىلىمدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.


ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن :  ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ  :2536190268  .يانفۇن : 15699088894  . تېلىفۇن : 0908-4801868   

ئادىرىسىم : ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا قۇلانچى كەنىت 5-ئەترەت 38-ئۆي

阿图什市阿扎克乡库兰其村5-队038号。

邮政号  :  845350

艾买提江.祖伦

2015-يىلى 10-ئاي 6-كۈنى


قېرىنداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى سالۇن ، ۋە باشقا تاراتقۇلارغا تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-25 14:20:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت ئىش قىپسىز يىگىت. يارايسىز.
ۋاقتى: 2015-10-25 14:20:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت ئىش قىپسىز يىگىت. يارايسىز.

باھا سۆز

تەشەككۈر .  ۋاقتى: 2015-10-30 18:49
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 22:26 , Processed in 0.992418 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش