چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1455 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    يازغۇچى مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولغاي! ئامىن!

كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 1

ۋاھابجان:قىزىقىش ۋە بىزارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-10 00:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قىزىقىش ۋە بىزارلىق
ئاپتور:ۋاھابجان قۇربان تەۋەرۈك


بىزدە يەتكۈدەك ۋاقىت بار، شارائىت بار. ئۇنداقتا نېمە يوق؟
بىز بىر نەرسىلەرگە، يېڭىلىقلارغا قىزىقىمىز. ئۇلارنى ئۆگەنگۈمىز كېلىدۇ. ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى، تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى، گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ياشاشنىڭ لەززىتىنى بىلىۋالغۇمىز كېلىدۇ. بىراق ئازراقلا قىيىنچىلىق، توسالغۇ سەۋەبلىك بىزدىكى شۇ خىل قىزىقىش چاقماق تېزلىكىدە زېرىكىشكە ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىغا ئالمىشىدۇ ...

بىزدە تەسەۋۋۇر ۋە يۈكسەك فانتازىيە بار. گۈزەل غايىلەر بار: بىز <<ئۇچار گىلەم>>گە ئولتۇرۇپ بىپايان بوشلۇقتا ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى، <<ياغاچ ئات>>قا مىنىپ تاغ - دەريالارنى كېزىشنى، <<ئېچىل داستىخان>>يېنىدا ئولتۇرۇپ مول نازۇنېمەتلەر بىلەن غىزالىنىشنى، <<ساڭقاڭ ئېشەك>>تىن ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى ساڭقىتىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، <<كەش>>لىرىمىزنى كىيىشىپ توي - تۆكۈنلەرگە بېرىشنى، <<ئۇر توقماق>> ئارقىلىق دۈشمەن كۈچلەرنى يوقىتىشنى خىيال قىلىمىز. بىراق بىزنىڭ بۇ خىياللىرىمىز خام خىيال بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى خام خىياللار - بىزدىكى يۈكسەك تىرىشچانلىق ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنىڭ كرىزىس پېتى تىندۇرما ھالەتتە داۋاملاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ناۋادا بىزدىكى قىزىقىش، تىرىشچانلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىغان بولسا،<<ئۇچار گىلەم>>، <<ياغاچ ئات»لىرىمىز قانات چىقارغان، >>ئېچىل داستىخان»لىرىمىز ئېچىلىپ، <<ساڭقاڭ ئېشەك>>لىرىمىز ساڭقىغان، <<ئۇر توقماق>>لىرىمىز ئۆز كۈچلىرىنى نامايان قىلغان بولماسمىدى؟ شۇنداق، بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز قىزىقىش تۇيغۇسى بىلەن بىزارلىق تۇيغۇسى ئارىسىدىكى مۇرەككەپ يولدا تەمتىلەپ قالغان، ئەڭ گۈزەل بىر روھ بۇ مۇرەككەپلىكتە يېتىمسىرەپ قالغان. بۇ خىل ھالەت روھىيىتىمىزدىكى بىچارىلىك بوھرانىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزلەرگىچە داۋاملاشقان گۈزەل تەسەۋۋۇر - سەمىمىي غايىلەر يەنىلا <<غايە>>ھالىتىنى بۇزماي تۇرۇۋاتىدۇ. ئەجىبا، بىزمۇ بۇ غايىلەرنى <<غايە>> ھالىتىدە ساقلاپ قويارمىزمۇ؟

كىشىلىك تۇرمۇش ھەقىقەتەن كۆپ قىرلىق ۋە مۇرەككەپ. سەن تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىساڭ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ، بۇنىسى ھەقىقەت. بىزدە تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىغۇدەك، قارىيالىغۇدەك جۈرئەت بارمۇ؟

مەن بۇ يەردە تۇرمۇشىمىزدىكى قىزىقىش ۋە بىزارلىق تۇيغۇسىغا دائىر بىرقانچە دىئالوگنى ھەممەيلەننىڭ تەڭ نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشىنى لايىق تاپتىم:
- گىتار چېلىشنى ئۆگىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ ئۆتكەندە بەكلا قىزىقىپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېيتقانىدىڭىز.
- نەدىكىنى. ئۇ بەكلا تەس نەرسىكەن، باشقا ساز ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن.

خۇلاسە: ۋاقتى، شارائىتى تولۇق بىر ساز ھەۋەسكارىنىڭ روھىيىتىدىكى ئوتتەك قىزىقىش ساز چېلىشنىڭ <<بىر ئاز تەسلىكى>> سەۋەبلىك بىزارلىق تۇيغۇسىغا ئالماشقان. مېنىڭچە ئۇنىڭدا قىزىقىش بار، پەقەت ئۆگىنىش روھى ۋە كۆڭۈل قويۇش كەم.
* *
- ئېنگلىز تىلى نەتىجىڭىز چىقتىمۇ؟
- مەن ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانىغا قاتناشمىغان، ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا چېكىنىپ چىققانىدىم.
- نېمىشقا ئەمدى؟
- ۋاي بەكلا تەس تىلكەن ئۇ، باشقا تىل ئۆگىنەيمىكىن دەيمەن.
- خۇلاسە: بۇنىڭدىنمۇ ئوخشاشلا ۋاقتى، شارائىتى ۋە ئۆگىنىش مۇھىتى تولۇق بىر تىل ھەۋەسكارىنىڭ ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرەلەيمىز. مېنىڭچە ئۇ، بۇ خىل پوزىتسىيە بىلەن ھېچقانداق تىل ئۆگىنەلمەيدۇ.
* *
- پوۋېستىڭىزنى پۈتتۈرۈپ بولدىڭىزمۇ؟
- ۋاقىت يوق، قارىسام ياخشى چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ. باشقا نەرسە يازايمىكىن دەيمەن.
خۇلاسە: بۇنىڭدىن بىر يازغۇچى ياكى ھەۋەسكارنىڭ يېزىقچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
* *
تەس، ئەلۋەتتە تەس نەدە ئۇنداق ئاسان ئىشلار بار؟ بىزدە ئەلۋەتتە يېتىپ ئاشقۇدەك ۋاقىت، شارائىت بار. بىراق بىزدە ئەڭ كەم بولۇۋاتقان نەرسە روھ، تىنىمسىز ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە تىرىشچانلىق. بىزدە ئۆزىمىزگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كەم. بىزدە يەنە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش روھى كەم. مانا بۇ كەمتۈكلۈكلەر بىزدىكى قىزىقىش تۇيغۇسىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.

<<ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ>>  - <<قىرلىق ئىستاكان>> ناملىق كومىدىيىلىك تېلېۋىزىيە فىلىمىدە تىلغا ئېلىنىدىغان بۇ بىر ئاددىي جۈملە بىزدىكى رىقابەت تۈسىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. راست، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك: <<ئەركىن رىقابەت يۈرگۈزۈلمىگەن جەمئىيەتتىكى ئادەملەر كۆپ ھاللاردا بۇزۇلغان ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ>>. بىز بىر - بىرىمىز بىلەن نەدىكى بىر ناچار ئىشلاردا رىقابەتلىشەلەيمىز - يۇ، نېمىشقا ياخشىلىق، ئۈنۈم ۋە ئىلغار نەتىجىدە ئۈستۈنلۈك تالىشالمايمىز؟ بىز بىر - بىرىمىزنىڭ قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىنى، غەلىبىسىنى نېمىشقا كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ مۇبارەكلىشەلمەيمىز؟ بۇ خىل تراگېدىيىلىك ھالەت جەمئىيىتىمىزگە ۋە روھىيىتىمىزگە خېلى دەرىجىدە يوشۇرۇنغان.
قىزىقىش دېگەن نېمە؟ مېنىڭچە، قىزىقىش  - تاشقى دۇنيادىكى يېڭى شەيئىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىغا بەرگەن ئاكتىپ تەسىرى ۋە ئىنسان ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىش جەريانىدۇر. ئىنسان ۋۇجۇدى تاشقى دۇنيادىكى يېڭى شەيئىنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە ماھىيىتىگە مەھلىيا بولۇپ كەتكەندە ئادەمدە شۇ شەيئىگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا بىزارلىق پەيدا بولىدۇ. بىزارلىق  - ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ مەلۇم توسالغۇ ياكى قىيىنچىلىق سەۋەبلىك قىزىقىشنىڭ ئورنىنى زېرىكىشنىڭ ئېلىش جەريانىدۇر.

<<قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە>>دەيدۇ ئەجدادلىرىمىز. ئەجدادلىرىمىز چەندان يىللار ئىلگىرى بۇ خىل قانۇنىيەتنى ھېس قىلغان، تونۇپ يەتكەن ۋە بىلگەن.
بىز بىر نەرسىلەرگە تەبىر بېرىمىز، لېكىن ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىمىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىزغا باغلاپ، ئۆزىمىزگە تەتبىقلىيالمايمىز. مەيلى بەزى ياشلىرىمىزدا ياكى باشقا كىشىلىرىمىزدە بولسۇن، ئۆزىگە ئىشىنىش روھى سۇس ياكى يوق دېيەرلىك. بىز مەلۇم بىر ئىشنى قىلماقچى بولىمىز، لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئۆزىمىزگە ئىشىنەلمەيمىز، مەغلۇبىيەتتىن قورقىمىز. بىزدە تەۋەككۈل قىلىش روھى ناھايىتى كەمچىل. قىزىقىمىز، باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز. ئاددىي مىسال ئالسام، ئۆتكەندە يېزىمىزدا بىر قېتىملىق فارس تىلى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىلغانىدى. باشتا ياشلاردىن 40 قا يېقىن ئادەم بۇ كۇرسقا ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانىدى، بىراق 15 كۈن دەرس ئۆتۈلە - ئۆتۈلمەيلا، 40 نەپەر كۇرسانتنىڭ سانى بىراقلا بەشكە چۈشۈپ قالدى. بۇ خىل <<ئوتتەك قىزىپ، پوقتەك سوۋۇش>> ھالىتى مەلۇم جەھەتتىن يۇقىرىقى قارىشىمىزغا دەلىل بولالايدۇ.
خوش، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئاجايىپ ئىختىرالار بىلەن بېزەلگەن 21 - ئەسىرگە مەغرۇرلارچە كىرىپ كەلدى. بىز بۇ ئەسىردە ئەل قاتارى ياشىيالامدۇق - يوق؟ بىزدە بۇ ئەسىرگە خاس يېڭىچە ئاڭ بارمۇ؟ بىز بۇ ئەسىردە نېمىگە موھتاج؟ بىز قانداق قىلغاندا ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋە ئىلغار تېخنىكىلارغا ۋەكىللىك قىلالايمىز؟ قانداق قىلىپ ۋۇجۇدىمىزدىكى قىزىقىش تۇيغۇسىنى ئەسىر روھىغا ماسلاشتۇرالايمىز؟
مەن ئويلايمەن، بىز ئېڭىمىزدىكى ئۆزىمىزنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت روھىي كىشەننى تەلتۆكۈس پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىلغار رىقابەت ئېڭى ۋە يۈكسەك تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى راۋۇرۇس تىكلىيەلىسەكلا، بۇ خىل قىيىن ھالەتتىن چوقۇم قۇتۇلۇپ كېتەلەيمىز .

(ئاپتور: ئاقتۇ ناھىيە تار تاجىك مىللىي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-11 14:14:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىسباينىڭ  ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقۇرى بولغان تىتىملىق ياخشى بىر تىمىنى يوللىغانلىغىغا تەشەككۇر!
دىمىسىمۇ ھازىرقى ياشلىرىمىزدا  بىر نەرسە ئۈگىنىشكە بولغان قىزىقىش ھەقىقەتەن سۇسلىشىپ كەتتى. بۇنىڭغا سىياسى ئىجتىمائىي ئامىل ،موھىت ئامىلى ، ئىقتىسادىي ئامىل ۋە يىمەكلىك تەركىۋىنىڭ بۇلغىنىشى دىن ئىبارەت خىلمۇ —خىل ئامىللارنىڭ كۆرنەرلىك تەسىرى بولغان بولىشى مۇمكىن. 80- يىللار كىرگەندىن كىيىن ( ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش باشلانغاندىن كىيىن )ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئارىسىدا  بولۇپمۇ مىللىتىمىز ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۈگۈىنىشكە بولغان قىزىقىش يېڭى بىر دولقۇنغا كۆتۈرىلۈپ،ھەممە ئادەمدە بىر نەرسە ئۈگۈنىشكە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى قوزغالغان ئىدى. مەيلى مەكتەپتە ئوقۇسۇن ،مەيلى ھەر-خىل ھۈنەر -كەسپ، ۋە پەن-تېخنىكا  بىلىملىرىنى ئۈگەنسۇن ،مەيلى دىنىي بىلىم ئۈگەنسۇن ،ئىش قىلىپ كۆپ سانلىق ئادەملەر بىر نەرسە ئۈئۈگىنىشكە ئىنتىلىدىغان ،كىتاپ كۆرىدىغان ، ھەر خىل ھۈنەرلەرنى ئۈگىنىشكە شاگىرىتلىققا كىرىدىغان بىر خىل ھالەت ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنگەن ئىدى. يېقىنقى‹‹تەرەققىيات ›› نەتىجىسىدە بولۇپمۇ 2000 -يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ خىل ھالەت پەيدىن -پەي ئازىيىشقا باشلىدى. كىشىلەردىكى ئۈگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقنىڭ ، بىر نەرسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ ئورنىنى  بىزارلىق، ھورۇنلۇق، خوشياقماسلىق ئىگىلىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى قايسى تەرەپتىن ئىزدەش كېرەك؟ كىشىلەرنىڭ سوبىكتىپ ئېڭىدىنمۇ ياكى جەمىيىتىمىزدە ، بولۇپمۇ  ئەتىراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان خىلمۇ- خىل ئىجتىمائىي سەۋەپلەردىمۇ ؟ بۇلارنى يېزىشقا قەلىمىمنىڭ سىياسى تۈگەپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھەقتە قابىلىيىتى يۇقىرىراق، قەلەم قۇۋىتى كۈچلۈكرەك يازارمەنلەر بۇ سۇئالغا جاۋاپ يازمىسا پېقىر بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلغۇدەكمەن. قىسقىسى قىزىقىش قوزغايدىغان بىر ئۇلۇق ئىنىرگىيەگە ھەممىمىز مۇھتاجدەك قىلىمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 00:22 , Processed in 0.202675 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش