چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 1348|ئىنكاس: 6

ئىزدىسۇن-ئىزدېسەم(مۇشائىرە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىزدىسۇن

ئەھەدى

يار مېنى چۆل-دەشت ئارا بارخانەلەردىن ئىزدىسۇن ،
يا گۈلەخ، گۈلخان ... ۋە يا مەيخانەلەردىن ئىزدىسۇن .

مۇڭ تۆكۈپ تىترەر ئىمىش  تۈندە ساتارنىڭ تارىسى ،
تەلۋە مەشرەپتىن بەتەر  دىۋانەلەردىن ئىزدىسۇن .

ئۈنلىسە دەمدەر بۇقۇلداپ تاشنىمۇ تۇتقاي يىغا ،
ئوتقا ئوتتەك ئاشىنا   پەرۋانەلەردىن ئىزدىسۇن .

سۈبھىدەم چاقناپ كۈمۈشتەك تامسا رەيھان بەرگىدىن ،
شۇ سۈزۈك شەبنەم كەبى دۇردانەلەردىن ئىزدىسۇن .

‹يار ئەكسىن مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىققاي سادا› ،
خەمسەدەك ئالەمشۇمۇل ئەپسانەلەردىن ئىزدىسۇن .

گەر ۋىسال قۇچماي تۇرۇپ كىم يەشسە بەل ئاشىق ئەمەس ،
لەۋزىدىن يانمايدىغان مەردانەلەردىن ئىزدىسۈن .

تاپمىسا ئىزدپ سېنى يارىڭ ۋىسال گۈلشەنىدىن ،
ئېيت ئاڭا، ھىجران ئارا نىمجانەلەردىن ئىزدىسۈن!

ئىزدېسەم
(ئەھەدىنىڭ «ئىزدېسۇن›› ناملىق غەزىلىگە مۇشائىرە)

ئابدۇقادىر سادىر

يار چىقارسىزمۇ كۈلۈپ غەمخانەڭىزدىن، ئىزدېسەم،
يا، قاچارسىزمۇ كۆرۈپ كەنئانەڭىزدىن، ئىزدېسەم.

«رەببەنا!››دەپ تاغى ھېجراننى يۈدۈپ چىقتىم ياياق،
تەلۋە مەجنۇنچە، نىھان- پىنھانەڭىزدىن ئىزدېسەم؟

تىترىشىدۇرمەن شامال سوققان غازاڭلارنىڭ شۇدەم،
جان تۆكۈلمەستە- تىرىك، جەۋلانەڭىزدىن ئىزدىسەم.

بىر تېمىم شەبنەم كۆزىدە مەن يەنە پاتمان ئۈمىد،
كۆكلىگەي بەلكىم ۋىسال ھەر يانەڭىزدىن، ئىزدېسەم.

ئاھۇ- زارىم ئەۋجىدىن ئاقماقتا تېنچ ئوكياندا ئوت،
ئوتقا مەن يەڭلىغ دۇچار پەرۋانەڭىزدىن ئىزدېسەم.

بىقوۋۇل ئاشىققا نە بۇنچە زۇلۇمدۇر بەندەدىن؟
دەپ نېدا كەلمىشكى، مەن ۋەيرانەڭىزدىن ئىزدېسەم.

«ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرەكىم››،
دەپ نەۋايى تۇتتى جام، مەيخانەڭىزدىن ئىزدېسەم.

ئابدۇقادىرنىڭ كۆڭۈل قەسرىدىكەن دەل ۋەسلىڭىز،
(سىز ئۈچۈن مىڭ جان بىلەن قۇربانەڭىزدىن، ئىزدېسەم.)

2014- يىل 1- ئۆكتەبىر، گۇما.

كەلسىڭىز
(دوستۇم ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ‹‹ئىزدېسەم›› رادىپلىق غەزىلىگە مۇشائىرە)
ئەھەدى

مەرھابا دەپ گۈل تۇتۇپ يۈگرەپ چىقاي يار، كەلسىڭىز،
يەتكۈسى كۆككە بېشىم دوستۇم- ۋاپادار، كەلسىڭىز .

‹ئىزدېسەم› دەپسىز سابادىن نامە يوللاپ سۈبھىدەم،
بولدى چۈش، كەلگەيمۇ دەپ بولدۇم ئۈمىتۋار، كەلسىڭىز.

ئۇشبۇ دەم تەنھا كىيىكتەك دەشت ئارا يۇردۇم تېنەپ،
قايدا يۈرسەم بۇ غېرىپ كۆڭلۈمدە سىز بار، كەلسىڭىز.

ئەرتە-ئاخشام ياد ئېتۇرمەن نە ئېرۇركىن ھالى دەپ،
سىردىشىپ ئۆتمەككە كۆڭلۈم شۇنچە خۇشتار، كەلسىڭىز.

شۈكرىكىم،چاتتى ئىگەم جۈپ دىلغا دوستلۇق رىشتىنى،
ئىككى ئالەم بولمىغاي كى لەبزى ئىنكار، كەلسىڭىز.

مەن نىگارىمىدىن جۇدا،ئول دەرتكە سىزھەم موپتىلا،
بولغۇسى ھىجرانغا ئىسيان نەزمە ئەشئار،كەلسىڭىز.

گەرچە كەچكۈز بەرگىمىزگە قونسىمۇ ئاپپاق قىراۋ،
جۈپ يۇرەكتە ئىشىق ئوتى ئۆچمەيدۇ زىنھار،كەلسىڭىز.

ئىشىق بىلە ئىنسان تىرىكتۇر،ئەكسى بۇتتىن پەرقى يوق،
ئىشقىمىزدىن چۈشكۇسى سەكراتقا ئەغيار،كەلسىڭىز.

مەرھەمەت،سىزگەئەھەدى سۇندى مەي دىل جامىدا،
بولسا دەپ مەپتۇن كۆڭۈلنىڭ سىرى ئىزھار، كەلسىڭىز...
                                        2014-يىل2-ئۆكتەبىر
بارغىچە

(دوستۇم ئەھەدىنىڭ «كەلسىڭىز›› ناملىق غەزىلىگە مۇشائىرە)
ئابدۇقادىر سادىر

كەلدى گۈلدەستە يېتىپ، مەن يانىڭىزغا بارغىچە،
خۇش ھېدى ھەمدەم چوقۇم ئاستانەڭىزغا بارغىچە.

مىڭ تەشەككۈركى رەفىقتىن كەلدى قوش ئالەم ماڭا،
رىغبېتى كۆك ئۈزرە مەن ئاشيانىڭىزغا بارغىچە.

كەپتۇ گۈللەردەك ئېسىل بىر خۇمرا مەي قوشلاپ يەنە،
ئەتسە نۇش كەتمەس كەيپ بوستانىڭىزغا بارغىچە.

مەستۇ- مۇستاقمەن ۋاپادارنىڭ شېرىن گۈلئابىدىن،
زەۋقى ئاقيولغا كېپىل غەمخانەنىڭىزغا بارغىچە.

مەنمۇ سىز ياڭلىغ خوتەن ئاھۇلىرىدەك ئېنتىزار،
دىلغا تەخىرلىك بېرىڭ نۇر كانىڭىزغا بارغىچە،

ئېھتىمال قونغاي ھىلال، يۇلتۇز رۇجەكنىڭ باشىغا،
قەلبى مۇڭ ئەشئار سوراپ، ئايۋانىڭىزغا بارغىچە.

شۇ كۈنى چايقالغۇمىز ئوكيانى ئەشئار لەرزىدە،
قۇت تىلەيدۇرمەن ياران جەۋلانىڭىزغا، بارغىچە.

يارۇ- دوست بىرلە ئېرۇر قەدرىم مېنىڭ دەل، سىز كەبى،
بۇ ئەمەس دەپ قويغىنىم قەسرانىڭىزغا بارغىچە.

ئابدۇقادىر «مەرھەمەت›› گۈلزارىدىن گۈل ئۈزدىلەر،
مىڭ قۇچاق بولغاي چوقۇم قورغانىڭىزغا بارغىچە.

2014- يىلى 3- ئۆتەبىر، گۇما



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-2 09:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ نەزمىسىگە مۇبارەك


ۋاقتى: 2014-10-2 15:36:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە جۇغلاپ يوللاپ قويارمەن دېگەن. خېجىل بولدۇم.خۇشخۇيغا رەھمەت!


ۋاقتى: 2014-10-3 10:44:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىيتىشىش بوپتۇ.توختاپ قالماڭلار ئۇستازلار...


ۋاقتى: 2014-10-3 17:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشادى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-3 17:12  

بارغىچە
(دوستۇم ئەھەدىنىڭ «كەلسىڭىز›› ناملىق غەزىلىگە مۇشائىرە)
ئابدۇقادىر سادىر

كەلدى گۈل دەستە يېتىپ، مەن يانىڭىزغا بارغىچە،
خۇش ھېدى ھەمدەم چوقۇم ئاستانەڭىزغا بارغىچە.

مىڭ تەشەككۈركى رەفىقتىن كەلدى قوش ئالەم ماڭا،
رىغبېتى كۆك ئۈزرە مەن ئاشيانىڭىزغا بارغىچە.

كەپتۇ گۈللەردەك ئېسىل بىر خۇمرا مەي قوشلاپ يەنە،
ئەتسە نۇش كەتمەس كەيپ بوستانىڭىزغا بارغىچە.

مەستۇ- مۇستاقمەن ۋاپادارنىڭ شېرىن گۈلئابىدىن،
زەۋقى ئاقيولغا كېپىل غەمخانەنىڭىزغا بارغىچە.

مەنمۇ سىز ياڭلىغ خوتەن ئاھۇلىرىدەك ئېنتىزار،
دىلغا تەخىرلىك بېرىڭ نۇر كانىڭىزغا بارغىچە،

ئېھتىمال قونغاي ھىلال، يۇلتۇز رۇجەكنىڭ باشىغا،
قەلبى مۇڭ ئەشئار سوراپ، ئايۋانىڭىزغا بارغىچە.

شۇ كۈنى چايقالغۇمىز ئوكيانى ئەشئار لەرزىدە،
قۇت تىلەيدۇرمەن ياران جەۋلانىڭىزغا، بارغىچە.

يارۇ- دوست بىرلە ئېرۇر قەدرىم مېنىڭ دەل، سىز كەبى،
بۇ ئەمەس دەپ قويغىنىم قەسرانىڭىزغا بارغىچە.

ئابدۇقادىر «مەرھەمەت›› گۈلزارىدىن گۈل ئۈزدىلەر،
مىڭ قۇچاق بولغاي چوقۇم قورغانىڭىزغا بارغىچە.

2014- يىلى 3- ئۆتەبىر، گۇما


ۋاقتى: 2014-10-3 17:11:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدىكى ئارۇز ساھىبلىرىنىڭمۇ ياندىشىپ بېرىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. كوللىكتىپ مۇشائىرەنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ باقساق!!


ۋاقتى: 2014-10-7 11:09:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز
مۇشائىرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 07:02 , Processed in 0.198022 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش