چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 709|ئىنكاس: 2

ئارتۇچ:باھارىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باھارىم
( ئوتتۇز ئالتىنچى باھارىمغا بېغىشلايمەن )

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

ئانا زىمىن قوينى يېشىللىق ،
سەپتى قۇياش نۇرىنى ئېللىق ،
ساپ ھاۋادىن ئېلىپ خۇش تىنىق ،
باھار دېدىم باھارىم دېدىم .

قىشلىق ئۇيقۇ پۈتتى باھاردىن ،
سۆيۈندى دىل كۆكلەم ناھاردىن ،
مىھنەت سڭگەن ئۈمىد ، قاراردىن ،
باھار دېدىم باھارىم دېدىم .

سەپ تارتىشىپ ئۇچتى تۇرنىلار ،
توزدەك گۈزەل ياساندى قىزلار ،
يۈرەكتە ئوت ، ئىشىق قوزغىلار ،
باھار دېدىم باھارىم دېدىم .

ئەگىز تولغان كۆللەرگە بېقىپ ،
ھىدى خۇشبۇي گۈللەرگە بېقىپ ،
ئانا يەرگە باغرىمنى يېقىپ ،
باھار دېدىم باھارىم دېدىم .

ئارمىنىمدەك ئاپئاق چېچەكلەر ،
ئاسمىنىمدەك سۈزۈك تىلەكلەر ،
نۇسرەت چىللاپ تۈردۈم بىلەكلەر ،
باھار دېدىم باھارىم دېدىم .

ھايات ئەسلى  بىر كۈن

ئارمان بىلەن كەتتى تۈنۈگۈن  ،
پەقەت دەرمان بۈگۈنلا بىر كۈن .
غەپلەت سىڭگەن ھوقۇش باغرى تۈن ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

ئۆمۈر تامچە ياشتەك چۈشىدۇ ،
نادان جاندىن ئۈمىت كۈتىدۇ ،
يۇلتۇز بولۇپ بەندە ئۆچىدۇ ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

ۋاختىڭ كېتەر شېرىن خىيالدىن ،
بەختىڭ گۈلى توزۇپ شامالدىن ،
ئۆتمىكىڭ تەس  مەنزىل قامالدىن ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

مىڭبىر تىنەپ تاپقىنىڭ قالار ،
دۇنيا كۆزلەپ ساتقىنىڭ قالار ،
ئۇچۇم تۇپراق قوينىغا ئالار ،
ھايات ئەسلى بۈگۈنلا بىر كۈن .

ۋىسال پەيزى

قىسمەت دەشتى ئىنسان ئۈچۈن ئىمتىھان ،
چىن كۈلكىلەر بىباھاسىز ، تەڭداشسىز .
ئۈمىد ئىچرە چېچەكلەيدۇ ئەزىز جان ،
مۇھەببەتتىن يورۇق دۇنيا ، يورۇق ئىز .

تۆكۈلىدۇ بەركەت -  ئامەت نىيەتتىن ،
ھالال تەردىن ياشىرىدۇ يۈرەكلەر .
تاڭدەك كۆيۈپ ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ،
گۈل كەلتۈرەر گۈلدەك خۇشبۇي تىلەكلەر .

ۋىسال ئىشقى ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى ،
پاك تىنىقتىن رەڭدار ، گۈلگۈن پەسىللەر .
مېھرى-شەپقەت ئۆمۈر تۈنى يۇلتۇزى ،
بارچە قەلىب ئاپئاق نۇرغا كۆمۈلەر .

كۆڭۈل قانماس سۆيگۈ ئوتى رىشتىگە ،
كەم - كۇتىسىز  گۈزەل ھەممە ...جانان ئۇز .
نېمە يەتسۇن بەخىت پەيزى سىھرىگە ،
ۋىسال ئارا ئىنسان ئۇلۇغ جاھان ئۇز .

كەلمىدىڭ

ئاقسىمۇ كۆزۈم قاراسى كەلمىدىڭ ،
تاشسىمۇ باغرىم ياراسى كەلمىدىڭ .
بارسا كەلمەس مەنزىللەرگە ئاتلاندىم ،
باسسىمۇ توپان بالاسى كەلمىدىڭ .

نەي قىلىپ چالدىم يۈرەكنى بىلمىدىڭ ،
سۈپسۈزۈك تاڭدەك تىلەكنى بىلمىدىڭ ،
ئىزىمدىن ئاچقان چېچەكنى بىلمىدىڭ ،
ئاتسىمۇ تەقدىر ئوقياسى كەلمىدىڭ .

ۋىسال ئىزلەپ مىڭ پارىدۇر بىر جېنىم ،
كۆيدى جاھان كۆيدى ھەممە ئىچ -تېشىم ،
نە كۆرمىدى نە كۆنمىدى   بۇ بېشىم ،
چاچسىمۇ روھىم زىياسى كەلمىدىڭ .

مۇھەببەت بېغىنى ئەيلىدىڭ خازان ،
شەيتاننىڭ سىھرىگە ئالدىنىپ پىنھان ،
پەرىشتە مېھرىگە تەلپۈندۈم ھامان ،
باقسىمۇ ئۆمرۈم قازاسى كەلمىدىڭ .

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم

ياخشى كۈنلەر تاشلاپ كەتكەندە ،
ھىجرانلاردا ھەسرەت چەككەندە ،
باغلىرىڭغا ئۈششۈك تەككەندە ،
قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .

ئاھانەتلەر ئۆتىدۇ جاندىن ،
پۇشايمانغا قاچا يوق ئاندىن ،
كەتكۈڭ كېلەر يورۇق جاھاندىن ،
قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .

مال -دۇنياغا تويىسەن شۇ چاغ ،
چىن مۇھەببەت ئەسلى چىمەنباغ ،
يۈرىگىڭنى پۇچىلايدۇ داغ ،
قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .

ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم

گۈزەللىكتىن  ياشنايدۇ  ئالەم ،
ھالال تەردىن بەركەت - نۇسرەت جەم .
ھىكمەت ئارا شاتلىق مۇجەسسەم ،
ھۈنەر بىلەن  كۆكلەيدۇ ئادەم .

ئىلىم -پەندۇر پۈتمەس كۈچ ، قانات ،
ئېچىلىدۇ  تالاي تىلسىمات ،
ھۈنەر مېھرى قۇياشلىق ھايات ،
ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم .

چېچەكلەيدۇ ئۈمىت - ئارمانلار ،
جۈپ قوللاردىن كۈلىدۇ جانلار ،
تاڭدەك كۆيۈپ ئۆتەر كارۋانلار ،
ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم .

ھالال مىھنەت خىسلىتى ئۇلۇغ ،
ئەل -ئاۋامغا نىممىتى ئۇلۇغ ،
ھۈنەرۋەندۇر گۈل ئۆمۈرگە تۇغ ،
ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم .

ئىنساب تىلەيمەن

بۇ دۇنيانى رەزىل دېمەيمەن ،
مال -دۇنيا دەپ غەملەر يېمەيمەن .
تىنىقىمدا  بىر نىدا پەقەت  ،
ئادەملەردىن ئىنساب تىلەيمەن .

دۇنيا دېدۇق كەتسەك نە قالۇر ،
ۋەسۋەسىگە شەيتانلار سالۇر ،
شاھ -گاداينى شۇم ئەجەل ئالۇر ،
ئادەملەرگە ئىنساب تىلەيمەن .

ھەر تىنىقنىڭ ئۆزى غەنىيمەت ،
ھالال تەردە چەكسىز قۇت - بەركەت ،
ئىناقلىقتىن سۆيىدۇ  نۇسرەت  ،
ئادەملەردىن ئىنساب تىلەيمەن .

مېھرى - شەپقەت ھىممىتى ئۇلۇغ ،
پاكلىق سۇنغان نىممتى ئۇلۇغ ،
جان ئامانەت بەندە مىسال تۇغ ،
ئادەملەردىن ئىنساب تىلەيمەن .

مۇھەببەت كىرەك

ئىنسان ئۇلۇغ بولسا ئوت يۈرەك ،
يۈرىگىدە  تۇرسا ساپ تىلەك .
مۇھەببەتسىز جاھان قىيامەت ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .

مۇھەببەت بار قىلدى ھەممىنى ،
باغلاپ ئوتلۇق ، پۈتمەس رىشتىنى ،
بەردى جاندىن بۈيۈك ئىشقىنى ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .

مۇھەببەتسىز ياشاش مەنىسىز ،
مۇھەببەتسىز ئادەم قەدىرسىز ،
مۇھەببەتسىز بولماس يورۇق ئىز ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .

مۇھەببەتنىڭ تۇغى ۋاپادۇر ،
ھەق -ئادالەت ، ئەخلاق ، ھايادۇر ،
مۇھەببەتنىڭ ۋەسلى ، لاۋادۇر ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .

مۇھەببەتتىن تۆكۈلگەن بەركەت ،
مۇھەببەتتىن ئويغاق ھەقىقەت ،
مۇھەببەتتىن قۇچىمىز نۇسرەت ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .

مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق

مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق ،
مۇھەببەتنىڭ نەرقى يوق .
مۇھەببەتسىز ئادەمنىڭ ،
ھايۋان بىلەن پەرقى يوق .

مۇھەببەت دەپ كۆيۈش ھەق ،
مۇھەببەت دەپ سۆيۈش ھەق ،
مۇھەببەت دەپ كۆنۈش ھەق ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .

ئەزىز جاننىڭ لەززىتى ،
ھاياتلىقنىڭ بەركىتى ،
ئادىمىيلىك شەۋكىتى ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .

قوشۇلىدۇ جانغا جان ،
قوشۇلىدۇ قانغا قان ،
ئەبەدىيلىك قۇت - ئارمان ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .

ئۈمىت -ۋاپا زەر بېزەك ،
مېھرى -شەپقەت ،ئوت يۈرەك ،
سۆيگۈگە نۇر ، ئوت كىرەك ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .

دېھقان ئاتا

سەن تۆككەن قان -تەردىن ياشناپ ئانا يەر ،
نەۋ باھار ۋەسلىدە خۇشخۇي كۈلىدۇ .
چىللايسەن ئەجرىڭدىن سۈپسۈزۈك سەھەر ،
مېھرىڭدىن نۇرلۇنۇپ قۇياش كۆيىدۇ .

پاكلىغىڭ سىھرىدە دىيانەت سۆيگەن ،
نۇرانە روھىڭغا ھىدايەت ھەمرا .
ھەر باسقان ئىزىڭدىن گىياھلار ئۈنگەن ،
ئاقلىغىڭ تەپتىدە كۆكلەيدۇ دۇنيا .

مىھنەتتىن تۆكۈلگەن ئالەمچە بەركەت ،
ھالاللىق ئۆمرۈڭگە بىباھا بېزەك .
ھاياتقا باغلايسەن ئوتلۇق مۇھەببەت ،
ئارمانلار قەلبىڭدە ئاچىدۇ چېچەك .

قانائەت ، پەزىلەت ...ئېسىل خىسلىتىڭ ،
ئاز ھامان شەنىڭگە پۈتۈلسە داستان .
كۆمۈلمەس ئەل - يۇرتقا سۇنغان ھىممىتىڭ ،
ئۇلۇغلۇق بابىدا سەن بۈيۈك كارۋان .

ئاي مارايدۇ

يۇلتۇزۇمنى ئىزلىسەم تۈندە ،
ئاي مارايدۇ سىھىرلىك پارلاپ .
چۈشلىرىمنى كېزىپ پەرىشتە ،
پىچىرلايدۇ ھالىمنى سوراپ .

يىگانىلىق ھەسرىتى چەكسىز ،
خىياللىرىم  تىللايدۇ مېنى .
باسقانلىرىم پەقەت قۇمدەك ئىز ،
مەنزىل مەۋھۈم  ۋىسالىم قېنى .

پايانىغا چۆكتۈم  ئازابنىڭ ،
ياش تۆكىدۇ يۈرىگىم ئۈنسىز .
سۇلتانىمەن دەردى بەرداشنىڭ ،
چوقۇم نۇردەك سۆيىدۇ بىر قىز .

سەن بىلەن

يىغلاپ كەلگەن دۇنياغا كۈلەلەيمەن سەن بىلەن ،
ئادەم ئاتا ھەۋۋادەك يۈرەلەيمەن سەن بىلەن .

مەنزىلىدە ئۆمۈرنىڭ تالاي قىسمەت ، غەملەر بار ،
بارى - يوققا شۈكرى دەپ ئۆتەلەيمەن سەن بىلەن .

ئۈمىتلەرنىڭ قوينىدا ئارمانلار بار كۆكلىگەن ،
سۆيگۈ ئۈچۈن ھەممىگە كۆنەلەيمەن سەن بىلەن .

زىمىستاندا چوغ بولۇپ قولۇڭدىكى تۇغ بولۇپ ،
نۇسرەت تامان ھەق دەپ مۇش تۈرەلەيمەن سەن بىلەن .

قوشۇلغاندەك سۇغا سۇ تىنىقىڭغا قوشۇلۇپ ،
ھايات پەيزى ، لەززىتى سۈرەلەيمەن سەن بىلەن .

پاكلىق ، ۋىجدان ، ئادالەت ئادىمىيلىك زىننىتى ،
ئەل - ۋەتەننى ، يۇرتۇمنى سۆيەلەيمەن سەن بىلەن .

مۇھەببەتنىڭ مەنىسى پاك روھىنى بېغىشلاش ،
ۋىسال ئۈچۈن جان نېمە ؟ ئۆلەلەيمەن سەن بىلەن .

ياخشىلار

ئالەم تەخىت سۇلتان ياخشلار ،
بارى -يوققا شۈكران ياخشىلار .
بارلىقىمىز ئارمان ياخشىلار ،
قۇت مەنزىلگە كارۋان ياخشىلار .

پاك كۆڭلىدىن  چاچار ئاپئاق نۇر ،
ساپ تەرىدىن كۈلىدۇ  مەغرۇر ،
ئادىمىيلىك چاقنايدۇ  غورۇر ،
ئەل - ۋەتەنگە دەرمان ياخشىلار .

پەزىلىدىن تۆكۈلگەن بەركەت ،
ھەر ئىزىدىن ياغىدۇ شەپقەت ،
ياخشى بار يەر بەئەينى جەننەت ،
قۇت تۈنىدە گۈلخان ياخشىلار .

كۈلكىسىدىن دۇنيا كۈلىدۇ ،
تىنىقىدىن جۇتمۇ كۆيىدۇ ،
تىلىكىدىن تەڭرى سۈيىدۇ ،
روھ زىياسى ئىمان ياخشىلار.

ياخشىلىق

ئۇلۇغ مېھرى -شەپقەت ياخشىلىق ،
بىباھاسىز قىممەت ياخشىلىق .
ياخشىلقتىن ياشنايدۇ ئىنسان ،
تەڭدىشى يوق زىننەت ياخشىلىق .

پاك نىيەتتىن پاك ئەجىر ئايان ،
ھالاللىقتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان ،
ياخشىلىقتىن گۈللەيدۇ جاھان ،
چەكسىز ئامەت -بەركەت ياخشىلىق .

ياخشلىقلار ئىنسانىي قەرىز ،
ياخشلىقلار ئىنسانىي پەرىز ،
ياخشىلىقتىن ئۆچمەس باسقان ئىز ،
ئالەمچە نۇر شەۋكەت ياخشىلىق .

ياخشلىقتىن يورۇيدۇ زۇلمەت ،
ياخشىلىقتىن چۆللەرمۇ جەننەت ،
ياخشىلىقتىن سۈيەر مۇھەببەت ،
قۇت، كامالەت ، نۇسرەت ياخشىلىق.

ھۈنەر ھىكمىتى

ھاياتلىقنىڭ شەۋكىتى ھۈنەر ،
ھالاللىقنىڭ يول خېتى ھۈنەر .
جان كۆكلەيدۇ ئەجىر -مىھنەتتىن ،
بۈيۈك ئىزلار بەركىتى ھۈنەر .

ئىلىم -ھۈنەر تارىخ ياراتقان ،
مەنزىللەردە ئىزلىنىپ ئىنسان ،
چىچەكلەيدۇ يۈرەكتە ئارمان ،
گۈل ئۆمۈرنىڭ قۇدرىتى ھۈنەر .

پاك نىيەتتىن پاك ھوسۇل ھاسىل ،
سۈزۈك تەردىن كۈلىدۇ ئەقىل ،
نەپرەت بىلەن سۆيگۈگە پاسىل ،
ئامەت ، بەخىت نۇسرىتى ھۈنەر .

ئوغلۇم

پەن - ھېكمەت يولىدا كارۋانسەن ئوغلۇم،
ئىزلىرىم جۇلاسى ئارمانسەن ئوغلۇم.
ھاياتلىق مەنزىلى مۈشكۈل- جاپالىق،
قىسمەتلەر باغرىدا تاۋلانسەن ئوغلۇم.

پاك ھالال مىھنەتنىڭ بەركىتى چەكسىز،
ئاقىللار سۆزلىرى ھىكمىتى چەكسىز،
ئەل -يۇرتنىڭ سۆيگۈسى شەۋكىتى چەكسىز،
مېھرىگە  ئۈمىدسەن ، دەرمانسەن ئوغلۇم.

ئەجرىڭدىن  پارلايدۇ  نۇرانە  تاڭلار ،
گۈللەيدۇ  باياۋان ،دەشتى- چۆل ،باغلار،
جاسارەت كۈچۈڭدىن تىترەيدۇ تاغلار،
قۇت ، ئىقبال تەختىگە ئىمكانسەن ئوغلۇم.

ۋەتەننىڭ غورۇرى ئەرنىڭ ئىپپىتى ،
كۆيدۈرەر ئەبەدىي ئىشقى رىشتىسى،
نومۇس -ئار ، ۋىجدانىڭ ئۆمۈر جىلۋىسى،
ھەقىقەت  تۇغىسەن جەۋلانسەن ئوغلۇم.

ئانا قەدرى
( بىر يىتىمنىڭ نالىسى )

يورۇق تاڭلار قارا زۇلمەت سىز كېتىپ،
بەخىت - تەلەي تەتۈر قىسمەت سىز كېتىپ .
كۈنلەر باھار كۆكلەپتىكەن سىز بولغاچ  ،
يۈتتى شاتلىق ،مېھرى - شەپقەت سىز  كېتىپ.

گۈزەل ئالەم قىيامەتتۇر ئەجەپ ھال ،
سۈزۈك روھىم جاھالەتتۇر يوق ماجال  ،
يۈرەك قان - قان جاراھەتتۇر  نە ئامال ،
پۈتتى تەختىم شانۇ - شەۋكەت سىز  كېتىپ .

نادامەتتە ئۆرتىنىمەن ئاھ ئۇرۇپ ،
غېرىب باشىم ،زەھەر ئاشىم ياش تۇرۇپ ،
قاخشال دەرەخ كەبى قالدىم ھەم قۇرۇپ ،
قېنى دوسىت - يار كەتتى بەركەت سىز  كېتىپ .

پەرىشتىدەك چېھرىڭىزنى سېغىندىم ،
دىدار ئىزلەپ ئىزىڭىزغا تىۋىندىم ،
ئاھانەتتىن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلدىم ،
يامان بولدى ھالال مىھنەت سىز كېتىپ .

سەۋدايىمەن تەلمۈرىمەن ئانام دەپ ،
باستى غەملەر تەڭقىسلىقتا دادام دەپ ،
ئېگىلىمەن روزىغارىم ، بالام دەپ ،
غۇۋا مەنزىل ، ئۈمىت - نۇسرەت سىز كېتىپ .

پۇل

ھاياتتەك ئۇلۇغلاپ كەتمىدىم سېنى ،
سېھرىڭدە ۋەسۋەسە بولمىدى كۆڭلۈم .
چاپمىدىم ۋەسلىڭگە باغلاپ رىشتىمنى ،
قانائەت ئىلكىدە شات - خورام كۈنۈم .

بىخىلدەك ئۇيقۇسىز تۈنلىرىم يوقتۇر ،
سېخىيدەك قولۇمدىن ئۇچمىدىڭ بىر رەت .
يۈرىگىم كۆيىدۇ زىھنىم ئوچۇقتۇر ،
ياشاشقا ئۈندەيدۇ ئەسلى مۇھەببەت .

چېھرىڭدىن كەچمىدىم جانان ئەتمىدىم ،
نامراتلىق گېلىمنى بوغۇپ تۇرسىمۇ .
ماشىنا ، ئېسىل ئۆي ... ئارمان ئەتمىدىم ،
شەيتانلار قۇترىتىپ بەزمە قۇرسىمۇ .

ھالال تەر ، ھۈنەردىن شاھمەن گوياكى ،
سۈپسۈزۈك تاڭلاردەك پارلايدۇ ئىزىم .
بىر ئوت بار كۈل بولسام ئەل - يۇرتۇم رازى ،
كەتسەممەن چوغلۇقتەك ئۈنگۈسى سىرىم .

كەلدىم

يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتىم زىيا ، ھىممەت كۆرۈپ كەلدىم ،
ھامان ساقلاپ قەدىر - قىممەت ھەقىقەتنى سۆيۈپ كەلدىم .

تالاي قىسمەت خەتەر مۈشكۈل پىغانىدىن يۈرىگىم كۈل ،
تىرىكلىكنىڭ سەۋداسىدا سۈزۈك تاڭدەك كۆيۈپ كەلدىم .

قەدىردانلار بىلەن بىللە كۈلۈپ - يىغلاپ دىدار دەمدە ،
ئۇلۇغ بىلگەچ ھاياتلىقنى بەخىت پەيزى سۈرۈپ كەلدىم .

ئەجەپ تەقدىر سىناقلىرى قەدەمدە مىڭ توساقلىرى ،
تىنەپ سانسىز ئاھانەتتىن ئازابلارغا كۆنۈپ كەلدىم .

ئادەملەردىن تىلەپ ئىنساب كۈنۈم ئەندىش ئۈمىت ۋايساپ ،
ۋەتەن - ئەلنىڭ  رەقىبىگە بولۇپ شىردەك ھۈرۈپ كەلدىم .

ئانا قەسىدىسى

مېھرىڭىزدىن نۇرانە تاڭلار ،
چېھرىڭىزدىن كۆكلىگەن باغلار .
بالام دەيسىز بىر ئۆمۈر تىنماي ،
جىسمىڭىزدىن مەزمۇتتۇر تاغلار .

قولىڭىزدا تەۋرەنسە دۇنيا ،
ئەجرىڭىز بار تامامى جاندا .
پەرىشتىدەك بەركەت ياغىدۇ ،
ھايات ئەزىز ئويغانغان ئاڭدا .

بالامنىڭ دەپ تاپقان تەرگەننى ،
بالامنىڭ دەپ ئېگەم بەرگەننى .
سىزنى يۈدۈپ مەككىگە بارسام ،
ئادا بولماس بىر رەت ئەمگەننى .

ئىزىڭىزدا جەننەت جىلۋىسى ،
روھىڭىزدۇر سۆيگۈ قىبلىسى .
مەڭگۈ سىزگە قەرزىدار ئىنسان ،
ئۈزۈلمەيدۇ ئوتلۇق رىشتىسى .

كۈلكىلەردە ياشنىسۇن يۈرەك

كۈللى جاننىڭ ھوزورى شاتلىق ،
كۈلكىلەردە ياشنىسۇن يۈرەك .
مەۋجۈتلىقنىڭ مېھرى بەك تاتلىق ،
كۈلكىلەردە ياشنىسۇن يۈرەك .

سۆيگۈ دېمەك ھاياتلىق تۇغى ،
گۈلخانلارغا ئايلىنار چوغى ،
رىزا ئەيلەپ ۋىجداننىڭ سوتى ،
كۈلكىلەردە ياشنىسۇن يۈرەك .

ئۇخلىمىسۇن ئىنسانىي غورۇر .
روھىمىزدا پارلاپ ئاپئاق نۇر ،
پاكلىق بىلەن قەددىمىز مەغرۇر ،
كۈلكىلەردە ياشنىسۇن يۈرەك .

تۆكۈلىدۇ ئالەمچە بەركەت ،
ئۇنتۇلمىسا مۇھەببەت - شەپقەت ،
ئىناقلىقتىن قۇچىمىز  نۇسرەت ،
كۈلكىلەردە ياشنىسۇن يۈرەك .

ئۈمىتسىزلىك ئۆلۈمدىن يامان ،
جاسارەتتىن رەزىللىك گۇمران ،
ھەق يولىدا ھەممىمىز كارۋان ،
كۈلكىلەردە ياشنىسۇن يۈرەك .

ئاشىقلىق دەشتىدە كۆكلەيدۇ ئارمان

قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنەلمىدىم ،
ياپيېشىل ئورماندا ياش تۆكتى ئىزىم .
گۈزەل غەم باغرىدا شات كۈلەلمىدىم ،
ئارمانغا ئايلىنىپ كۆيدى سىرلىرىم .

توغراقلار بەستىگە قانلىرىم سىڭگەن ،
شىۋاقلار ھىدىدەك  تارايدۇ  تىنىق .
گۈللىرىم جۇتلاردىن باھار تىلىگەن ،
دەرت - ھالىم كەچكۈزدە ياپراقتەك سېرىق .

ۋاقىتنىڭ سېھرىدە ئېكەكلىنەر جان ،
كۆيۈكلەر مېھرىدە ئۈمىتلەر قايناق .
ئاشىقلىق دەشتىدە كۆكلەيدۇ ئارمان ،
ۋىسالسىز يېقىلسا قەبرەمگە چىراق .

ياخشىلىقتىن ياشنايدۇ دۇنيا

ياخشى خۇلىق ئۇلۇغ ، بىباھا ،
ياخشىلىقتىن دىلدا نۇر - زىيا .
ياخشىلىققا ئەزىز جان پىدا ،
ياخشىلىقتىن ياشنايدۇ دۇنيا .

ياخشى نىيەت كۈچ -قۇدرەت ، بايلىق ،
ياخشى يولدا تىنىچ - ئامانلىق ،
ياخشىلىقتىن كېلەر ساغلاملىق ،
ياخشىلىقتىن ياشنايدۇ دۇنيا .

ياخشى ئادەم دۇنياغا بېزەك ،
ياخشىلىقتىن كۆيىدۇ يۈرەك ،
ياخشىلىق بار كۆكلەر مۇھەببەت ،
ياخشىلىقتىن ياشنايدۇ دۇنيا .

ياخشىلىقنىڭ بەركىتى چەكسىز
ياخشىلىقتىن قالسا نۇرلۇق ئىز ،
ياخشىلىقلار ئۆچمەيدۇ شەكسىز ،
ياخشىلىقتىن ياشنايدۇ دۇنيا .

شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ ئەركەم

گۈل بەرگىنى سۆيگەندەك شەبنەم ،
دىلغا بەخىت بېرىدۇ مەلھەم .
پورەكلەيدۇ ئۇلۇغ ئەقىدەم ،
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ ئەركەم .

يۈرەكلەردىن باھار كەتمەيدۇ ،
ئاھانەتلەر بوزەك ئەتمەيدۇ ،
كەپىمىزگە جەننەت يەتمەيدۇ ،
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ ئەركەم .

جۈپ قۇشلاردەك قىلىمىز پەرۋاز ،
قۇت پەيزىدىن چېلىپ ياڭراق ساز ،
جىسمىمىزدىن ياشنايدۇ ئاياز ،
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ ئەركەم .

تۆكۈلىدۇ ئىزلاردىن بەركەت ،
قۇچاقلايدۇ مېھرى - مۇھەببەت ،
چىن ۋىسالدىن يايرايمىز ئەبەت ،
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ ئەركەم .

ياخشىلىقتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان

كۈن نۇرىدا يورۇيدۇ جاھان ،
مۇھەببەتتە ئۇلۇغلۇق ئايان ،
پاك نىيەتتىن نۇسرەتكە ئىمكان ،
ياخشىلقتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان .

چاۋاك دىگەن چىقماس بىر قولدىن ،
تەركىي دۇنيا ياشاش يوق ئاندىن ،
سۇ ئىچىدۇ  كۆڭۈل - كۆڭۈلدىن ،
ياخشىلىقتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان .

ھالال مىھنەت -جەننەت ئاچقۇچى ،
ياخشى خۇلىق ئىنسان زىننىتى ،
ھەق سۆيگەنلەر بەخىت تاپقۇسى ،
ياخشىلىقتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان .

زەررە  ئەجىر  ئالەمچە بەركەت ،
ئەل مىڭ كۈلەر قىلساڭ بىر شەپقەت ،
توق كۆڭۈلدە چەكسىز ھىدايەت ،
ياخشىلىقتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان .

مۇھەببەتسىز ئارمانىم يالغان

مۇھەببەتسىز جاھانىم يالغان ،
مۇھەببەتسىز باھارىم يالغان .
مۇھەببەتتىن ياشاشقا ئىمكان ،
مۇھەببەتسىز ئارمانىم يالغان .

مۇھەببەتتە يىغلىدىم  كۈلدۈم ،
سۆيگۈ ئۇلۇغ سۆيۈلدۈم  سۆيدۈم ،
جان قاخشاتقان ئوتلاردا كۆيدۈم ،
مۇھەببەتسىز ئارمانىم يالغان .

ياخشىلارغا ئېچىلغان كۆڭلۈم ،
ئۈمىتلەردىن يورۇيدۇ يولۇم ،
مەنزىللەردە خۇشبۇي ھىد ئىزىم ،
مۇھەببەتسىز ئارمانىم يالغان .

مۇھەببەتتىن تاڭلار سۈپسۈزۈك ،
مۇھەببەتتىن  مەۋجۇدات بۈيۈك ،
مۇھەببەتتۇر باھاسىز مۈلۈك ،
مۇھەببەتسىز ئارمانىم يالغان .

ئۇلىنىدۇ رىشتىگە رىشتە ،
ئەر باھادىر قىزلار پەرىشتە ،
شات كۈلىمىز گۈلگۈن رەۋىشتە ،
مۇھەببەتسىز ئارمانىم يالغان .

كۈلۈشۈمنى سېغىندىڭ بەلكىم

چۈشلىرىڭدىن ئويغىنىپ غەمكىن ،
خىياللارغا بېرىپ مۇڭلۇق سىن .
جۇدالىقتا ئۆتۈلسە  قەدرىم  ،
كۈلۈشۈمنى سېغىندىڭ بەلكىم .

ياش تۆكتىمۇ گۇۋاھ چىمبۇلاق ،
كاككۈك سايراپ ئۆرتەمدۇ پىراق ،
پىچىرلىدى يېشىل يوپۇرماق ،
كۈلۈشۈمنى سېغىندىڭ بەلكىم .

چوقۇم كەتتى ئېشىڭنىڭ تۇزى ،
سۇغا تۆكتۈڭ چوغنىڭ كۈلىنى ،
مەجنۇن ئەيلەپ سەۋدالىق رىشتى ،
كۈلۈشۈمنى سېغىندىڭ بەلكىم .

تەڭتۈش جۈپلەر ئىزى ھىد چاچتى ،
كۈتۈشلىرىڭ چىكىدىن ئاشتى ،
كۈلكە گۈلگۈن چىھرىڭدىن قاچتى ،
كۈلۈشۈمنى سېغىندىڭ بەلكىم .

كاككۇك سايرىدى مۇڭلۇق

چۈشلىرىمدىن كەتتىڭسەن توزۇپ ،
بەلكىم قېنىپ لەۋ يېقىشمىدۇق ،
ئازابلارغا  تويۇنسام تولۇق ،
كاككۇك يەنە سايرىدى مۇڭلۇق .

ياپراق كەبى تىترىدىم قاق چۈش ،
بىلدىڭ سۆيگۈ قەلىبكە كۆچۈش ،
كەلدى پۇرسەت ساڭا چۈمۈلۈش ،
كاككۇك يەنە سايرىدى مۇڭلۇق .

سۇ ئۇسىتىگە يامرىغان ئوتتەك ،
يۈرىگىمگە ئاقتى بىر يۈرەك ،
جان چىچىگى ئاچقاندا پورەك ،
كاككۇك يەنە سايرىدى مۇڭلۇق .

مۇھەببەتتە كۆكلەيدۇ ئىنسان

مۇھەببەتتىن يارالدى جاھان ،
مەۋجۇداتقا بەردى ئۇلۇغ جان ،
ئارمانلارغا ئۇلۇشۇپ ئارمان ،
مۇھەببەتتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان .

سۆيگۈ رىشتى باغلىدى مەھكەم ،
تاڭ جىلۋىسى ئۈمىت مۇجەسسەم ،
ۋىسال ئارا تاتلىق ھىجران ، غەم ،
مۇھەببەتتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان .

تۈكۆلىدۇ  ئالەمچە بەركەت ،
ۋاپا ،مىھنەت ياغدۇرۇپ ھىممەت ،
كامال تاپقان ئىنسانىي قىممەت ،
مۇھەببەتتىن كۆكلەيدۇ ئىنسان .

تومۇچۇقۇم سايرىغىن خۇشال

زەر قەپەزگە ئەمەسسەن مەپتۇن ،
تومۇچۇقۇم سايرىغىن خۇشال.
سايرىشىڭدىن بولغانمەن مەجنۇن،
تومۇچۇقۇم سايرىغىن خۇشال.

پەرۋازىڭدىن سۈزۈكتۇر ئاسمان ،
پەرۋازىڭدىن يورۇقتۇر جاھان ،
پەرۋازىڭدىن سۈيۈنىدۇ جان،
تومۇچۇقۇم سايرىغىن خۇشال.

قانىتىڭنى توسمىسۇن بۇلۇت ،
قانىتىڭنى بوغمىسۇن جۇھۇت ،
قانىتىڭغا سۆيسۈن مەڭگۈ قۇت ،
تومۇچۇقۇم سايرىغىن خۇشال.

كۆڭلۈم

سۆيگەنلەردىن سۈيۈنگىن كۆڭلۈم ،
كۆيگەنلەرگە كۈيۈنگىن كۆڭلۈم.
جان كۆكلەيدۇ مىھىر -سۆيگۈدە ،
ۋىسال قۇچۇپ كۈتۈنگىن كۆڭلۈم.

كۈندە كۈلۈپ باقمايدۇ ئادەم ،
مەڭگۈ ئوخشاش تۇرمايدۇ ئالەم ،
خۇشاللىققا غەملەر مۇجەسسەم ،
نەۋ باھاردەك كۆرۈنگىن كۆڭلۈم .

ئۇلۇغلۇقتا بۈيۈكسەن  بۈيۈك ،
سەن جىسمىمغا ئۆرۈلمەس تۈۋرۈك ،
ھايات ساڭا ئويىدۇ پۈتۈك ،
پاك نۇرلارغا چۈمۈلگىن كۆڭلۈم .

مەنزىلىمدە قۇياشسەن قۇياش ،
ئارمانلىرىم جەننەتكە تۇتاش ،
ياخشىغا گۈل يامانغا بول تاش ،
ھەق بەختىڭگە كۈمۈلگىن كۆڭلۈم.

كەلمىسەڭ

قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالىمەن ،
چۆلدە قالغان بىر تۈپ دەرەختەك .
ئۆز -ئۆزۈمنى ئوتقا سالىمەن ،
گۈلخان بولۇپ ئاقىدۇ يۈرەك .

سۆيگۈ ئىزلەپ يۈرگەن ئاشىقمەن ،
تىرىكلىكنىڭ غەم بازىرىدا .
ھىجران يۈدۈپ بولغان شائىرمەن ،
ئۈلۈم  ۋىسال ھەق ئارىسىدا .

تاڭ كۆيگەندەك كۆيىمەن ھەر كۈن ،
مەجنۇنلاردەك ناخشام تۈگىمەس .
يۈلتۇزلارنى سۆيىمەن ھەر تۈن .
دىدارىڭسىز كۆزلىرىم ئەلەس .

تەڭرىم سالغان بۇ سەۋدالىقنى
جاندىن ئۇلۇغ بىلىمەن جېنىم .
ساڭا سالغان  ئۇ تەرسالىقنى ،
ياندۇرىدۇ ۋاپالىق مىھرىم .

ئانا تىل

ئۆز ئانامسەن گويا ئانا تىل ،
ماڭا گۈزەل دۇنيا ئانا تىل ،
يايرايدۇ جان ھىكمەتلىرىڭدىن ،
مەنزىلىمدە زىيا ئانا تىل .

ئادەم بولدۇم تونۇپ ھەممنى ،
ئاق -قارىنى ،ھەقنى -ناھەقنى ،
سەن بار بىلدىم ھايات قەدرىنى ،
ئەجدات ئىزى گۇۋا ئانا تىل .

تۆكۈلىدۇ ئالەمچە بەركەت ،
ياغدۇرىسەن مىھرى -مۇھەببەت ،
خىسلىتىڭدىن يار بولغان نۇسرەت ،
ھاياتىمغا  پىدا ئانا تىل .

مەڭگۈ يورۇق قۇياشتەك مېھرىڭ ،
جەننەت تۇتاش ئۇلۇغدۇر سىھرىڭ ،
پۈتمەس ئىمكان قۇدرىتىڭ ،چىھرىڭ ،
پاك روھىمدا جۇلا ئانا تىل .

تومۇچۇق

پەرۋازىڭدىن كۆيىدۇ ئاسمان،
ئۈنلىشىڭدىن سۈيۈنىدۇ جان.
ئويغىنىدۇ  باياۋان چۆللەر،
كۈلۈپ باھار كۆكلەيدۇ ئارمان.

تۆكۈلىدۇ تىلىڭدىن كۈيلەر،
ئېچىلىدۇ ئىزىڭدىن گۈللەر.
چېقىلىدۇ رەڭدار قەپەسلەر،
بوغۇلىدۇ قاراڭغۇ تۈنلەر.

مۇھەببەتتە ھەققىم بار

مۇھەببەتتىن تۆكۈلىدۇ نۇر ،
مۇھەببەتتىن ياشايمەن مەغرۇر،
بېرەر ۋىجدان دىيانەت، غورۇر،
مۇھەببەتتە ھەققىم بار بىلسەڭ.

مۇھەببەتتىن كۆز ئاچتىم ،كۈلەي،
جان كەتسىمۇ ئىشقىدا كۆيەي،
سۈيۈندۈرەي سۆيدۈرەي سۈيەي،
مۇھەببەتتە ھەققىم بار بىلسەڭ.

ئىشقىسىزغا يولىما كۆڭلۈم،
ئەقىدىسىز ياشىماق ئۈلۈم،
ۋىسال ئۈچۈن مەيلى نە  كۈرۈم،
مۇھەببەتتە ھەققىم بار بىلسەڭ.

تىنىقىڭدىن كۈل بولىدۇ جۇت،
ئېچىلىدۇ سۈكۈتلەرگە سوت.
يوقۇلىدۇ  غېرىب  ئۇقۇمى،
پەيلىرىڭدىن چاقنايدۇ ئۇز قۇت.

مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىساڭ كەل

يۈرۈگۈمنى كۆيدۈرىدۇ بىر ئارمان،
شۇ ئارمان ئەۋجىدە ياشنايدۇ بۇ جان.
سۆيىدۇ قىسمەتلەر قىينايدۇ ھىجران
مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىساڭ كەل جانان.

ئاتام ئاتا ھاۋا ئانا ئىزى بىز،
گويا جەننەت باغلىرىنىڭ گۈلى بىز،
ئۇلۇغ سۆيگۈ مەنزىللەرنىڭ سىرى بىز،
مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىساڭ كەل جانان.

نېمە يەتسۇن مىھرى ۋاپا رىشتىگە،
ۋىسال تاپساق گۈللىمەمدۇ جەزىرە،
كۈلدۈرىدۇ چىن ئاشىقنى ئەقىدە،
مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىساڭ كەل جانان.

باقىي ئەمەس مالۇ-دۇنيا ، ھەشەمەت،
باقىي ئەمەس ئەمەل-مەنسەب،سەلتەنەت،
زامانلاردىن ئۇزاق ياشار مۇھەببەت،
مۇھەببەتنى ئۇلۇغلىساڭ كەل جانان.

مەنبە ؛ قەلىمىم . ( ئوتتۇز ئالتىنچى باھارىمدا ئوتتۇز ئالتە پارچە شېئىر يوللىدىم )

تېلىفۇن ؛  15699088894.  0908-4801868  .



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-3 18:58:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
36 باھارىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ناھايىتى ياخشى شېئىرلارنى يوللاپسىز. دائىم ئىزدىنىپ تۇرغايسىز.


ۋاقتى: 2014-7-4 09:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
36 يىشىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، سالامەت بولۇڭ...


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 22:28 , Processed in 0.553562 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش