مەن ئوقۇغان نادىر ئەسەرلەر تىزىملىكى
گۈلبوستان موللىمىن سىھىر
ھەر قانداق بىر ئادەمدە ئازدۇر كۆپتۇر قىزىقىش بۇلىدۇ ئەلۋەتتە،مىنىڭمۇ شۇنداق بىر قىزىقىشىم باركىن ،ئۇ بولسىمۇ كىتاپ ئۇقۇش،ساۋادىم چىققاندىن بۇيان ئۈزۈمنىڭ بىرەر كۈنمۇ كىتاپ ئۇقۇماي يۈرگىنىمنى پەقەت ئەسلىيەلمەيمەن ،ئۈزۈمنىڭمۇ ئەدەبىياتتا ئوقۇغۇم بار ئىدى،،،، ئەپسۇس ئۇقۇيالماي قالدىم ،ئەمما كىتاپ ئۇقۇشنى پەقەت تاشلاپ قويمىدىم،خىزمەتتىن چارچىغاندا،ئارام ئالغاندا ،ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىققاندا،تۇرمۇشتا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىرغاندا،ھەتتا ساتىراچخانىغا چېچمنى ياساتقىلى بارغاندىمۇ بۇ قىممەتلىك ئەزىزىم (كىتاب)ماڭا ھەمرا. تارىخى كىتاپلارنى ئۇقۇسام ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق ھاياتى ماڭا مىللىتىمنىڭ ناھايتى ئىستىداتلىق،باتۇر ،ئەمگەكچان مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.ھازىرقى زامان رومانلىرنى ئۇقۇغۇنۇمدا بىزنىڭ جەمىيىمىزدىكى ھەر خىل ۋەقەلەر(يازغۇچىمۇ چۇقۇم كىشىلىك تۇرمۇشنى ئۆرنەك ئېلىپ ئەسەر يازىدۇ ئەلۋەتتە)،ئائىلە،جەمىيەتتىكى ھەر خىل ئىشلار مىنىڭ جەمىيەتنى يەنىمۇ چۈشىنىشىمگە ياردەم بىرىدۇ،چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرنى ئوقۇغۇنۇمدا ماڭا بىزنىڭ ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى،كىشىلىك قارشى،مىللەت قارشى،مۇھەببەت قارشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىمىغان بىلىم ۋە ھۇزۇر بىرىدۇ،،،،،قىسقىسى مەن بۇ يەردە قانداقتۇر ئۈزۈمنىڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىمنى باشقىلارغا كۆز كۆز قىلماقچىمۇ ئەمەس،مەقسىدىم مۇشۇ تىمام ئارقىلىق مىسرانىم مۇنبىردىكى كەڭ تورداشلارنىڭ مەن تەۋسىيە قىلغان بىرەر كىتابنىمۇ بولسا ئۇقۇپ چىقسا مىنىڭ بۈگۈنكى ئىككى سائەتلىك ئەمگىكىمنىڭ مەھسۇلى،ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدۇ،،،undefined مەن ئاران باشلانغۇچنى تۇگۈتۈپلا ئاتا ئانامنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە سەنئەت كەسپىدە ئۇقۇغان،گەرچە كىيىن يۇقىرلاپ ئۇقۇغان بولساممۇ يەنىلا ئۈزەمنىڭ مەدىنيەت سەۋىيەمنى بەكلا ئاجىز چاغلايمەن،ھازىر ئىمكانىيىتىم يار بەرسە قايتىدىن ئەدىبىيات كەسپىدە ئۇقۇغۇم بار،ئەمما تۇرمۇش،خىزمەت،،،،،يەنە تۇللۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان پەرزەنتىمنى تەربىيلەش دىگەندەك سەۋەپلەر تۇپەيلى بۇ ئارزۇيۇمغا يىتەلمىدىم،لىكىن مۇشۇ ئارزۇيۇمنى قىزىمنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كىچىكىدىنلا ئۇنىمۇ كىتاپ ئۇقۇشقا ھىرىسمەن بىر قىز قىلىپ تەربىيلەپ چىقتىم .(ئاللا خالىسا مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە ئاقسۇ شەھىردە مىنىڭ بىر كىتاپىخانام بارلىققا كەلگۇسى)ھەم شۇنىڭغا تىرىشىمەن،،،،،،،،،مەن مۇشۇ پۇرسەتتە بارلىق تورداشلارنىمۇ كىتاپ ئوقۇشقا ئازراق ۋاقىت چىقارسىكەن ،پەرزەنىتلىرنىمۇ قىزىقتۇرۇپ ماڭسىكەن دىگەننى ئۈمۈت قىلىمەن،،،،ئىسىل قەھۋەنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىپ ئولتۇرۇپ كۇندە بىر سائەت كىتاب ئوقۇيلى قېرىنداشلار،،،،،،بالىلارمۇ بىزدىن ئۈلگە ئالسۇن
توۋەندە مەن كەڭ دوسلارنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇزۇم مۇشۇ 20يىل مابەينىدە ئۇقۇپ چىققان ھەم ساقلاۋاتقان ئەدىبى ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن .
ئانا يۇرت:زۇردن سابىر ئۈچ قىسىم
ئىز:ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىككى قىسىم
ئويغانغان زىمىن:ئابدىرىھىم ئۆتكۈر ئىككى قىسىم
ئىزدىنىش:زۇردن سابىر ئىككى قىسىم
مەھمۇد قەشقەرى:پەرھاد جىلان
قانلىق يەر:مەمتىمىن توختى ئايۇپ
سۇتۇق بۇغراخان:سەيپىدىن ئەزىزى
بۆرە ئانا:توختى ئايۇپ
ئۇنتۇلغان كىشىلەر:ئەخەت تۇردى
داغ:ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
مەمتىلى ئەپەندى:يالقۇن روزى
پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر:باتۇر رۇزى
نۇزۇگۇم:مەمتىمىن ھۇشۇر
قۇملۇقنىڭ چۈشى:خالىدە ئىسرائىل
ئوربىتا:خالىدە ئىسرائىل
مەختۇمسۇلا:خالىدە ئىسرائىل
ئاقساق بۇغا:مۇھەممەت باغراش
ئاھ رەھىمسىز دەريا:ئەختەم ئۆمەر
قۇرتلاپ كەتكەن كۆل:ئەختەم ئۆمەر
ئاق رومال:ئەسئەت ئابدۇرشىت
يىرتىلغان نىقاپ:سىن كەيلۇن
قىز قەلبى:سىن كەيلۇن
شوخ پەرىشتە:سىن كەيلۇن
كۆڭۇل:سىن كەيلۇن
سۆيگۈ ۋە قىساس:ئابدۇلئەھەت ئابدۇرشىد بەرقى
كۆپۈك:ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت
مۇھەببەت ۋە رەزىللىك:نەسىرۇللا ئابلەت
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم:گىئورگى .كىلاسۇن
يۇلتۇزلۇق تۈنلەر:پىرىمقۇل قادىروۋ
رەزىل كىچىلەر:سېندېي شېلدون
لاي سۇ ئىچكەن جانلار:ئەنۋەر مۇھەممەت
كوكۇيۇن:ئې.ل.ۋوينىچ
تامغا:رىشاد نۇرى گونتىېكىن
چالىقۇش:رىشاد نۇرى گونتىېكىن
لەۋدىن قەلىبكە:رىشاد نۇرى گونتىېكىن
سەرۋىخان:رىزۋانگۈل يۈسۈپ
قانلىق ئىز:مۇھەممەتئىلى ھېلىم
كۆز تەگكەن گۈزەل:تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم
ئەنسىز يىللاردىكى ئوغرى:توختى سابىر
ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس:توختى باقى ئارتىشى
ئاۋرال شاماللىرى:زۇردۇن سابىر
تاش شەھەردىكى ئايال:گۈلباھار ناسىر
شەھلا كۆز:نۇرمەھەممەت توختى
مەن 13ياش ،پاھىشە،خىروئىن چەككۈچى:بەك كونا ئىدى ،ئاپتۇرى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
ئۇيغۇر روھى مەھمۇد كاشغەرېي:مەتسەئىدى مەتقاسىم
نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە:لىئوىد سولوۋيوۋ(روسىيە)
يىلانلىق قورۇق:سۇلتان ھاشىم
پەرزەنىت تەربىيلەش دەستۇرى :كارىل ۋىتنىر
مازوننىڭ دىلو قىدىرىشى:ئېرلى سىتانلېي گاردنېر بەش قىسىم
ئۇيقۇسىز كىچىلەر:كەرىمە نادىر
مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ:ئايشەم ئەخمەت
ئەقىدە:مۇھەممەت ئەھمىدى،ئابدۇللا مۇھەممىدى ئەرتەن
باھاردىنامە:ياسىنجان سادىق چوغلان ئالتە قىسىم
جاللات خېنىم:ياسىنجان سادىق چوغلان ئىككى قىسىم
نازىنىن قىزلار:ياسىنجان سادىق چوغلان
مىھرىگىياھ:جالادىن بەھرام
لېيىغان بۇلاق:جالادىن بەھرام يەتتە قىسىم
كۈمۈرچى بالا:جالادىن بەھرام
تەكلىماكان ئوغلى:جالادىن بەھرام
ناتىۋانلار:جالادىن بەھرام
ئامەت ۋە ئاپەت :جالادىن بەھرام ئىككى قىسىم
غېرىپ سەنەم:ئەختەم ئۆمەر ئىككى قىسىم
باياۋاننىڭ سىرى:ئەختەم ئۆمەر
چۈمبەللىك ساھىپجامال:ئەختەم ئۆمەر
دىلغۇللۇقتىكى سۆيگۈ:ئەختەم ئۆمەر
ئاھ رەھىمسىز دەريا:ئەختەم ئۆمەر
قۇملۇق تىتىرەۋاتىدۇ:ئەختەم ئۆمەر
يىگانە ئارال:ئەختەم ئۆمەر
ئەلۋىدا كۈلرەڭ بىنا:ئالىمجان ئىسمائىل
يىغلىما قىز:ئالىمجان ئىسمائىل
زامانداشلار:ئالىمجان ئىسمائىل
قىسمەت:ئالىمجان ئىسمائىل
ھايات جىلۋىسى:ئالىمجان ئىسمائىل
يامغۇرلۇق كىچە:ئالىمجان ئىسمائىل
يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ:ئالىمجان ئىسمائىل
تۇمانلىق ئۇپۇق:ئالىمجان ئىسمائىل
يىىگانە دۇنيا:ئالىمجان ئىسمائىل
ئاتىلار روھى:ئالىمجان ئىسمائىل
يالغۇز كەپە:باھارگۈل ساۋۇت
سۆيگۈ مەنزىلى:رىزۋانگۈل يۈسۈپ
قايتا نىكاھ:رەيھانگۈل مىجىت
سەرسان روھ:ئەھەت تۇردى
ئارمان:مۇھەممەتئېلى ھىلىم
قىسمەت ئاچىلدا:ئىلغارجان سادىق
تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى:ئۆمەر ئابدۇللائەرقۇت
ھىجران :تۇرسۇنجا مۇھەممەت ئىككى قىسىم
ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس:مەمتىمىن شىپە
ھاردۇق يەتكەن ئايال:ماھىنۇر ئابدىلىم
كەچمىش:خالىدە ئىسرائىل
قۇملۇقنىڭ چۈشى:خالىدە ئىسرائىل
ئاي يامغۇرى:ئەھەت تۇردى
چىن ئەقىدە:سىن كەيلۇن
شەربەت كوچىسى:نەجىپ مەھفۇز
ھىجران كوچىسى:نەجىپ مەھفۇز
قەسىر كوچىسى:نەجىپ مەھفۇز
قۇم باسقان شەھەر:مەمتىمىن ھۇشۇر
قاباھەت:ئەخەت تۇردى
قىساس:قاھار جېلىل
توغراق قىزنىڭ ئاشىقى:ئابدۇراھمان قاھار
مۇھەببەتتە مىنىڭمۇ ھەققىم بار:ساجىدە سۇلايمان
قايتىش:تۇرسۇنجان مۇھەممەت
ساداقەت:ماھىنۇر ئابدىلىم
تۇنجى مۇھەببەت:مۇستاپا ئەمىن مىسىر
قىزارغان ئۇپۇق:مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم
قۇرۇپ كەتكەن دەريا:ياسىنجان سادىق
ئاخىرقى ئوۋ:ئاباس مونىياز تۈركىيقان
تۇمان تارىغان سەھەر:ماھىنۇر ئابدىلىم
مۇھەببەت كۈمۈلگەن قەبرە:تۇرسۇنگۈل تۇردى
ئاخىرقى مەكتۇپ:ئەركىن سابىر
ھېسام ھەققىدە:ماخمۇت مۇھەممەت
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماك ساتقۇچى:ئوگ ماندىنو
كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز:چېن كەييۇەن
يىتىم قىز:ئەمەت جاپپار
بۇمۇ ئۆتمۈش:بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
تۈشۇك مۇنچاق:بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
يۇلتۇز ئەپسانىسى:بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
شەرەنداز ئايال:
قەرىزدار:زۇردۇن سابىر
ئاتا:زۇردۇن سابىر
يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا:ئېھسان ئابدۇققۇدۇس مىسىر
ھايات شاماللىرى:سەمەت دۇگايلى
تەڭرىنىڭ ھۆكىمى:توختى ئايۇپ ئىككى قىسىم
ئىلىچى بۈركۈتلىرى:مەتقاسىم ئابدۇراھمان
بالىلىق دەۋرىم:گوركىي
ئاخىرقى مەكتۇپ:ئەركىن سابىر
گۈلدۇرماما:ياقۇپ ئىسمايىل پەيدا
ياپۇنىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا كۆرگەنلىرىم:سۈي يۇڭيۈن
ئاننىنىڭ كامالىتى-بالىنىڭ ھالاۋىتى:گۈلباھار ناسىر
پەرزەنىت تەربەيلەش دەستۇرى:چەتئەل نادىر ئەسەرلىرى
مەرىپەتپەرۋەر ئانا-ئايىخان:تۇرسۇن ئەرشىدىن
ئۈششۈگەن ياپىراق:ماھىنۇر ئىسماھىل
شىھىتلەر گۈلىستانى-يەتتە قەزلىرىم:باتۇر رۇزى
پىداكار شاھىر-نىمشىھىت:ئابلىز ئوسمان
قەھرىمان قىز-مەختۇمسۇلا:خالىدە ئىسرائىل
مەڭگۈلۈك ئابىدە-كىروران گۈزىلى:ئەسەت سۇلايمان ئۇيغار
لەۋ سۇرۇقنىڭ سىرى:ئابدۇۋەلى ئابدۇقادىر
قىزارغان سەھرا:رىزۋانگۈل يۈسۈپ
يار سوۋغىسى:ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى
ئۇيغۇر مەشرەپ مەدىنىيى:راھىلە داۋۇت ،ياسىن مۇخپۇل
كۈلپەتلىك مۇھەببەت:چەت ئەل ئەسىرى ،بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت:شىنجاڭ رومان ،بەك كونىراپ كىتىپتىكەن ،ئاپتۇر ئىسمى بار بەت يىرتىلىپ كىتىپتۇ
يېنىڭىزدا مەن بار:
مۇھەببەت ھىكايىسى:
ھايۋانات چۆچەكلىرى:
ئاننا كارىنا:لىف تولسىتوي
جۇدالىقنىڭ سىرى:نۇرگۈل ئەبەي
سۆيگۈ قىسمىتى:ئەلىس مونرو
ئائىلە يىمەك ئىچمەك قوللانمىسى
تۇركىي تىللار دىۋانى
قۇتادغۇبىلىك
ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر
باياۋاندىكى گۈلخان ئۈچ قىسىم
ھايات سىرى
ئۆزلۈك ۋە كىملىك
.ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا
باي دادام نامرات دادام:شارون لېستىر
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم:گېئورگې س .كىلاسن(ئامىركا)
بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ:ناپالىئون خېئول
مىنىڭچە ھەر بىر پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەشھۇر شەخىسلىرىنى تۇنۇش مەجبۇريىتى بار دەپ ئويلايمەن،شۇڭاقىزىمنىڭ بىر نەچچە كىتاپلىرىنىمۇ قىستۇرۇپ قويدۇم،ئاتا ئانىلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،،،،،،،يەنە نۇرغۇن كىتاپلىرىم بار ئىدى،ئەمما ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي،ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،،،،،،ھەممىڭلارغا ساقلىق ،خوشاللىق ۋە ئامەتلەر نىسىپ بولسۇن!!!!،،،،
مەنبە: قانۇن تورى |