چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 693|ئىنكاس: 4

روزى سايىت:بىر سائىلنىڭ رىسالىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-17 17:08:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بىر سائىلنىڭ رىسالىسى

روزى سايىت

قول-پۇتى ساق، قەلبى چولاق توكۇرمەن،
غۇرۇر سېتىپ مۇتقا، توقۇم توقۇرمەن .

سىياقىمدا بىچارىلىك، مىسكىنلىك،
بارغان يەردىن «چالما يۈدۈپ» قوپۇرمەن.

پارچە-پۇرات سەدىقىگە خوشۇم يوق،
چوڭ-چوڭ بەرسە ئاندىن رەھمەت ئوقۇرمەن.

ساددىلارغا ئېيتارىم شۇ: «دادام يوق،
پۇلسىز، كېسەل-ئۈچەيلىرىم سوقۇرمەن.

ئانام قارىغۇ، ئاكام پالەچ، ئىنىم گاس،
ئاھ ، نامراتلىق...» دەيمەن تىنىپ چوڭقۇر مەن.

«سېخىيلارنىڭ جايى جەننەت!» شۇ گەپتە
يانچۇقىنىڭ ئاغزى چىڭنى نوقۇرمەن.

ئالىقان ئېچىپ، دۇئا چېچىپ، كۆز ياشلاپ،
بەرمەسلەرنىڭ ئىنسابىنى چوقۇرمەن.

خەقنى ئالداپ تاپقىنىمنى ھەر ئاخشام
تاۋىكاغا خەجلەيدىغان موخۇرمەن.

ئاكام تېمەن، ئانام ساپساق، دادام بار،
( ئاغزى شالتاق، لەۋزى يالغان كۇپۇرمەن).

ياتار جايىم تۇغ-شەددىلىك گۈمبەزدە،
نىكاھىمدا ئىككى خوتۇن-پوخۇرمەن...

قول قاپارتىپ يۈرمىسەممۇ، يېنىم توم،
رىزقى كەڭرى، ئەقلى چولتا «خور-خور» مەن.

باغرى يۇمشاق مىللىتىم بار بەرگىلى،
بەرگەنسېرى قىچىشقاقتەك يۇقۇرمەن.

نامىم سائىل، ھېچنەرسىدىن كېمىم يوق،
خۇدا بەرگەن «ھالى ئېگىز ئوقۇر» مەن.

كېمىمغۇ يوق، يۈرەك پوك-پوك، غېمىم بار،
يۇرت شەنىگە  داغ، ساقايماس قوتۇرمەن.

دەپ قالسا ئەل: « ئىشلەپ يېگىن ئالدامچى!»
ھالىم چاتاق، ئۇ چاغ ئوپۇر-توپۇرمەن...



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-17 19:42:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك شائىرىمىز قەلەم تەۋرەتمىگەن ھېچقانداق ساھە قالمىغانكەن-ھە !


ۋاقتى: 2015-11-17 21:49:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يىزىلغان شىېركەن. مەرھۇمغا پىردەۋىستىن ئورۇن بەرگەي.


ۋاقتى: 2015-11-17 21:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يىزىلغان شىېركەن. مەرھۇمغا پىردەۋىستىن ئورۇن بەرگەي.


ۋاقتى: 2016-1-9 16:12:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ،سائىلنىڭ،ھەم سائلغا ئوخشايدىغان كىشىلەرنىڭ .ئىچىنىمۇ ھەم تىشىنىمۇ ئىچىپ بەرگەن ئىكەن.
مەرھۇم ئۇستازغا ،ئالى ئھتىرام!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:33 , Processed in 0.595961 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش