چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2266|ئىنكاس: 3

قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مائارىپ تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتىپنىڭ مائارىپ تارىخى

تۈزگۈچى: ئەركىن مۇساق

1.مەكتىۋىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى :


مەكتىپىمز1937-يىلى  «ئۇيغۇر مەدىنىي  ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»نىڭ تۇرتكىسىدە،  2 نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىگىدە 110 نەپەرئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ ئوقۇتۇش باشلانغان. 1940 –يىلى  قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتىپى  رەسمىي قۇرۇلغان.
ھازىر مەكتىپىمىزدەبىر مەركىزى مەكتەپ، بىر تارماق مەكتەپ، 3 ئوقۇتۇش نوختىسى، بىر مەركىزى يەسلى،بىر كەنىت دەرىجىلىك بالىلار يەسلىسى بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمىدا:74نەپەرئوقوتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى 30 سىنىپ،1158نەپەر ئوقوغۇچى، يەسلى قىسمىدا: 10نەپەر ئوقۇتقۇچى،244 نەپەر ئوقۇغۇچى  بار.ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىچىدە پارتىيە ئەزاسى 24 نەپەر.
ئۆزلۈكسىزتىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرۇلمىسى،سەۋىيسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىندى. باشلانغۇچ مەكتەپ قىسمىدا  74نەپەر ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى بار. بۇنىڭ ئىچىدە69نەپەر مەخسۇس ئوقۇتقۇچى،3نەپەر ئىشچى بولۇپ، باشلانغۇچ  مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 30نەپەر،باشلانغۇچ  مەكتەپ 1-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى24نەپەر،باشلانغۇچ مەكتەپ 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 6 نەپەر، يىڭىدىن خىزمەتكەچىققانلاردىن ئۇنۋانى يوقلار 9 نەپەر. يەسلى قىسمىدا 10 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار.بۇنىڭ ئىچىدە  باشلانغۇچ  مەكتەپ 1-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى  2نەپەر،باشلانغۇچ مەكتەپ 2-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى2نەپەر، ئۇنۋانى يوقلار 6 نەپەر.
مەكتىپىمىزنىڭ ئومۇم ىيەر كۆلىمى 55532 كۇۋادىرات مىتىر، بۇنىڭدىن قۇرلۇش كۆلىمى6223كۇۋادىرات مىتىر،قاتتىقلاشتۇرۇلغان كۆلەم 12639كۇۋادىرات مىتىر، يىشىللاشتۇرۇلغان كۆلەم11428كۇۋادىراتمىتىر ،مەكتەپتە يەنە ۋاسكىتبۇل ۋە ۋاالىبۇل مەيدانى250 مىترلىق يۈگرەش مەيدانى قاتارلىق تەنتەربىيە ئەسلەھەلىرى تولۇق بولۇپ ياخشى ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىلغان.
مەكتەپ تەشكىلى ئاپپاراتلار مۈكەممەل بولۇپ، ياچىكا شۇجى ئىشخانىسى، مەكتەپ مۇدىرىئىشخانىسى، ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى، ئىلمى بۆلۈم، مالىيە بۆلۈم، مەكتەپئىشخانىسى پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلىكتىرلىك تەربىيلەش پائالىيەتئۆيى،ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر پائالىيەت ئۆيى، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى قاتارلىقئىشخانىلار تەسىس قىلىنغان. ياچىكا شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمى مۇدىر، ئەخلاقتەربىيە مۇدىرى،خوجىلىق مۇدىرى، تەشكىلات ھەيئىتى، سىتاتسىتكا خادىمى، مالىيەخادىمى، قاتارلىقلار تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، خىزمەت تەقسىماتى كىشى بىشىغىچەتەقسىم قىلىنغان، مەسئۇلىيەت ئىنىق ئايرىلغان.
مەكتەپرەھبەرلىك بەنزىسىدە : بىر نەپەر مەخسۇس ۋەزىپىدىكى  مۇئاۋىن شۇجى، مەكتەپ مۇدىرى، بىر نەپەر ئەخلاقىتەبىيە مۇدىرى، بىر نەپەر ئىلمى مۇدىر، بىر نەپەر خوجىلىق مۇدىرى بار.
ناھىيلىك پارتكوم ۋە خەلىق ھۆكۆمىتى، ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومى ھەمدە قوشتاغ   يىزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكىمىتىنىڭ مەكتىۋىمىزگە يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى بىلەن مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقو- ئوقوتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقوغۇچىلارنى توراقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقو- ئوقوتۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا يىقىندىن ياردەمدە بولدى.
مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقوتقۇچى- ئىشىچى، خىزمەتچىلەر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقو- ئوقوتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتى ھەمدە شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ھەرتۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتىۋىمىز ئوقو- ئوقوتۇش خىزمەتلىرىدە ناھىيە ،ۋىلايەت دەرىجىلىك ياخشى مەكتەپ ، مەنىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىدە ۋىلايەت دەرىجىلىك « مەدەنىيەتلىك ئورۇن»ۋە ئەخلاق تەربىيەخىزمىتىدە «ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق،يەنىمۇ تىرىشش ئارقىلىق«ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئەخلاقتەربىيدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىمىز.
مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىلمى  باشقۇرۇش ۋە تۈزۈلمىلىك باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، مەكتەپنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىدىكى قائىدە-تۈزۈملىرىنىمۈكەممەل تۇرغۇزۇپ، ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىقىدىن  ئۆتكۈزۈپ،كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئاساستا تۈزۈمنى جانلىق ئىجراقىلىپ، مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى  يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدۇردۇق.
مەكتەپ پارتىيەياچىكىسى، مەمۇرىيىتى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغاقويۇپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈنۈم يارىتىش، ئوبراز يارىتىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ، مەكتەپنىڭۋە كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتكى ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىنى تىرىشىپ يۇقىرىكۆتۈردۇق. مەكتىپىمىز شىنجاڭ تولۇقسىزغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈشنى مۇھىم نوقتا، ئوقۇتۇشسۈپىتى ئۆسستۈرۈش جەھەتتە ناھىيە بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشنى نىشان قىلىپ،خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇردۇق. ھازىرغا قەدەرشىنجاڭ  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە يەتكۈزۈلگەنئوقۇغۇچى 17نەپەر.

2.  قوشتاغنىڭ ئازاتلىقتىنئىلگىركى ئەھۋالى توغىرسىدا


قوشتاغ 1902-يىلى قاغىلىق ناھىيسىدىن ئايرىلىپ، گۇماناھىيسىگە قوشىۋىتىلگەندە ئومۇمى ئائىلىسى 5000 ئەتراپىدا ئىدى. دائىرسى خىلى كەڭبولۇپ، ئائىلە تارقاق ئورۇنلاشقان ئىدى. ھازىرقى قوشتاغ، كىلىياڭ، پىشنا،باشلانگەر، نەۋئابات قاتارلىق جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ھالدا بىر قانچە بەگلىككەبۆلۈنۈپ باشقۇرۇلاتتى. قاتناش قولايسىز بولۇپ، خەۋەر يەتكۈزۈش، سودا كارخانلىرى ۋەباشقا يولۇچىلار كۆپىنچە ھالدا ئات، تۆگىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىشەك، قوتۇز، كالاقاتارلىق ھايۋانلار ئارقىلىق قاتناشنى راۋانلاشتۇراتتى. قوشتاغ ئەينى چاغلاردىكىچەتئەللەر بىلەن بولغان سودا-سىتىق، مەدەنىيەت، ھەرخىل ئالارقىلاردا موھىم ئۆتەڭئىغىزى بولۇپ، قەدىمقى يىپەك يولنىڭ تەرەققى قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تەسىركۆرسەتكەن.
قوشتاغ ئارقىلىق پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان،كەشمىر قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلارغا ماڭغاندىن سىرىت تىۋەت ( ھازىرقى شىزاڭرايۇنى ) قاتارلىق بىرقىسىم ئورۇنلارغىمۇ بىرىپ، سودا تەرەققىياتنىڭ گۈللىنىشىئۈچۈن تەسىر كۆرسەتكەن بىر تۈگۈن بولۇپ قالغان. قوشتاغ ئۇ ۋاقىتلاردا 25 كەنىتگەبۆلۈنگەن بولۇپ، ئەتراپى باغۇ-بوستانلىق گۈزەل جاي ئىدى. يىرى مۇنبەت، سۈيى بەكمۇمول ئىدى. ھەر يىلى سۇنىڭ كۆپلۈگىدىن كەلكۈن ئاپەتلىرىمۇ تەھدىت سىلىپ تۇراتتى.ئىرىق ئۆستەڭلەر بەكمۇ كۆپ بولۇپ كىچە-كۈندۈز زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار ئىقىپتۇراتتى. ئىرىق ئۆستەڭلەر بەكمۇ كۆپ بولۇپ كىچە كۈندۈز زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلارئىقىپ تۇراتتى. يەرلەر ئاققا تاشلىنىپ نۆۋەت بىلەن تىرلاتتى، كىچىلىرى سۇئالىدىغان ئىشلار ئاساسەن كۆرۈلمەيىتتى. دىھقانلارنىڭ تۇرمۇشى دىگۈدەك ياخشى ئەمەسئىدى. بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرسىدىكى پەرىق خىلىلا يۇقىرى ئىدى. مەسىلەن:1860-يىللاردىكى ئەڭ باي دەپ ھىسابلانغان قوشتاغلىق مىرۋوت ھاجىمنىڭ قاغىلىق،گۇما، موجا، چودا قاتارلىق جايلاردىكى ئۆي بار بولۇپ 1200 مودىن ئارتۇق يىرى،ئۈچمىڭدىن ئارتۇق چارۋىسى بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا دىننىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ئەرلەر ئىزىز، ئاياللار خار بولۇشتەك تەڭسىزلىك ماۋجۇت ئىدى. ئەمما شەرىيئەتقانۇننى «قىسمەن جەھەتلەردىكى ناھەقچىلىك تەرەپلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا» بەكمۇچىڭ ئىدى. ئوغىرلىق، پارىخورلۇق، زىناخورلۇق قاتارلىق ئەنزىلەرگە ياتىدىغانجىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالايىتتى. ئۇلارغا قىلچە رەھىم قىلىمايىتتى.1910-يىللىرغا قەدەر دىننى مەكتەپلەرمۇ دىگۈدەك كۆپمۇ ئەمەس ئىدى. قوشتاغتەۋەلىكىدە كىلىياڭ، ئىسمىسلا، پىشنا قارتارلىق جايلاردا بىر قانچە ئۆيدە دىننىئاخۇنلارنىڭ دەرىس ئۆتىشى بىلەن بىر قىسىم تالىپلا تەربىيلەنگەن. ئاخۇنلار ۋەخەلىپىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيسى دىگۈدەك چوڭقۇر بولمىسىمۇ، بىر قىسىم ئاددى دىننىبىلىملەردىن تەلىم ئالغان.

3. قوشتاغنىڭ ئازاتلىقتىن ئىلگىركى دىننى ۋە دىننى مەكتەپلىرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى توغىرسىدا


مانجۇ ھاكىمىيتىدىن باشلاپ ياڭزىڭشىن، جىن شۈرىنھاكىمىيتىگە قەدەر بولغان ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ھۆكۈمران گۇرۇھلار «خەلىقنىنادانلىقتا قالدۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەچكە ئۇلار يەرلىك فىئودال كۈچلەربىلەن بىرلىشىپ پەننى مائارىپقا، يىڭىلىققا جفن جەھلى بىلەن قاشى تۇرۇپ كەلدى.ئۇلار مەكتەپ مەدەرىسلەردە خاس دىننى ئەقىدىلەرنى ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىپ، ھەتتائىسلام دىننىڭ پەن-مەدەنىيەت ئەنئەنلىرنىمۇ چەتكە قاقتى. شۇ مەزگىللەردە خوتەنرايۇنىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىردا بىر قانچە دىننى مەكتەپ ۋە مەدەرىسلەر بولسىمۇ،لىكىن بۇ مەكتەپلەر پەننى بىلىملەردىن قىلچە ئەسەر يوق ئىدى.خەت يىزىش «گۇناھ»ھىسابلانغاچقا دىننى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى خەت ئوقۇشنى بىلىدىغا،يازالمايدىغان يازالمايدىغان چالا ساۋاتلاردىن ئىبارەت ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپلەرگەتەڭ بولغان دىننى مەكتەپلەردە، ئوقۇغۇچىلار ياش قورامى ۋە سەۋىيسى بۇيچەسىنىپلارغا ئايرىلماي ھەممىسى بىر سىنىپتا ئوقۇيىتتى، ئۈستەل ئورۇندۇقمۇ يوق ئىدى.ئوقۇغۇچىلار تەخىتكە يىزىلغان«ئلىپبە»، بۇيچە ئەرەپچە يىزىقنى تونۇغاندىن كىيىن«قائىدە»، «ھەپتىيەك» ۋە « قۇرئان » ئوقۇپ، زىر-زىۋەرلىك ئەرەپ يىزىقىنى ئۈگۈنۈپچىقاتتى. ئاستى-ئۈستىگە زىر-زىبەر قويۇلمىغان چاغاتاي يىزىقىنى ئوقۇيالمايىتتى.ئوتتۇرا مەكتەپ ھەجىمىدىكى «مەدەرىسە» لەرگە چىققاندىن كىيىن بولسا بەزىلەر«قۇرئان»نى يادقا ئىلىپ «قارى» بولاتتى. ئۇلار قۇرئاننى ياد ئوقۇيالىسمۇ، مەنىسنىچۈشىنەلمەيىتتى. بەزىلەر «دەرىس»قاتارلىق كىتابلارنى ئەرەپ، پارىس تىللىرنىئۈگەنگەندىن كىيىن «قۇرئان» ئايەتلىرىگە ئانچە-مۇنچە مەنا ئىيتىدىغان بولۇپچىقاتتى. كىلاستىك ئەدەبىياتتىن ناۋايى، نۆۋبىتى ۋە خوجا ھاپىز شىرازى شىئىرلىرنىئوقۇپ مەنىسنى چۈشىنەتتى. لىكىن ماتىماتىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى. خوتەن گۇمىنىڭئۆزىدە بىر قەدەر ياخشى ئوقۇغانلار مىسىر، بۇخارا، دىھلى، قەشقەر، قاغىلىققاتارلىق جايلارغا بىرىپ ئوقۇپ ياكى ئۆز جايلىرىدا ئاتاغلىق ئۆلىمالاردا ئوقۇپ«مەۋلىۋى»، «داموللا»، «ئاخۇنۇم» ئۈنۋانلىرىغا ئىرىشەتتى. مۇشۇنداق ئوقۇش جەريانلىرىدا 10 يىلدىن 20 يىلغىچە ۋاقىت كىتەتتى. ئەڭ ياخشى ئوقۇغانلار «قۇرئان»قاتارلىق دىنى كىتابلارغا مەنا ئىيتالايدىغان ۋە شەرىھلەپ بىرەلەيدىغان «تەرجىمان»سەۋىيسىگە ياكى دىننى مەكتەپلەردە «مۇدەرىس» بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە بولاتتى.دىننى مەكتەپلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى قالاق، ئوقۇتۇش سۈپتى تۆۋەن بولغاچقائاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ساۋاتسىز قالاتتى. ياڭزىڭشىن دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن خوتەنرايۇنى تەۋەسىدە زامانىۋى مەكتەپ ھىسابىغا كىردىغان «شۆتاڭ»دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپقۇرۇلدى. قوشتاغ يىزىسىدىمۇ 1930-يىلنىڭ ئاخىردا «شۆتاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان بىرمەكتەپ قۇرۇلغان. (مەكتەپ ئورنى ھازىرقى مەسچىتنىڭ ئورنىغا ئۇدۇل كىلىدۇ) بۇمەكتەپ بىرسىنىپلىق مەكتەپ بولۇپ، خەنزۇچە مەكتەپ ھىسابلىناتتى. بۇ مەكتەپتەئاساسلىقى خەنزۇتىلى يىزىقىدا دەرىس ئۆتۈلەتتى، خەنزۇ مەكتەپنىڭ ئىچىلىشىمائارىپتىكى بىر قىتىملىق ئىسلاھات بولسىمۇ، بىراق «باللىلارنى خەنزۇچە مەكتەپتەئوقۇتۇش، دىندىن ئازغانلىق»دىگەندەك قاراشلارنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ مەكتەپكەئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بىر مۈشكۈل خىزمەت ئىدى. كىشلەر بالىلارنى بۇ مەكتەپكە بەرمەيىتتى.ھەرقايسى كەنىتلەرگە چۈشۈرۈلگەن سان كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن بىر قىسىم بالىلارئوقۇغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشمىغان. 1932-يىلى مەمتىمىن بۇغراباشچىلىقىدا خوتەن دىھقانلار قوزغىلارڭچى قوشۇنى گۇمىنى ئىشخال قىلغاندا بۇ مەكتەپتاقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالدى. 1933-يىلى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى گۇمىنى ئىشغالقىلىپ بولۇپ، ھۆكۈمەت نامىنى ئىلان قىلغاندا بۇ خەنزۇچە مەكتەپ گۇما ناھىيسىدىكىيەتتە مەكتەپ قاتارىدا تاقىۋىتىلگەن. (مەكتەپ ئورنى، قۇرلۇشلىرى 1968-يىلىغچەساقلانغان) 1934-يىلى ماخۇسەن قىسىملىرى خوتەنگە كىلىپ خوتەن قوزغىلاڭچىلارقوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيتىنى تىكلىگەن. 1935-يىلى گۇما ناھىيە بازىرىداھۆكۈمەت باشقۇرغان 2 سىنىپلىق بىر خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغان. ئەينىۋاقىتتا بۇ مەكتەپ شەنلى مەكتەپ دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپكە ناھىيە بازىرىدىكى ئوقۇشيىشىغا توشقان ئاز ساندىكى خەنزۇ باللىرى قۇبۇل قىلىنغاندىن سىرىت ھەرقايسىيىزىلاردىن  مەجبۇرى سان تەقسىم قىلىشئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنغان بولۇپ، بىرقىسىم ئۇيغۇر بالىلار قۇبۇل قىلىنغان.قوشتاغدىن ناھىيە بازىرىغا بارالماي قىلغان بالىلار يىزا تەۋەسىدىكى شەخىسلەرئاچقان دىننى مەكتەپلەر خىلى كۆپ بولسىمۇ، مۇنتىزىم ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغان دىننىمەكتەپلەردىن مۇسا ئالماس، ياسىن ھاپىز ئاچقان «قوشتاغ مەدەرىسى»دىن باشقا، ئىلىموللام توختاخۇن خەلپىتىم، تۈمۈراخۇن ھاجىم، مەمەتئىلى خاتىپ ھاجى، ياقۇپ ھاجى،ئابجىل قازى، خوشاۋاز ئاخۇن، مۇسا قازى، ئىسمايىل ھاجىم، مەتتوختى قازى، سەيدەخمەتموللام قاتارلىق دىننى زاتلار مۇكەممەل مەكتەپ سىنىپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى باربولغان، ئوقۇتۇش پائالىيتىنى ئىلىپ بارغان، ئۇلار دىننى دەرسىنى ئاساس قىلغاندىنسىرىت ئىسلام تارىخ-جۇغراپىيە، ئاستىرنۇمىيە، مەنتىقە (لوگىكا) ئەدەبىيات، ئەرەپتىلى، ئۇردۇ تىلى، پارىس تىلى قاتارلىق دەرىسلەرنى مۇكەممەل ئۆتكەن.بولۇپمۇ ھۆسۈنخەت، نەققاشچىلىق، بىناكارلىق سەنئىتى ھەققىدە دەرىس سۆزلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن.ئەينى يىللاردا دىننى مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇقارقى مەرىپەتپەرۋەردىننى زاتلارنىڭ تالىپلىرى ئىدى. بۇ مەكتەپلەر ئۈزۈلمەي ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىئىلىپ بىرىپ تاكى 40 يىلغا قەدەر نۇرغۇن كىشىلەرنى تەربىيلەپ چىققان. 1937-يىلىشىڭ شىسەي قوشۇنى خوتەننى ئىشغال قىلغاندىن كىين گۇما ئىچىدە قۇرۇلغان شەللىمەكتەپ ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپئوقۇتۇشنى يىڭىچە ئۇسۇل بۇيچە ئەسلىدىكى تۈزۈم ھالتىدە ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغان.1939-يىلى بۇ مەكتەپ يەنە ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇر تىلىدا پەننى دەرىس ئۆتۈش يولغاقۇيۇلغان، بۇ ۋاقىتلاردا قوشتاغدا دىننى مەكتەپلەرگە ھىچقانداق تەسىر ۋە توسقۇنلۇقبولمىغان. 1938-يىلىدىن كىيىن شىڭ شىسەي سۆۋىت مائارىپ تۈزۈمىنى قىسمەن قۇبۇلقىلىپ، شىنجاڭدا جۈملىدىن گۇمىدا پەننى مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى باشلىغان، بۇنىڭ بىلەنگۇمىنىڭ ھەرقايسى يىزا، كەنتىلەردە ئۇيغۇر ئۇيۇشما قارمىقىدا پەننى مەكتەپلەرنىقۇرۇش ئەۋىج ئالغان، بۇ ۋاقىتتا يەنى 1940-يىلى گۇما قىزلار مەكتىپى، موجا مەركىزىباشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن تەڭ قوشتاغ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغان. مەكتەپ مۇدىرلىقىنى مەرھۇم ياسىن ھاجى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دەسلەپكى سىنىپ سانى 2 بولۇپ،ئوقۇغۇچىسى 110 نەپەردىن ئارتۇق ئىدى، مەكتەپ ئورنى ھازىرقى يىزا ئورنىدا ئىدى،ئۇيغۇر ئۇيۇشما دەۋرىدە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، دەسلەپكى مىللى مائارىپنى يولغا قۇيۇپ، مىللى زىيالىلارنى يىتىشتۈرشكە ئالاھىدە تۆھپەقوشقان، قوشتاغدا قۇرۇلغان بۇ يىڭى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپتى يۇقىرى، تۈزۈمى چىڭبولغان ئىدى، ھەرقىتىملىق تەبرىكلەش بايراملاردا ئوقۇغۇچىلار رەتلىك كىيىنىپ،ھەرخىل تەنتەربىيە ئويۇنلىرى ئارقىلىق ئاممىنى رازى قىلغان. 1949-يىلىغا كەلگەندەمەكتەپ تەرەققى قىلىپ سىنىپ سانى 9 غا، ئوقۇتقۇچى سانى 14 كە يەتكەن.
قوشتاغنىڭ ھەرقايسى كەنىتلەردە 3دىن 5گىچەكەنىتلەرنى بىرلىك قىلىپ، ئوقۇتۇش نوقتىلىرىنى تەسس قىلىپ،دىننى بىلىم تارقىتىشئىلىپ بىرىلغان .
1937-يىلى 8-ئايدا ئەينى ۋاقىتتىكى مەدىرىس يىنىدابىر سىنىپلىق پەننى مەكتەپ  ئىچىلىپھازىرقى ئازغان ئالدى كەنتىنىڭ مۇسا ئالماس دىگەن كىشى پەننى دەرس ،سۆگەتلىككەنتىلىك ئىلى موللام كىيىن 1952-يىلغىچە قوشتاغ كەنتىلىك مۇھەممەت ئىلى خاتىپھاجى دىننى دەرس ئۆتكەن .بۇ ۋاقىتىكى مەكتەپ ئورنى قوشتاغ جامەسى ئىچىدىكىئورمانلىق بىلەن جامە ئالدىدىكى بازار يولغا توغرا كىلىدۇ .بۇ ۋاقتتىكىئوقۇغۇچىلار 60دىن ئارتۇق ئوغول-قىزلار ئىدى .
1941-يىلى 8-ئايدا مەكتەپنى قوشتاغ رايونلۇق ھۆكۇمەت يىنىدىكىى ئىككى ئىغىز ئۆيگە كوچۇرۇپ ئىككى سىنىپقا 110دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبولقىلىپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغان .
1946-يىل ئويۇشما قارمىغىدىكى ساڭغا ياسىن ھاپىز يوتكىلىپ كىتىپ ئورنىغا گۇما بازار ئىچىدىن داۋۇت توختى  دىگەن كىشى مەكتەپ مۇدىرىبولغان ،مۇسا ئالماس ،سەيپۇللا ئىسلام دىگەن كىشىلەر پەن ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئاساسلىقى دەرسلەر ئانا تىلى (ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى)ھېساپ،تەنتەربىيە،تارىخ،جۇغراپىيە،غەزەل(ناخشا)بولۇپ ،مەكتەپتە جوزا-ئورۇندۇق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بولمىغاچقا ئوقۇغۇچىلاردەپتەرلىرىنى تىزى ئۇستىدە قويۇپ خەت يىزىپ ئوقۇغان،تەنتەربىيە دەرسىدە توپ ۋەتەنتەربيە سايمانلىرى بولمغاچقا مىڭىش،تۇرۇش،ئوڭ سولغا،ئارقىغا ئورلۇش ،چىلىشش،تارتىششنىڭ ئاغامچىسى ئورنىدا قول تۇتۇشۇپ تارتىشش قاتارلىق شەكىللەر دەرسمەرمۇنى قىلىنغان .مەمەتئىلى خاتىپ ھاجىم دىننى دەرس ئوقۇتۇشنى ئۇستىگە ئالغان .
1947-يىلى كونا يەكەن يولى دەپ ئاتىلىدىغان ھازىرقى قوشتاغ بازىرىدىن سانجۇ يىزىسىغا بارىدىغان يولنىڭ شىمالى تەرىپىگە يەنى ھىيىتئاخۇن پاششەپنىڭ بىغى ۋە ھوللا غوجا تاش دىگەن كىشىنىڭ يىرى يىنىدىكى گۇمىغابارىدىغان چوڭ يولنىڭ بويىغا ئەينى ۋاقىتىكى رايونلۇق ھۆكۇمەت يۇرت خەلقىگە ئەمگەكئالۋىڭى قويۇپ لاي تام بىلەن 8ئىغىز سىنىپ 2ئىغىز ئىشخانا سالدۇرۇپ ياغاچماتىرىياللارنى يۇرىت خەلقىگە ئەكەلدۇرۇپ يىپىپ ئوقۇتۇش ئورنى قىلغان .سىنىپ ئىچىقاراڭغۇ،زەي پۇراپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۇنلۇك ئوقۇشى خاتىرجەمئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى .
مەكتەپنىڭئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىغىدىن قىش كۇنلىرى ھەركۇنى بىر ئوقۇغۇچى بىر تالدىنقۇرۇق ئوتۇن ئەكىلەتتى .ئوتۇن ئەكەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئوچاق يىنىغا كىلىپ ئوتئىسسىنىلالمايتىتى .ئۇ ۋاقىتىلاردا مەش بولمىغاچقا سىنىپنىڭ تىمىغا مورا چىقىرىپئوت قالاپ ئىسسىتىلاتتى .
مەكتەپ ئالدىدىكى يەكەن يولنىڭ جەنۇبى تەرىپىدەكەڭرى كەتكەن چوڭ مازارەت بولۇپ ئەينى زاماندىكى قوشتاغ رايوننىڭ بىگى مەمەت بەگدىگەن كىشى قوشتاغ خەلقىگە ئەمگەك ئالۋىڭى سىلىپ سۇ قويۇپ لاي ئىقىتىپ مازارەتنىتۇزلەپ بىر مەيدان ياساتقان،مەيدان بىلەن رايونلۇق ھۆكۇمەت بىر ئورۇندا قوشنا ئىدى.بۇ مەيداننى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرلۇكپائالىيەتلىرى ،قوشتاغ خەلقىنىڭ مەجلىس يىغىنلارغا قاتنىششى موشۇ مەيداندا بولغان.
مەكتەپ قۇرۇلغان تۇنچى مەكتەپ مۇدىرى ياسىن ھاپىز،
ئۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى داۋۇت توختى ،ئومەرتوختى ھاجى، روزى نىياز،ئابدىغنى يۇنۇس،ئەمەت نىياز،مىجىت ھوشۇر،ۋاسىل پازىل.
ئۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى :زىياۋىدىن ھاپىز،سادىر روزى، مەمەت ئەيسا، ھاپىز مەتنىياز،ئومەر قادىر(گۇمىلىق)،ھاپىزتارى،ئومەر مىمەت(ئىلمى مۇدىر)،بوستان كەنىتلىك ئومەر قادىر،ئۇنىڭدىن كىيىن ئىلىمى مۇدىرى مۇساق توختى
1968-يىلى مەكتەپ مۇدىرى :مۇساق توختى،ئىلىمى مۇدىر:پارسامەمەت ، زايىت مىمەت، ئابدىقادىر نورى.
1991-يىلى مەكتەپ مۇدىرى: زايىت مىمەت،ئىلمى مۇدىرئومەر ئىسمايىل،ئۇنىڭدىن كىيىن ئەبەي سالى .
1996-يىلى مەكتەپ مۇدىرى : مەمەت ئىسمايىل، ئىلمىمۇدىر نورەخمەت ئىلى .
2005-يىلى ياچىيكا شۈجىيسى ئەبەي سالى ، مەكتەپمۇدىرى ئەخمەت قاۋۇز،ئىلمى مۇدىر مەمتىمىن قادىر.
2008-يىلى ياچىيكا شۈجىيسى ئابلەت ئابلا،مەكتەپمۇدىرى ئابلاجان ئەبەيدۇللا، مۇئاۋىن شۈجى،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئەركىن مۇساق
2010- يىلى مەكتەپ مۇدىرى ئابلىز ئابلەت ، مۇئاۋىنياچىيكا شۈجىيسى ئەركىن مۇساق
1942-يىلى مەكتەپ ئورنى ھازىرقى قوشتاغسوتى،جاگوڭچاڭنىڭ ئىشخانا ،باغلىرى ئورنىغا توغرا كىلىدۇ .مەيدان ھازىرقى يىزىلىقھۆكۈمەت ئورنىدا ئىدى .1958-يىلى پىشنا رايون ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ قوشتاغ گوڭشىغاقوشۇۋىتىلگەن .بۇ ۋاقىتتا پىشنا .ئازغان،سازام ،باشلەنگەر مەكتەپلىرى بر بولۇپئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئاز،ئوقۇتۇش ئۇسكىنلىرى كەمچىل بولۇپ ئوقۇتۇش شارائىتى ناچارئىدى .
ئازاتلىقتىدىن بۇرۇن ھەريىلى 4-ئاينىڭ 4-كۇنىبالىلار بايرىمى ئىلىپ بىرىلاتتى .شۇ ۋاقىتتىكى بالىلار بايرىمى 50-يىلى 4-ئايىنىڭ4-كۇنىمۇ ئىلىپ بىرىلغان .قوشتاغ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ، ئابلىمىتئايۇپ،مەمەت ئىسمايىل،روزى ئەيسا 50-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۇنى ناھىيدە ئىلىپ بىرىلغانبايرامغا قاتناشقان بولۇپ يىڭى ھۆكۇمەتنىڭ تۇنجى ھاكىم مەمەت ئەشرىپ(قەشقەرلىك )دىگەن كىشىنىڭ بايرامنى تەبرىكلەپ سۆزلىگەن سۆزى ۋە ئازاتلىق توغرسىدىكى سۆزنىئاڭلاپ كەلگەن .
ئازاتلىقتىن كىيىن ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بالىلاربايرىمى ئاجايىىپ تەسرلىك ۋە قىزىقارلىق ئوتكۇزۇلەتتى .پائالىيەت تۇرلىرى كوپ خىلئىدى. ئاساسلىقى مەيدانغا كىرىش،چىقىش، مىڭىش ،تۇرۇش،ئوڭ سولغا،ئارقىغائۇرۇلۇش،گىمناستىكا ئويناش،ناخشا ئوقۇش، تۇرلۇك شەكىل ياساش،يۇگۇرۇپ ھىساپئىشلەش،يۇگۇرۇش،ئىگىزگە ،يىراققا سەكرەش ۋە سەنئەت مۇسابىقىسى ئوتكۇزۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى پائالىيەت بىرھەپتىدە ئاخىرلىشاتتى .بۇ پائالىيەتكە كىلياڭ،،ئىسمىسلا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇقاتنىشىپ پائالىيەت كورسىتەتتى.پائالىيەت مەيداننىڭ 4 ئەتىراپىغا ئوقۇغۇچىلارياسىغان ھەرخىل مۇدىللار،ھۆسىنخەت،رەسىم .ئويونچۇق ،قاتارلىق مۇدىللار قويۇلۇپكۆرگەزمە قىلنىاتتى .
بايرامغا تەييارلىق قىلىش قوشتاغنىڭ شەرقىدىكىسۇلغازسىيدا بولۇپ پۇتۇن پائالىيەت تەييارلىقى يۇرت خەلقى  ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن پىنھان تۇتۇلاتتى .بولۇپمۇ6قەۋەتتىن پىرامىدا ياساش ھەممىدىن قىيىن بولۇپ 1-2-قەۋەتكە 8دىن6ئوقوغۇچى،3-4-قەۋەتكە 4دىن 8ئوقۇغۇچى،5قەۋەتكە بىر ئوقۇغۇچى،6-قەۋەتكە ئەڭئۇستىگە بىر ئوقۇغۇچى چىقاتتى.مەن 3-قەۋەتكە چىقاتتىم .8-ئوقۇغۇچى سىرتىدا شوتىنىڭرولىنى ئوتەيتتى .ئەڭ ئۇستىدىكى بىر ئوقۇغۇچى پۇتۇن گىمناستىكىنىئويناتتى.بايرامدا ئەينى ۋاقىتىكى رايوندىن مەسئول كىشىلەر يىزا قىشلاقلاردىندىھقان-چارىۋىچىلار ،ئاتا-ئانىلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشاتتى.پائالىيەت تولۇق بىرھەپتدە ئاخىرلىشاتتى .پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغان ئورۇنۋەشەخسلەرنى مەكتەپ مۇكاپاتلايتتى .
قىش كۈنلىرى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدابىر سىۋەت بولۇپ مەكتەپكە كەلگۇچى يولدىن تىزەك تىرىپ ،مەكتەپكە قايتقۇچى تەرگەننىئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىگە ئوتكۇزۇپ تۇراتتى .دائىملىق ئەمگەك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارداكەم بولسا بولمايدىغان مەشخۇلىيتى ئىدى .ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسىئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىگە بىرىپ تىرىلغۇ قىلىۋاتقان يەر ئۇستىدىكى ئەخلەتچاۋالارنى ،قوناق كوتىكى تىرىش،تىرىلىپ بولغاندىن ئىتىزلىقلارغا تاماقسىلىش،قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاندىن سىرىت كۇز كۇنلىرى ھەر كۇنلىكى دەرستىن كىيىنئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىگە بىرىپ ئايرىپ بىرىلگەن قوناقلارنى سويوپئاقلاش،ئاپتاپقا يىيىپ قۇرۇتۇش،سوقۇش،ئادالاش ئىشلىرىنى قىلاتتى .
كەچتە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلەپچىقىرىشئەترەتلىرىگە بىرىپ ساۋات چىقرىش سىنىپلىرىنى ئوقۇتۇش بىلەن قايتىپ كىلىپ دەرستەييارلىقىنى قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ 12سائەتتىن ئارتوق مەشخۇلىيەتنى ئورۇنلايتتى .
قىشلىق تەتىلدە ياپچان سۇ ئامبىرى قۇرلىشىغا ،يازلىق تەتىلدە باشلەنگەر باشقۇرۇش رايونى تەۋەسىدە بۇغداي ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ئاي ئاخىرلاشقاندامەكتەپلەردىكى ئوگۇنۇشكە قاينىشاتتى .مۇشۇندا ئوقۇتۇش ،تۇرلۇك ئەمگەك ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ ئوقۇتقۇچىلار جۇشقۇن ھاياتى كۇچى بىلەن يۇقۇرى بەلگۇلەپ بەرگەنھەرقانداق ئوتۇتۇش ئەمگەك ۋەزىپىلىرىنى ئاكتىپ ئورۇنلايتتى .
ھەرقانداق شارائىت ئاسىتدا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبول  قىلىش،تۇراقلاشتۇرۇش،ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيتىناھايتى ياخشى ئىلىپ بىرىلاتتى .
ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى،سىياسى،مەدەنىيەت ئۇگۇنۇشلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ،سەۋىيە ئوستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىلگەنلىكى ئۇچۇن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرلىشى ياخشى ئىشلەنگەن
پارتىيە قۇرلۇشى خىزمىتىمۇ ياخشى ئىشلەنگەن73-يىلغىچە نەپەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ 82-يىل بىشىدا 13گە يەتكەن .73-يىلغىچە16نەپەر ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇپ 82-يىل بىشىدا 24گە يەتكەن .74-يىلى باشلانغۇچمەكتەپتە 5كىشىدىن تەركىپ بىر پارتىيە ياچىيكىسى 7كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىرئىتتىپاق ياچىيكىسى قۇرۇلۇپ خىزمەتلەرگەياخشى يىتەكچىلىك قىلغان .1967يىلبىشىىغىچە مەكتەپلەرنىڭ پىئونىرلار باش تەربىيچىلىككە ناھىيلىك ئىتتىپاقكۆمىتتى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىم تولۇقلاش،سىنىپلىرىغا دەرس ئوتكۇچىئوقۇتقۇچىلارغا مائارىپ ئىدارسى بىر يىللىق تەكلىپ قەغىزى ئىبەرتەتتى .
قوشتاغنىڭ تەبىئى شارائىتى ناچار،كەنىت مەھەللەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئورنى تارقاق بولغاچقا مەكتەپ بىلەن مەكتەپ ئارلىقىنى ئۇلاغ بىلەن بىر كۇندە ئاران مىڭىپ بولغىلى بولاتتى .1966-يىلى 7-ئايدا باشلانغان مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دىگەن ھەر كە  تتە چۇشقۇن ھاياتى كۇچكە ،ئوتتەك قىزغىنلىق كەيپىياتقا ئىگە ،مائارىپ خىزمىتى  ئۇششۇك تەككەن ياپراقتەك بوران چاپقۇنلۇق قىسمەتكە دۇچار بولدى .
مەملىكەت بويىچە ھەممە ئورۇندا ئوقۇتۇش خىزمىتى چەتكەقىقىلىپ،مەدەنىىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ چاڭگىللرى ئىچىدە غەرىق قىلىۋىتىلدى .ئىككى تەرەپنىڭ غەۋنى چاڭگاللىرى ھەممە زىمىننى قاپلاپ كەتتى .مانا شۇنداق ھەركەت جەرياندا سىنپى قوشۇننى تازىلاش سىنىپى كورەشنى تۇتۇش دىگەن دەك ئۇسۇللار بىلەن بارلىقىنى مائارىپ ئۇچۇن سەرىپ قىلىپ ،كەلگۇسى قۇرغۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئىزچىلكوڭۇل بولىۋاتقان ئومەر قادىر،بەدى مۇسا،مەتسىدىق مەترىھىم،راشىدىن نىياز،قاۋۇزمەتسالى، ئىدرس توختى،   ئوقۇتقۇچى ئازنىخان مەمەت قاتارلىق زور بىر تۇركۇمكۆزگە كورۇنگەن قابىل ئوقۇتقۇچىلىرى زەربە يىدى .كورەش پىغەن قىيلىندى .ئايرىپ قويۇپ نەزەر بەنىت قىلىندى .ئۇلارغا ‹‹بۇرجئازىيەنىڭ قالدۇقلىرى،گومىنداڭ ئەزاسى،تۇردىن چۇشۇپ قالغان سىنپى ئۇنسۇر،جىن شەيتان،جەمئىيىەت داشقاللىرى ››دىگەندەكبەدناملەر چاپلىنىپ،باھىيە بويىچە ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ئايرىپ بويولغانلارغاقوشۇپ،ناھىيە باشقۇرۇشىدىكى ئۇرۇغ مەيداندا مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىنغان .
1968-1969-يىللىرىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ قارمۇقارشىلىقى چاڭگاللىرى ئەۋجىگە چىققاندا زاڭگۇي گوڭشىدىكى ئەلەم كورۇشىدىكى ئادەمئولتۇرۇش ۋەقەسىنى بىر بولۇك كىشلەر قوشتاققا قىچىپ كىلىپ يۇشۇرۇنغان .بۇ ۋاقىتتا زاڭگۇي ۋە گۇمىدىن ئوزىنىئىنقىلاۋى ئامما،ئىنقىلاپچى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر قوشتاققا باستۇرۇپ كىلىپباشلانغۇچ مەكتەپتىن يولداش مۇساق توختى تۇتىۋىلىنىپ ئۇرۇپ تاغارغا سولاپ،ئازغالغاتاشلاپ كومىۋىتىپ ئەتىسى ئىچىپ قاتتىق قىيىن قىستاققائالغان .زايىت مىمەت ،تۇدىمامۇت ۋەقەنى ئالدىدىن سىزىپ قىلىپ ئاتلىق تۇتقىلى كەلگەنلەر كىلىپ بولغۇچى ئۇرۇغ مەيداننىڭ غەرىپدىكى يانتاقلىققا قىچىپ بىرىۋىلىپ قۇتۇلۇپ قالغان .
1967-1968-يىللىرى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دىگەنئاپەتلىك يىللاردا قوشتاغ گوڭشىسى پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ لىياڭ مۇئاۋىن شۇجى ئادىل سادىرلارغا قوشۇپ ئوقۇتقۇچىلاردىن مەتسىدىق مەترىھىم،قاۋۇز مەتسالى،ئومەرقادىر،راشىدىن نىياز قاتارلىق بىر تۇركۇم ئوقۇتقۇچىلارغا خام رەخىت ياكى سەگەزدەھەيكەل ياساپ ئىچىگە سامان تىقىپ ئۇنىڭغا لىيوشاۋچى دەپ ئىسىم قويۇپ ھاپاش ئەتتۇرۇپقولىغا كونا داس تۇتقۇزۇپ شۇجىلارنى مەن كاپىتالىزىم يولغا ماڭغانھوقۇقدار،ئوقۇتقۇچىلارنى مەن گومىنداڭ ئەزاسى دەپ توۋلاپ داسىنى چالدۇرۇپ بازارئىچىدىن سازايى قىلىنغان .1968-يىلى 10-ئايدا شۇ چاغدا ماۋزىدوڭنىڭ كەمبىغەلدىھقان تۆۋەن ئورتا دىھقانلارمەكتەپلەرنى باشقۇرۇشى لازىم دىگەن يوليۇرۇقىنىڭروھىغا ئاساسەن دىھقانلار خىزمەت گۇرۇپپلىرى مەكتەپلەرگە كىرگەن ،مەكتەپلەردەمۇدىرلىق تۇزۇم ئەمەلدىن قىلىپ مەكتەپتە دىھقانلار،ئوقۇتقۇچىلار،ئوقۇغۇچىلارۋەكىللىرىدىن بولۇپ 11كىشىلىك مەكتەپ ئىنقىلاۋىۋىييەنخۇي قۇرۇلغان،بۇۋاقىتتا يولداش ئومەر مىمەت مەكتەپ مۇدىرى ئىدى .
پىشنا باشقۇرۇش رايون ئازغان كەنىت كۆمىتتنىڭ مۇدىرىغازى قاۋۇز مەكتەپ مۇدىرى،مۇساق توختى،زايىت مىمەت،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى،ماخمۇتئىسمايىل،ئابدىقادىر نورى،خەلق مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،ئوسمان روزى،ئانارمۇسايىپ،ئوقۇغۇچىلاردىن ھاۋا قۇربان،ئوسمان توختى،دىھقانلاردىن مەمەت توختىقاتارلىقلار ئىنقىلاۋى ۋىييەنخۇينىڭ مۇدىرى ۋە ھەيئەتلىرى بولۇپ سايلانغان .بۇۋاقىتتا ناھىيلىك پارتىكوم ھۆكۇمەت پالاچ ھالغا چۇشۇپ قالغاچقا ناھىينىڭ پۇتۇنخىزمىتى ناھىيلىك قۇراللىق بولۇم بىجىرەتتى.مەكتەپتە قۇرۇلغان ئىنقىلاۋىۋىييەنخۇيمۇ قوراللىق بولۇم تەسس قىلغان.مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى جەريانىدىكىتەرەپبازلىق ،ھومەتسىزلىك ،كورەش ،پىپەن،سازايى قىلىشلار بولۇپمۇ مەكتەپلەردەقۇرۇلغان ئىنقىلاۋى ۋىييەنخۇينىڭ دىھقانلار ۋەكىلىدىن بولغان مۇدىر ھەيئەتلىرىنىڭساۋاتسىز كىشىلەردىن بولىشى قاتارلىق تۇرلۇك ئامىللەر سەۋەبى بىلەن ئوقۇتۇشخىزمىتى ،ئوقۇغۇچى قوبول قىلىش، تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە زور چىكىنىشيۇز بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمۈدى زايا بولۇپ كەتتى .ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردىنكوپۇنچە ساۋاتسىز،چالا ساۋات پىتى چىقىپ كىتىپ جەمئيىەتكە ئىغىر يۇك بولۇپ قالغان.
1970-يىلى مەكتەپلەردە ئىنقىلاۋى ۋىييەنخۇي ئەمەلدىنقالدۇرلۇپ مۇدىرلىق تۇزۇم ئورنوتۇلغاندىن كىيىن يۇقارقىدەك چىكىنىپ كىتىش،توۋەنلىك،ساۋاتسىز چالا ساۋات پىتى مەكتەپتىن چىقىپ كىتىش ھادىسلىرى بىر –بىرلەپ تۇگۇتۇلگەن.
1963-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ سابىق پارتىكوم فۇشۇجىسىئادىل سادىر ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئومەر مىمەتلەرنىڭ بىۋاستە كوڭۇل بولىشى ۋەيىتەكچىلىك قىلىشى بىلەن قوشتاغ مەركىزى مەكتەپ ھازىرقى ئورنىغا دولەتىنىڭ مەبلەغجەھەتتە قوللىشى بىلەن خام قىش ئارقىلىق 12ئىغىز سىنىپ 3ئىغىز ئىشخانا جەمئى431پىڭپاڭ مىتر قۇرلۇش سىلىپ يىڭى مەكتەپتە ئوقۇتۇش خىزمىتى ئىلىپ بارغان .
شۇ ۋاقتتا مەكتەپ مەيدانى ۋە مەكتەپ كەينىدىكى مەكتەپكە بىرىلگەن يەر گۇما ئۆستەڭ يول ۋە چوڭ يارلىق بولغاچقا ھەركۇنلۇكى دەرستىنكىيىن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار لاي ئىقىتىپ تاغارلار بىلەن توپا يوتكەپتۇزلەپ 64-يىلى ئەتىيازدىكى ئورمان سىلىش،باغ ئىتىش بىلەن مەكتەپ موھيتىنى ياخشىكوكەرتكەن شۇ يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ سابىقمۇئاۋىن ۋالىيسى نورمەمەت خۇدەبەردى ،گۇما ناھىيسىنىڭ سابىق ھاكىمى مامۇت روزى قاتارلىق رەھبەرلەر مەكتەپ قۇرلۇشىنى ،مەيدان ئەتىراپىغا سىلىنغان ئورمانلارنى،مەكتەپ كەينىدىكى باغقا سىلىنغان تۇرلۇك مىۋىلىك ئورمانلارنى كۆرۇپ ئالاھىدەماختىغان ۋە ئىلھام بەرگەن .
مەكتەپ قۇرلۇشى جەرياندا قىش،تاش،ياغاچ ۋە باشقاماتىرىياللارنى توشۇش جەرياندا ھەرخىل قىيىنچىلىق ،زەخمىلنىش ۋە يارىلىنىشھادىسلىرى كورۇلگەندە بۇنىڭغا قەتئى بەرداشلىق بىرىپ ئاخىرى پىلاندىكى ۋەزىپىنىتولۇق ئورۇنلىغان .
ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ بىر ئۇي ھارۋىسى بولۇپ باشقاقاتناش قورالى بولمىغانلىقى ئۇچۇن شەخىسلەرنىڭ ئىشىكىنى كىرا قىلىپ بىر ماۋسۇمدابىر قىتىم مەكتەپلەرنى تولۇق تەكشۇرۇشكە بىر ئاي ۋاقىت كىتەتتى .شۇنىمۇئەسكەرتىشكە توغرا كىلىدۇكى قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى ئەزەلدىنچىڭ تۇتۇلغاچقا مەكتەپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ بولۇپمۇ ئازاتلىقتىن كىيىنكى ۋاقىتلاردائوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق قىسىمى تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي،ئوتتۇرا تىخنىكوم مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىداتۇرلۇك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ۋە ئىشلىمەكتە .
1967-يىلدىن 1982-2-ئايغىچە ھەريىلى قىشلىق،يازلىق تەتىل مەزگىلدە،پۈتۈن گوڭشى بويىچە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار باش مەكتەپتە بىر ھەپتە ۋاقىتچىقىرىپ،ئالدىنقى بىر ماۋسۇملۇق خىزمەتلەردىن خۇلاسە قىلىش،باھالاش،ئىلغار تىپلارتەجربىە سۆزلەش،تەجرىبە تونۇشتۇرۇش،ئارقىغا قالغانلار ساۋاق قوبول قىلىش،خىزمەتپىلانى ۋە كالىندار پىلانى تۇزۇش ،مەكتەپ ۋە سىنىپلارغا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشئىشلىرى ئاخىرلىشىپ،ھەرقايسى مەكتەپلەرگە تارقاپ يىڭى خىزمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەتكەچۇشەتتى .1958-يىلدىن 1968-يىلى 10-ئايغىچە قوشتاغ باشقۇرۇش رايونى قارمىقىدا،سۇلغاز،كىيىكچى،قارمان،قاراسۇ مەكتەپلىرى بولۇپ،مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئومەرمىمەت،ئىلمى مۇدىر بوستان كەنىتىلىك ئومەر قادىر.كىلياڭ باشقۇرۇش قارمىقىدا كىلياڭ،ئاقچىق،ئىسپان،ئاقشو،كىڭەز مەكتەپلىرى بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرى قاۋۇز قادىر،ئىلمىمۇدىر ئومەر قۇربان .ئىسمىسلا باشقۇرۇش رايونى قارمىقىدا ئىسمىسلا،بوموغا،سازام،باشلەنگەر مەكتەپلىرى بولۇپ مەكتەپ مۇدىر مەتسىدىق مەترىھىم ،ئىلى مۇدىرى باۋۇدۇنجامال،مەمەت باۋۇدۇن .پىشنا باشقۇرۇش رايون تەۋەسىدە پىشنا،ئازغان،ئويتۇغراقمەكتەپلىرى بولۇپ مەكتەپ مۇدىرى ئاپدۇغۇپۇر ئابدۇللا،كىيىنكى مۇدىرى ئىدرستوختى،ئىلمى مۇدىرلىقنى ئابدىقادىر ئىمىن ئىشلىگەن .
1970-يىلى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار،ئوقوغۇچىلار 7-ماييوليۇرىغىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ،قوشتاغ ئازغان ئالدى كەنتىگە 1971-يىلىپىشنا ،لەڭگەر كەنتىگە 8ئىغىز سىنىپ ،4ئىغىز ئىشخانا جەمئى 451كۋدىرات مىتىرقۇرلۇشنى خام كىسەك بىلەن ئۆزلىرى سىلىپ،دۆلەتتىن بىرىلدىغان قۇرلۇش پۇلنى تەلەپقىلمىغان .قوشتاغ مەكتەپ ئازغان ئالدى مەكتەپ،لەڭگەر مەكتەپلەرنىڭ پۇتۇن ئاھالەتاملىرىنى ئەتكەن .ئائىللىك ياتاق ۋە ھاجاتخانلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى ياسىغان.1982-يىلى قوشتاغ گوڭشىسى ھازىرقى پىشنا يىزىسى،كىلياڭ يىزىسى، تاجىك مىللىييىزىسى،باشلەنگەر يىزىسىغا بولۇنۇپ كەتكەندىن كىيىن، قوشتاغ يىزا تەۋەسىدە   12 مەكتەپ 7 ئوقۇتۇش  نوقتىسى ، 68سىنىپ بولۇپنەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيلەنگەن .ئومومىي ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى    نەپەر،مەخسۇس ئوقۇتقۇچى   نەپەر، .ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى  نەپەر،1-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى نەپەر.
1982-يىلى 2-ئايدا يۇقۇرنىڭ مەكتەپلەرنىتارقاقلاشتۇرۇشى بىلەن،دىھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىسىگە يىقىن مەكتەپلەردە ئوقۇشنىئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى يوليۇرىقىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن،ئەينى ۋاقىتتىدىكى7باشقۇرۇش رايوننى بىرلىك قىلىپ،مەكتەپلەر دۇيلەرگە تارقىتىلغان بولۇپ،3300دىنئارتۇق ئوقۇغۇچى،57ئورۇندىكى مەكتەپ،117سىنىپتا ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە ئىلىپبىرىلغان .يۇقۇرى چۇشۇرۇپ بەرگەن 11سىنىپقا 300دىن ئارتوق ئوقۇغۇچى قوبول قىلىپ،باشلانغۇچيىنىدىكى تولۇقسىز سىنىپ ھىساۋىدا تەربىيلىگەن .بۇ ئوقۇغۇچىلارنى 6-7-8-سىنىپقىچەئوقۇتۇپ،مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن .80-يىلى ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى-خىزمەتچى203نەپەر بولۇپ،37نەپىرى خەلق مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى .
بۇۋاقىتتىكى قوشتاغ يىزا تەۋەسىدىكى 7باشقۇرۇشرايۇنىنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەكتەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ( ھازىرقى قوشتاغ يىزا تەۋەسىدىكى ) (1) قوشتاغمەركىزى مەكتەپ (2) جايناغۇت مەكتەپ (3) بوستان كەنتى مەكتىپى (4)ئۇرۇقچىلىقمەيدان مەكتەپ (5) دەريا بويى كەنتى مەكتىپى (6) ئازغان ئالدى مەكتەپ (7)چىغلىقمەكتەپ (8) بوموغا مەكتەپ (9) ھاراپ مەكتەپ (10) بۇجىگدە مەكتەپ (11) ئىسمىسلامەكتەپ  (12) ئۇلىۋاغ مەكتەپ (13) ئاچمامەكتەپ (14) قارادۆڭ مەكتەپ (15) سۆگەتلىك مەكتەپ (16) باش ئازما مەكتەپ (17)كىيىكچى مەكتەپ (18) قاراسۇ مەكتەپ (19) سۇلغاز مەكتەپ (20)باش سۇلغاز مەكتەپ
      2. ( ھازىرقى پىشنايىزا تەۋەسىدىكى ) (1) پىشنا مەركىزى مەكتەپ (2) ئارمەھەللە مەكتەپ (3) يانتاقمەكتەپ (4) ئازغان مەكتەپ (5) جاي باشلانغۇچ مەكتەپ (6) لەنگەر باشلانغۇچ مەكتىپى
3. ( ھازىرقى كىلياڭ يىزا تەۋەسىدىكى ) (1) كىلياڭ مەركىزى مەكتەپ(2) ئاچچىق ئالما مەكتەپ (3) پىننى مەكتەپ (4) ئاقچىغ مەكتەپ (5) يۇلغۇنجاي مەكتەپ(6) ئىسپاھان مەكتەپ (7) ياركىچىك مەكتەپ (8) قارمان مەكتەپ
     4 . ( ھازىرقىنەۋئابات تاجىك مىللى يىزىسى)  (1) كەڭەزباشلانغۇچ مەكتەپ (2) قاراكىچىك مەكتەپ (3) ئاقشو مەكتەپ (4) بۇچۇڭ مەكتەپ
   5 . ( ھازىرقى باشلەنگەريىزا تەۋەسىدىكى ) (1) باشلەنگەر مەركىزى مەكتەپ (2) سازام مەكتەپ (3) توقاي مەكتەپ (4) بۇلچۇڭ مەكتەپ (5) توغرا كۆۋرۈكمەكتەپ (6) ئويتوغراق مەكتەپ  (7) ئىقىنمەكتەپ (8) جەينەكيار مەكتەپ (9) ھەسەنپاشىم مەكتەپ
1980-يىلىدىن باشلاپ يىزىلار ئايرىلىپ مەكتەپلەر يۇقىرى دەرىجىلىكئورونلارنىڭ تەستىقى ئارقىلىق تەدرىجى ھالدا يىغىۋىتىلدى. 2012- يىلغا كەلگەندەيىزىمىز تەۋەسىدە تارماق مەكتەپ ئىككىگە ، ئوقوتوش نوقتا ئۈچكە قالدى . 12مەكتەپتەدرىجى يىغىۋىتىلدى .ھازىر مەكتىۋىمىزدە30 سىنىپ ، ئوقوغوچى 1158گە قالدى ،بۇنىڭئىچىدە قوشتىل سىنىپ 13،ئوقوغوچى سانى573 ،ئادەتتىكى سىنىپ 17، ئوقوغوچى سانى585گە يەتتى. ئوقوتقوچى ،ئىشچى – خىزمەتچى سانى   87نەپەر . مەركىزى مەكتەپ ۋە سۆگەتلىك مەكتەپتەئىككى قوشتىل يەسلى قۇرۇلغان بولوپ ئوقوغوچى سانى 244نەپەر .
مەنبە:ئەزىزە تورى
چۈشۈرۈش

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-6 12:42:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئەركىن مۇساق مۇاللىمنىڭ ئەجىرىگە ئاپىرىن تىنىڭىز ساغلام ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن
ۋاقتى: 2014-9-9 16:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئەركىن مۇساق مۇەللىم بەك ئالدىراش بوپ كەتكەن ئوخشايدۇ خىلى كۈنلەر بولدى كۆرمىدىم
ۋاقتى: 2015-1-28 21:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشتاغ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مائارىپ تارىخى خىلى تولوق يىزىلىپتۇ،قوشتاغ تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار بولسا تىخىمۇ ياخشى بولغان ئىدى، ئۆتكەن يىلى گۇما تارىخ ماتىريالىنىڭ 4- توپلام نەشىرقىلىنغان، ماتىريال تولوق بولسا سىياسىي كېڭەشىنىڭ تارىخ ماتىرياللىرى ئشخانىسى بىلەن ئالاقلىشىپ بىقىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 10:56 , Processed in 0.225534 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش