|

قوشتاغدا مۇشائىرە
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
مەن ھەرقىتىم يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگىنىمىدە باشقىچە خۇشال بولۇپ كېتىمەن. چۈنكى بۇ يەردە مەن سۆيگەن بارلىق كىشىلەر ۋە نەرسىلەر قاتارىدا مېنى ئەدەبىيات، جۈملىدىن شېئىرىيەت گۈلىستانىغا سۆرەپ كىرگەن بىر سۆيۈملۈك مۇھىت بار...
بۈگۈن يەنى روزا ھېيىتنىڭ 5-كۈنى، گۇما ناھيىسىنىڭ خىلۋەتگاھلىرىدىن بىرى بولغان قوشتاغ يېزىسىنىڭ گىرۋەكلىرىدىن بىرىدىكى ئاددى ئەمما ئىللىق تەييارلانغان مۇشائىرە خانىسىدە گۇما دىياردىكى تەۋەرۈك ئۇستازلار، ياش، ئۆمىدلىك نوتىلار بىلەن جەم بولۇپ ئۆزىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا شېئىرى مۇشائىرىلەرگە، تۈغرىسى ئەدەبىي پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق...پاراڭلار ئەزىزدىيارىمىزدا ئۆتكەن تەجەللى، ئىسمايىل ھاجى ھەزرەتلىرى، مۇھەممەت ئەلى ۋە ئۇلارنىڭ خانەلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇشائىرىلەردىن باشلىنىپ، ئادىل تۇنىياز، خوجامۇھەممەت مۇھەممەت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، قەيسەر تۇرسۇن، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىيلەرنى يادغا ئىلىشتىن دۇنيانىڭ يىراق بۇرجەكلىرىدىكى ئۇرخان پامۇك، مويەنلەرگىچە ئۇلىشىپ ئاخىرلاشتى، سۆھبەت جەرياندىكى شېئىر، ھېكايىلەرنى ئوقۇش، ئاڭلاش، تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشلەر، مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، ئەركىن مۇساق شاپ، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈك، ئابلەت ئەخمەت، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن ۋە ئابدۇلئەھەد ئەپەندىلەرنىڭ قېسقا قېسقا ئەمما ئۇستازلارغا خاس مەنىلىك پىكىرلىرى ھەرقاچان بىزنى سەگىتىپ، ئويلارغا سىلىپ تۇراتتى...
ئارىمىزدا ئاجايىپ ئۈمۈدلۈك ياشلار ھەم بار ئىدى، بارلا ئەمەس سانى ھەم خىلى بارماقلارنى ئاۋارە قىلاتتى. ئۇلار بىر بىرىنىڭ يۈزىنى ئاۋايلاپ ئولتۇرمايىتتى. تەنقىدلەرنى شۈنچىلىك قاتتىق بولسىمۇ يۈزمۇ يۈز بېۋاستە دېيىشەتتى. مۇھەممەت ئىمىن ئابلىز ئۆزىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىرىشكەن ئەدەبىي ئاڭ يېڭىلىقلىرىنى دادىل ئوتىرغا تاشلايىتتى. ئادىلجان ئارۇز ئىلمىي ھەققىدە، ئىلى ئەدىبلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە خاسلىقلىرى ھەققىدە بايانلارنى ئوتىرغا تاشلايىتتى. مۇھەممەتجان(ياۋاكۆز)نىڭ ئۆزگە، ئابلىمىت ئابدۇقادىر (مەشرەپ)نىڭ ئۆزگە قېسسەلىرى، ئىشقىلىپ ھەربىر ئاشىقنىڭ ئۆزىگە خاس كەچمىشلىرى، ھېكايەتلىرى بار ئىدى...
ئارىمىزدا دوكتۇرمۇ، دېھقانمۇ، ساقچىمۇ، ئاشپەزمۇ، ئۇستازمۇ، شاگىرىتمۇ، مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئاددى ئوقۇغۇچىمۇ، چوڭمۇ كىچىكمۇ ھەممە بار ئىدى...ئەمما ئابرۇي، كىبىر، ساختىلىق، تەمەننا، يۇرتۋازلىق ۋە مەنمەنچىلىكتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. دېمەك بۇ يەردە ئەدەبىياتتىن، شېئىرىيەتنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن ئۈمۈد زور ئىدى...
مەن ھەرقىتىم يۇرتۇمغا قايتىپ كەلسەم تۈگىمەس غەم ئەندىشە قاتارىدا يەنە بىر قاتار خۇشاللىقلارغىمۇ ئىرىشەتتىم. چۈنكى بۇ يەردە ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلىستانىنىڭ پىنھان مۇشائىرەخانىسى ساقلىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئايدا بىر قىتىم، گۇما ئەدىبلىرى قەدىناس سۆھبەتداشلىرىنىڭ قايسىدۇر مەنزىلگاھلىرىغا يېغىلىپ شېئىرىنىڭ، ئەدەبىياتنىڭ غىمىنى قىلىشاتتى...ئارىدىن قەرەسىزھالدا كېتىۋاتقان ئەزىزلەرنى يادغا ئىلىش بىلەن بىرگە ، ئىز بېسىپ يىتىشىۋاتقان ئەدەبىيات گۈلىستانىنىڭ بۇغۇنلىرىغا ئىشەنىچ ۋە ئىپتىخار بىلەن تەلمۈرەتتى...چۈنكى بۇيەردە ئىشەنىچ بار ئىدى. ئىشەنىچ بولغاچقا ھەم بىرئۆمۈد، ئۆمۈد بولغاچقا بىرگۈزەل ئېستەك بار ئىدى...بۇ گۈزەل ئېستەكلەر شۇنداق بىر كۇپلېت شېئىرغا مۇجەسسەملىنىپ ياش بۇغۇنلار تىلىدا يادلىنىپ بارماقتا ئىدى...
ئەسسەلام ئەي گۈلى بوستانۇ تەرەباز گۇما،
ئەندەلىبى چەمەنۇ بۇلبۇلى تەنناز گۇما.
يۈسۈفى مسرىنى ئانداغكى ئەزىز ئەيلەپ ئىدىڭ،
قىل مۇكەررەم مۇنى، ئەي مەزھەرى غەمماز گۇما.
-ئىسمايىل ھاجىم
2014-يىل 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، گۇما-قوشتاغ
مەنبە:ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى |
|