چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 0

ئا.ئۈمىد:مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىسى قانداق رىئاللىشىدۇ ؟
  


ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد


       ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ، ئىلىم – پەننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە ئىنسانلار مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . ئەمما نوقۇل ھالدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يادرۇ قىلغان تەرەققىيات سىتىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇپ ، قارىغۇلارچە GNP نى قوغلىشىش ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇشىدىن ، ئۇنى بويسۇندۇرۇش ، ۋە تالان – تاراج قىلىشقا قاراپ بۇرالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى . نەتىجىدە كەينى – كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈرلۈك مۇھىت ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئالدىدا پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تەرەققىياتنىڭ يىڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى . ئىنسانلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن باشلاپ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىپ ، ئۆمۈمىيۈزلۈك ھالدا سىجىل تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭدى . بىراق ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك دۆلەت مۇداپىئەسى ، سانائەت ، ئىقتىساد جەھەتلەردە ئېلىپ بارغان ۋە بېرىۋاتقان بەيگىنىڭ ئېكولوگىيەلىك موھىتقا ئېلىپ كىلىۋاتقان زىيىنى يەنىلا پۈتۈنلەي تۈگىگىنى يوق . ھەرقايسى ئەللەرگە نىسبەتەن ، نۆۋەتتە مۇھىت مەسىلىسى 21 – ئەسىردىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا . پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق يۈزلەنگەن ۋە يۈزلىنىشى كىرەك بولغان بۇ ئۇزاق مەزگىللىك دۇنياۋىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا نوقۇل سىياسەت – بۇيرۇقلارغا تايىنىش بىلەنلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ . بۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئىدىيەدە ھەل قىلىنىشى كىرەك بولغان پىرىنسىپال مەسىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئېڭىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىش ۋە كىشىلەردە ساغلام بولغان مۇھىت ئەخلاقى يىتىلدۈرۈش بىلەن ھەقىقى ئۈمىد نۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ياش ئەۋلاتلارنى كىچىكىدىن باشلاپ يۇرت – ماكانىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە قوغداش ئېڭى بىلەن قوراللاندۇرۇش زۆرۈر . شۇڭا مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىسىگە ئەھمىيەت بىلەن قاراش يېقىندىن  بۇيان بارلىق ئىنسانلارنىڭ دىگۈدەك دىققەت نوقتىسىغا ئايلانماقتا .
        1992– يىلى ئېچىلغان دۇنيا مۇھىت ۋە تەرەققىيات قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان « 21 – ئەسىر قارالمىسى »دا : « مائارىپ سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ مۇھىت ۋە تەرەققىيات چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى » دەپ كۆرسىتىلدى ۋە ئېتىراپ قىلىندى . 1994 – يىلى ھۆكۈمىتىمىز ماقۇللىغان « جوڭگۇنىڭ 21 – ئەسىر قارالمىلىرى »دا ئوخشاشلا ئېنىق قىلىپ : « مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىجىل تەرەققى قىلىشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشتىكى تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان » دەپ كۆرسىتىلدى . 17 – قۇرۇلتايدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى . ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىمۇ دەل مۇشۇ مەسىلە چىقىش قىلىنغان . ئەمما رىئاللىققا قارايدىغان بولساق ، « دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئېكولوگىيە ئومۇمى جەھەتتىن  ناچارلىشىش يۈزلىنىشىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش بولمىدى . مۇھىت تۈزەش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل . مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ ، خەلقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ كەلتۈرۈپ ئىلىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقارادىكى ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە . ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمىگەندە ، ئېنىرگىيە بايلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ . ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ . ئۇنداقتا بىز خەلققە جاۋاپ بىرەلمەيلا قالماستىن تارىخقا ، ئەۋلاتلىرىمىزغا جاۋاپ بىرەلمەيمىز .»(خۇجىنتاۋ : « پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيلى » 2004 – يىل)
      ئۇنداقتا بىز سوغۇققانلىق بىلەن يەر شارىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى : ھەممىگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك ، يەرشارىدىكى تەبىئىي بايلىقلار 4 مىليارت 660 مىليۇن يىل جەريانىدا جۇغلانغان بولۇپ يېقىنقى بىر نەچچە يۈز يىل جەريانىدا قالايىمىقان ئېچىش سەۋەپلىك تۈگەش گىردابىغا بېرىپ قالدى .           مۆلچەرلەشلەرگە ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن يەشارىدىكى نېفىت 46 يىل ، تەبىئىي گاز 65 يىل ، كۆمۈر 119 يىل ، مىس 22 يىل ، ئاليۇمىن 164 يىل ، نېكىل 77 يىل ، مولبېدىن 48 يىل ، ۋولفىرام 52 يىل ، تۆمۈر 61 يىل ، مانگان 83 يىل ، سۈرمە 15 يىل ، كۆمۈش ئون يىل ، پىلاتىنا 15 يىل ، ئېچىشقا يىتىدىكەن . دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى 40 يىلدىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا يەنە بىر قاتلانغان . دىمەك ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئىستىمال ئېھتىياجىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر يېرىم يەرشارىغا مۇھتاج بولىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى 1 مىليارت ئاھالە قۇملىشىشنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا . 80 نەچچە دۆلەتتە ئېغىر دەرىجىدە سۇ كەمچىل بولۇپ ، 2 مىليارت ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۈيى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس . ھەريىلى مەينەت سۇ ئىچىش سەۋەبىدىن 3 مىليۇن 100 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كىتىدۇ . كەلگۈسى 50 يىل ئىچىدە قۇرۇقلۇقتىكى تۆتتىن بىر قىسىم ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىشى مۇمكىن .( 1مىليۇن خىل جانلىق ) . ئىلىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ، ئىلىمىزدىكى ئالتۇننى 15 يىل ، كۆمۈشنى 20 يىل ، مىسنى 31 يىل ، نېكىلنى 46 يىل ، نېفىتنى 30 يىل ، قالغان تۈردىكى قېزىلما كان بايلىقلىرىنى ئېشىپ كەتسە 11 يىللا قازسا تۈگەيدىكەن . ئىلىمىزدە يىلىغا  كۇۋادىرات  3400 كىلومىتىر تۇپراق قۇملىشىپ كەتمەكتە . ئىلىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى خەلقارانىڭ  %61 گە تەڭ بولۇپ ، 130 – ئورۇندا تۇرىدۇ . كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان كۈلەم 0.13 گىكتار بولۇپ ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ . ئىلىمىزنىڭ  %70 دەريا – كۆللىرى بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان . شەھەرلەردىن كېسىپ ئۆتكەن %90 دەريا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بولغانغان . جانلىقىلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كىتىش سۈرئىتى دۇنيانىڭكىدىن %50 يۇقىرى ، تەخمىنەن 5000 خىل ئۆسۈملۈك يېقىنقى يىللار ئىچىدە قۇرۇپ كىتىش ھالىتىدە تۇرماقتا . يەنە 398 خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان .
      بۈگۈنكى كۈندە كۈنسىرى گەۋدىلىنىۋاتقان دۇنيا مۇھىت كىرزىسىنى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ :
(1)يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى  ، (2) ئوزۇن قەۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ، (3) بىيولوگىيەلىك تۈرلەرنىڭ ئازىيىشى ، (4) كېسلاتالىق يامغۇر ، (5) ئورمانلارنىڭ ئازىيىشى ، (6) تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى ، (7) ئاتموسفىرانىڭ بۇلغىنىشى ،(8) سۇنىڭ بۇلغىنىشى ، (9) دېڭىز – ئوكيان بۇلغىنىشى ، (10) ئەخلەتلەرنىڭ دۈۋىلىنىشى ، (11) خېمىيىۋى بۇلغىنىش ... ۋاھاكازا .
      مانا بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ مەسىلىمىز . ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى قىسقا مۇددەر ئىچىدىلا ھەل قىلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس . ھۆججەت – پەرمان ، سىياسەت – قانۇن ، بىر تۇتاش پىلانلاش ... تىن باشقا خەلقنىڭ مۇھىت ئېڭىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرمەي تۇرۇپ ، مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلىغىلى ۋە قوغدىغىلى بولمايدۇ . چۈنكى ئورتاق بىر ماكاندا ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ماھەيەتتە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن بولۇپ ، ئۇ ئالدى بىلەن مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇشتەك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىقلىق بىلەن ئادا قىلىش ئارقىلىق رىئاللىشىدۇ . بىر ئادەم بۇنداق روھى ئۈستۈنلۈكنى ئۆزلىكىدىن ھېس قىلىش ۋە ھەركىتى ۋە پوزىتسىيىسىدە ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزلۈك قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ . بۇنداق ئاڭلىقلىق بولمىغان ۋۇجۇد بەرىبىر پايدا قوغلىشىش پىسخىكىسىنىڭ تەھلىكىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ . بۇ ھالدا ئىش يەنە « ئاتام ئېيتقان بايىقى » دېگەندەك ئىقتىسادتىن ئىبارەت تاق يۈنىلىشنى بويلاپ ، « ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا » پېتى داۋام قىلىپ كىتىۋېرىدۇ . ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىدۇ . شۇڭا مۇھىت ئېڭى ھامان ماھىيەتتە ئادىمىيلىك ئېڭىنىڭ تۈگۈنى ۋە تۈگەنچىسى بولۇپ قالىدۇ .
      بىر جەمئىيەتنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش ياخشىلاش ئالدى بىلەن ئىدىيە جەھەتتىن ئازات بولۇش مەسىلىسى بولۇپ ، ئۇ مۇقەررە ھالدا مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىسىنى ياخشىلاش ، ھەقىقى ، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقىدۇ . تېخىمۇ كونكىرىتلىغاندا ، مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىدىيىۋى يولى كەڭ مەكتەپ مائارىپىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاس فونكىسىيىسىنى ئۈنۈملۈك رىئاللاشتۇرۇپ بېرىشى بىلەن ھازىرلىنىدۇ . شۇنداقلا بۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى مەڭگۈلۈك تېما بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بىۋاستە ھالدا كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زېممىسىدىكى مۇھىم ۋەزىپىدۇر .
      مائارىپ مۇھىت ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ . باشتىن – ئاخىر مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ . مائارىپنىڭ ئىچكى فونكىسىيەسى – ئادەمنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىتىش ، تاشقى فونكىسىيىسى بولسا جەمئىيەتنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىتىشتۇر .بۇ جەرياندا ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇنياسى ۋە تەبىئەت دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنداق ئىكەن ئادەمنى مۇھىت ئىچىگە قويۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئاۋال ئادەمنى مۇھىت تەربىيەسىگە ئىگە قىلىشتۇر . ئادەملەر مۇھىت بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەتنى چۇڭقۇر ھېس قىلغاندىلا ئاندىن مۇھىتنىڭ ئاكتىپ ياخشىلىغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسىغا ئايلىنالايدۇ . تەبىئىتىگە ئۆزلەشمىگەن ئاڭ قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىدۇ ، خالاس .
     دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دەل مۇشۇ نوقتىدىن مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىسىنى تۇتقا قىلىپ ، مۇھىتقا ئائىت بىلىملەرنى ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزمەكتە . ئىلىمىزدە يولغا قويۇلغان بۇ قېتىملىق ئاساسىي مائارىپ دەرسلەر ئىسلاھاتىنىڭ روھىدا بۇ مەۋقە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، ھەرقايسى پەن دەرسلىكلىرىدە ئىجتىمائىي ، تەبىئىي مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر خېلىلا زور سالماقنى ئىگىلىدى . ئوقۇغۇچىلار يىڭى دەرس ئارقىلىق ئۆز مۇھىتىنى ۋە ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . بىراق مائارىپنىڭ بۇ جەھەتتىكى فونكىسىيىلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ باش قاتۇرۇش ۋە نىگىزلىك خىزمەتلەرنى قانات يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يايدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ .
      ئۇنداقتا مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىسىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىكى خىزمەتلەرگە ئەھمىيەت بىرىشكە توغرا كىلىدۇ :

1) مۇھىتقا ئەھمىيەت  بىرىشنىڭ ئادەم بىلەن جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققى قىلىشىدىكى مۇھىم شەرت ئىكەنلىكىنى تونۇش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش .
ماركىس : « تەبىئىي شارائىتنى ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئەت (مەسىلەن : ئىرق دىگەندەك ) ۋە ئادەم ئەتراپىدىكى تەبىئەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ » دېگەن . بۇ مەنىدە ئادەمنىڭ « ئۆزىدىكى تەبىئەت »نى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېچىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تەبىئەتنى مۇۋاپىق ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن ماسلىشىشى ۋە تەبىئەت بىلەن ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ، ئىنسانلارنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇمكىنچىلىكنى ئېچىش ۋە قوزغىتىش ئاساسىدا تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۇنىڭ كىيىنكى ھايات مۇساپىسىدە تەبىئەتنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشتا ئىلمىي ، سوغۇققان ، تىجەشچان ، يىراقنى كۆرەلەيدىغان ساپالىق كىشىلەردىن بولۇشىغا يول ئاچقىلى بولمايدۇ .
      ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئەتراپىدىكى تەبىئەتتىن بۇنداق سىجىل تەرەققىياتقا مۇخالىپ ئامىللارنى توغرا ئىگىلەپ ، ئۇنىڭغا قارىتا ھەق – ناھەق ، توغرا – خاتا چۈشەنچىسىدە بولىدۇ ۋە شۇ ئاساستا بىر قەدەر ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان ھازىرقى زامان مۇھىت ئېڭىغا ئىگە بولالايدۇ . شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنىڭ ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر قەدەر ئاقىلانە ئۇسۇللار ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇۋالالايدۇ . بۇ ھەقتە مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار دادىل ئىزدىنىشى ۋە ئىشلىشى كىرەك . مائارىپ ئادەم ئۈچۈن بولغان ئىكەن ، تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىدا ئۇ باشتىن – ئاخىر چوقۇم ئادەمنى سىجىل تەرققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىتنى قوغداش ، ياخشىلاش يۈكسەكلىكىگە قويالىغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ فونكىسىيىسىنى رىئاللاشتۇرۇشنىڭ تۈنجى قەدىمىنى باسقان بولىدۇ . ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۆلۈك شۇئار توۋلاش ياكى قۇرۇق نەزەرىيە سۆزلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشماستىن بەلكى ، ئوقۇتۇشنىڭ تەبىئەتكە يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆز مەنىسىگە ئىگە بولىدۇ .

2) ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈش كىرەك .
ئىلمىي تەرەققىيات تەبىئەت بىلەن ئىنسانلارنىڭ ماس ، سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئىلمىي يولى بولۇپ ، ئۇ تەبىئەتتىن پىلانلىق ، تەرتىپلىك ، يوللۇق پايدىلىنىش ھەم تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ، ئېكولوگىيىلىك سېستىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئاساسىدا ئېچىش بىلەن پايدىلىنىش ، ئېچىش بىلەن قوغداش ، ئېچىش بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان . يەنى تەرەققىياتنى سىلجىتىشتا نوقۇل پايدىلىنىشنىلا كۆزلىمەي ، ئىلمىي ئاساستا تەڭ تەرەققى قىلىش ، مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق سىجىل تەرققىياتنى ئىلمىي تەرەققى قىلدۇرۇشتۇر . ئۇ پۈتكۈل ئىگىلىك فورماتسىيىسىدىكى بارلىق تەركىپلەرگە قارىتىلغان پايدىلىنىش بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش ، ئېچىش بىلەن قوغداشنى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ ، ئىلمىي پىلانلاپ ئىلمىي پايدىلىنىش ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئىنسانلار تەبىئەتتە ياشايدۇ . تەبىئەتتىن قارىغۇلارچە پايدىلانسا ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرايدۇ . ئىنسانلار تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلسا ، ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۆزلىرى ئۇچرايدۇ . تەبىئەت بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلىپ ئىجىل ، ئىناق ئۆتۈشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەندىلا ، ئاندىن تەبىئەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىنئامىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . شۇڭا بۇنداق ئاڭنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا ، ئاندىن مۇھىتقا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلىدىغان يىڭى بىر ئەۋلات كىشىلەرنى ، يەنى ئەتىدىكى مۇھىت قوغداشنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويىدىغان سىياسىئۇن ، كارخانىچى ۋە باشقىلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا ئاساس سالغىلى بولىدۇ .
      ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى 20 نەچچە يىللىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات جەريانىدا يەكۈنلەنگەن مۇھىم نەزەرىيىۋى سېستىما بولۇپ ، ماركىسسىزىمنىڭ جوڭگۇدىكى راۋاجىنىڭ يىڭى باسقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يىتەكچى ئىدىيە ھىساپلىنىدۇ . ئۇ مۇرەككەپ پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولماستىن ، ئىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يولى ئىلمىي ئاساستا شەرھىيلەنگەن ئاممىباپ ، چۈشىنىشلىك ئىلمىي نەزەرىيەدۇر . تەرەققىيات قانداق بولغاندا ئىلمىي بولىدۇ ؟ دىگەن مەسىلىنى ئەڭ توغرا ، ئەڭ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ ، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنى ئىلمىي تەرەققىيات يولىغا سېلىشنىڭ يىېشىل چىرىقىدۇر . شۇڭا دەۋرنىڭ ئىدىيىۋى نەمۇنىسى ۋە جەۋھىرى بولغان بۇ قاراشنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈش مائارىپنىڭ ئېكولوگىيىلىك فونكىسىيىسىنى رىئاللاشتۈرۈشنىڭ نەزەرىيىۋى ۋە ئىلمىي يولىدۇر .
     ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە بولۇشى زۆرۈر بولغان ئىلغار نەزەرىيە دەل ئادەملەرنى ئىلمىي تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان مائارىپنىڭ مۇھىم نەزەرىيە مەزمۇنىدۇر . ئوقۇغۇچىلار تەبىئەت بىلەن جەمئىيەت(ئادەم) ئوتتۇرىسىدىكى بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان ھايات – ماماتلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي تەرەققىيات نەزىرى بىلەن كۆرەلىگەندىلا ئاندىن مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئىلمىي يولى ۋە ئىمكانىيىتىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ .

3) كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ئىنتىلىشىنى بىر خىل ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇش كىرەك .
ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق  ئېكولوگىيەلىك سېستىما ھالقىلىرىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچى ، ئىستىمالچى ، پارچىلىغۇچى ۋە ئېنىرگىيە مۇناسىۋېتىدىكى ماسلىق ، يەنى ئۇزۇقلۇق زەنجىرى ۋە ئۇزۇقلۇق تورى ئارىسىدىكى ماسلىق مۇناسىۋېتىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ ، ئادەم ، ئۆسۈملۈك ، ھايۋان ، مىكرۇ ئورگانىزىم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرسى كەم بولسا بولمايدىغان ئورۇن ۋە قىممەتكە ئىگە . ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئەت دۇنياسى ئۇنى تۈزگۈچى ۋە تەشكىل قىلغۇچى تەركىپلەر ئارقىلىق تەڭشىلىپ تۇرىدۇ . ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس رولى ۋە ئەھمىيىتى بار . ئەگەر زورىغا ئېچىلىش ، مەجبۇرى پايدىلىنىش ، قارىغۇلارچە بۇزغۇنچىلىق قىلىش داۋام قىلىۋەرسە ئەكسچە ئۈنۈم بېرىپ مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى تۆۋەن ۋە تەكشىسىز ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيەىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە قوغداش قارىشىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ . بۇ ۋەزىپە مۇقەررەر ھالدا ئەڭ ئالدى بىلەن مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيسى ئارقىلىق رىئاللىشىدۇ .
      ئادەملەر تەبىئەت قوينىدىكى بىر جانلىق ، يەنە كىلىپ تەبىئەتكە ئەڭ زور دەرىجىدە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان جانلىق . ئەگەر ئادەملەر ئۆز پائالىيىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئاقىلانىلىك بىلەن تونۇپ يەتمەيدىكەن ، ئۇ ھالدا بارلىق ئېرىشىش يوقۇتۇش بىلەن ، بەلكى ئەسلىگە كەلتۈگىلى بولمايدىغان يوقۇتۇش  بىلەن نەتىجىلىنىدۇ . شۇڭا مەيلى تۇرمۇش ، مەيلى ئىشلەپچىقىرىشتا بولسۇن ، مەيلى ئېچىش ، مەيلى پايدىلىنىشتا بولسۇن مۇھىتنىڭ ساپلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلغاندىلا ، ئاندىن بۇنداق ئاڭلىقلىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ . بالىلىرىمىز تەييار چوكا ، سۇلياۋ خالتا ، خېمىيىۋى ئوغۇت ، دېھقانچىلىق دورىسى ، بوز يەر ئېچىش ، ئورمان كېسىش ، كىرەكسىز سۇدىن بۇلغىنىش ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ... ۋاھاكازالارنىڭ ئۆز مۇھىتىغا نىسبەتەن قانداق يامان تەسىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىلا ۋە ئۇنىڭدىن ئېچىنغاندىلا  مۇھىت قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىغا ئايلىنالايدۇ . پەقەت سىياسەت - بۇيرۇقلارغا ، تەشۋىقاتلارغا تاينىپلا مۇھىت ئېڭىنى يىتىلدۈرگىلى بولمايدۇ . ئىلمىي ۋە ئادەمنى ئاساس قىلغان مۇھىت ھەركىتىنى روياپقا چىقارغىلى بولمايدۇ . پەقەت ئىلمىي ، سېستىمىلىق ھالدا تەربىيەلىگەندىلا ، ئۇنى ئۆزلۈك خاھىشىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ . بۇنىڭسىز ھەرقانداق ئىشنى ئىزچىل نەتىجىگە ، شۇنداقلا ئاخىرقى نەتىجىگە ئىگە قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس .

4) مائارىپ ئېكولوگىيەسى ئەخلاقىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كىرەك .
مۇھىتنى سۆيۈش ۋە قوغداش بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت بولۇپلا قالماي ، ئەڭ گەۋدىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي ئەخلاقتۇر . شۇنداقلا بۇ مائارىپ ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلىدىغان مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ ئېتىكىلىق پىرىنسىپىدۇر . مۇھىت ئەخلاقىنىڭ يادرۇسى تەبىئەتنى ھۆرمەتلەپ ، تەبىئەتتىكى شەيئىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ تەبىئىي بايلىقلارنى تىزگىنسىز قېزىشقا ، جانلىقلارنى قارىغۇلارچە ئوۋلاشقا ، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىنى تارايتىۋىتىشكە قارشى تۇرۇپ ، جانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ، ئىجتىمائىي ، تەبىئىي مۇھىتنىڭ ساپلىقى ۋە ھاياتى كۈچىگە ئەھمىيەت بىرىشتۇر . ئۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيلىك مۇھىتقا نىسبەتەن بارلىق ھەركىتى ۋە پوزىتسىيىسىنى تىزگىنلەپ ، كونتىرول قىلىپ ئەخلاقىي مۇكەممەللىكى ۋە ئىنسانىي پەزىلىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . بىر ئادەمنىڭ ئېكولوگىيە ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلغان – قىلمىغانلىقى ، ھەرقانداق مەنىدىكى مۇھىت مەسىلىسىگە ئېتىبار بەرگەن – بەرمىگەنلىكى بىۋاستە ھالدا ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئادىمىگە خاس خاس ساپاغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى ، شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ بار – يوقلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ .
     ئىنسان ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى كەلگۈسى مەۋجۇتلۇق نوقتىسىدىن سۆيەلىگەندىلا ، كۈنساناپ يامانلىشىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا نىسبەتەن ، ئۆزىنىڭ سوبىكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا تونۇپ يىتەلەيدۇ . بۇنداق سوبىكتىلق روھ مۇھىت ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساس ۋە بەلگە بولۇش سۈپىتى بىلەن مۆلچەرلىگۈسىز ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە . شۇڭا ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تەلىم – تەربىيە ئورۇنلىرى ئىلمىي ، مۇۋاپىق ، سېستىمىلاشقان ، ئەمەلىيەتچىل ، ھاياتىي كۈچكە باي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەربىيىسىنى ئەسىر ھالقىيدىغان مائارىپ سېستىما قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، تەربىيىلىنىدىغان بارلىق كىشىلەرنى كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتتە مۇھىتقا ئاقىلانە ، دوستانە ، ئىلمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ئاڭغا ئىگە قىلىشى كىرەك . بۇ ھەم ماس ، سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىدىيىۋى شەرتى ۋە تەييارلىقىدۇر .

5) مەكتەپ مەدەنىيىتىنى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەدەنىيىتى ئاساسىغا بەرپا قىلىش كىرەك .  
يىڭى بىر نۆۋەتلىك دەرسلەر ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە خاس مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ئومۇمى تىما بولۇپ قالدى . چۈنكى خاس مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش شۇ مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئوقۇتۇش ئېكولوگىيەسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن ، ئۇنىڭ شۇ رايۇندىكى ئاۋىئاماتكىسىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . مەكتەپ مەدەنىيىتى خېلى بىر مەزگىللىك ئورتاق تىرىشىش ، ئىزدىنىشنىڭ مېۋىسى بولۇپ ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ سوبىكتلىشىش ، ئىلمىيلىشىش، ئۈنۈملىشىش ۋە مەدەنىيلىشىش دەرىجىسىنى بىۋاستە ئىپادىلەپ بېرىدۇ . ئەگەر ئۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىن مۇستەسنا بولۇپ قالسا ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ۋە ھاياتى كۈچىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ .
      مۇھىت مەدەنىيىتى مۇھىت ئەخلاقى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەت ئۇقۇمى بولۇپ ، بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان يادرۇلۇق تەركىپتۇر . ئەڭ ئاددىيسى بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا ئالدىغا ئۇچرىغان تىكەن ، مېۋە شۈپۈكى ، ئەينەك ۋە خىش پارچىسى ... دىگەندەك باشقا كىشىلەرگە زەرەر ۋە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئېلىپ تاشلىۋەتكەندە ، دەل ئاشۇ « زەرەر » ۋە « قۇلايسىزلىق » نىڭ ئارقىسىغا مۇھىتتىن ئىبارەت نىگىزلىك مەقسەتمۇ يوشۇرۇنغان بولىدۇ . شۇ چاغدا ئاندىن مەكتەپ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىجابىي قىياس قىلغىلى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ . مەلۇم بىر رايۇندىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىدىن باشقا ئىناق ، دوستانە ئۆتىدىغان ، ئۆز – ئارا ياردەمدە بولىدىغان ، بىرلىكتە پائالىيەت قىلىدىغان ۋە ئىزدىنىدىغان ، ئومۇمى ئەخلاق ۋە مەكتەپ قائىدە – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىدىغان ، سىرتقا نىسبەتەن قايىللىق ۋە ھۆرمەتلىنىشكە ئېرىشكەن مەدەنىي كەيپىياتى يەنىلا ئورتاق تىرىشىدىغان مۇھىت ، تۇرمۇش ، ئۆگىنىش ۋە ياشاش غايىسىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى ئاستىدا تېخىمۇ رىئال تۈسكە ئىگە بولىدۇ . بۇ يەنە مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي ، تەبىئىي مۇھىتىدىكى ئومۇمى يۈزلىنىشىنىڭ يۈكسەك پەللىدە تۇرىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ . يەنە شۇنىڭ  بىلەنلا قالماي دەۋر ۋە ئىسلاھات روھىغا ماس مائارىپ ئېكولوگىيەسىنىڭ بەرپا بولۇنغانلىقىدىنمۇ دىرەك بېرىدۇ .

6) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنى مائارىپ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىسىنىڭ رىئال غايىسى قىلىش كىرەك .
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش چاقرىقى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا رەسمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ مۇھىت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش يۈكسەكلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى . بۇ چاقىرىق يەنىلا ئەڭ ئالدى بىلەن  مائارىپنىڭ ئېكولوگىيلىك فونكىسىيىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ . ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوڭداش ۋە ياخشىلاشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتىرىنى ئالغان مەدەنىيەت ئومۇمىيلىقى سۈپىتىدە رىئاللىشىشى ئۈچۈن مائارىپنىڭ ئېكولوگىيلىك فونكىسىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ، يول ئېچىپ يىڭىلىق يارىتىشقا ، مۇھىت تەربىيىسىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئايلىنىشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ، ئىجتىمائىت مۇناسىۋەت ۋە باشقا ھەرقانداق پائالىيەتتە ، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىر – بىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى ۋە كەلگۈسىدىكى مۇھىت ئارقىلىق ئېرىشىدىغان بىخەتەرلىك ھوقۇقى ۋە ئېھتىياجىغا ئۆز – ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ھۆرمەت قىلىپلا قالماي ، تەبىئىي مۇھىتنى قوغداشنى بىر خىل مەدەنىيەت يۈكسەكلىكى سۈپىتىدە داۋام قىلىدىغان ئومۇمى كەيپىيات ۋە يۈزلىنىشنى كۆرسىتىدۇ . مائارىپ ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيلىك فونكىسىيىسىنى يۈرگۈزگەندە دەۋرنىڭ چاقرىقىنى كونكىرىت مەزمۇنىدا ئەكس ئەتتۈرمەي مۇمكىن ئەمەس . بولۇپمۇ خەلقنىڭ كەلگۈسى ھاياتى ۋە تۇرمۇش ، خىزمەت ، ياشاش بىخەتەرلىكىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بۇنداق سىتىراتىگىيلىك يۈزلىنىشنى غايە سۈپىتىدە ئەكس ئەتتۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۇ دەۋرنىڭ ئۆزىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . چۈنكى ھەرقانداق ئورۇنۇشنىڭ غايىسى بولىدۇ . يەنە كىلىپ پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتىرلىك يۈزلىنىشنىڭ غايىسى تېخىمۇ رىئال ۋە ئۇلۇغ بولىدۇ . مۇھىت ئۆزىمىزنىڭ ئەۋلادىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈندۇر . بارلىق كىشىلەر ئۈچۈندۇر . شۇڭا مۇھىت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق باشقا ساھەدىكى تىرىشچانلىقلارغا ئوخشاشلا ، بەلكى ئۇلاردىنمۇ مۇھىمراق ئىجتىمائىي قىممەت يارىتالايدۇ . پاكىزە ئورۇن ، بىخەتەر يىمەكلىك ، ساپ ھاۋا ، ئىس – تۈتەكسىز ئاسمان بۇلغانمىغان تۇپراق ، ساغلاملىق ، يىتەرلىك ئېنىرگىيە ... ھەممىنىڭ ئارزۇسى ، ھەممىنىڭ كاپالىتى ۋە ھەممىنىڭ ئاچقۇچى ، شۇنداقلا ھەممىنىڭ غايىسى ۋە پىرىنسىپىغا ئايلانغان جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ .

7) مۇھىت ئەنئەنىسىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈش كىرەك .
دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت ۋە دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئەجداتتىن – ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەن مۇھىت مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى بولىدۇ . ئىنسانلار مەۋجۇت بولغاندىن تارتىپ مۇھىت بىلەن باغلانغان ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى يارىتىپ كەلگەن . شۇڭا بىر قىسىم خاسلاشقان ئۇدۇم ئىدىياللىرىدا ، ئەقىدە – ئادەتلىرىدە تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان تەرەققىيپەرۋەر مۇھىت ئەنئەنىسىنى يىتىلدۈرمەي مۇمكىن ئەمەس . شۇنداق ئىكەن قانداق مەزمۇنغا ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ھاياتىدا تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان مۇھىت ئەنئەنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئومۇمەن ئەۋلاتلارغا نىسبەتەن مۇئەييەن دەرىجىدىكى تەربىيە ئۈستۈنلۈكى ھىساپلىنىدۇ . سانائەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىنكى ئەقىل ۋە پايدىغا ئېغىشنىڭ كۈنساناپ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە بۇنداق گۈزەل ئەنئەنىلەردىن ياتلاشقان ئىنسانىيەتنىڭ ئېرىشكىنى دەل بۈگۈنكى ھەرخىل – ھەرياڭزا بولغان ۋەھىمىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىدۇر . يەنە كىلىپ بۇنداق مەسىلىلەر ھەتتا سانائەت قەدىمى يەتمىگەن جايلاردىمۇ كۆرۈلمەكتە . شۇڭا بۇنداق رىئاللىق ئالدىدا جەزمەن ئۇنتۇلغان ئەنئەنىلەرگە مۇراجەت قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك ھىساپلىنىدۇ . چۈنكى ئەنئەنە ئۆزلۈكنىڭ تىندۇرمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسان تەبىئىتىگە ئاسان ئۆزلىشىدۇ .
      ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا ئۆزىگە خاس مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئۇنى بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئەخلاق سۈپىتىدە تاكاموللاشتۇرۇپ كەلگەن خەلق بولۇپ ، جانلىق مۇھىت ئەمەلىيىتىدە ، تۇرمۇش ، ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى ، پەرھىز قاراشلىرىدا ئىزچىل ئىپادىلىنىپ كەلگەن . بۇلاردىن باشقا كىلاسسىك ئەدەبىيات ، فولكلۇر ، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك ، دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ۋە باشقا ساھەلىرىدە مۇھىت ئېڭى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . ئۆسۈملۈك ، دەل – دەرەخلەرنى قالايىمىقان كەسمەسلىك ، ئورمان ، باغ ئەھيا قىلىش ، ھويلىنىڭ ئىچ – تېشىغا گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش ، دەل – دەرەخ تىكىش قاتارلىقلار ئومۇملاشقان . يالغۇز دەرەخنى كەسمەسلىك قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە 500 يىلدىن 2000 يىلغىچە تارىخى بار دەرەخلەر ھازىر دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلانماقتا . ئۇيغۇرلاردا يەنە « بېغى بارنىڭ تېغى بار » ، « كۆچەتنى سۇندۇرسا ياكى قايرىپ سۇندۇرسا قول تۇتماس بولۇپ قالىدۇ ياكى ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كىتىدۇ » ، « يول بويىغا مىۋىلىك كۆچەت تىكسە ساۋاپ بولىدۇ » دىگەندەك پەرھىزلىك قاراشلار ئومۇملاشقان . ئۇنىڭدىن باشقا خالىغان جايغا تەرەت قىلماسلىق ، تەرەتنى ئوچۇق قويماسلىق ، ئادەملەر بار يەردە بەلغەم تۈكۈرمەسلىك ، مىشقىرماسلىق بىر خىل ئىجتىمائىي ئەخلاق دەپ قارالغان . كۈل ۋە ئەخلەتلەرنىمۇ ئوچۇق قويماي كۆمۈپ ئوغۇت قىلىش ئومۇملاشقان . يىمەك – ئىچمەك ، قورۇ – جاي ، كىيىم – كېچەكلەرنىڭ پاكىز ، رەتلىك بولۇشىغا ، ماسلىشىشىغا ئەھمىيەت بىرىلگەن . ئاقىدىغان ، ئىچىدىغان سۇدا كىر يۇيۇش ياكى يۈندە ، ئەخلەتلەرنى ئېقىتىش  ، سىيىش گۇناھ دەپ قارالغان . تىرىك جانلىقنى بىھۇدە قىينىسا ياكى ئۆلتۈرسە ئۇۋالىغا ، قىساسىغا قالىدۇ ، دەپ قارالغان . ئوۋلىغان ھايۋاننى ئاچ قويۇشقا ، خارلاشقا بولمايدۇ ، دەپ قارالغان . « ئۆيدە قارلىغاچ ئۇۋا سالسا بەرىكەت ۋە سائادەتنىڭ بىشارىتى » دەپ قارالغاچقا قارلىغاچنى تۇتماسلىق ، « سۇندۇكنى تۇتسا قولى پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ » ، « قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى ئوغرىلىسا ، چېقىۋەتسە يۈزىگە سەپكۈن چۈشۈپ قالىدۇ » دىيىش ئارقىلىق كىچىك بالىلارنىڭ ئېڭىدا قۇشلار ۋە ھايۋانلارنى ئاسراشتەك مۇھىت ئېڭىنى يىتىلدۈرگەن . شۇڭا ئۇيغۇر بالىلىرىدا قۇش چاڭگىسى ياكى قۇش ، ھايۋانلار بىلەن ھەپىلىشىدىغان ناچار قىلىقلار نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ . ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەتتا مول – ھوسۇلىنىمۇ ئۆزۈمنىڭ ھەققى ۋە جان – جانىۋارلارنىڭ ھەققى دەپ ئايرىيدۇ . ئۇرۇق چاچقاندىمۇ شۇنداق دەپ چاچىدۇ . ئېشىپ قالغان تاماق ياكى يىمەك – ئىچمەك قالدۇقلىرىنى ئەخلەت قاتارىدا تاشلىۋەتمەي قۇشلار ، ھايۋانلار ۋە قۇرت – قوڭغۇزلار يىيەلەيدىغان تەرگە تۆكۈپ قويىدۇ . مەيلى دىنلارنىڭ رەھىمدىللىك ئەخلاقى ياكى باشقا سەۋەپلەردىن كۆرە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى مۇھىت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئەخلاقىي ئاڭ ، ئەخلاقىي سۈپەت ۋە ئەخلاقىي ھەركەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چۈشەنگەن ۋە شۇ بويىچە ئىجرا قىلىپ كەلگەن .
      ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئېتىقادى ۋە ئادەت – ئۇدۇملىرىغا سىڭىپ كەتكەن مۇھىت ئەخلاقى ۋە ئىلمىي مۇھىت ئەنئەنىسى دەرس بايلىقى نوقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ غايەت زور تەبىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە . بىر جەمئىيەتتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشنى يۈكسەلدۈرۈش ياكى مۇھىتنى ياخشىلاش نوقتىسىدىن بولسۇن ، خەلقنىڭ ئېتىقاد – ئادەتلىرىدىكى ئىلغار تەكىپلەرنىڭ تەسىر كۈچى قانۇن ياكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ . چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن شەخسنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ . شۇنداق ئىكەن ئوقۇتۇشنى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇش ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ، ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ ئىلغار مۇھىت ئەنئەنىلىرىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر .

8) مۇھىت تەربىيىسىنى كونكىرىت پەنلەر ئوقۇتۇشىدا قاراتمىلىق ھالدا گەۋدىلەندۈرۈش كىرەك .
ھەرقانداق پەن ئىنسانلار ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى . تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنىڭ مەھسۇلى . شۇنداق ئىكەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشنى ئادەمنى ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇشنى زىممىسىگە ئالغان مائارىپنىڭ پەنلەر ئوقۇتۇشىدا مۇھىتنى مۇھىم مەزمۇن قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس  . چۈنكى مۇھىت ئېڭى ھازىرقى زامان ئادەملىرى تەربىيە ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ئاڭ بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئامىلىدۇر . مۇھىت تەربىيىسىنى دوكىلات يىغىنى ، تەشۋىقات سەھنىسى ياكى لۇزۇنكا پىلاكاتلارغا ، شۇئارلارغا تايىنىپ ئەمەس ، بەلكى پەنلەرنىڭ تىندىنسىيىلىك بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە گۇمانىزىملىق روھىدا مەقسەت سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاڭغا ئۆزلەشتۈرۈش مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر پەن بەلگىلىك مۇھىتنىڭ مەھسۇلى ۋە ئېھتىياجى بولۇش بىلەن بىرگە ، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ، تەبىئىي مۇھىتىدىكى ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقى سەۋەپلىك مەۋجۇت بولىدۇ . پەنلەرنىڭ مەقسىدى ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئېڭىنى ياخشىلاش . ئەمما مۇھىت مەنىسىدە شارائىت ۋە ئىمكاننى ، ماكان ۋە بوشلۇقنى ياخشىلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاندىن مۇكەممەل مەنىگە ، ئىلمىي بولغان مەقسەت فورماتسىيىسىگە ئىگە بولالايدۇ . مەيلى ماتىماتىكا ، مەيلى ئەدەبىيات ، مەيلى جۇغراپىيە ، مەيلى فىزىكا ، خېمىيە ... بولسۇن ، ھەرقانداق پەننىڭ ئىدىئال غايىسى ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى مەسىلىسى بولغان مۇھىتنى گەۋدىلەندۈرمەي مۇمكىن ئەمەس . ئوقۇغۇچىلار مەلۇم پەنلەر ھەققىدە تەلىم ئېلىۋاتقاندا شۇ پەن ھەققىدىكى بىلىمنىڭ مۇھىت مەسىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ يىتەرلىك چۈشىنەلىگەندىلا ، ئاندىن ھەقىقى تەربىيىگە ئىگە بولالايدۇ . شۇنداقلا بۇ پەنلەر ئىستىتىكىسى ۋە ئېتىكىسىدا ئاتلاپ ئۆتۈشكە زادىلا يول قويۇلمايدىغان جەريان ھەم مەقسەتتۇر .
      ئوقۇغۇچىلار بىيولوگىيەنى ئۆگىنىۋاتقاندا جانلىقلارنى ، تارىخ ئۆگىنىۋاتقاندا مەدەنىيەتنى ، خېمىيە ئۆگىنىۋاتقاندا ئېنىرگىيە ۋە ماددىنى ، جۇغراپىيە ئۆگىنىۋاتقاندا ماكاننى ، سىياسەت ئۆگىنىۋاتقاندا مەجبۇرىيەتنى ، تەبىئەت ئۆگىنىۋاتقاندا ماسلىقنى ، ئەدەبىيات ئۆگىنىۋاتقاندا ئۆزلۈكنى ... رىئال مۇھىت بىلەن چۇڭقۇر بىرلەشتۈرگەن ھالدا تونۇغاندىلا ، ئاندىن ئۆزىنىڭ مۇھىتىنى ھۆكۈملەشكەن دىئاگىنۇز ئارقىلىق ئەقلى پىلان بىلەن مۆلچەرلىيەلەيدۇ . جەمئىيەتكە ، بىزگە كىرىكى دەل ئەنە شۇنداق مەقسەت بىلەن ۋاستىنى مۇھىتنى يادرۇ قىلغان ئاساستا رىئاللاشتۇرالايدىغان مەدەنىيەتلىك كىشىلەردۇر . ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھى بويىچە يىڭىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئەكس ئەتكەن قىسمەن مۇھىتقا دائىر تەركىپلەر ، ئۇچۇرلار بىلەنلا قانائەتلىنىش بىلەن مۇھىت تەربىيىسىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىش تىپىدىكى ئوقۇ – ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ئىلمىي ، جانلىق ۋە ئەمەلىي ، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل – ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىت جەھەتتىكى فونكىسىيىلىك رولىنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كونكىرىت پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ ئەسلى ۋە ئاخىرقى مەقسىتىدۇر .
     يىغىپ ئېيتقاندا ، مائارىپنىڭ ئېكولوگىيەلىك فونكىسىيىسى تەلىم – تەربىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلام ، ھەرقايسى تارماقلىرىدا ئەكس ئىتىدىغان تەربىيىۋى رول بولۇپ ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ بىرىنجى شەرتىدۇر . مۇھىت يامانلاشسا كەلگۈسىمۇ خىرەلىشىدۇ . مۇھىت ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش تىپىدىكى ئىقتىسادلا ئەڭ ياخشى تەرەققىيات تىپىدۇر . بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ ھەقىقەتنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە . 1972 – يىلى 6- ئايدا تارىختا تۈنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ مۇھىت ھەققىدىكى دۇنياۋىي يىغىنى ستوكھۇلمدا ئېچىلىپ « پەقەت بىرلا يەرشارى بار » دىگەن سادانى ياڭراتتى . 10 – ئايدا ب د ت چوڭ يىغىنى ھەريىلى 6 – ئاينىڭ 5- كۈنىنى دۇنياۋى مۇھىت ئاسراش كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى . شۇنىڭدىن تارتىپ ھەريىلى مۇشۇ كۈندە شۇ يىللىق مۇھىت ئاسراش كۈنىنىڭ باش تېمىسى ۋە مۇھىت ئەھۋالىنىڭ يىللىق دوكىلاتى ئېلان قىلىنىپ كەلدى . كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان مۇھىتقا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ « بىز ھازىر ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرىۋاتىمىز .» (ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بېلايىر) . دەرۋەقە ، « ھەممە جاينىڭ ئۆز مەسىلىسى بار » دىگەندەك ، ھەربىر رايۇن ، دۆلەت ئوخشاش بولمىغان مۇھىت مەسىلىلىرىگە دۈچ كەلمەكتە . رايۇنىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، گەرچە شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش سەۋىيىسى تۆۋەنرەك بولسىمۇ ، تېرىلغۇ يەر ئاز ، سۇ ئاز ، قۇملۇق كۆپ ، تەبىئىي ئاپەتلەر بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدۇ . ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىنتايىن ئاجىز . غەرپنى ئېچىش سىتىراتىگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن شەھەرلىشىش ۋە يىڭىچە سانائەتلىشىش سۈرئىتى تىزلەشكەن ئەھۋالدا مۇھىت بىلەن تەرەققىياتنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۆمۈر پىرىنسىپقا ئايلانمىسا بولمايدۇ .
      ئەلۋەتتە رايۇنىمىزنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى ، كەلگۈسىنىڭ غوجايىنلىرىنى يىتىشتۈرۈشنى زىممىسىگە ئالغان مائارىپنىڭ يۈكى بۇ مەنىدە تولىمۇ ئېغىر ۋە شەرەپلىك . بۇ يۈك ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ  ئېكولوگىيلىك فونكىسىيىسىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ ، مۇھىتنى خەلقنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە سۈپىتىدە بىر ئەۋلات ۋە نەچچە ئەۋلات كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئادا بولىدۇ . شۇنداقلا بۇ يەنە بۇ ئارقىلىق ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ رايۇنىمىزدا ئىلمىي تەرەققىياتقا ھەقىقى تۈرتكە بولىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ، ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئادا بولىدۇ .  

ئىزاھات : بۇ ماقالە « شىنجاڭ مائارىپى » ژورنىلىنىڭ 2014 – يىللىق 6 – سانىدا ئېلان قىلىنغان .

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 16:14 , Processed in 0.318719 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش