قان بېسىمى يۇقىرلارغا 8 دىققەت
1.كەيپىيات نۇرمال بولۇش ، خاپا بولماسلىق ، بەك خۇشال بوپ كەتمەسلىك ،غەزەپلەنمەسلىك ، چۆچۈمەسلىك .
2.چوڭ تەرەت راۋان بولۇش .
3.ئۆزۋاختىدا دورا ئىستىمال قىلىپ ،قان بېسىمنى كونتىرول قىپ تۇرۇش .
4.ئەگەر باش قېيىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك .
5. يىتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ..
6.يېشىل كۆكتاتلار ، مىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ ،زۆرۈر ۋېتامىن ۋە مىنرال ماددىلارنى تولۇقلاپ تۇرۇش .
7.ئېغىر جىسمانىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ، مۇۋاپىق چېنىقىپ تۇرۇش ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە چەك قۇيۇش .
8.ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكو چەكمەسلىك ، سېمىز گۆش ،ھايۋانات يېغى ،ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى يىمەسلىك .ئورۇق گۆش ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىش كېرەك .
مەنبە _ << تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى جەۋھەرلىرى >> دىن |